ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار!
كىشى بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانىكەن ھەق ياشاپ كېتىش كېرەك . مۇسۇلمانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى بىزنى ئاللاھ ياراتتى . بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ھامان بارىمىز . چوقۇم بىر سەۋەب بولۇپ كېتىپ قالىمىز . شۇڭا كېىنكى دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قاتتىق ئىنىچكە سوراقلىرىغا بىز قانداقمۇ جاۋاب قىلىمىز . لاۋۇلداپ تۇرغان شۇنچە زور ئوتقا تاشلىنىپ كېتىشنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلارچۇ ؟
ئەمەلىيەتتە ياخشى يولدا مېڭىپ . ئاللاھ يولىدا ، ئاللاغقا سېغىنىپ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ... ياشاش شۇنچە تەسمۇ ؟ ھەق يولدا ماڭساق ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ ئىسلام دىنى بولسا ھەقنى ، ئادىللىقنى ، ئىناقلىقنى ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ، ئاجىزلارنى ئىززەتلەش ۋە يۆلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن . شۇنداقلا ئەڭ ئاۋال ئاللاھنى تونۇپ ئاللاھقا ئىشىنىپ ئاللاھنى ياد ئېتىشىمىز كېرەك بولغان شۇنچىلىك ئۇلۇغ ھەققانىي بىر دىن . سىزنى كۈندە موللام بولۇپ ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇڭ دەيدىغان دىن ئەمەس بەلكى توختىماي تىرىشىپ ئىلگىرلەڭ . ياردەمنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ تەلەپ قىلىڭ ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز سەۋەب قىلىڭ دەيىدىغان دىن .
سىزگە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى ئەڭ ياخشى باشلامچىدۇر . شۇڭا كۆپرەك ھەدىسلەرنى كۆرۈپ قويۇڭ . قانداق كۆرىمىز دېمەڭ ھازىر دەپ بېرىمەن .
سىز دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر چۈشىنىپ قويۇڭ . قالاق ئىدىيە بىلەن ئەمەس ئىلىم -پەن بىلەن ماسلاشتۇرۇپ چۈشەنسىڭىز كاللىڭىز ئاندىن يېشىلىدۇ . بۇنى قاندا بىلىمىز !
ئاللاھنىڭ چۈشۈرۈپ بەرگەن ئېنىق قۇرئان كىتابىمىزدىن تەتقىق قلىىڭ ، قىلالمىسىڭىز (خاتاسىغا كەتسىڭىز) ئۇنداقتا ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىنى كۆرۈڭ .
نەدىن كۆرەتتىڭىز . مەن سىزگە دېسەم ھازىر پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە داۋاملىق ھەسسىمۇ ھەسسە زۇلۇم قىلىشتىن ئازراقمۇ بولسا خالى بولاللىسىكەن دەپ باشقا ھېچقانداق مەقسەتنى ئويلىماي قۇرۇلغان بىر ئىسلام تور بېكىتى بار . (مەن قۇرغان ئەمەس لېكىن ئۇزۇن بولدى بۇ بېكەتنى چۈشەنگىلى )
ئادىرىسى مانا :
www.etiqad.com ئېتىقاد ئىسلام تورى
بۇ بېكەتنى بىرەر قۇر چۈشىنىپ بېقىڭە . شۇنچىلىك قايىل قىلارلىق شۇنچىلىك ئېنىق ئېيتىلغان پەن ۋە ئىسلامنىڭ بىلىملىرى مۇشۇ يەردە . يەنە نۇرغۇنلىغان سىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان . قايسىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ . داۋاملىق كۈندە 30 تىن 60 لارغىچە قوشىلىۋاتىدۇ .
بولدى تولا گەپ قىلماي قالغىنى ئۆزىڭىز كۆرۈۋېلىڭ .
www.etiqad.com چۈنكى مۇنبەردە كۆپ ئىسلامى تېمىلىرى ۋە بىلىملىرىنى يوللىيالمايمىز شۇڭا مۇشۇ بېكەت ئەڭ ياخشى توغرا تاللاش . بېكەتكە تەكلىپلەر بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ . ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن. قېرىنداشلار ئۈچۈن قۇرۇلغان بېكەت . ھەرگىز ھازىرقى بىر قىسىم ھەۋەسكارلارنىڭكىدەك پۇل ئۈچۈن ئەمەستۇر !(ئۆزۈمنىڭ شەخسى باياناتى ھە !)
باشقۇرغۇچىلارنىڭ چوقۇم تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن چۈنكى بۇ بىر ساۋابلىق ئىش!