karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 2/2     Go
بۇ تېما 452 قېتىم كۆرۈلدى
al-tǜrk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە يەتكۈزگەن ئىسلام دىنى قانداقتۇر قۇللۇق تۈزۈمنى تەشۋىق قىلىدىغان ،قۇللۇق تۈزۈمنى قوغدايدىغان دىن ئەمەس،بەلكى بۇدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ،ئىنساننى ئىنسان ئېزىدىغان ،قۇل قىلىدىغان،ئىنسان ئۆز نەفسىنىڭ،شەخسىيەتچىلىكنىڭ،شەيتاننىڭ قۇلى بولۇشتىن ،پەقەت بىر اللەنىڭ قۇلى بولۇپ،باشقا ھەرقانداق شەيئىگە قۇل بولۇشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دىن .  ئىنسان ئەسلى ھۆر يارىتىلغان بولۇپ،كىيىن ئىنسانلار شەيتاننىڭ يولىغا ئەگىشىپ شەخسىيەتچىلىك ،ئاچكۆزلۈك تۈپەيلى بىر –بىرىنى قۇل قىلىدىغان بولغان.ھەق دىن ئىسلام دىنى اللە تەرىپىدىن يىڭى نازىل بولغان چاغلاردا دۇنيادا نۇرغۇن جايلار ،بولۇپمۇ ئەرەبلەر تېخى قۇللۇق تۈزۈمدە ياشايتتى.چوڭقۇر يىلتىز تارتقان،كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن قۇللۇق تۈزۈمنى ئۇنداق ئاسانلا يوق قىلغىلى بولمايتتى. ئەينى چاغدا ئەرەبلەر قۇللارنى مۈلۈك دەپ ھىساپلايتتى  .يەنى قۇل دىگەن پۇل دىگەن گەپ .«قۇلنى ئازاد قىل »دىگەنلىك،پۇلنى زىيان تارتتىڭ دىگەن گەپ.يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ،بۇ قۇللارنى ئازاد قىلغاندىن كىيىن،ھېچنىمىسى يوق قۇللارنى ئازاد قىلغاندىن كىيىن شۇ قاقاس قۇملۇقتائۇلارغا ئۆز ئالدىغا جان بېقىش يولىنى ئۈگىتىش،تۇرالغۇ،ئائىلە ،جەمئىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇڭا ئۇنى قۇللارنى بايلارغا قارشى جەڭ قىلدۇرۇپ ئۇرۇش تېرىغاندىن كۆرە ،بايلارغا ھەقىقى ئەقىدىنى سىڭدۈرۈپ ،ئۇلارغا اللە ئۈچۈن مال –مۈلكىدىن كەچسە ،اللە نىڭ ئۇلارغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى،جەننەتتىكى ساۋاب بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش توغرا بولىدۇ.بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار.مەسىلەن ،اللە ئېيتىدۇ:«...كىمكى بىرەر مۆئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن،ئۇ بىر مۆئمىن قۇلنى ئازات قىلىشى كېرەك...(4:92)».«داۋان ئېشىشنىڭ نىمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ‹12›(داۋان ئېشىش دىگەن )قۇل ئازاد قىلماقتۇر‹13›سۈرە بەلەد»...ئەرەبلەر ئەينى زامانلاردا ئەسىر چۈشكەن كىشىلەرنى قۇل قىلاتتى ياكى ئۆلتۈرىۋىتەتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نۇرغۇنلىغان ئەسىر چۈشكەن كافىرلارنى ئازاد قىلىۋىتىش ئارقىلىق ،مۆئمىنلەرگە ئۈلگە بولغان ئېدى.داڭلىق ساھابە زەيىد ئىبنى ھارىسەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلى ئېدى ،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىھرىبانلىقىدىن تەسىرلىنىپ ھەتتا ئۆز ئاتىسى ئەكىتەي دېسىمۇ ئۇنىماي قېلىپ قالغان ،كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئازاد قىلىپ بېقىۋالغان ئېدى .ھەدىسلەردە ھەم قۇللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ،ئازاد قىلىشنىڭ چوڭ ساۋاب ئىكەنلىكى كۆپ تەكىتلەنگەن.ھەدىستە«ئۆزۈڭ نېمىنى كىيسەڭ قۇلۇڭغا شۇنى كىيدۇر،نىمە يىسەڭ ئۇنىڭغا شۇنى يىدۈر».«كىمكى قۇلىنى ئازاد قىلىدىكەن اللە قۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بەدىلىگە ،ئۇكىشىنىڭ شۇ ئەزاسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ»دەپ كەلگەن .ھەتتا زاكات بېرىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ بىرى قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن زاكاتنى بېرىش تەكىتلەنگەن.مۆئمىنلەر بەزى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسا قۇل ئازاد قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇياتتى.مەسىلەن ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قورساقتىكى بالا   چۈشۈپ كەتسە ،ئۇ قۇل ئازاد قىلىش ئارقىلىق ،گۇناھىنى يۇيۇش سەرىئەتتە بېكىتىلگەن .ئەينى چاغدا ساھابىلەر قۇلى بىلەن پەرقى بولمىغىدەك دەرىجىدە قۇلى بىلەن ئوخشاش كىيىنگەن،ئۇلاقنى نۆۋەتلىشىپ مىنگەن.ئېغىر ئىشلارنى تەڭ قىلغان ئېدى.قۇللارغا زاكات بېرىپ شۇ پۇل بىلەن ئۇلارنىڭ ئازاد بولىشى ۋە كىيىن تۇرمۇش يولى تېپىشىغا ياردەمدە بولغان ئېدى.مۆئمىنلەرنىڭ تۇنجى مۇئەززىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ساھابىسى بىلالمۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇل ئېدى.كىيىن ئۇ مۆئمىنلەرنىڭ مۇھىم داھىيلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسىرگە چۈشكەن كافىرلار مۇسۇلمان بولسا ،ئۇلارنى ئازاد قىلىۋىتەتتى،دىيەتنى كەچۈرۈم قىلاتتى.ئىسلام مۇشۇنداق قۇللارنى شادلاندۇرىدىغان،قۇللارغا ياردەم قىلغانلارنى،ئۆز مەنپەئېتىدىن كېچىپ ئۇلارنى ئازاد قىلغانلارنى ئاخىرەتتىكى چوڭ ساۋاب بىلەن مەمنۇن قىلىدىغان ئېتىقادى كۈچ بىلەن ،قۇللۇقنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئېدى.ئىسلام دىنىدا ھۆر ئادەمنى قۇل قىلىپ سېتىش اللەنى غەزەپلەندۈرىدىغان  ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۆزىنى ئىنسانلار ئەركىنلكىنىڭ سىمۋۇلى ھېسابلايدىغان خىرىستىئان يەھۇدى مۇرتلىرى قۇللۇق تۈزۈم ئاللىقاچان يوقالغان يېقىنقى ئەسىرلەردە ،ئافرىقىدا ئۆز ئەركىسى بىلەن ياشاۋاتقان خەلق پەقەت قارا تەنلەىك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇلدا خارلاپ قۇل قىلىپ ئىشلەتتى،ئامىرىكىنىڭ ئەسلى خەلقى بولغان ھېندىئانلارنى قىرغىن قىلىپ،بايلىقلىرىنى تالان تاراج قىلدى.ئاسىيا،ئاۋسترالىيە،جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى خەلقلەرنى مۇستەملىكە قىلدى.ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار  ئافرىقىدىكى  نامرات دۆلەتلەرگە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كونا قوراللىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىپ ،قەبىلىلەرنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ،نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىدۇ، خەلىق جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،قادىر بولغانلىرى سەرسان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ،شۇ غەرىب دۆلەتلىرىگە بېرىپ قالسا ،تېررورلۇق مەنبىيى دەپ چەتكە قېقىلىدۇ.يىغىنلارنى ئېچىپ ئۇلارغا قارشى سىياسەت تۈزىدۇ.تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ساپلا شۇلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان ئەكەلگەنلىكى توغرىسىدىكى گەپلەر.قادىر بولالمىغانلىرى ئېتىزلىققا نەرسە تېرىپ بولغىچە بومبا چۈشۈپ ،پىشىپ بولغىچە بۇلۇنۇپ ئاچ توق ياشايدۇ،ئاندىن ئامىرىكا ،ئەنگىلىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر  «ئىقتسادى ياردەم بېرىش » ئۈچۈن كېلىپ،ئۇلارنىڭ خام ئەشيالىرىنى ئاشلىققا ئالماشتۇرىدۇ«بىر كېلو بۇغدايغا ،يۈزكېلو تۆمۈر رودىسى.30دوللارغا بىر يولۋاس تېرىسى» دىگەندەك. ئاندىن مىسسىئونىرلار كېلىپ ،غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇلارغا خەيرى ساخاۋەت قىلىدىغانلىقىنى(ب د ت يىغىنلىرى)  ،ئۇلارغاھەرگىز قارشى چىقماسلىقنى ،ئەيسانىڭ يولى پەقەت مىھرىبانلىق  ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدۇ،قارشى چىققانلارغا ئادەم بالىسى كۆرۈپ باقمىغان خورلۇقلارنى كۆرسىتىۋىتىدۇ(ئېراق،پەلەستىن،ئافرىقا  خەۋەرلىرى ،رەسىملىرىگە قاراڭ). بالىلارنى ئوغۇرلاپ ئاپىرىپ خىرىستىئان مۇرىتى قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ(كېنو «ئاۋىسترالىيە»). بىچارىلەر «خەلق خىرىستىئان بولغان بولسا،تەرەققى قىلىپ كېتەتتۇق»دەپ  مەڭگۈ غەربنى چۈشەپ ياشايدۇ.نەتىجىدە كولۇمبىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوكائىن بازىسى،بىرازىلىيە ساختا مال بازىسى،مىكسىكا جىنايەت ماكانى ،جەنۇبى ئافرىقا ئەيدىزنىڭ جەننىتى،گانا مۇساپىرلار زاۋۇتى،تايلاند پاھىشىلەر خام ئەشيا بازىسى،فىلىپپىن ئايال چاكار تەمىنلەش مەركىزى ...بولۇپ قالدى.ئۇلارنىڭ دىمۇكراتىيىسى پەقەت ئۆز مۇرىتلىرىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقان ھىيلە خالاس.شۇڭا قېرىنداشلىرىم،ئىسلامنى تولۇق ئۈگەنمەي تۇرۇپ ،تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،بىر ئايەتنىلا تۇتىۋىلىپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايلى.«بارلىق ئەمەل نىيەتكە باغلىق» ،ئىسلامدىن قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن ئەمەس ،ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ،اللە قا يارىغىدەك بەندە بولۇش ئۈچۈن ئۈگىنەيلى. ھەممەيلەننى اللە ھىدايەت قىلسۇن،قەلبىمىزنى ئىيمان  نۇرلاندۇرسۇن! ئامىن!


ئەلكۈيىدىكى ئېھساننىڭ جاۋابى.
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 15:50 |
al-tǜrk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نېمىشقا! ئەمدى توختاپ قېلىڭ، ياكى ئۇنداق تۇترۇقسىز نېمىشقىلىرىڭىزنى يوقىتىڭ. نېمانداق پاخال ئىنكاس بۇ ؟ ھەممە مۇنبەرگە، ھەممە تېمىغا يوللاپ نېمە قىلماقچى ئىدىڭىز؟ نېمانداق قالماشمىغان ئىش بۇ
西部医院
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 15:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 2/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر