ئۇيغۇردا ئەبگالىق
- ئىناقسىزلىق ۋە ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىق (تەكلىماكانى)
ئادەمنى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
ئانىكىم خەلق غەمىدىن يوقتۇر غېمى.
- ئەلىشىر ناۋائى
ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار ‹ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنچە ياۋاش ۋە مۇنچە ساددا بۇلىشى ئۇلارنىڭ ھەمىشە قوي گۆشى يەيدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن› دەپ قارىماقتا. مىنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، يەر شارىدا ئىنساننىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۇنىڭدىكى سۇ، ھاۋا ۋە كۈن نۇرى قاتارلىق تەبىئى مۇھىت بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. تەبىئى مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكانلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: تاغلىقلاردا تاغ پىسخىكىسى، چۆل- باياۋانلاردا ياشايدىغانلاردا چۆل پىسخىكىسى، دەريا- دېڭىز بويلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنى ماكان قىلغانلاردا بولسا، شۇ كونكىرىت مۇھىت شەكىللەندۈرگەن خاس پىسخىكا بۇلىدۇ. ئەمدى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىكى پەرقلەرمۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئىزلارنى قالدۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجازەت بەرگەن ئاچا تۇياق جانىۋار كالىنىڭ گۆشىنىمۇ ‹تەبىئىتى سوغوق، ئادەمگە سوغوق كىلىدۇ› دەپ يەكلەپ، تۈزۈك يىمەيدىغان، يىل بۇيى ئاساسەن قوي گۆشى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئۇيغۇرغا قوي مىجەزىنىڭ سىڭىپ قېلىشىمۇ ئابايىقى گەپ. بىراق خۇدا بىلىدۇ، ئەبگا ئۇيغۇرغا ئاشۇ جانىۋار قوينىڭ ئەڭ مۇبارەك خۇسۇسىيىتى ھېساپلىنىدىغان ئۆملۈك، ئىناقلىق خىسلىتىنىڭ مۇتلەق سىڭمىگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئالايلۇق، تۆت توڭگۇزنى باققىلى ئېلىپ چىقسا، ئېغىلدىن چىقىپلا تۆت تەرەپكە پىتىراپ كىتىدۇ. بىراق، ئوتتۇز قوينى بىر كىچىك بالا بىمالال باقالايدۇ. چۈنكى، قوي دىگەن بىر- بىرىگە ئەگىشىدۇ، توپ ئوتلايدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يىرى شۇكى، نىسبەتەن چېچىلىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ئەگەر بورىنىڭ ۋەھىمىسىنى سەزسە، دەرھال ‹گۆررىدە› كىلىپ، بىر جايغا مەھكەم توپلىشىۋالىدۇ. شۇ ياۋاش، ساددا قويمۇ ئۆم بۇلۇپ، ئۇيۇشۇپ تۇرۇپ، بۆرىنىڭ ھۇجۇمىنى تار- مار قىلىدۇ! بىراق، ئەبگا ئۇيغۇردا ئۆملۈك، ئىناقلىق ھۈجەيرىسى كەم ياكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچ، ئولار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆملۈكتە ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە خۇددى توپتىن ئايرىلغان قوي بۆرىگە يەم بولغاندەك تەقدىرگە ئۇچراپلا تۇرىدۇ.
تارىخ كىتابلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك ئالغا كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، گاھى ئاتنىڭ قۇرسىقىغا شۇڭغۇپ تۇرۇپ، ئوقيانى ئالدى تەرەپتىكى نىشانغا قانداق دەل تەككۈزسە، بەل ئۈستىنى شاپپىدە كەينىگە بۇراپلا ئوق ئۈزۈپ، ئارقا تەرەپتىكى دۇشمەننىمۇ تىك موللاق چۈشۈرىدىغان جەڭگىۋار مىللەت ئىدى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم- ئىناقلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر يارقىن رىۋايەت ئەلمىساقتىن بۇيان ئېغىزدىن- ئېغىزغا، كىتابتىن- كىتابقا كۆچۈپ داستان بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ: « ئۇيغۇرنىڭ مەئناسى بارچەغە مەلۇم ياپۇشقۇچى مەئناسىدادۇر. مەسىلەن، ئايتەلەر سۈت ئۇيۇدى دېپ. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىندىن ئايرىلە ئىدى.قاتىق بولغاندان سۇڭ بىرى بىرىنە ياپۇشدى ۋە دەخى ئايتەلەركى ئىمامغا ئۇيۇدى. ئىمام ئوتۇرسا ئوتۇرار، تۇرسا تۇرادۇر، بەس. ياپۇشقانى بولماي مى؟ ئانلار كەلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئىتەگىنە قوللارى ئىلەن مۇھكەم ياپۇشقاچ، خان ئانلارغا ‹ئۇيغۇر› دەدى. ياپۇشقۇچى دىگەن سۆزدۇر.» ( ‹ئۇيغۇر› نىڭ مەنىسى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ‹يېپىشقۇچى› دىگەن بۇلىدۇ. مەسىلەن، سۈت ئۇيۇدى دىگەنگە ئوخشاش. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىگە ھىملاشماي تۇرغان نەرسە، قاتقاندىن كىيىن بىر بىرىگە يېپىشىدۇ. يەنە تېخى ‹ئىمامغا ئۇيۇدى› دىگەن گەپمۇ بار. ئىمام ئولتۇرسا ئولتۇرىدۇ، تۇرسا تۇرىدۇ، بەس. مانا بۇ يېپىشقىنى بولماي نىمە؟ ئولار كىلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىگىگە قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشقاچ، خان ئۇلارنى ‹ئۇيغۇر› دىگەن. بۇ يېپىشقۇچى دىگەن سۆزدۇر.) {قاراڭ: ئەبۇلغازى باھادىرخان يازغان ‹شەجەرەئى تۈرك› (تۇركى خەلقلەر شەجەرىسى) 11- بەت. قازان ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 1891- يىل نەشىرى.} دىمەككى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۆم- ئىناق بولغاچ، ‹بىر- بىرىگە يېپىشىپ ئۇيۇيدىغان›، ‹ئۇيۇشقاق خەلق› مەنىسىدە ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتالغان. ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆم- ئىناقلىق ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلىتى ئىدى. ئۇزاق قەدىمدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆم- ئىناق ۋە ئۇيۇشقاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق جەڭگىۋار مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۈيۈك قاراخانىلار زامانىسىدىكىدەك شانلىق مەدەنىيەت دەۋرىنى بەرپا قىلالىغان.
ۋاھالەنكى، كىيىنكى چاغلاردا خېلى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەكلىماكاندىكى قۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى سىڭىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۆملۈك، ئىناقلىق ئەنگۈشتەرىنى يۇقۇتۇپ قويغان. نەتىجىدە تەدرىجى ئەبگالىشىپ، بۇگۇنكىدەك ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆز-ئارا ئىناقلىقتا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر- بىرىنى قوللىشىش ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز- ئارا ھەسەتخورلۇق قىلىش، بىر- بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش، بىر- بىرىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش، كادىرى پۇقراسىنى ئالداش، شەھەرلىكلىرى يېزا- سەھرالىقلىرىنى گوللاش، مەست بولغاندا ھال ئوقۇپ دەرتلىشىش، يىشىلگەندە بىر- بىرىنى داۋاملىق قەستلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇلۇپ قالغان.
يەككە- يەككە ئىناقسىزلىقنى ئاز دەپ، توپلىشىپ ئىناقسىزلىق قىلىشنىڭ مودا بۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئەييۇھانناس! ئالايلۇق، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققى قىلىپ تازا قىيامىغا يەتكەن بىر جاھىل ئىللەت. ئۇنى ‹ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز- ئارا قوللىشىش› دەپ پەردازلاۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت.
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان مىللەتلىرى تېخى رەسمى مىللەت بۇلۇپ شەكىللەنمىگەن چاغلاردىكى ئىپتىدائى مەھەللەۋازلىقنىڭ قالدۇقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىق ۋە قاششاقلىق ھارۋىسىنىڭ ئەبجەق جابدۇقى. ئىپتىدائى مەھەللەۋازلىقنى دۇنيا مىللەتلىرى ئۆز ئېڭىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتكىلى نە ۋاخ؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۇمۇملاشتۇرىۋاتىمىز تېخى باشتىن ئاياغ. يىگىرمە- ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدا ‹شىماللىق› ۋە ‹جەنۇپلۇق› دەپ ئىككىگىلا ئايرىش بار ئىدى. ھازىر جەنۇپلۇقلار يەنە ئاقسۇلۇق، قەشقەرلىك ۋە خوتەنلىك دەپ ئايرىلىدىغان، قەشقەرلىكلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن قاغىلىقلىق، پوسكاملىق ۋە يېڭىسارلىق دەپ تۈرلىنىدىغان بۇلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش بۇرۇن ئاۋاملار ئارىسىدا كۆپرەك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا باھانە كۆرسىتىپ: پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاڭ- سەۋىيىسى تۈۋەن› دەيتتۇق. ھازىر بولسا بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ دەۋران سۈرۈش ۋاستىسى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمىزكىن؟ بولدى، باھانە كۆرسەتمەيلى. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپلا دەيلى- بۇ دەل قىسىمەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بارغانسىرى ئەبگالىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنىڭ رۇشەن دەلىلى!
زىيالىلار قوشۇنى ئىچىدىكى مەھەللەۋازلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرىدۇ، قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. ھىكايەت: مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلىمىگە يۇقىرىدىن بەش شىتات بىرىلگەن بۇلۇپ، ھايت- ھۇيت دەپ بولغىچە، بۆلۇم باشلىقى ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ئۈچ ئادەمنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا پىكرى چىققان. چوڭ باشلىقنىڭمۇ سەل خۇيى تۇتقان. شۇڭا بەشىنجى شىتات ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇ بۆلۇم خىزمىتىگە تازا باپ كىلىدىغان، لىكىن بۆلۇم باشلىقى بىلەن يۇرتداش بولمىغان بىر ياشنى بەرگەن. ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولغان بۇ ياش بۆلۇمگە ئەتىگەن كىلىپ كەچ قايتىپ، خىزمەتلەرنى شۇنچە جان پىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، بۆلۇم باشلىقى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ئۇنى سېسىق گەپلەر بىلەن ئەيىپلەپ خاپا قىلغان. بۇنى ئاز دەپ،ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا بۆلۇمنىڭ بۇلىڭىدىكى تۈكۈرۈك قاچىسىنىڭ لىۋىگە قوندۇرۇپ ساپ- سېرىق خەپرۈك تۈكۈرۈپ، ھېلىقى غەيرى يۇرتداش ياش بالىنى ‹تۈكۈرۈك قاچىسىنى يۇيۇپ كىر›، دەپ بۇيرۇغان. ياش بالا ئۈن- تىنسىز ئۇنى يۇيۇپ كىرگەن. يەنە بەش- ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن، بۆلۇم باشلىقى ئۇ ئىپلاس قىلىقىنى يەنە تەكرارلىغان. غەيرى يۇرتداش ئۇيغۇر ئاشۇنداق خارلانسا، يۇرتداشلار بىر تەرەپتە ‹خىر- خىر› كۈلۈشۈپ ئۇلتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۆلۇم باشلىقى مەزكور غەيرى يۇرتداش بالىنى دوكلات يېزىپ، باشقا بۆلۇمگە يۆتكىلىپ كىتىشكە مەجبۈر قىلغان. كىيىن باشقىلار ئۇ بۆلۇم باشلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇجۇر- بۇجۇرىنى سۇرۇشتۇرگەندە، جانابى بۆلۇم باشلىقى ھىچبىر خىجىل بولماستىن: ‹نىمىشقىدۇر مىنىڭ كۆزۈمگە باشقا يۇرتلۇقلار زادىلا سىغمايدىكەن›، دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە ھىكايەت، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە فىلولوگىيە پەنلىرى بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئۇقۇۋاتقان بىر ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىككى يىل ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ‹تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتۇرى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا ئىزدىنىش› دىگەن بىر ماۋزۇنى سۇنغان. ئۇستازى ئۇنىڭدىن، نىمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە يازىدىغانلىقىنى سۇرىغاندا، ئۇ: ‹خەلقلەر، مەخمۇد قەشقەرى، مەخمۇد قەشقەرى دىسە، قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى قەشقەرلىق ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۈرۈمچىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن›، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭسىزمۇ شىماللىق ئۇيغۇر شائىر تىيىپچان ئىليۇپنىڭ نامايەندە شېئىرى ‹تۈگىمەس ناخشا› نى جەنۇپلۇق شائىرلار ‹ئۇ شېئىر ئەمەس، بەلكى ئىككى ئېغىزلا گەپ›، دەپ قەستەن چۈشۈرۈپ ماقالە يازىدىغان، جەنۇپلۇق ئالىم موللا موسا سايرامى ۋە نىم شېھىد ئارمىيە ئېلىلەرنىڭ بېشىغا بولسا، شىماللىق ئەدىپلەر يۇلاپمۇ قويمايدىغان ئەھۋال بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا غەيرى ھال ھىساپلانمايدىغۇ؟!
دەرۋەقە، يۇرتداشلار بىر يەرگە كەلسە، ھېلىقى تۇنۇش تار كۆچىنىڭ دوقمۇشى ۋە ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھەققىدە مەھەللىۋى تەلەپپۇز بىلەن بىردەم- يېرىمدەم كاسىلدىشىۋالسا، ئادەم خېلى پۇخادىن چىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆز- ئارا ئىزدىشىشى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ- قۇپۇش قىلىشىنى ئاداققى ئەيىپ ئىش دىگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، يۇرتداشلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سىياسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىزمەت مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ئىقتىدار ئۆلچىمى يوق مەھەللىۋى مەزھەب بۇلۇپ ئۇيۇشۇۋالسا، ئۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئۇمۇمى تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىللەت تۈگۈنى بۇلۇپ قالىدۇ. مىنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى گەۋدىسىگە چىققان بىر خىل ئۆسمە. ھالبۇكى ئۇنى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا كىسىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نۇرمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
خوش، ئەبگالىق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زادى نىمە ئۈچۈن ئۆز- ئارا ئىناقلىشالمايدۇ؟ نىمىشقا بىر- بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ؟ مىنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تۇنۇش جەھەتتە ئەجداتلىرىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تەۋەرۈك ئاڭ- ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىغا ئۈزۈل- كىسىل خىيانەت قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچار بۇلىشى ئۇلاردا ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدىيىسىنىڭ يوقلىقىدىن بۇلىۋاتىدۇ.
روناق تېپىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، مەيلى قانداق قەۋم، قايسى مىللەت بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئەگەر ئۇ مەنمۇ گۈللىنەي، تەرەققى قىلىپ باشقا ئەللەر قاتارىدا يۈكسەك مەدەنى ھايات باياشاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئېڭىدا ئۆز قەۋمى، ئۆز مىللىتىنىڭ جامائىتى ئۈچۈنلا تەئەللۇق بولغان ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى ئەبەدىيلىك قىلىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. ھىكايەت، گېرمانىيەدە ئەخلەت تۆكىدىغان جاي ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان بىنالاردىن خېلىلا يىراقتا بۇلىدىكەن. ئاھالىلار ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىدىغان كۈندىلىك ئەخلەتنى ئاشۇ خېلى يىراق جايدىكى ئەخلەتخانىغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىكەن. كىشىگە تەنبىھ بۇلىدىغان يىرى شۇكى، ئولار ئەخلەتنى قارا- قۇيۇق پوملاپلا تاشلاپ قويماستىن، ئۆزلىرى ئولارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، مەسىلەن: سەي- كۆكتات ئېشىندىلىرى ۋە مېۋە- چېۋە شۆپەكلىرىنى ئايرىم، قەغەزلەرنى ئايرىم، تۆمۇر بوتۇلكىلارنى ئايرىم ۋە ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئايرىم قىلىپ، خاس خالتىغا چىرايلىق قاچىلاپ، ئاندىن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن زىيارەتچى ئولاردىن: ‹ئەخلەتخاناڭلارنىڭ يېنىدا ھەممىنى پوملاپلا تاشلىدىڭ، دەپ تۇتىۋالىدىغان ساقچىلارغۇ كۆرۈنمەيدۇ. ھالبۇكى، بۇنچىۋالا زىللىق قىلىپ نىمە قىلىسىلەر؟› دەپ سۇرىغاندا، ئولار تۇلىمۇ تەبىئى قىياپەتتە: ‹بۇ ئەخلەتلەر ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بارغاندا، ھامىنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر بىز تۈرلەرگە ئايرىپ بەرسەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدىغان سەرپىيات ۋە ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى تىجەپ قالىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن پايدا. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ پايدا، ئاشۇ مەنپەئەتتە بىزنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىز بار›، دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە ھىكايەت، ياۋرۇپادا ئىشلەمچى بۇلۇپ يۈرگەن تۈرۈكلەر يىلدا بىر قېتىم تۈركىيىگە قايتىپ، ھۆكۈمەتكە شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىشى لازىمكەن. ھەۋەس قىلىشقا تېگىشلىك ئاڭ شۇكى، ئولاردىن ھېچكىم بۇ باجدىن قېچىپ چەتئەللىك بۇلىۋالمايدىكەن. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ دەل ئۆزىدە، كېلىشلىك باجنى ئاشۇرۇپ تاپشۇرسا تاپشۇرىدىكەنكى، ھەرگىزمۇ كەم تاپشۇرمايدىكەن. باج ئوغۇرلىمايدىكەن. ھۆكۇمەتنى ئالدىمايدىكەن. نېمىشقا؟ ھۆكۇمەتنى ئالدىساق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ئالدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئېشىمىزغا ئۆزىمىز توپا سالغان بولىمىز دىگەن تونۇش ئولارنىڭ كاللىسىدا خۇددى ئوچۇق ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەن ئىكەن. مانا بۇ- ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تەبىئىي ئىنكاسى!
دۇرۇس، سەن قانۇن جەھەتتە مۇستەقىل بىر ئىنسانسەن. شۇڭا، قانداق ياشاش سەندىكى دەخلى تەئەررۇرسىز ھوقۇق. بىراق سىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ شەنىنى بۇلغاشقا مۇتلەق ھەققىڭ يوق. چۈنكى سەن ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇرسەن. ھازىرقى جۇڭگۇ نۇپۇس دەپتىرىدە يەتتە مىليۇن ئىككى يۈز ئون تۆت مىڭ تۆت يۈز ئوتتۇز سەككىز سانىلىۋاتقان (1990- يىلىدىكى سان) ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرىسەن. دىمەككى، سەن ئۇنداق يەككە- يېگانە، يېتىم- يېسىر بىر ئىنسان ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى. ‹ئۇيغۇر› ئاتلىق بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىر ھۆجەيرىسىسەن. ھالبۇكى، سەن ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن مەۋجۇت. ئۇيغۇر گەۋدىسى نابۇت بولسا، سەنمۇ بۇلىسەن نابۇت. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى كۈچلۈك بولسا، سەنمۇ كۈچلۈك. ئۇيغۇر گەۋدىسى ئاجىز بولسا، سەنمۇ ئاجىز روۋۇك. بۇ يەردىكى كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقنى بەلگىلەيدىغان نەرسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى ۋە جان تومۇرى بولغان ئورتاق مەنپەئەت، ئەلۋەتتە!
سەندە ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن ئوتلىغان ئېشەكتەك ئۆزۈڭنىڭ گېلى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەمىلىنىڭ كويىدىلا سوكۇلداپ يۈرىدىغان بىچارە ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيسەن؛ ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى بولغاندىلا، ئاندىن شەخسى مەنپەئەتتىن كېچەلەيدىغان، ئۆز نەپسىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقا قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭنى ۋە زېھنىڭنى بېغىشلىيالايدىغان بولىسەن. سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئەمەتنىڭ ئەمىلى سەندىن يوقۇرى بولۇپ كەتسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان، سەمەتنىڭ سىيىرى سېنىڭكىدىن ئۇشۇق مۇزايلىسىمۇ خۇيۇڭ تۇتۇپ قالماي خوشال يۈرەلەيدىغان بولىسەن. ئەڭ مۇھىمى، سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن مەيلى گۇاڭجۇ، مەيلى شاڭخەي ۋە مەيلى ئىستامبول ياكى بېرلىندە بولساڭمۇ، يۈرىكىڭ سېلىپ كەيمەي ‹مەن ئۇيغۇرمەن› دېيەلەيدىغان، ئۆز ۋەتىنىڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ غېمىنى ئۆز غېمىڭ بىلىپ يېيەلەيدىغان بولىسەن.
يەكۈن شۇكى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى يوق ئەلدە، ئۆملۈك، ئىناقلىق بولمايدۇ. ئۆملۈك، ئىناقلىق يوق يەردە، بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. بىچارىلىك ساڭا باقىۋەندىمۇ، ئويلان، ئەبگا!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-17 14:47قايتا تەھرىرلىدى ]