turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1511 قېتىم كۆرۈلدى
a.abdurihim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3492
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى كۆزدىن كەچۈرگەندە..

باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى كۆزدىن كەچۈرگەندە
 دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتا

(« قوش تىل ئوقۇتۇشى›› مۇ ياكى ‹‹ قوش تىللىق ئوقۇتۇش›› ؟نىڭ تولۇقلىمىسى)

 
ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم


      شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 2-سانىدا (« قوش تىل ئوقۇتۇشى›› مۇ ياكى ‹‹ قوش تىللىق ئوقۇتۇش›› ؟ ) تېمىدىكى ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم، ئىنكاس قىلغان پىكىرلىرى ئىچىدە: " باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ  قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقاندا، 1- يىللىقتا دەرسخانە كەيپىياتى جانلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ئېڭى ۋە دەرسنى ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى يوقىرى بولىدۇ، ئەمما 2- يىللىقنىڭ كىيىنكى مەۋسۈمىدىن باشلاپ ، بولۇپمۇ 3- يىللىقىغا كەلگەندە دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ تۆۋەن بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىنىڭ بەكلا كەم ۋە دەرس مەزمونىنى ئۆزلەشتۈرۈشىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەپلىك دەرسنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى نەدە ؟ " دېگەندىن ئىبارەت ئاپتونۇم رايون بويىچە خېلى ئومۇمىلىقنى ئىگىلىگەن مۇھىم ئىنكاس بار . مۇشۇ ئىنكاسقا ئاساسەن بۇ قىسقا ماقالىنى يازدىم، ئوقۇرمەنلەردىن بۇماقالىنى ئەشۇ («قوش تىل ئوقۇتۇشى›› مۇ ياكى ‹‹ قوش تىللىق ئوقۇتۇش›› ؟ ) تېمىدىكى ماقالىنىڭ تولۇقلىمىسى، دەپ قارىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

          قېرىنداش مەكتەپلەر، قېرىنداش رايونلاردىن مەكتەپلەرگە كىلىپ دەرس ئاڭلاپ ئۆزئارا ئۈگىنىش ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش دائىملىق نورمال ئىش؛ شۇنداقلا يوقۇرىدىن ئادەم كىلىپ ، مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىشى ، دەرس ئاڭلاپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىشىمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا مۇۋاپىق، يولغا قويۇشقا بولىدىغان  توغرا تەدبىر ، سىياسەتلەرنى بېكىتىشىدە  زۆرۈر بولغان مۇھىم خىزمەت . قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ شۇنداق.

     مېنىڭ قارىشىمدا " باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ  قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقاندا 1- يىللىقتا دەرسخانە كەيپىياتى جانلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ئېڭى ۋە دەرسنى ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى يوقىرى بولۇش، ئەمما 2- يىللىقنىڭ كىيىنكى مەۋسۈمىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 3- يىللىقىغا كەلگەندە دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ تۆۋەن بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىنىڭ بەكلا كەم ۋە دەرس مەزمونىنى ئۆزلەشتۈرۈشىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەپلىك دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قېلىش" نىڭ سەۋەبىنى  باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا دەرسى مەزمونلىرىنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىدىكى كونكىرىتنى  ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن ئىزدەش كېرەك.

       باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا دەرسىى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا 1- يىللىق ۋە 2- يىللىقنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمىگە پۈتۈن سانلار ئۈستىدىكى تۆت ئەمەل، يەنى قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشتىن ئىبارەت تۆت ئەمەل بويىچە ھىساپلاش مەزمونى  ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 1 دىن 100  گىچە بولغان سانلارنى خەنزۇ تىلىدا ساناشنى ئۈگىنىپ بولغان بالىلار پەقەت  "قوشۇش" ، "ئېلىش"  ،  "كۆپەيتىش" ،  "بۆلۈش" ،  "تەڭ" ، "چوڭ" ، "كىچىك"于、大于、等于 、 除、乘、减、加) ( 小  تىن ئىبارەت يەتتە سۆزنىڭ خەنزۇچە يىزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشىنى پۇختا بىلىۋالسىلا خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى تولۇق چۈشىنەلەيدۇ، كىتاپنى كۆرۈپ بىلەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازسانلىق مىللەتلەر پەرزەنىتلىرىنىڭ شوخ، تېتىك، جانلىق، جۇرئەتلىك بولۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن  ئوقۇتقۇچى دەرسكە ياخشى تەشكىللىيەلىسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ئېڭى يۇقىرى ، دەرسخانا كەيپىياتى جانلىق بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمونىنى ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا يوقىرى بولىدۇ. يەنى، بۇيەردىكى مۇھىم مەسىلە - ئوقۇغۇچىلار جەزمەن بىلىشكە تىگىشلەك خەنزۇچە سۆز ۋە خەتنىڭ بەك ئاز بولغانلىقىدىن ئىبارەت . 2- يىللىقنىڭ 2- مەۋسۈمىدىن باشلاپ يۇقىرى يىللىقلاردا بولسا، ئەمەلىي مەسىلىلەر (应用题) ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە يەنى بىر يولدا يېشىلىدىغاندىن باشلاپ تەدرىجى ئىككى، ئۈچ ، ... يولدا يىشىلىدىغان مۇرەككەپ  ئەمەلىي مەسىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئۇچرايدىغان خەنزۇچە سۆز - خەتلەرنىڭ سانى ھەم كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلار مەزمون جەھەتتە تەكشىلىك گىئومىتىرىيەسى، سودا-سېتىق، سانائەت ۋە سانائەت مەھسولاتلىرى، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ، .... قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ ھالدىكى خەنزۇچە تىل- يىزىق ئاساسى بولمىسا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ- دە، خەنزۇ تىلىدا سۆزلەنگەن دەرسنى چۈشىنەلمەيدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ نىمە داۋاتقانلىقنىمۇ ئاڭقىرالمايدۇ، دەرسلىك كىتاپنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ (ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرى 1- يىللىقتا  دەرسىنى ئاڭلاپ ماختىغان، تىلىۋېزىيە قاتارلىق تەشۋىقات قۇراللىرىدا كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىنغان قەشقەر شەھرىدىكى مەلوم باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئاشۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 3- يىللىققا چىققاندا ، يەنى 2006 – يىلى يازدا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى   قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئول يولداشلار  سىنىپقا كىرىپ نەق مەيداندا تەكشۇرگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە كىتاپنى تەستە ئوقۇيالايدىغان ئوقۇغۇچى سانى سىنىپ بويىچە  بەش نەپەردىن ئاشمىغان، راۋان ئوقۇيالايدىغان ئوقۇغۇچى بىر نەپەر بولۇپ ، ئۇ خەنزۇ مەكتەپتىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىكەن). شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسنى ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. دىمەك، بۇيەردىكى مۇھىم مەسىلە - ئوقۇغۇچىلار بىلىشى زۇرۇر بولغان خەنزۇچە سۆز ۋە خەتلەرنىڭ سانى ھەم كۆپ ھەم  مورەككەپ بولۇپ، ئۇقۇغۇچىلار تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەنلىگىدە بولىدۇ. 

     بىز قومۇلدا مۇنداق بىر  ئاچچىق تەجرىبە – ساۋاقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن، 1994 - يىلى 9 - ئايدا قومۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىنىقى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن بۇنىڭ تەسىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى قومۇل شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 1995 - يىلى كۈزدە 1- يىللىقتا سىناق تەرىقىسىدە بىر قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى ئاچتى، يەنى مۇنتىزىم يەسلىلەردە تەربىيىلەنگەن، خەنزۇچە تىل ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بالىلارنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ تەشكىللەپ ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يوقىرىدا سۆزلەنگەن سەۋەپلەر  تۇپەيلى دەرسكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئېڭىنىڭ  كۈچلۈكلىكى، دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ جانلىقلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمونىنى ئۆزلەشتۈرىشىنىڭ يۇقىرىلىقى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، ئۇلارنىڭ تەشەپبۇسى بىلەن قومۇل شەھرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ، بولۇپمۇ خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ سىنىپنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا ، تەجرىبە ئۈگىنىشكە تەشلىللىدى ، دەرس ئاڭلايدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، .... ئەپسوس، 2- يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمىگە كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار ئۈگىنىشتە يىتىشەلمەي قالدى، ئۈگىنىشتىن بىزار بولۇشقا باشلىدى، ئوقۇتقۇچىمۇ داۋاملىق دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالدى. 3- يىللىققا چىققاندا سىناق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، دەرس ئانا تىلدا ئۆتۈلدى. نەتىجىدە بىر قىسىم ئەلاچى، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ھەتتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى.    
                
        ئومۇمەن، يوقىرىدا بايان قىلىنغالاردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوش تىللىق ئوقۇتۇشىدا تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
     بىرىنچى،  خەنزۇ تىلىدا  ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسلەردە  ئوقۇغۇچىلار بىلىشى زۆرۈر بولغان سۆز- خەتلەرنى (بولۇپمۇ سۆز- خەتلەر بىرقەدەر كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولغان يىللىق، مەزمونلاردىكى سۆز- خەتلەرنى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلەپ بولۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ- يوق؟ بۇنى توغرا مۆلچەرلەش، ئىمكانىيىتى بار بولسا قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىپ شۇ دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش كېرەك، ئەگەر ئىمكانىيىتى بولمىسا ئالدى بىلەن تىرىشىپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ ئىمكانىيىتىنى ھازىرلاش، ئاندىن قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىپ شۇ دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش كېرەك، بۇمەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئول بولۇش يۇكسەكلىكدە تونۇش كېرەك.
     ئىككىنچى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشدىن دەرس ئاڭلىغاندا ياكى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى كۆزدىن كۆچۇرگەندە 1- يىللىقنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنى ئاڭلاپلا مەكتەپنڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇش سۈپىتىگە يوقۇرى  باھا بەرمەسلىك، بەلكى 2-، 3- يىللىقلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ ئاندىن ئوقۇتۇش سۈپىتىگە باھا بىرىش كېرەك، شۇندىلا بۇ مەكتەپنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشىنى ئەينەن بىلگىلى، توغرا باھا بەرگىلى، توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ (بۇ نوقتىغا ئۆتكەندە دىققدت قىلىنمىغان ئىدى، ھازىرمۇ يەنىلا تولۇق دىققەت قىلىنمايۋاتىدۇ)، بۇ نوقتا بولۇپمۇ سىياسەت بېكىتكۈچى خادىملار باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتا.


تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-01, 11:24
يوق
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-01 11:20 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1174 سوم
تۆھپە: 685 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىرقى قوش تىل ئوقۇتۇشى <<ئىككى لىنىيە>> بويىچە تاق تىللىق ئوقۇتۇشقا قاراپ تەرەقى قىلىۋاتىدۇ.
1- تەبىئى پەن يۆلۈنۈشى:_ خەنزو تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇلىدۇ.
2- ئىجتىمائى پەنلەريۆلۈنۈشى :_ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇلىدۇ.
   قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۆز مەنتىقىسى بويىچە بولغاندا ھدرقانداق بىر پەننى ئوقۇغۇچىلار ھەر ئىككى تىلدا بىمالال چۈشىنەلىگىدەك ئىقتىدار ھازىرلاش،قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھەقىقى مەقسىدى ۋە نەتىجىسى بولىشى كىرەك ئىدى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 16:48 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قو ش تىلنى بەكرەك ئۇگىنىۋېتىپ يەنە 5-10 يىلدىن >>ئالىمۇ زۈ يجىن ماڭ بۇماڭ ،چىلىمېيۇ >> دەيدىخان بولۇپ كەتمەيلى  ، بۇنداق پاجىھەنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئائىلىنىڭ مەسۇ لىتى  قومۇل تاخلىرىدىنمۇ ئېخېر .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 17:45 |
al-tǜrk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 99 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قوش تىللىقتا ئوقۇۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابىغا قاراپ باقايلى. ئەدەبىيات بىلەن شىنجاڭ دېگەن كىتابتىن باشقا ئۇيغۇرچە دەرسلىك كۆرەلەيمىزمىكىن؟
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 17:47 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 251
شۆھرەت: 1265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1294 سوم
تۆھپە: 758 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 758 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بىر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۇپىتىم بىلەن قوش تىلدا دەرس ئوتۇۋاتىمەن . بىراق بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ئاكىمىز دېگەندەك .بالىلارنىڭ سۆزلۇكلەرنى تونۇش ،مەنىسىنى چۇشۇنۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇپ ،ئاندىن دەرس مەزمۇنىنى يەتكۇزۇش زۆرۇركەن ،شۇڭا دەرس ئوتكەندە مەن ئالدى بىلەن شۇ دەرستىكى ئوقۇغۇچىلار چۇشەنمەيدىغان سۆزلۇكلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا تاپقۇزۇپ، ئاندىن ئۇلارغا ئۇ خەتنىڭ ئوقۇلۇشى ،ئۇيغۇرچە مەنىسى قاتارلىقلارنى چۇشەندۇرۋالغاندىن كېيىن ،پۇتۇن جۇملىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چۇشەندۇرىدىغان بولدۇم .لېكىن دەرس سائىتى ئاز ، ھەرقانداق بىر ئىشقىمۇ جەريان لازىم بولىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرھال دەرس مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۇرۋېلىشى كوڭۇلدىكىدەك ئەمەس . بۇ جەھەتتە ئاتا -ئانىلارنىڭ سەۋىيەسىنىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېيىش مۇمكىن ئەمەس . شىنجاڭ رايونىمىزدا قوشتىللىق دەرس ئوقۇتۇش ئىشلىرى تېخى باشلانغۇچ باسقۇچتا بولغاچقا بۇ جەھەتتە ھەممىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇشىمىزگە ،تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .تىرىشايلى قېرىنداشلار، قوش تىللىق ،ئۇچ تىللىق، ھەتتە كوپ تىللىق بولۇش شەرەپ .كوپ تىللىق بولۇپ، مەملىكەت ئىچىگە، دۇنياغا يۇزلىنەيلى !مىللىتىمىزنى تەرەقى قىلدۇرايلى !شۇنىڭ بىلەن بىرگە  ئانا تىلىنىمۇ داۋاملىق تەرەقى قىلدۇرۇشمۇ ھامان بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ۋەزىپە . شۇڭا ئېيتىمەنكى بىز ئالاھىدە بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز . ھەم ئۆزلۈكنى ساقلىشىمىز ، ھەم تەرەقى قىلىشىمىز كېرەك .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 18:37 |
baytura
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3471
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 245 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 245 سوم
تۆھپە: 147 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ شۇ قوش تىلدا ئوقۇغان ،ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە پەن خەن تىلىدا ئۆتۈلەتتى.چۈنكى مەكتىپىمىزدىكى 23سىنىپ ئارىسىدا پەقەت بىرلا قوش تىل سىنىپ بولۇپ ،قالغان ھەممىسى خەنچە سىنىپ ئىدى.بىز تولۇقسىزدىن باشلاپلا مۇزىكا ،گۈزەل -سەنئەتلەرنىمۇ خەنچە ئۆگەنگەن.       
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 18:39 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1075 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1075 سوم
تۆھپە: 631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 214(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شەخسەن ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى ئىيتسام ،ھازىرقى << قوش تىل >> ئوقۇتۇشىدىن ئىنتايىن نارازىمەن .  قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار تەتىلدىن پايدىنلىپ بالىلىرنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرۋېلىشقا << كۇرس >> ئىزدەۋاتىدۇ .دىمەك مەكتەپلىرىمىزدە ئانا تىلغا نىسبەتەن كۈچەش ،كۆڭۈل بۆلۈش بەكلا ئاز ياكى بولمىسا يېتەرسىز . موشۇ توغرىسىدا ئۆتكەندە بىر دادىنىڭ << بالىلار باغاق ئوقۇپ بېرەلىسىلا بولدى >> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم . بۇ بەلكىم چاخچاق ئارلاش گەپتۇ يا بولمىسا تەنە گەپتۇ ،بىراق قانداقلا بولمىسۇن بالىلىرىمىز پەقەتلا  خەت ساۋادى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ ،ئانا تىل تەپەككۇر بوسۇغۇسىغا يېتىپ بارمايلا توختاپ قېلىشى بۇ بىز ئۇچۇن ئېلىپ ئېيتقاندا  ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولۇپلا قالماي بەلكىم پاجىئە ھېساپلىنىشى مۇمكىن . ئاخىرىدا مۇنبەر ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەر بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ << قوش تىل >> ئوقۇتىشىنى سەگەكلىك  بىلەن ئېلىپ بېرىشىنى، << قوش تىل >> ئوقۇتىشىنىڭ ھەرگىز << خوش تىل >> ئوقۇتىشى بولۇپ قالماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن .
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 19:49 |
isyankar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 365 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 222 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشقىلىپ ئانا تىلىمىز يوقىلىشقا قاراپ تېز سۈرئەتتەئىلگىرلىمەكتە....... تېلفون نومۇرى ۋە باشقا تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بەزى نەرسىلەرنىڭ ئاتىلىشى  ئاساسەن خەنزۇچە بولىۋاتىدۇ... چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم  دېگۈدەكلا شۇنداق ئاتاۋاتىدۇ... ئەمەليەتتە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىز ئۈچۈن سىگنال.. ئەپسۇس  تىلىمىزنى يوقىتىشقا ياتلاردىىن كۆرە، ئۆزىمىز بەكرەك كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىپ كېتىپ بارىمىز...
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-01 20:01 |
tagqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 200 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى isyankarدە2011-10-01 20:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىشقىلىپ ئانا تىلىمىز يوقىلىشقا قاراپ تېز سۈرئەتتەئىلگىرلىمەكتە....... تېلفون نومۇرى ۋە باشقا تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بەزى نەرسىلەرنىڭ ئاتىلىشى  ئاساسەن خەنزۇچە بولىۋاتىدۇ... چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم  دېگۈدەكلا شۇنداق ئاتاۋاتىدۇ... ئەمەليەتتە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىز ئۈچۈن سىگنال.. ئەپسۇس  تىلىمىزنى يوقىتىشقا ياتلاردىىن كۆرە، ئۆزىمىز بەكرەك كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىپ كېتىپ بارىمىز...

بۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى: بىر كۈنى چوڭ ياشلىق بىر ئايال مەندىن بىر تېلىفۇن نومۇرىنى سورىۋىدى، ئۇيغۇرچە دەپ بەرسەم بىلەلمەي [ئەي ئۇكام خەنزۇچە دەپ بەرگەن بولسىلا ، ئۇيغۇرچە دېسىلە مەن بىلەلمەيدىكەنمەن] دەيدۇ .ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك
sarkar
يۇرتۇم بەك گۈزەل،تاراتىنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-02 23:21 |
baghdaxhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 697
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 594 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 335 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 345 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى nurدە2011-10-01 16:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھازىرقى قوش تىل ئوقۇتۇشى <<ئىككى لىنىيە>> بويىچە تاق تىللىق ئوقۇتۇشقا قاراپ تەرەقى قىلىۋاتىدۇ.
1- تەبىئى پەن يۆلۈنۈشى:_ خەنزو تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇلىدۇ.
2- ئىجتىمائى پەنلەريۆلۈنۈشى :_ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇلىدۇ.
   قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۆز مەنتىقىسى بويىچە بولغاندا ھدرقانداق بىر پەننى ئوقۇغۇچىلار ھەر ئىككى تىلدا بىمالال چۈشىنەلىگىدەك ئىقتىدار ھازىرلاش،قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھەقىقى مەقسىدى ۋە نەتىجىسى بولىشى كىرەك ئىدى.

        توغرا دەيسىز، ھازىرقى قوش تىل ئوقۇتىشى راستىنلا تاق يۆلىنىشلىك ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ قالدى، بۇنداق ئەھۋال تىل جەھەتتىكى قالايماقانچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭسىز ھازىرمۇ خەنزۇ تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش تەس بولۇپ قالدى، تەبىئى پەندىكى كەسپى ماتىرياللارنى تەرجىمە قىلغاندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولىقىمىز.
        ھازىر تىل، ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان مۇڭغۇللار قايتىدىن ئۆز ئانا تىلىنى ئۈگىنىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئەمما بىز بولساق ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەيۋاتىمىز. كېيىن ئەسسالام ئەلەيكوم دەپ سالاملىشىشنىڭ ئورنىغا چىلېمېييوۋ (吃了没有) دەيدىغان بولۇپ قالمىساق بولاتتى.
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى !
باغداشخان
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-03 00:49 |
sakira
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

< بىر كۈنى چوڭ ياشلىق بىر ئايال مەندىن بىر تېلىفۇن نومۇرىنى سورىۋىدى، ئۇيغۇرچە دەپ بەرسەم بىلەلمەي [ئەي ئۇكام خەنزۇچە دەپ بەرگەن بولسىلا ، ئۇيغۇرچە دېسىلە مەن بىلەلمەيدىكەنمەن] دەيدۇ .ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك>  مۇشۇ مەسىلىنى مەنمۇ جىق   ئويلاندىم. تېلفۇن نومۇرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇشنىڭ ئاددى ھەم ئاسان ئەستە تۇتقىلى بولىدىغان ئۆلچەملىك ئۇسۇلى بولغان بولسا -ھە
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-03 23:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە