karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 250 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 523 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 567 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 280 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 395(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان يۈز نەسىھىتى


لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان يۈز نەسىھىتى


1-ئەي پەرزەنتىم،ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن .
2-بىرىگە نەسىھەت قىلساڭ،ئۇنىڭغا ئاۋال ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
3-سۆزنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
4-ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
5-ھەممىنىڭ ھەققى-ھوقوقىنى چۈشەن.
6-سىرىڭنى مەخپى تۇت.
7-دوستنى قىيىن كۈندە سىنا.
8-دوستنى پايدا ۋە زىيان ئالدىدا سىنا.
9-رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول.
10-دانا ۋە زېرەك ئادەمنى دوست قىلىپ تاللا.
11-ياخشى ئىشقا قاتتىق بېرىل.
12-ئايالغا قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە.
13-ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلەھەت قىل.
14-سۆزنى دەلىل-ئىسپات بىلەن سۆزلە.
15-ياشلىقىڭنى غەنىمەت بىل.
16- ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل.
17-دوست-بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىزلە.
18-دوست ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
19-ئاتا-ئانىنى غەنىمەت بىل.
20-ئۇستازنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل.
21-خىراجەتنى كىرىمگە قاراپ قىل.
22-ھەرقانداق ئىشتا خالىس يول تۇت.
23-ئالىجانابلىقنى ئۆزەڭگە شۇئار قىل.
24-مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل.
25-بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە،كۆز ۋە تېلىڭغا ئېھتىيات قىل.
26-كېيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
27-جامائەت بىلەن ھەمدەرد بول.
28-پەرزەنتىڭگە ئىلىم -ئەدەپ ئۈگەت .
29-ئىلاج بولسا،پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۈگەت.
30-ئاياق كىيىمنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كېي،يېشىشنى سول پۇتتىن باشلا.
31-بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ ،شۇ ئادەمگە لايىق قىل.
32-كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە،كۈندۈزى گەپ قىلساڭ  ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
33-ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
34-ئۆزەڭگە ياقمىغان نەرسىنى ،ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە.
35-ئاۋال ئويلاپ، چارە-تەدبىر تېپىپ ئىش قىل.
36-ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما.
37-خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
38-باشقىلاردىن ياخشىلىقنى تەمە قىلما.
39-پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە.
40-ھەرقانداق ئىشتا بىپەرۋا بولما.
41-قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما.
42-بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما.
43-ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاخچاق قىلما.
44-ئۆزەڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما.
45-ئاممىغا <بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە> يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش.
46-ھاجەتمەن كىشىلەرنى نا ئۈمۈد قالدۇرما.
47-ئۆتكەن جىدەلنى ئەسلىمە.
48-باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى ئۆز ياخشىلىغىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالما.
49-قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوست-دۈشمۈنۈڭگە بىلدۇرمە.
50-قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
51-ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما.
52-پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىما.
53-كۆپچىلىك ماڭغان بولسا ،سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
54-بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەككۈزمە.
55-ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كوچىلىما.
56-ئاغزىڭ ۋە بۇرنۇڭنىڭ سۈيىنى قاتتىق ئاۋاز بىلەن تاشلىما.
57-ئەسنىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ.
58-ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
59-بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
60-جىددى سۆزنى چاخچاققا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمە.
61-بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خېجىل قىلما.
62-قاش، كۆزۈڭ بىلەن چېقىمچىلىق قىلما.
63-ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
64-باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
65-ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوستلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما.
66-ئۆزۈڭنى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىما.
67-بالىلىرىڭ نىمە دىسە شۇنى قىلىۋەرمە.
68-تىلىڭنى ئايا.
69-سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتىما .
70-ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتىما.
71-ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن سۆھبەتداش بولما.
72-ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاش بىلەن يادلىما،ئۇنىڭ پايدىسى يوق.
73-ئىلاج بار ، بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما.
74-باشقىلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما.
75-ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما.
76-ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يىمە.
77-ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78-مال-دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزەڭنى قىيناپ يۈرمە.
79-كىمىكى ئۆزىنى تونۇمىسا ،سەن ئۇنى تونۇ.
80-ئاچچىغىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل.
81-ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى ئېيتما.
82-كۈن چىققۇچە ئۇخلىما.
83-ئادەملەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە.
84-چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ماڭما.
85-باشقىلار سۆزلىشىۋاتقاندا ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئارىلىشىۋالما.
86-بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
87-كوچىدا ئوڭ-سولۇڭغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمە، ئۇدۇل مېڭىپ،يەرگە قاراپ يۈر.
88-ئىلاج بار ياۋداق ئۇلاققا مىنمە.
89-مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھىرىڭنى چاچما.
90-مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
91-دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە.
92-مەھەللىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن ئولتۇرما.
93-پايدا -زىيان قوغلۇشۇپ ،ئابرويۇڭنى تۆكمە.
94-مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما.
95-ئادەملەرنىڭ ساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ.
96-جىدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر.
97-پىچاقسىز ،ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
98-ئۆزۈڭنى بەكمۇ خار قىلماسلىققا تىرىش.
99-ئۆزەڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇت.
100-گۇناھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش،ئۇلۇغلارغا خىزمەت، كىچىكلەرگە شەپقەت، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت، دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش، دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشىتىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىرەرىنىڭ مال-دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە.

 
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-02 00:02قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-01, 23:23
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەھمىيەتلىك ..
  • مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-01 22:03 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 129
    شۆھرەت: 799 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 794 سوم
    تۆھپە: 457 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 467 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 285(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ساقلىۋالدىم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت! كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققۇدەك ھېكمەتلەر ئىكەن.
    西部医院
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-02 19:38 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 184
    شۆھرەت: 925 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 954 سوم
    تۆھپە: 554 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 554 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 197(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ساقلىۋالدىم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت! كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققۇدەك ھېكمەتلەر ئىكەن.
    پەرزەنتلىرىمگىمۇ مۇشۇلار ئاساسىدا نەسىھەت قىلىپ تۇرسام بولغىدەك ، خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدىن چىقىرىپ ، بىر نۇسخا ساقلاپ، نەگە بارسام يادلاپ ، ھەم باشقىلارغىمۇ ئوقۇپ بېرىمەن .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 21:02 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر