كەلگىن يار
ئاۋايلاپ چەكتىم يار قەلبىڭ ئشگىنى ،
خوش بولدۇم بىغۇبار خۇشاللاقىڭدىن .
سەن بولغاچ كائىنات گۈزەلدۇر ماڭا ،
تارقىلار يۇرۇقلۇق سىنىڭ جىسمىڭدىن .
كۈزۈمنى ئاچقاندا ھەر كۈن تاڭ سەھەر ،
يۈرىمەن شامالدىن ھىدىڭنى كۈتۈپ .
تەنھالىق يۇقالدى تۈكۈلمەس يېشىم ،
چۈنكى سەن ئۆتكەچكە مىنى كۆيدۈرۈپ .
بەك ئاددى تۇيۇلدى ماڭا ھىكايەم ،
بۇ تۇرمۇش بولسىمۇ ئاددى بىر جەريان .
گەر سالساق تۇرمۇشتىن چىرايلىق بىر ئۆي ،
ئىككىمىز ياشساق قالمايتى ئارمان .
سۆيگۈدىن شاتلانسۇن يۈرەكلىرىمىز ،
يېنىمدىن كەتمىگىن سەن مىنى تاشلاپ .
سەن ئۈچۈن تەۋرەنمەس ئەقىدەم مەڭگۈ ،
پارلىسۇن سۆيگۈمىز مەڭگۈگە ياشناپ .
<< مەنبە ئۆز قەلمىم >> ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچلارنىڭ ، تىمامدىكى خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزتۈپ تەستىقلاپ بىرشىنى ئۈمۈت قىلمەن . مۇنبەرداشلارنىڭمۇ تىمامغا قارتا پىكىر تەكلىپ بىرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن ! ..... كۆپچلىككە رەھمەت ،
[ بۇ يازمىنىablikimدە2011-10-02 14:27قايتا تەھرىرلى ]