karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 459 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 844 سوم
تۆھپە: 435 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 971(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىسلامى ئەخلاقلار    -- ئابدۇۋەلى قارىي

رەسىم:
     7-دەرس ئىسلامى ئەخلاقلار                                                         
بۈگۈنكى دەرسىمىزدە ااﷲ خالىسا قىسقىچە بولسا ھەم ئىسلامى ئەخلاقلار ھەققىدە ، بەزىبىر ئىزدىنىشلارنى قىلىمىز، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزىنىڭ رىسالەت(ئەلچىلىك)تىن بولغان مەقسەتنى بايان قىلىپ ،مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم .) دېمەك ئىسلامدىكى قۇرۇلغان ئىبادەتلەر ،ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن ئەسلى رىسالەتتىن بولغان مەقسەت ھەم ، گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكنى بايان قىلدى . گۈزەل ئەخلاق نېمە؟ گۈزەل ئەخلاق قانداق بولىشى كېرەك ؟ بىرەر كىشى ، ئۆزىنى ئەخلاقسىز دەپ ئاتىغان كىشى ، تارىختا ئاڭلانغان ئەمەس ، بىراۋ ئۆزىنى ھازىردا ھەم ئېيتمايدۇ ، (واﷲ ئەئلەم)بۇنىڭدىن كىيىن قىيامەتكىچە بولمىسا كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن دېمەك يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ . ئەگەر ئادەملەر ئۆلچىمىگە قويۇپ قويىدىغان بولساق ، بىرەر ئەدەبسىز ، ئەخلاقسىز ئادەم يوق . ھەتتا ھاياتى بۇيى ھاياتى داۋامىدا ئوغۇرلۇق بىلەن . تىرىكلىك ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەم ، ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا ، مەن ئەجىر قىلىپ قورقۇنچ بىلەن تېپىۋاتقان پۇل- ماللار نېمە ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ ، دەيدۇ .نېمە ئۈچۈن مېنىڭ تاپقان پولۇم ھارام بولىدىكەن دەيدۇ .
ئۆزى پاھىشە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەم ، بىراۋنى پايدىلاندۇرۋاتقانلىقىنى ، جەسىدىنىڭ راھىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن ، بۇ ھەم مەن ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەم مەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، ئۆزىنى بازاردا ، كوچىلاردا جامالىنى ، نومۇسىنى سېتىپ ، ئۆزىنىڭ پاھىشۋازلىقى بىلەن يۈرگەن ئايال ھەم مەن جەمىئەتكە زىننەت بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، نېمىگە ئەخلاقسىز بولىمەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، مەن ئادەملەرنى پايدىلاندۇرۋاتىمەن دەپ دەۋاقىلىشى مومكىن ، ۋەھالەنكى ھاياتتا ئەڭ شەرمەندىلىك بولغان ئەخلاق مانا بۇ ئەخلاقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە بىر ئاساسىي ئۆلچەم بولىشى كېرەك ، بۇ ئۆلچەم ئۆزگەرمەس بولىشى كېرەك . بۇ ئۆلچەم دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرمەس بولۇپ قېلىشى كېرەك . زاماننىڭ ھاياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھازىرقى جاھىلىي ئادەملەرنىڭ ، تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتقاندا ، تەرەققىيات راۋاجلانغانسىرى ، دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىدۇ ،  بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۆزگەرمەس بولغان بىر ئۆلچەم بولىشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئۆلچەم بولمىسا ، بىر دەۋردە ئەخلاقلىق بولغان ئادەملەر . دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئەخلاقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىشى مومكىن . تارىختا ئۆزلىرىچە ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادەملەر ، كىيىنكى دەۋردە بۇلار بىر كېرەكسىز زىيان سالغۇچى ئادەملەر دەپ ئۆلچەپ قۇيىلىشى مومكىن ،
 نېمە ئۈچۈن ؟ ئۆلچەم ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ، دېمەك بۇ يولغا نە مال ، نە ھەركەت ، نە كۈچ سەرىپ قىلىنىشىقا ھاجەت يوق بولۇپ قالىدۇ . قېنى كىشىلەرگە بىر سوئال قىلايلىكى ، بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم كىمدە بار . تارىخ بىزگە گۇۋاھكى ھازىرقى ھايات ھەم گۇۋاھكى ، ئېلىپ مېڭىۋاتقان يوللارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ . ئادەملەرنىڭ بىردەۋردە بولغان پاكىزلىقى ، كىيىنكى دەۋردىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلچىمىدە قالاقلىق بولۇپ ئۆلچەندى . دېمەك ئۆزگەرمەس ئۆلچەم ، ھېچقايسى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يوق ، لېكىن ئەھلى ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىلا بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بار. بۇ ئۆلچەم ئىسلام ئۆلچىمىدۇر . بۇ ئۆلچەم اﷲ تەرەپتىن كەلگەن ئۆلچەمدۇر ،بۇ ئۆلچەم ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنجى ئاتىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتا بېرىلگەن ئۆلچەمدۇر ، ۋە بۇ ئۆلچەم قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس بولۇپ قالغۇچى ئۆلچەمدۇر . بۇ ئۆلچەم مۇكەممەللىشىپ بارغان ئۆلچەمدۇر. يەنى ئىنسانىيەت گوياكى ئىلگىركى پەيغەمبەرلەر تارىخىدا گۆدەكلىك باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن . بۇ گۆدەكلىك باسقۇچى كامالەت يېشىغا يەتكۈچە اﷲ سبحانه وتعالا ئۇلارنى تەربىيە قىلدى . كامالەت يېشىغا يەتتى . بۇ دەۋر رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ دەۋرى بولدى . بۇ كىشى بىلەن رىسالەتكە(ئەلچىلىك) كە مۆھۈر بېسىلدى . رىسالەت توختىدى . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقنى راۋاجلاندۇرۇپ كېتىۋاتقان بۇرادەرلىرىنىڭ   ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈگۈچى زات بولۇپ قالدى.
 مانابۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى ھەم . مەن ئەخلاقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېمىدى.« بعثت لأتمم مكارم الأخلاق»( مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم.)دېدى . دۇنيادىكى قايسىبىر ئىنسانىيەتتە بولغان ئەخلاق بۇ رىسالەت مېۋىسىدىن يىيىش نەتىجىسىدە شۇ ئەخلاق ۋۇجۇدقا كەلگەن . مەيلى بۇنى تەن ئالسۇن ، مەيلى تەن ئالمىسۇن . ئىنساپلىق تائىپىلەر تەن ئېلىشماقتا . شۇ يەردە بىز باشقا جامائەلەرنى قويىمىزدە ئۇلار بىلەن ئىزدەنمەيمىزدە . مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغان ئۇمۇمى ئىسلامى ئاساسى ئەخلاقلار ھەققىدە بىز ئىزدىنىمىز ، بۇ ئىزدىنىش جامى دېگەن سۆزۈمدىن بىلىنسۇنكى ھەممە تەرەپتىن ، ئۆزئىچىگە ئالغۇچى ئەخلاقلار ، بۇ موسۇلمان كىشى بىلىشى زۆرۈر بولغان ۋە ھازىرقى جەمئىتىمىزدىكى موسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغان كىشىلەر ، كەمتۈك قېلىپ قالغان تارماق شۇ بولسا كېرەك ،(واﷲ ئەئلەم)ھەممىمىز يادقا بىلىدىغان سۈرە (ئەستەئىزۇباﷲ) « ئەسىر »  مۇسۇلمان كىشىنىڭ تۆت ئەخلاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى
.اﷲ سبحانه وتعالا ئەسىر ۋاقىتقا (ھەرخىل مەنالار بار ، شۇ بىرسىنى تاللايمىز ،)قەسەم ئىچىپ ، ۋاقت قەدىر-قىممەتلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن . ئىنساننىڭ قەتئىي زىياندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، تۆت كىشىنى تۆت ئەخلاق ئېگىسىنى مۇستەسنا(سىرتىدا)قىلدى . بىرىنجى ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ۋە بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغان كىشىلەر ۋە سەبىرنى ۋەسىيەت قىلغان كىشىلەر ،مانا مۇشۇ تۆت سۈپەتنى ئېگەللىمىگەن ، كىشىلەرنىڭ ھەربىرى زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەر ئېگەللەنمىگەن بولسا ، بۇئادەم زىياندىن باشقا نەرسىدە ئەمەس . ئەۋۋەلقى ئىككى خۇلق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ، ئىسلامنى دەۋا قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تېپىلىشى مومكىن ، ئەمما ھەقنى ۋەسىيەت قىلىش ، ھەق يولىدىكى كۆرەشتىكى سەبىرنى ۋەسىيەت قىلىش ، بۇ ھەممە مۇسۇلمانلاردا تېپىلىدىغان سۈپەت ئەمەس ، بىز شۇ يەردە ئەۋۋەلقى سۆزىمىزدە ئۇمۇمى ھەممە نەرسىنى ئۆزئىچىگە ئالغۇچى خۇلقلار دېگەن سۆزىمىزدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز ، ئەۋۋەلقى زامانى سائادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا بىر نەزەر تاشلايلى . ئەۋۋەلقىم مۇسۇلمان كىشى ئىسلام شەرىئەتىگە ئالىم بولغان ، يەنى ساھابىلار ئىسلامنى مۇكەممەل بىلگەن ،ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە زاھىد بولغان ، (يەنى دۇنيانى قەلبىگە جايلىمىغان)دۇنيا قوللىرىدا بولغان ، ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ، عابد(يەنى ئىبادەت قىلغۇچى)سۈپەتكە ئېگە بولغان ،قايسى بىر ئىبادەتنىڭ تارمىقىنى ئالسىڭىز ، شۇنىڭدا كامىل بولغان ،
 ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىم بولۇپ ، دۇنيانى قەلبىگە ئۇرۇنلاشتۇرماي ، قولىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىبادەتتە ، تەھەججۇت ئوقۇغۇچى ، ئىبادەتلەرنى مۇكەممەل بىجىرگۈچى بولۇش بىلەن بىرگە ، جەڭ مەيدانىدا جەڭچى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەۋەت مەيدانىدا كۈچلۈك داھى بولغان ، ھەرقانداق كەمبەغەل ئادەمنىڭ كەمبەغەللىكىگە رەھمى كېلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان ، دۆلەتمەن ئادەمنىڭ دۆلىتىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئيتماي قويمىغان ، زالىمنىڭ زۇلمىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان . ھەربىر ئورۇندا ھەققە دەۋەت قىلغۇچى بولغان . جۈرئەتلىك بولغان ، ۋە ئۇچۇق-يۇرۇق بولغان ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلالىغان ، ۋە ھېكمەتلىك ھەم بولغان . ۋە يەنە شۇنداق تىللىق ، ناتىق بولغان ، يەنى خەقنىڭ ئالدىدا كىم ناتىق بولسا نۇتۇقنى توختىتىپ قويىدۇ . ئەگەر ھەرقانداق ناتىق ئادەم ئۆزى جىنايەتچى ئەيىبكار ئادەم بولسا، نۇتىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، ۋە ھەمدە  پىكىردە سىياسى بولغان ، ھەركىم ئۇنى ئالداپ كېتىدىغان كىشى بولمىغان ، ۋە ھەربىرىنى بىر ئىدارە ئورۇنغا قويسا ئىدارە قىلالىغان ، ۋە زىرەك بولغان ناھايەتتە پاراسەتلىك بولغان ، يەنى بىراۋغا ئالدانمايدىغان بولغان ،بىر مۇسۇلمان كىشىنى كەچ ۋاقتى كۆرسىڭىز تەھەججۇدتا سەجدە قىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا ، بۇ ئادەم بۇنداق ئىبادەت بىلەن كۈندىزى دەم ئالىدۇ دىسىڭىز ، كۈندىزى جەڭ مەيدانىدا مۇجاھىد بولغان ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى شەرىئەت ئىلمىنى سورىسىڭىز ، ئالىم بولغان ،شۇ ئادەم يەنە بىراۋغا مۇھتاج بولىدىغان تەمەخور بولمىغان ، ئۆزىنىڭ دۆلىتى قولىدا بولغان، ياكى كەمبەغەل بولسا مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى باي بولغان ، مەنىۋىي تەرەپتىن قاششاق بولمىغان، ئەگەر بۇنى ھەربىر ساھەدە تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان ، مانا بۇ زامانىي سائادەتتىكى موسۇلمان كىشىنىڭ ، كىيىنكى دەۋردە پەيدا بولغان مۇسۇلمان كىشىدىن پەرقى شۇدۇر بۇرادەرلەر .

 كىيىنكى ۋاقىتتىكى موسۇلمانلارنىڭ پەرقى قەيەردە ؟ئۇلار شەرىئەت ئالىمى بولسا ، مۇتەخەسىسلىك مەيدانىدا ھىچنەرسىدە يوق ، ئەگەر بىرەر زالىمغا خىتاب قىلىشقا توغرا كەلسە ، ئەڭ ئارقىدا تۇرغۇچى كىشى بولغان. بىرەر –بىر كىشىدە جۈرئەت شۇنداق ھەيبەت بولىدىغان بولسا ، شەرىئەت ئىلمىدىن مۇتلەق بىخەۋەر  بەزى كىشىلەرگە ئىسلام يولىدا ، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭىزنى سەرىپ قىلىڭ دېسىڭىز ، ناھايىتى كۆپ مىقداردا سەرىپ قىلالايدۇ ، لېكىن پەرزەنتىڭىزنى تەربىيە قىلىڭ دېگەن ۋاقىتتا ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ . بەزى كىشى كېچىسى تۇرۇپ تەھەججۇد ئوقۇيدۇ . نامازنى يىغلاپ ئوقۇيدۇ ، ئەمما ھالال كەسىپ قىلىش مەيدانىدا ، ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ئەگەر شەرىئەت جىددىي ھالەتتە بولىدىغان بولسا ، ئۇ شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى كىشىنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ قالىدۇ . ئەمما كېچىسى تۇرۇپ يىغلاپ ئىبادەت قىلىش ، بەش ۋاقت نامازنى جايىدا ئوقۇش ، جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشتا ھەممىسى جايىدا ، لېكىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ ، بەزىبىر كىشى قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدۇ ، قۇرئان كەرىمنى توغرا ئۇقىيالايدۇ ، ھەرىپلىرىنى جايىدىن چىقىرىپ ئوقۇيدۇ . ئەمما ئىسلامىي ئەخلاقلاردىن بىرەر-بىر جۈرئەت مەيدانىغا سالسىڭىز ، ئۇنىڭدىن قورقۇنچاق ئادەم يوق ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى شۇنداق بېرىدۇكى ، بىرىنجى كۈنىدە ئادا قىلالايدۇ ، لېكىن ئۆزىگە قارىسىڭىز ئۆيىدىكىلىرىگە قارىسىڭىز ، ئىسلامدىن باشقا ھەممە نەرسە بار. بەزىبىر كىشىلەر نەپلە روزا تۇتۇش مەيدانىدا ناھايىتى مۇستەھكەم ، لېكىن ئىلىم تەلەپ قىلىڭ دىسىڭىز ،مۇتلەق ئىلىمدىن بىخەۋەر ، شەرىئەتنى ، قۇرئاننى ئوقۇشنى ھىچقانداق خالىمايدۇ ، ئۇمۇمى قىلىپ ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار ئاڭ نوقتىنەزەرىدە ھەممىدىن ئارقىدا قالغان ، مۇتەخەسىس (تەكشۈرۈش) ساھەلىرىدە مۇتلەق ھىچكىم قالمايدۇ .

مانا بۇ كىيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى مانا بۇيەرگە كېلىپ قالغان ، شۇ يەردە بىر ھىكايىنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى شۇنەرسىنى ئېيتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككەن ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەرگە قارىسىڭىز ، ياخشىلىق تەرەپ بىلەن كۆرمەكچى بولسىڭىز ، ئابايقى ئېيتىپ ئۆتكەن زاكات بېرىدىغان كىشىنى ، زاكاتنى ناھايىتى ۋاقتىدا بېرىدىغان ئۇلۇغ كىشى دەپ ماختىشىڭىز مومكىن ، ئەمما يامانلىماقچى بولسىڭىز ،ئىسلامدا پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ھەممە پەرزەنتى ناماز ئوقىمايدۇ ، ئىبادەتتە يوق ، لېكىن زاكاتنى بىرىنجى كۈندە بىرىشلىكدىن گەپ قىلسىڭىز تىزلا قۇشىلىدۇ ، پەرزەنتلىرىنى مۇكەممەل تەربىيەلەۋاتقان كىشىگە قارىسىڭىز ئۆزى قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ئۇقىيالمايدۇ ، ياكى شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئۆزى ھەركەت قىلمايدۇ . پەرزەنتىنى ئوقۇتۇشقا دائىم تەييار ، مالىنى ھەرقانداق جايغا سەرىپ قىلىڭ دەپ ئۆگەتسىڭىز ، ماقۇل دەپ سەرىپ قىلغان كىشىگە ، ئىسلامنىڭ باشقا مەيدانلىرىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز ، ھىچنىمىدە يوق . ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەر مانا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇكى ، مۇبادا بىر كىشى ئىسلامغا خىزمەت قىلۋاتقان بىركىشىدىن يامانلىماقچى بولسا ، بۇ كىمتى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ دەيدۇ ، گېپى توغرا ، ھەقىقەتتە قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ . قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىۋاتقان كىشىنى مالامەت قىلىۋاتقان كىشى ، بۇ كىمتى ئۆزى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىغان بىلەن   پەرزەنتلىرى ھەممىسى دىندا يوق دەيدۇ ،بىركىشى پەرزەنتلىرىنى ھەم تەربىيە قىلغان بولسا، ئۆزى ئىلىمدىن بىخەۋەر ، ياكى زاكات بېرىشكە بىپەرۋا، ياكى ئىبادەتلەرگە  بىپەرۋا، مانا بۇ تەرەپ بىلەن مالامەت قىلىمىز ،مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى ،بىر ھىكايە بار ،
  بەزىبىر ئەما كىشىلەر ھىندىستان مەملىكىتىگە بېرىپ ، ھىنداستان مەملىكىتىدە پىل دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق ، شۇ پىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇتۇپ كۆرسەك (ئۇلار كۆرەلمەيدۇ)بۇلار پىلنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كىيىن پىلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ، بۇ پىل يوغان بىرنەرسىكەن دېگەنلىكى ، ئىككىنجىسى قۇلىقىنى تۇتۇپ ، ياپىلاق يۇمشاق نەرسىنى ھېس قىلىپ پىل دېگەن شۇنداق نەرسىكەندە ،ئۈچىنجىسىنى پىلنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ كۆرۈلگەندىن كىيىن ،ئۇ پىل كەڭرى بىرجايكەندە بۇلار يۇرتلىرىغا كەلگەندىن كىيىن ،بۇلار ھىندىستانغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ، بۇلار پىل دەيدىغان نەرسىنى تۇتتۇق ، پىل قانداق بولىدىكەن؟ دىسە پۇتىنى تۇتقان ئادەم پىل يوغان بىر نەرسىكەن دىسە ، يالغان ئېيتىۋاتىسەن ، پىل دېگەن ياپىلاق يۇمشاق نەرسە بولىدۇ ، دىسە ئۈچىنجىسى يالغان ئېيتىۋاتىسەن پىل دىگەن نەرسە كەڭ مەيدان بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرسا بولىدىغان دەپ مۇنازىرە قىلغانغا ئوخشايدۇ ھازىرقى سوئاللار، ئىسلام نېمە؟ دىسە سىز ئۆزىڭىزدە پەقەت ئىسلامدا بەش ۋاقت ناماز ئوقۇيسىز ، پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن كارىڭىز يوق ، ئىسلام نېمە ؟ دىسە سىز ئىسلامدىن بەش ۋاقت نامازدىن گەپ قىلسىز ، پەقەت شۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئوقىشى ھەققىدە بولغان ساۋابلار ۋەدىلەرنى ئاڭلايسىز خالاس ،
 پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە بىر نەرسىنى ئاڭلىمىسىڭىز ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىۋاتقان ئادەم ئۆزىنى تۈزىتىش ھەققىدە بىرنەرسە ئاڭلىمىسا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى ئەجىرنى ئاڭلىسا ، دىن نېمە ؟ دىسە پەرزەنتنى تەربىيە قىلىش دىسە ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى ۋاقتىدا بېرىش ، بۇ مىڭ ئەمەل قىلغىنى بىلەن بىكار ، زاكات ئىسلامدىكى پەرز ، ئىسلامدىكى پەرزنى قىلمايدۇ ،ئىسلام زاكات دەيدۇ ، ئەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىز ئۆزىمىزدىكى كەلتۈرگەن نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، ھەممىمىزدە ئىسلامى ئەخلاقنىڭ بىردىن ئايىقى ، قۇلىقى، تۆپىسى بار بولغانغا ئوخشايدۇ ، بىز پەقەت ياكى پىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادەممىز ياكى پىلنىڭ پۇتىنى تۇتقان ئادەممىز ، ياكى پىلنىڭ قۇلىقنى تۇتقان ئادەممىزدە ، پىلنىڭ باشقا جايىنى بىلمەيمىز .پىل توغرىسىدا شۇ ئادەملەرنىڭ ئېيتقىنى توغرا ھەمدە خاتا ، توغرىلىقى ئېيتقان قىسمىدا توغرا ، لېكىن خاتالىقى مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە خاتا ، بىزنىڭ بەزىبىر ئىسلامىي ئەخلاقلىرىمىز ھەم شۇنداق بولۇپ قالغان ، ۋە شۇ ھەقتە ئاڭلاشنى خالايمىز . ئۇنىڭ ئۆزىمىگە قارشى بولغان ، ئۆزىمىزدە يوق بولغان نەرسىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز ، مانا شۇنىڭ بىلەن بىز ئىسلامنى يوقىتىپ قويدۇق بۇرادەرلەر، ۋە دۈشمەنلەر ھەم بىزگە باشقا نەرسىنى چۈشەندۈرىشى ئاسان بولدى . مەسىلەن :دۈشمەن ئۆزىنىڭ مەخسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامدىكى نەرسىدىن پايدىلىنىدۇ . مۇبادا سىزنى ئىشلەتمەكچى بولسا ، بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ شۇنداقمۇ دەيدۇ . بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ بولسا سىز ماڭا خىزمەت قىلىڭ دەڭ . دۈشمەنگە ئېيتىڭ .سىز بىلەن بىر دۈشمەن ئۇرىشىۋاتقان بولسا ، يېڭىلىپ قالغان ۋاقتىدا ئىسلامدا كەچۈرۈشنىڭ ساۋابى كۆپقۇ دىسە بۇنى سىزگە قويدۇم مېنى سىزكەچۈرۈڭ مەن كەچۈرمەيمەن دەڭ .
 ئىسلام ھەلىم(مۇلايىم )لىقنى ياخشى دېگەن .لېكىن سىز بىلەن بىر ئادەم ئۇرۇشۇپ يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن ھەلىملىقنىڭ ياخشىلىقىنى سىزگە ئېيتسا ، ھەلىملىقنى مەن سىزگە قويدۇم دەڭ . مۇسۇلمان كىشى ئاڭلىق بولۇپ زىرەك بولىشى شۇكى .دۈشمەنگە ئالدانماسلىقى ، دۈشمەن ئىسلامدىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ . موسۇلمان كىشى ئەگەر ئەخلاقى جامى بولسا ھەممە تەرەپتىن كامىل بولسا، ئۇ دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئالدانمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار ، ئىسلامىي جامى ئەخلاقنىڭ ئېگىسى ئەمەس . لېكىن ئىسلام ئەخلاقلىرى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن. ئىسلامى ئەخلاق بار ، ياكى ئايىغى بار ، ياكى قولىقى بار ، ياكى ئۈستى بار . باشقا تەرىپىنى كۆرمەيدۇ . ياكى كۆرمەسكە سالىدۇ. ياكى كۆرۈشنى خالىمايدۇ . مانا بۇ نەرسە نەتىجىسىدە ، مۇسۇلمان شەخسىيەت بارلىققا  كەلمىگەن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ دەۋرىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن مۇسۇلمانلار بولۇش بىلەن بىرگە دىندىن باشقا بولسا ، ئاتا-ئانىدىن ۋاز كىچىشنى ھەم بىلگەن. شۇ ئادەم پەرزەنتىگە ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتى دىندا بولمىسا ، پەرزەنتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالاقىنى ئۈزگەن .
 دىندا ھەرقانچە مال-دۆلەتنى دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن بەرگەن . ئەمما بىرتەڭگىنى دىنغا زىيان بولىدىغان بولسا بەرمىگەن ، ھەتتا زالىم پادىشاھلار. ناماز ئوقۇيدىغان روزا تۇتىدىغان لېكىن زالىم پادىشاھ ،شۇ پادىشاھ بىر ئالىمدىن بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قەلىمىنى سورىغان ۋاقىتتا ، قەلىمى يوق دىسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن . قەلىمىم بار بولۇپ ساڭا بەرسەم بىرەر-بىر زۇلۇمنى يازساڭ ، ساڭا شېرىك بولۇشتا اﷲتىن قورقىمەن . دەيدىغان مۇسۇلمان ھەم بولغان ، ۋە ھەم شۇ مۇسۇلمان جېنىنى ۋە مېلىنى دىن يولىدا بېرەلىگەن ،ئەمما قەلىمىدە زۇلۇمنى يېزىپ قويۇشتىن اﷲنبىڭ ھوزۇرىدا قورققان . بىز مانا بۇتەرەپتىن نوقسانلىقمىز . بىز قۇرئانغا ھەربىر ھەرىپنى ئوقىسا قانچە ساۋاب بولىشىنى بىلىمىز . ئەمما قۇرئاننىڭ بۇيرۇغىنى مۇتلەق قىلمايمىز .  رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە مۇھەببەت قىلىمىز ، اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز تىلىمىز بىلەن ، لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرگەنلەر رسول اﷲ قا ئەگەشسۇن ، دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمايمىز . مانا بۇ ئەخلاق بىزدە تېپىلمايدۇ بۇرادەرلەر ، بىزنىڭ كەمتۈك بولغان تەرىپىمىز شۇيەردە ، ھازىرقى ۋاقىتتا بىرەر مەسجىد قۇرۇلىشىدا ، پىداكار بولۇپ خىزمەت قىلىشىمىز مومكىن. لېكىن مەسجىدنى ئاۋات قىلىدىغان كىشىلەرنى تەربىيە قىلىش ھەققىدە بىپەرۋا بولىشىمىز مۇمكىن .
 توغرا، بىركىشىنىڭ ئىمكانىيتىدە ھەممە ئىشنى قىلىش مومكىن بولماي قالىدۇ . لېكىن ئاساسى ئىسلامى ئەخلاقلارنى قىلىش تاقەتتىن تاشقىرى نەرسە ئەمەس بۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مانابۇ ساھەدە . بىز ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك . بەزى كىشىلەرنى نامازنى ئوقۇشىدۇ ، روزىنى ھەم تۇتىشىدۇ . ھەممە ئىسلامدىكى ئەمەللەرنى قىلىدۇ . اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دوستىنى ياخشى كۆرۈش ، اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دۈشمىنىنى يامان كۆرۈش سۈپىتى يوق .قەلبىدىن دىندار ئەھلى تەۋھىدنى يامان كۆرۈپ ،بۇنىڭ بىلەن كېلىشەلمەيدىيۇ ، لېكىن دىننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بىلەن كېلىشىپ كېتىۋېرىدۇ . مانا بۇ ساھەلەردە بىزتەكشۈرۈپ قارىساق بىز ئۇمۇمى ئىسلامى ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزدە گەۋدىلەندۈرالىغان ئەمەسمىز . مانا بۇنەرسە بىزنىڭ ئىسلامدىكى نوقسانىمىزنىڭ ئەڭ كاتتىسى شۇدۇر .اﷲ سبحانه وتعالا رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە شۇنداق زاتلارنى بەردىكى ، ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردىكى ، ئەگەر شۇيولدىن قايتىپ كەتسە ، اﷲ باشقا بىر تۆت سۈپەتكە ئېگە بولغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىنى (ئەستەئىزۇباﷲ)ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بۇلىدىكەن اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان كافىرلارغا شەپقەتسىز اﷲنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.)
 بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) اﷲ نىڭ پەزىلدۇركى اﷲ ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ (اﷲ نىڭ پەزىلى) كەڭدۇر اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.) . بىرىنجى ئەڭ ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان جامائەت كىم ؟ اﷲ ياخشى كۆرگەن ،ۋە اﷲ نى ياخشى كۆرگەن جامائەتتۇر . مانا بۇ سۈپەت بولىشى كېرەك .بىز ھەممىمىز اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز دەيمىز. لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرىمەن دېگەن كىشىنىڭ دەۋاسى نېمە بولىشى كېرەك . بۇ دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى ، (ئەستەئىزۇبىللاھ)« قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبّونَ اﷲ فَاتّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اﷲ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاﷲ غَفُورٌ رّحِيمٌ»(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ اﷲ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر). دېمەك اﷲ نىڭ بىزنى ياخشى كۆرىشى ئۈچۈن ،رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە ئەگىشىشىمىز كېرەك . شۇندىلا اﷲ بىزنى ياخشى كۆرىشىدە شەك-شۈبھە قالمايدۇ .
چۈنكى اﷲ :يحببكم اﷲ (اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ) دېدى . ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ . بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نېمىگە بۇيرىغان دېگەن مەسىلە ھەققىدە باش قاتۇرىشىمىز كېرەك . ئۆزىمىزنى ھەممە ساھەدە ئوخشاتماقلىقىمىز كېرەك . ئىككىنجى سۈپەت:مۆمىنلەرگە مۇلايىم ، بەزى كىشىلەر ناھايىتى مۇلايىم ، لېكىن ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم ، دىندارمۇ ، دىنسىزمۇ ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم .ئۈچىنجىسى  اﷲ ياخشى كۆرگەن جامائەت كىم؟ مۆمىنلەرگە مۇلايىم، كافىرلارغا شەپقەتسىز بولغان ،كافىرلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئالى تۇتقۇچى، دىنسىز ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ،ئەمما مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىچىدۇر . تۆتىنجىسى: اﷲ يولىدا مۇجاھىد، ھەممە ئىمكانىيىتىنى اﷲ نىڭ يولىدا سەرىپ قىلىدۇ . مانا بۇ اﷲ ياخشى كۆرىدىغان جامائەت نىسبەتلىرىدىندۇر .
 ۋەيەنە بىر سۈپىتى بەشىنجى سۈپەت دەپ ئېيتساق مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن ھەق يولىدا ھىچقانداق قورقمايدۇ . ھەربىر ئىشتا مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . ئەۋۋەل اﷲ ۋە رسول بۇيرىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغاندىن كىيىن ،ئۇ مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . مانا بۇساھابە كىراملارنىڭ سۈپىتى بولغان ، اﷲ سبحانه وتعالا مانا شۇ سۈپەتنى يوقاتساڭلار ،دىندىن قايتقانلىقنىڭ بەلگىسى دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەردىن قايتساڭلار ، اﷲ سىلەرنىڭ ئورنىڭلىغا مانا بۇنداق پاكىز جامائەتنى كەلتۈرىدۇ دەپ  ، ساھابىلاردەك پاكىز زاتلارنى قورقۇتتى .بۇ اﷲ نىڭ پەزلى اﷲ خالىغانغا بېرىدۇ . بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ھەربىر كىشى ، ئۆزى بىر ھالىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، شۇ سۈپەتلەرنى بىردىن-بىردىن ، ھەربىر كىشىدە تېپىشىمىز مومكىن ، ئەمما بۇسۈپەتلەرنىڭ كۆپىنى بىر كىشىدە تاپالمايمىز. مانا بۇنەرسە مۇسۇلمانلار نوقسانلىق بولۇپ قالغان سۈپەتتۇر بۇرادەرلەر .
شۇنىڭ ئۈچۈن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم« گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتلىدىم ،» دېدى . دەرسىمىزنىڭ باش قىسمىغا قايتىمىز ، رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسا ، گۈزەل ئەخلاق نېمە ئىدى؟ رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم دە كۆپ شەكىللەنگەنىدى، ۋە ئۇ كىشىگە ئەگەشكەن كىشىلەردە شەكىللەنگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلمنىڭ مانا ئىلىمدىكى سۈپەتلىرى ئەۋۋەل ۋە ئاخىرنىڭ ئىلمى ماڭا بېرىلدى دېدى .« أوتيت القرآن ومثله معه پ»(قۇرئان ۋە قۇرئانچە ئىلىم ماڭا بېرىلدى) .دېدى رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ئابىد ئىدى ،(يەنى ئىبادەتتە بۇكىشىنىڭ ئوخشىشى يوق ئىدى ، بۇ كىشىنىڭ كېچە بىدارلىقى مانا ھەممىمىزگە مەلۇمكى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇخلىماستىن تەھەججۇدتا بولغان ، تەھەججۇد پەيغەمبەرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم گە نىسبەتەن كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەرنىڭ پىكرىدە پەرز بولغان ، باشقىلارغا مۇستەھەب بولسا ، ئەمما رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە پەرز بولغان .(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن (كۈندۈزنىڭ ۋە  كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ. ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (نامازئوقۇشقا قۇرئان ئوقۇشقا)ئويغانغىن (ئى مۇھەممەد!)  پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيلىندىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت مەقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەتتۇر .)]مانا مۇشۇ ئايەت ئۇكىشىگە تەھەججۇدنىڭ پەرىزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ دىيىشىدۇ.
رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئابىدلىقى شۇ دەرىجىدىكى ، تەھەججۇدتا كۆپ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغانلىقىدىن ،سۈرە بەقەرە مىقدارىچە رۇكۇ سەجدە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ يېنىغا كەچ ۋاقتى كەلدىم ،ئۇكىشى نامازدا تۇرۇپتۇ .گوياكى قازان قايناۋاتقاندەك ئاۋاز يىغابىلەن ئىچىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ دېدى . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئىبادەتلىرىدەك ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ ئىبادىتى بىرەر قېتىم رىۋايەت قىلىنمىغان . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ روزىسى ھەققىدە ، بۇكىشى ئۇلاپ روزا تۇتاتتى .يەنى ئۈچ تۆت كۈنگىچە سەھەرلىك يېمەستىن روزا تۇتاتتى . ساھابىلەر بۇكىشىگە ئەگەشمەكچى بولغىنىدا ،، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاپ روزا تۇتقان ئادەم كېچىلىك نامازدىن قالماستى . كەچقۇرۇندا ناماز ئوقۇپ كۈندۈزى روزا تۇتقان كىشى ، جىسمانىي تەرەپتىن شۇنداق قۇۋۋەتلىك ئىدىكى . ساھابىلەر خەندەكتە كولىشىۋاتقاندا بىر تاش چىقىپ كۆتىرەلمەي قالغاندا ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ قويدى. رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم جىھاد مەيدانىدا بۇ كىشىدىن قورقماس ئادەم يوق ئىدى .
ئىش ئېغىرلىشپ كەتسە پەيغەمبىرىمىز  سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق. ئەڭ جۈرئەتلىك ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد تەك كىشىلەرھەم ئىش ئېغىرلاشقاندا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق دەيدۇ . ھەربىر ئۇرۇندا تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم ئۇلاپ روزا تۇتقان ،كېچىلىك ئىبادەتتە بولغان كىشى يەر يۈزىنىڭ سىياسى ئەربابلىرىغا خەت يازغىنىدا خەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن لەرزىگە كېلەتتى . ئۇكىشىنىڭ ئالدىدا ، ئۇكىشىنىڭ ھەيبەتىدە ، ھەرقانداق جۈرئەتلىك كىشى ، ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ كېچىسى ئابىد ، كۈندۈزى زاھىت ، مۇجاھىد ،ھەممە ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە شۇ ساھەدە ئەگەشكەنىدى .ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيتى بېرىچە، ئەمما بىزچۇ؟ بىز دۇنيا تېپىشقا چۈشسەك پۈتۈن ئىلىمدىن بىخەۋەر بولۇپ تۇرۇپ دۇنيا تاپىمىز . مۇبادا ئىلىم ئوقۇيدىغان بولساق ، ھاياتتىن پۈتۈنلەي جۇدا بولۇپ قالىمىز . ھاياتتا نېمە بولىۋاتىدۇ ، ئادەملەر نېمە دەرت تارتىۋاتىدۇ بىلمەيمىز . ھاياتتىن ، ئادەملەرنىڭ دەردى بىلەن يۈرسەك ، قۇرئاننى ھەپتىلەپ قولىمىزغا ئالمايمىز . يىگانە اﷲ سبحانه وتعالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى مۇكەررەم قىلىپ چۈشۈرۈلگەن ،قۇرئاننى قولىمىزغا ئالماي ئۆتۈپ كېتىمىز . نەفلى ناماز ئوقۇيدىغان بولساق ، پۈتۈن كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى ئەستىن چىقىرىمىز ، قايسىبىر ساھەدە بولساق ، مۇبادا بىر  ئىلىم ئوقۇشقا ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىدىن ۋاز كېچىۋالىدۇ .
مانا بۇنەرسە بىزنىڭ كەمتۈكلىكىمىز ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋاتقان نەرسە مانا شۇدۇر بۇرادەرلەر . شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىپ بۇنەرسىنى بىز ئېگەللىشىمىز كېرەك . بىرىنجى بۇ ئەۋۋەلقى دەرسىمىز دە ئېيتقىنىمىزدەك اﷲ سبحانه وتعالا غا ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولىشىمىز كېرەك . ئىمان قەلبىمىزدە ناھايىتى كۈچلۈك بولىشى كېرەك . ۋە بىز ھەممە مەيداندا ھەركەت قىلالايدىغان بولىشىمىز كېرەك . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ جۈرئەتلىرى يېرىم كېچىدە قاتتىق بىر ئاۋاز چىققان ۋاقىتتا ، ساھابىلارنىڭ ئىچىدە قورقماسلىق بىلەن، ۋە تېز يۈگۈرۈش بىلەن ،مەشھۇر بولغان سەلەمەتۇبنۇل ئەكۋە : يېرىم كېچىدە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقسام ،( ئۇ كىشىنىڭ يۈگۈرىشى شۇ دەرىجىدە بولغانكى بەزى ۋاقتلاردا ئالدىرغان كىشىلەرگە ئېتىنى بېرىپ ، سېلەر بېرىپ تۇرۇڭلار ئارقاڭلاردىن يېتىپ بارىمەن . دەپ ئاتلاردىن بۇرۇن بېرىپ بولاتتى .)شۇنداق يۈگۈرۈش بىلەن پالۋانلىق بىلەن مەشھۇر بولغان) رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ خاتىرجەم ئارمىڭلىنى ئېلىڭلار ، تىنچلىق دەپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆردۈم . شۇنداق جۈرئەتلىك ئىدى . قايسى ساھەنى تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، ھايا مەنزىلىدە ،«يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىن ھايالىق ئىدى »، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ .
(لېكىن باشقىلارنىڭ پەلسەپىسىدە . ھايالىق كىشىدىن ھىچقانداق ياخشىلىق چىقىشى مومكىن ئەمەس دەپ چۈشەندۈرىدۇ .) كۆزگە تىكىلىپ قارايدىغان ئاياللاردىن ، ھاياسىز ئاياللاردىنلا مەدەنىيەت چىقىشى مومكىن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ . ھايا ئۇ كىشىنىڭ جۈرئەت يولىدىن توسمىغان . جۈرئەت مۇلايىملىق يولىدىن توسىمىغان . مۇلايىملىق دۈشمەنلەردىن قىساس ئېلىشتىن توسىمىغان ، قىساس ئېلىش ئادالەت يولىنى توسىمىغان .بۇنداق كاتتا ھەرىكەت بۇكىشىنىڭ كەمبەغەللەرگە مېھرىبان بولۇشتىن توسىمىغان . شۇنچىلىك كۈندۈزدىكى ھەرىكەت ، كېچىدە بىدار بولۇشتىن توسىمىغان ،كېچىدىكى بىدار بولۇش ، كۈندۈزدىكى ھەرىكەتتىن توسىمىغان .بىزچۇ ناۋادا كەچقۇرۇندا بىدار بولۇپ قالساق ،كۈندۈزى ئۇيقىغا غەرق بولۇپ كېتىمىز . مانا بۇساھەدە بىز بۇرادەرلەر مۇۋەپپىقيەتسىز بولۇپ قالغان نەرسە شۇدۇر . دۈشمەن شۇنىڭ ئۈچۈن . ئادەملەرنىڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق يولغا كىرىشىدۇ-دە ،دىنى ئىسلامدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇپ تاشلايدۇ. خۇددى ھازىرقى دەۋردە ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقتىساد تەرەپكە باغلاپ تۇرۇپ، باشقا تەرەپتىن تارتىۋېلىۋاتقانغا ئوخشىغان .ئىقتىساد تەرەپتە ماھىر بولۇشۇڭلارنى مەن خالايمەن .لېكىن بۇنەرسە دىندىكى ھەركەت يولىنى توسماسلىق شەرتى بىلەن بولۇشى كېرەك .
 بىزنىڭ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلانسا شۇنچە مىڭ-مىڭ كىتاب يازغان زاتلار خەلقلەرنىڭ غېمىدىن بىخەۋەر قالمىغان ، ئۇلارنىڭ مەكتەبلىرىدىكى كىتاب تۈزۈپ يېزىشى ، خەلق بىلەن بىرگە بولۇشتىن توسالمىغان . ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كىتاب يېزىشى ،جۈرئەتنى ھەم توسالمىغان ،ۋە كەمبەغەللەرنىڭ غېمىدىن خەۋەر ئېلىشتىن توسالمىغان . ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇكىشىنىڭ كۆپ دەسمايىسى باركەن شۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلاركەن .بىر يىلدا ئىككى قېتىم ۋە شۇنىڭدىن تاپقان پايدىنى بىرىنجى بۆلىدىغىنى سۇفيان سەۋرى ، سۇفيانۇبنۇ ئۇيەينە ، ئىككى مۇھەددىس كاتتا ئالىملارغا بىريىللىق پايدىنى بۆلۈپ قالغىنىنى تالىبلارغا ،ئاجرىتىپ بىرقىسمىنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا بېرىپ ، يەنەدەسمايىدە تىجارەت قىلىدىكەن .ئەبۇ ھەنىفەنى بىر ئادەم سودىگەر دەپ تۇنىمايدۇ . ئۇكىشىنى كاتتا ئالىم دەپ تۇنۇيدۇ . لېكىن ئۇكىشى سودا مەيداندا ،  مانا بۇنداق يوقىرى قىسمنى ئېگەللەپ تۇرۇپ كۆپ ياخشىلىق قىلالىغان . سودىغا كىرىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، تەقۋادىن مەھرۇم بولۇپ قالمىغان . ئەبۇھەنىفەنىڭ ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بار ئىكەن .كىيىم سودىسى قىلغىنىدا ، ئىككى خىل توننىڭ سودىسىدا شۈبھە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن . شۇ سودىدا شۈبھە بولۇپ قالدى دەپ (ئەسلىدە ، مەسىلە شۇكى : بىر ئادەم سودا قىلسا سودىدا شۈبھە قىلسا شۇ سودىدىن بولغان پايدىنى باشقىلارغا ئيتماستىن بېرىۋېتىش كېرەك . ھارام مال بولۇپ قالسا . لېكىن دەسمايىگە قۇسۇر يەتمەيدۇ . بۇ كىشى دەسمايىسىنى قۇشۇپ بېرىۋاتقانىكەن .
شۇندا شۇ توننى ساتقان ئادەم ئېلىپ ئېيتقانكەنكى شۇ توننى ، مەن بۇندىن ئارتۇققا ساتالماستىم ، بىزتەرەپتە بۇندىن ئازغا ساتقان بولاتتىم ،مەن رازىمەن دېگىنىدە سەن مەن ئۈچۈن رازى بولساڭ . مەن شۇ مۆمىن بۇرادىرىم ئۈچۈن رازى ئەمەسمەن دېگەنىكەن .شۇنچە سودىنىڭ كاتتا مەيدانىىنى ئېگەللىگەن زاتنى بۇ سودا تەقۋالىقتىن توسالمىغان . ئەنە شۇندا ئەگەر كىشىدە ئىمان توپلىنىدۇ دىسە ، ئەنە شۇنداق مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە ھەركەت قىلالىشى مومكىن بۇرادەرلەر . بىر نەرسە بىر تەرەپكە كېتىپ قالمايدۇ . سودىدىكى يۇقىرىلىق تەقۋادىن توسالمايدۇ . تەقۋادىكى يوقىرلىق ئادەملەردىن تاما قىلىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلمەيدۇ . بىز ئەگەر تەركى دۇنيا قىلىپ تەقۋا قىلىپ ئۆزىمىزنى تۈزىتىدىغان بولساق . كىشىلەرگە قاراڭغۇ ھالەتتە قالىمىز بۇرادەرلەر ، مانا بۇ ساھەلەردىكى نەرسىلەر ، بىزنى ئىسلام مىللىتىنى ئارقىغا چىكىندۈرگەن نەرسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەرسىمىزدىن ، كۆپچىلىككە چۈشىنىلگەن بولسا كېرەك . ئىسلامى جامى ئەخلاقلار  ئىسلام مىللىتىدە يوقالغاندۇر .ئىسلامى ئەخلاقتىن بەزىللىرى يوقالدى دېمەكچى ئەمەسمەن ،ئۇمۇمى ئەخلاق بىركىشىدە تېپىلماي قالغان .مانا شۇنداق كىشىلەر كېمىيىپ قالغان . بۈگۈنكى دەرسىمىز چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك (واﷲ اعلم)ااﷲ سبحانه وتعالا شۇ دەرسىمىزدىن مەنپەئەتلىنىشنى ھەم ھەممىمىزگە نېسىب قىلسۇن . ئەۋۋەل ئۆزۈمگە مەنپەئەت قىلىشىنى سىزلەرگە ھەم مەنپەئەتلىنىشىنى ۋە باشقا ئىسلامى بۇرادەرلىرىمىزگە مەنپەئەتلىنىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن . ھەممىمىزگە شۇ دەرسنى داۋام ئېتىشكە ااﷲ سبحانه وتعالا نېسىب قىلسۇن ۋە شۇ دەرسكە ئەمەل قىلىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن .ۋە دىنى ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن . ئامىن.......   
[ بۇ يازمىنىmenggutashدە2011-09-30 12:04قايتا تەھرى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-29, 12:26
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەھمىيەتلىك ..
  • چ چ:1272497571
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-29 10:53 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 659 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 649 سوم
    تۆھپە: 374 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 379 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تارازىدا بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىدىنمۇ ئېغىر تۇرىدىغان نەرسە بولمىسا كېرەك. ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا تەشەككۈر!
    西部医院
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 12:55 |
    arik
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3264
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 42 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆڭلۈمدە ئويلاپ يۈرگەن مەزمۇنلارنى يوللاپسىز،رەھمەت قېرىندىشم،ئۇلۇغ ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! ئامىن! نۇرغۇن  ئىسلامى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 14:32 |
    salamkun
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3390
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 45 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
    تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 27 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنى بىر دوستۇم بەك قىيىن ھالەتتە قۇيۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، سۈرە نىسادىكى '' ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش سىلەرگە ھارام قىلىندى، لىكىن بۇنىڭدىن چۆرىلەر مۇستەسنا'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنىڭ قۇل ئاياللىرىنى تارتىۋالسا بولىدۇ دىگەنلىك بولامدۇ؟ ، يەنە ''ئىككى ،ئۈچ، تۆت ئايال ئالساڭلار بولىدۇ، قالغىنىغا چۆرىلەر بىلەن قانائەت قىلىڭلار'' دىگەن ئايەتلەردە  چۆرىلەر يەنى ئايال قۇللارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىلا ئەمەس نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە نىكاھ ھوقۇقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىنمىغانمۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ تۇرىۋالدى، بۇنىڭغا مەن بىر نىمە دىيەلمىدىم ئۇ يەنە قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار قۇل ئىگىلىرىگە پۇل تۆلىسەڭلار بولىدۇ دىگەن ئايەتنىمۇ مىسال قىلىپ قۇللۇق تۈزۈم ھىمايە قىلىنىپ قۇلدارلار بىلەن مۇرەسسە قىلىنغانمۇ ، قۇللار ئادەم ئەمەسمۇ .... ھاۋاكازا دەپ بەك سوراپ كىتىۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭغا جاۋاپ لازىم ئىدى...
    ۋاقتى ۋە زىھنى يار بىرىدىغانلار بولسا ئەستايىدىلراق جاۋاپ بەرسەڭلار بولاتتى، چۈنكى ئۇنى گەپ ئوينىتىپ قايىل قىلغىلى بولىدىغاندەك ئەمەس.
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 14:57 |
    anwarkapak
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 98
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 294
    شۆھرەت: 1490 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1510 سوم
    تۆھپە: 892 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 892 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 183(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sebirدە2011-09-29 12:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    تارازىدا بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىدىنمۇ ئېغىر تۇرىدىغان نەرسە بولمىسا كېرەك. ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا تەشەككۈر!

    مەنمۇ سىزگە ئوخشاش چۈشەنچىدە.
     مەڭگۈتاشنىڭ ئەستايدىللىقىغا مەن ھەقىيقەتەن قايىل بولدۇم . ئەجرىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-29 15:43 |
    qimanzar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3011
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 428 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 441 سوم
    تۆھپە: 257 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 258 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ...!!!مۇشۇنداق ئىسلامى بىلىملەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرغىنىڭىزغا .
    西部医院
    ئانا تىلىم، گۈھەر تىلىم !!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-30 11:36 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 165
    شۆھرەت: 830 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 859 سوم
    تۆھپە: 497 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 497 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەرس سۆزلىگۇچىگە ھەم مەڭگۇتاشقا رەھمەت.
    كوڭلىمىز يورىدى، كېيىن يەنە ۋاقتىم چىقسا تەپسىلى ئوقۇپ ئوبدانراق ئىنكاس يازىمەن .
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 18:50 |
    nimishqa
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 93 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 94 سوم
    تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 57 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ يوللىغان تىمىڭىزدىن سىزنىڭ مىنى قايمۇقتۇرىۋاتقان بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
    مىنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇپ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بەزى سۇئاللارنى مەندىن سورىغان ئىدى، لىكىن مەن بۇنىڭغا ئاساسەن بىر نىمە دىيەلمىدىم، بۇ سۇئاللارنى توردىمۇ ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىم، بىراق جاۋاپ بىرىدىغانلار چىقمىدى، ياكى گەپ ئوينىتىپ ئۆزىنى قاچۇردى. بەزىلەر ھەتتا چۈشەنمىسەكمۇ قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك دەپ ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
    1-سۇئال، سۈرە نىسادىكى ''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش سىلەرگە ھارام قىلىندى، لىكىن چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەتتىن ئىرى بار قۇل ئاياللارنى ئېلىۋالسا  بولىدۇ دىگەن گەپ چىقامدۇ؟   قۇلدا نىكاھ ئەركىنلىكى يوقمۇ؟ ئىسلام قۇلدارلارنى مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلغانمۇ؟ قۇللارنىڭ مەنپەئەتىچۇ؟
    2-''قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەت، ئادەمنىڭ ھاياتى پۇلغا سۇندۇرۇلسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆرگە قىساس ئېلىنىدۇ، لىكىن قۇلغىچۇ؟ قۇللار ئادەم ئەمەسمۇ؟
    3-''...ئايالدىن ئىككىنى،  ئۈچنى ، تۆتنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ، قالغىنىغا چۆرىلەرگە قانائەت قىلىڭلار '' دىگەن ئايەت، قۇللارغا نىكاھ كەتمەمدۇ؟ نىكاھسىز قىلىنغان ''قانائەت'' زىناھ بولامدۇ؟ ياكى پۇلغا ئالغاندىكىن پايدىلانسا بولىۋىرەمدۇ؟ تەۋرات، ئىنجىلدا ئادەم سودىگەرلىرى جەننەتكە كىرمەيدۇ دىيىشى بىلەن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغان، لىكىن قۇل سېتىۋېلىپ تۆتنىڭ سىرتىدا پايدىلانساق ئادەم سودىسىغا شىرىك بولامدۇق ياكى بولمامدۇق؟
    داۋامى بار...
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 11:41 |
    oychan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1788
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 398 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
    تۆھپە: 233 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 234 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 228(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تورداش نىمىشقا نى چەكلەشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.  ئۇ ھەر قايسى مۇنبەرلەردە پىتنە پاسات تارقىتىۋاتىدۇ.
    تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر خىل ئىنكاسنى نەچچە تېمىغا يوللىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&page=69#98997
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&page=68#98914
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&page=68#98915
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&page=68#98973
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842&page=68#98149
    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7765&page=8#98544


    ./read.php?tid=4170&page=1#20131
    ./read.php?tid=4028&page=2#20132
    ./read.php?tid=4028&page=1#19839
    ./read.php?tid=4028&page=1#19836
    ./read.php?tid=3899&page=2#19835
    ./read.php?tid=3899&page=1#19717
    ./read.php?tid=3899&page=1#19787

    http://bbs.misranim.com/read.php?tid=61403&displayMode=1&page=5#812727
    http://bbs.misranim.com/read.php?tid=61316&displayMode=1&page=2#812729
    http://bbs.misranim.com/read.php?tid=61463&displayMode=1&page=2#812733
    http://bbs.misranim.com/read.php?tid=61463&displayMode=1&page=2#813149

    يۇقارقى تېمىلاردا ئوخشاش بىر مەسىلىنى توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.  مەن ئۇنىڭغا بىر تېمىدىكى ئىنكاستا ئېنىق قىلىپ جاۋاب بەرگەن.  
    ئەلكۈيى تورىدىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابلار بېرىلدى.
    باغداش تورىدىمۇ ئۇنىڭ رەزىل نىيىتى ئاشكارا بولدى.
    مۇنبە باشلىقلىرىدىن ئۇ ئەزانى چەكلىۋېتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.
    sarkar
    مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 13:31 |
    oychan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1788
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 398 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
    تۆھپە: 233 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 234 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 228(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز قەستەن بۆلگۈنچىلىك تېرىماقچى بولىۋاتىسىز. سۇيىقەستىڭىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
    قەستەن مۇشۇنداق ئىنكاسنى يوللاپ دىنىي چۈشەنچىسى كەمچىل بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئىدىيىسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلماقچى بولىۋاتىسىز.  سىزگە ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان.
    بىزنى ئۇنداق نادان كۆرمەڭ!
    باغداش تورىدىمۇ  تېمىلارغا مۇشۇ سوئالىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىڭىز،  ماڭا ئۇچۇرمۇ يوللىدىڭىز.
    مىسرانىم تورىدا نۇرغۇن تېمىلارغا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى يوللىدىڭىز.  مەن سىزگە ئېنىق قىلىپ جاۋابىنى بەردىم.
    ئەمما، سىز بۇ سوئالىڭىزنى ئەلكۈيىدە بىر نەچچە قېتىم يوللىدىڭىز. ئۇ يەردىمۇ جاۋاب بەرگەنىدىم،  كېيىن ئۇ ئىنكاسىم ئۆچۈپ كەتتى.
    بۇ ئىنكاسىڭىزنى بۇ يەردە يەنە يوللاپسىز،  قارىغاندا سىزنىڭمۇ  ھەممە  مۇنبەردىن قوغلاندى بولغىڭىز كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ.


    ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز ئەڭ قاتتىق جاۋاب:
    مۇسۇلمان بولسىڭىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ،  ئۇنىڭغا قارىتا گۇمان بولسا سىز كاپىر، مۇرتەد.
    باشقا تورداشلار  يۇقارقى گېپىمنى كۆرۈپ مېنى ئەيىبلەپ كەتمىگەي، چۈنكى مەن بۇنداق ئەزالارنى كۆپ كۆرگەن،  ئەمدى يېڭىچە ئۇسۇل تېپىپتۇ.
    ئۇنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسەڭلار مەن ئىشەندۈرۈپ قوياي:
    تورداش نىمىشقا:  سىز ھازىر مۇسۇلمانمۇ؟  
    ئەگەر  تورداش نىمىشقا مەن ھازىر مۇسۇلمان، لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدىن رەسۇلۇللا، دەپ ئىنكاس يوللىسا  مەن ئاشكارا كەچۈرۈم سورايمەن.

    مۇرتەد ئەپەندى:  بىزنى شۇنچىۋۇلا دۆت كۆرۈپ قالدىڭىزما؟
    ئالدىنقى كۈنى مېنىڭ تېمامغا مۇشۇ سوئالنى سوراپ ئىنكاس يازغان ئەزانىڭ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي قالارمىزمۇ؟
    نوچى بولسىڭىز : "مەن ھازىر مۇسۇلمان، لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدىن رەسۇلۇللا، " دەپ بېقىڭ!
    قېنى مەرھەمەت؟
    مەن _ مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 13:46 |
    nimishqa
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 93 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 94 سوم
    تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 57 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمنى مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە يازغان گۇۋاھلىقىمغا قارىغاندا خۇدا ياخشى بىلىدۇ، سىز تولا شەرت قويماي كۈچىڭىز يەتسە بىربىردىن ، تەپسىلى جاۋاپ بىرىڭ، گەپ ئوينىتىدىغان ، تەھدىت سالىدىغان، مەجبۇرلايدىغان زامان ئەمەس بۇ.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 15:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » تەرمىلەر