ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلەشمە تەتقىقاتىدىن ئايان بولىشىچە،دائىم دېگۈدەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدىكەن. تەتقىقاتتىن ئايان بولىشىچە، مۇۋاپىق ھەرىكەتنىڭ تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىللە،باشقا ئاياللار كىسىلىنى ئالايلۇق ،بالىياتقۇ راكى قاتارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياردىمى بولىدىكەن.ئۆي ئىشى بىلەن تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىش ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، كۈنىگە ئۈچ،تۆت سائەت ئۆي ئىشى بىلەن مەشغول بولۇشنىڭ تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خېلى زور رولى بولىدىكەن.چۈنكى مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەندە زىيادە ياغنىڭ مىقدارى ھورموننىڭ ئاجىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار كىسېلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئاياللار گېزىتى 2011-يىل9-ئاينىڭ 7-كۈنى سانىدىن ئېلىندى. [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-29 19:54قايتا تەھرىرلىدى ]