ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى qayan123دە2011-09-28 20:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ بۇ باغداش ئۆي زىمىن ئىدارىسى بۇپتۇدە
ئۆي زېمىن ئىدارىسى سىزگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلامدۇ؟ باغداش تورى بۇنداق ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بىرتىيىن پايدىغا ئېرىشمەيدۇ. بۇمۇنبەر ئونۋېرسال مۇنبەر ، سەھىپىلىرى مول ھەرخىل تېمىدىكى مەزمونلار يوللىنىدۇ . دۆلەتنىڭ قائىدە نىزاملىرىغا زىت ، قۇتۇراتقۇلۇق قىلىدىغان مەزمونلار ھەمدە مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىگە ، مەدەنىيتىگە زىت بولمىغان تېمىلار ئومومەن تەستىقلىنىدۇ . زىيارەت قىلغۇچىلارمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان سەھىپىلەردىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن تېمىلارنى كۆرسە بولىدۇ. سىزمۇ ھەم شۇنداق چاياندەك زەھىرىڭىزنى چېچىپ بۇنداق قۇرۇق ئىنكاس يازماي ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تېمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .
مەن بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىشىغا قارشى تۇرمايمەن . چۈنكى ئەگەر سىز ۋاستىچىلىك شىركەتلىرىگە ئۆيىڭىزنى سېتىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلسىڭىز ئۇلار سىزدىگەن باھاغا يەنە باھا قوشۇپ ئېلان قىلىدۇ . بۇنىڭدا ئۆي ئالغۇچىلار باھانى ئۆرە كۆرۈپ ئۆيىڭىزنىڭ قولدىن چىقىش سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ . بۇيەرگە يوللىغاندا پۈتۈنلەي ھەقسىز ئۆي سېتىۋۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى يۈزتۇرانە كىلىشىش پۇرسىتى كۆپ ، سودىدا كىلىشىش نىسبىتى يوقۇرى بولىدۇ.
شۇنداق بولغاندىكىن ، بۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجى يوقلار كىرىپ ۋاقىت ھەم زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ تۇترۇقسىز ئىنكاس يازماي ، باشقا تېمىلار ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلىشىڭ . ئەگەر تورغا چىقىدىغانغا ۋاقىت چىىقىرىپ لېكىن توردا نىمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز ، كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ بالىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە ، مىجەز - خارەكتىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ قويۇڭ .