بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتىن بولغان ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ تېنى، جېنى، قېنى ۋەروھىغا مەدەنىيەت-سەنئەت، تارىخ، ئېتىقاد، ئۆزلۈكىگە مەڭگۈ تەۋە بولغان ئانا تىلىدا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ دېگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت، ئەلۋەتتە. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقۇلۇش قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ، قۇتۇلۇش كەچمىشىدە قاتتىق جان تالىشىپ تىپىرلىماقتا...
نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا بىر ئاغىنەم بىلەن مۇڭدۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئۆيى قۇرۇلغىلى نەچچە يىل بولغان بىر ئولتۇراق رايوندا ئىدى. بۇ مەھەلىدىكى ئاھالىنىڭ توقسەن توققۇز پىرسەنتى ئۇيغۇر1 پىرسەنتى باشقا مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقاچقا، بۇ مەھەلىگە كېلىپ قالغان ھەرقانداق ئادەم بۇ يەردىكى ئۆز ئەنئەنە بويىچە ئىناق-ئىتتىپاقلىقتا داۋاملىشىۋاتقان قاينام-تاشقىنلىققا قاراپ مەسلىكى كېلەتتى. يىگىرمە-ئوتتۇزدىن دىن ئارتۇق 7-8 ياشلاردىكى چوڭ-كىچىك، تەڭتۈش بالىلار ھېلى تۇتۇشماق ئوينىسا، ھېلى سوقۇش، پۇتبول ئوينايتتى، بىردەمدىن كېيىن گاگار ئوينىشاتتى...ئىشقىلىپ ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ ۋايساۋاتقان كۈنلىرىمىزدە بۇ مەھەلە بىزگە ئۆتمۈشكە ئايلانغان بالىلىقىمىزدىكى كارتىنىلارنى ئەسلىتىپ ئۆتەلەيدۇ. مانا مۇشۇ مەھەلىدە دۇكان ئاچىدىغان بىر خەنزۇ كىشىنىڭ 4-5ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلىمۇ، بۇ ھويلىدىكى ئۇيغۇر بالىلارغا كۈندە قېتىلىپ ئويناپ يۈرگەچكە ئۆزىمۇ سەمىگەن ھالدا ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى بىلگەن دادىسى، ئۇيغۇر خوشنىلىرىغا ئەنسىرەش ئىلكىدە:- بالامنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟! دەپتىمىش! ئۇنىڭ ئۇيغۇر خوشنىلىرى: -مەيلىغۇ! بىزنىڭ بەزى ئائىلىلەردىكى بالىلىرىمىزنىڭ تىلىمۇ يا ئۇيغۇرچە ئەمەس، يا خەنزۇچە ئەمەس شالغۇت چىقىۋاتىدىغۇ، سەن بىر خەنزۇنىڭ بالىسىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقىپ قالسا نىمە بولاتتى؟ ئەنسىرىمە، دەپ چاقچاق قىلىپتۇ. ئاشۇ مەھەلىلىك ئاغىنەمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خەنزۇ دۇكانچى بۇ مەھەلىدىن كۆچۈپ كېتىشكە تەييالىنىۋاتقۇدەك. چۈنكى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بالىسىغا ياخشى بىر ئۆگىنىش مۇھىتى بولمىسا، بالىسىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقىپ كەتسە بولماسمىش...بۇ بايانلارنى ئاڭلىغىلىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ كەتتى. ئالىدراشچىلىقتىن ئاغىنەم بىلەنمۇ قايتا كۆرۈشەلمىدىم، ئەمما،ئاشۇ خەنزۇ كىشىنىڭ ئەنسىرەش ئىلكىدە ئېيتقان ئاشۇ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەسكە قالدى. ئويلاپ كەتتىم، ئۆيىدە، مەھەلىسىدە،كوچىدا، بوۋا-مومىسى، ئاتا-ئانىسى، جامائەتچىلىك ئالدىدا كالدىراپ خەنزۇچە سۆزلىشىۋاتقان بىچارە ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ تىلى ھەققىدە ئاشۇ دۇكانچى خەنزۇچىلىك ئەنسىرىيەلمەسمۇ؟! ئەجەبا ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ تىلى ئۆزگە مىللەت تىلىدا چىقسا پەخرلىنەرلىك ئىش ھېساپلىنارمۇ؟! بۈگۈنكى كۈندە << قوش تىل مائارىپى>> يولغا قويۇلىۋاتىدۇ...
ھەپتە كۈننىڭ ئالدىدا بالامنىڭ سىنىپىدا ئېچىلغان ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا مەسئول مۇئەللىمگەتەكلىپ بېرىپ:- بىچارە بالىلىرىمىزنى ئانا تىلىمىزدىن مەھروم قويمايلى! ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن باشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر گىرامماتىكىسى دېگەن دەسلەرنى ھەپتە ئارلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردا ۋە ياكى شەنبە-يەكشەنبىلەردە بولسىمۇ تولۇقلاپ ئۆتۈپ بەرسۇن! بالىلىرىمىزنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىدىن ئايرىۋېتىش ھەققىمىز يوق! بىزلەر كەلگۈسىدىكى كەچۈرگىسىز جىنايەتكارلارغا ئايلىنىپ كەتمەيلى! دېسەم، سىنىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى سۆزۈمنى قۇۋەتلىدى! بىلمىدىم مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ گەپلىرىمىزگە پىسەنىت قىلامدىكىن؟!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بارلىق ئۇيغۇرئاتا-ئانىلارنىڭ ئاشۇ خەنزۇ دۇكانچىدەك ئۆز يۈرەك پارىسى، ئۆزمىللىتىنىڭ ۋارىسى بولغان پەرزەنتى ھەققىدىكى ئەنسىرەشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇدۇنيادىكى تىلى-يېزىقى بار،ھېچكىم ئۆز پەرزەنتىنىڭ تىلىنىڭ خاتا چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلماس! يا ئۈمىد قىلىدىغانلار بارمىدۇ...
2011-يىلى9-ئاينىڭ30-كۈنى قومۇل