ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى uyghurgholدە2011-10-02 23:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەبىر:
ياخشى تۇرۋاتامسىز، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟ ئاۋۋال ئەسىرىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىققىنىڭىزغا ۋە يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مۇجبۇل ئاكامنىڭ يازمىلىرىمۇ چوغلان مۇنبىرىگە يوللانغانىدى، كۆرمەي قالغاندەك تۇرىسىز. «تەڭرى» ۋە «ئاللاھ» كەلىمىلىرى ھەققىدىكى پىكرىڭىز ئويلىشىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك پىكىر بوپتۇ. ئەمما
«تەڭرى» سۆزىنى ئىسلام بىلەن ئالاقىسىز ئاتاق دېگەن گېپىڭىز تازا پۇت تىرەپ تۇرالمىسا كېرەك. چۈنكى ھەممە تىلدا ياراتقۇچىنىڭ بىر ئىسمى بولىدۇ، پارسلاردىكى «خۇدا» كەلىمىسىگە ئوخشاش، بىزدىكى «تەڭرى» سۆزىمۇ ئەنە شۇ خىل ئۇقۇم ئىپادىلىگۈچى سۆز. ئەنە ئۆزىڭىزمۇ «ھەق تەڭرىمىز» دەپ ئىشلىتىپسىزغۇ؟! شۇڭا بۇنى ئىسلام بىلەن باغلىساقمۇ ھەرگىز خاتا بولمىسا كېرەك.
قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!!!
ئالدى بىلەن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغىنىم ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، مەن تەكىتلىگەن نۇقتا بەك تولا خاتا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا سەل قاراپ ئۆتكۈزىۋەتكۈم كەلمەي قالدى.ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغۇر غول ئىنىم:
ئاللاھقا شۈكرى، ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ ھىكمىتى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك كېتىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ ياخشى تۇرىۋاتقانسىلەر؟ ئاللاھ زېھنىڭلارنى پايدىلىق ئىلىمگە ئوچۇق قىلسۇن! مەن راس چوغلان مۇنبىرىگە كىرمىگىلى ئايلار بولۇپ كەتتى. كىرىپ كۆرۈپ باقاي،يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرىڭىزغا تەشەككۈر!
نەچچە كۈندىن سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولمىغاچ باشلىرىم ئاغرىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن "ھەق رەببىمىز" دەپ يازىمەن دەپ "تەڭرىمىز" دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن. "تەڭرى" دېگەن بۇ گېپىڭىز كاللامدا ئەكىس سادا پەيدا قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك . ئۇ مەندىكى سەۋەنلىك، ئىنكاسىم تەھرىرلەندى. ئەمما، بۇ مېنڭ پىكرىمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇنداق بولمىسا ئىدى مەن قانداقسىگە ئۆز پىكرىمگە ئۆزۈم قارشى خەنجەر ئۇراي؟!
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ۋە سىزگە ئوخشاش قاراشتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئاتاپ
نىمە ئۈچۈن "تەڭرى" ياكى "خۇدا" دەپ ئاتىماستىن "ئاللاھ" دەپ ئاتىشىمىزنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىم ۋە دەلىللىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەن يەنىلا بۇ ھەقتىكى پىكرىمدە چىڭ تۇرىمەن.
تەڭرى ئاتالغۇسىنىڭ ئىسلامىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق دېيىشىمگە ئاساسىم: «تەڭرى» ئۇقۇمى بىر دىنىي كاتېگورىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپتىدائىي دىنىي ئىلاھىدۇر. بۇ ئىلاھ تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە ۋە موڭغۇل تىلىدا «تەڭرى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «تەڭرى» ئۇقۇمىمۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسلىرى ھەققىدىكى بىلىشىنىڭ گۆدەكلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. تاغ ئېتەكلىرى، كەڭ كەتكەن يايلاق -دالىلار، دەريا- كۆللەر... ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئەجدادلىرىنىڭ تىرىكچىلىك سەھنىسى بولغان. كېچىلىرى چىققان ئاي يۇلتۇزلار، كۈندۈزدىكى قۇياش، چىققان شاماللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇر پەيدا قىلغان كۆك بۇلارغا نىسبەتەن ئاجايىپ سىرلىق تۇيۇلغان. ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئىقتىدارسىزلىقىنى ھېس قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن كۆك ئاسمانغا سەجدە قىلىپ باش ئۇرىدىغان "كۆك تەڭرى" ئىتىقادى بار بولغان. مانا بۇ شامان دىنىدىكىلەرگە ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرىي «خۇدا ئۇرغۇر كاپىرلار ئاسماننى تەڭرى دەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەرقانداق نەرسىنى ___ ئىگىز تاغ، يوغان دەرەخنىمۇ تەڭرى دەيدۇ، ئۇلار يەنە بىلىملىك ئادەمنىمۇ <تەڭرىكان> دەپ ئاتايدۇ دەپ قەيت قىلغان. ( مەھمۇد كاشغەرىي: " تۈركىي تىللار دىۋانى"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىلى، 1-ئاي، 515-بەت) ئىنكاسىڭىزدا پارىسلارنىڭ ئاللاھنى "خۇدا" دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپنى ياخشى چىقاردىڭىز.
پارس تىلىدىكى "خۇدا" سۆزى ئىككى خىل ئىشلىتىلىدۇ. يەنى، بىرى ياراتقۇچىنىڭ نامى سۈپىتىدە، يەنە بىرى تۇرمۇشتا ئادەتتىكى باشلىقلارنى ئاتاشتا. بۇ سۆز ھەم خەلقىمىز ئارىسىدا بەك ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھالبۇكى، بىزنى ياراتقان ۋە رىزىق بەرگەن رەببىمىز ئاللاھ تائالاھ ھەرقانداق بىر شىرىكتىن پاكتۇر. بۇ خىل ئاتاش ئاللاھنىڭ نامىنى شىرىك بىلەن ئاتاشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بۇخىل ئاتاشنىمۇ قوللىمايمىز.( بۇنى ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز ئابدۇرەئوپ ئەپەندى دېگەن گەپ مېنىڭ گېپىم ئەمەس، مەن بۇ يەردە ئىلىمدىكى نوپۇزغا چوقۇنماقچى ئەمەس پەقەت سۆزۈمنى مەنبەگە، دەلىلگە ئىگە قىلىش يۈزسىدىن قىستۇرۇپ ئۆتتۈم) چۈنكى، ۋاقتى كەلگەندە شىرىكنىڭ گۇناھى قاتىللىقنىڭكىدىنمۇ ئېغىردۇر. ئاللاھ تائالاھ :"خالىسام بەندەمنىڭ شىرىكتىن باشقا ھەرقانداق گۇناھىنى كەچۈرىمەن" دېگەن. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر.
ئاللاھنى ئۆز ئىسىم سۈپەتلىرى بىلەن ئاتاشنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى نەقلى دەلىل: ئاللاھ تائالاھ مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ 17-سۈرىسى بەنى ئىسرائىلنىڭ 110-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: {"ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار(ھەممىسى ياخشىدۇر) چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار" دېگىن } بۇ ئايەت، ئاللاھنىڭ كالامى، بەندىنىڭ سۆزى ئەمەس. ئاللاھ بۇ ئايەت ئارقىلىق بىزنى ئۆزىنى گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرى ئارقىلىق ئاتاشقا بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى مۇسۇلمان بەندىسىگە پەرز. مۇشۇ نۇقتىدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىمىنى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغىنى بويىچە ئاتىغىنىمىز ئەۋزەلدۇر. تۆۋەندىكىلەر ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرى: 1-ئاللاھ-ھەقىقى ئىلاھ؛
2-ئەررەھمان-چەكسىز كۆيۈنگۈچى ئاللاھ؛
3-ئەررەھىم-ئاخىرەتتە كۆيۈنگۈچى ئاللاھ
4-ئەلمەلىك-پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ پادىشاھى ئاللاھ؛
5-ئەلقۇددۇس-بارلىق نوقساندىن پاك ئاللاھ:
6-ئەسسەلام -مۆئىمىنلەرگە سالامەتلىك بىغىشلىغۇچى ئاللاھ :
7-ئەلمۆئمىن-خاتىرجەم قىلغۇچى ئاللاھ :
8-ئەلمۇھەيمىن -شەيئىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ:
9-ئەلئەزىز-غالىپ كۈچلۈك ئاللاھ :
10-ئەلجەببار -قەھرى-غەزەپ قىلغۇچى ئاللاھ :
11-ئەلمۇتەككەببىر-بۈيۈكلۈكتە يىگانە ئاللاھ:
12-ئەلخالىق -ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھ :
13-ئەلبارىئ -يوقلىقتىن پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ :
14-ئەلمۇسەۋۋىرر-ھەممە نەرسىگە سۈرەت -شەكىل بەرگۈچى ئاللاھ :
15-ئەلغەففار-كەچۈرۈم قىلغۇچى ئاللاھ:
16-ئەلقەھھار-ھەممە شەيئىنى قەھىرسى بىلەن تىزگىنلەپ تۇرغۇچى ئاللاھ؛
17-ئەلۋەھھاب-كۆپلەپ ئاتا قىلىپ بەرگۈچى ئاللاھ :
18-ئەررەززاق-كۆپ رىزىق ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ؛
19-ئەلفەتتاھ-ھەقلىق بىلەن ھۆكۆم قىلغۇچى ئاللاھ :
20 -ئەلئەلىم-ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ :
21-ئەلقازىب-يىغقۇچى ئاللاھ :
22-ئەلباسىت-يايغۇچى ئاللاھ :
23-ئەلخافىز-چۆكۆرگۈچى ئاللاھ:
24-ئەررافىئ-يۇقىرى كۆتۆرگۈچى ئاللاھ:
25-ئەلمۇئىزز-ئەزىز قىلغۇچى ئاللاھ؛
26-ئەلمۇزىلل-خار قىلغۇچى ئاللاھ:
27-ئەسسەمىئ -ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھ؛
28-ئەلبەسىير-ھەممىنى كۆرۆپ تۇرغۇچى ئاللاھ :
29ئەلھەكىم -ھەك قىلغۇچ ھۆكۆم قىلغۇچى ئاللاھ:
30-ئەلئەدل -كامىل ئادالەت ئىگىسى ئاللاھ:
31-ئەللەتىف -كۆيۈنگۈچى ئاللاھ ؛
32-ئەلىخەبىير -ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ:
33-ئەلھەلىيىم -مۇلايىم ئاسىرغۇچى ئاللاھ:
34-ئەلئەزىيم -بۈيۈك كاتتا ئاللاھ:
35-ئەلغەفۇۋر -كەچۈرگۈچى ئاللاھ:
36-ئەششەكۇۋر -كۆپ مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ :
37-ئەلئەلىيي -ئالى ئاللاھ؛
38-ئەلكەبىير -شەۋكىتى بۈيۈك ئاللاھ:
39-ئەلھەفىيز -مۇھافىزەت قىلغۇچى ئاللاھ؛
40-ئەلمۇقىيت -قۇدىرەتلىك ،ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى ئاللاھ.
41-ئەلھەسىيب -ھەممە نەرسىگە كۇپايە ھىساب ئالغۇچى ئاللاھ:
42-ئەلجەلىيل -ناھايىتى كاتتا سۈپەتكە ئىگە ئاللاھ:
43-ئەلكەرىيم -ناھايىتى ئالىيجاناب ،سېخى ئاللاھ:
44-ئەررەقىيب -كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ :
45-ئەلمۇجىيب -ئىجابەت قىلغۇچى ئاللاھ؛
46-ئەلۋاسىئ -مەرھەمىتى كەڭ ئاللاھ:
47-ئەلھەكىيم -ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ:
48-ئەلۋەدۇد -دوست تۇتقۇچى ئاللاھ:
49-ئەلمەجىيد -ئەڭ ئۇلۇغ زات ئاللاھ:
50-ئەلبائىس -قوزغىغۇچى،تىرىلدۈرگۈچى ئاللاھ:
51-ئەششەھىيد -ھەممىنى كۆرۆپ تۇرغۇچى ئاللاھ:
52-ئەلھەقق -مەۋجۇتلىقى چەكسىز،ئەزەلى ئاللاھ:
53-ئەلۋەكىيل -ۋەكىل بولغۇچى ئاللاھ:
54-ئەلقەۋىيي -كۈچ قۇۋەتتە يۈكسەك ئاللاھ ؛
55-ئەلمەتىين -ناھايىتى مۇستەھكەم ئاللاھ؛
56-ئەلۋەلىيل -ناھايىتى يىقىن ئاللاھ:
57 -ئەلھەمىيد -مەدىيھەگە لايىق ئاللاھ:
58-ئەلمۇھىسىي -بارلىق شەيئىلەرنىڭ سانىنى مۇكەممەل ئىگىلىگۈچى ئاللاھ:
59-ئەلمۇبدىئ -يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ:
60-ئەلمۇئىيد -قايتا ئەسىلىگە كەلتۈرگۈچى ئاللاھ:
61 -ئەلمۇھيىي -تىرىلدۈرگۈچى ئاللاھ؛
62-ئەلمۇمىيت -جاننى ئالغۇچى ئاللاھ:
63-ئەلھەييۇ -مەڭگۈ ھايات ئاللاھ:
64-ئەلقەييۇۋم -بارلىق مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ؛
65-ئەلۋاجىيد -تاپقۇچى ئاللاھ:
66-ئەلماجىيد -ئالىيجاناب ئۇلۇغ ئاللاھ:
67-ئەلۋاھىد -يەككە-يىگانە ئاللاھ؛
68-ئەسسەمەد -بىھاجەت ئاللاھ:
69-ئەلقادىر -ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى ئاللاھ؛
70-ئەلمۇقتەدىر-ناھايىتى كۈچلۈك ئاللاھ:
71-ئەلمۇقەددىم -ئىلگىرى قىلغۇچى ئاللاھ:
72-ئەلمۇئەخخىر -كېچىكتۈرگۈچى ئاللاھ:
73-ئەلئەۋۋەل -ئەڭ ئەۋۋەل ئاللاھ:
74-ئەلئاخىر -مەڭگۈ مەۋجۇت ئاللاھ:
75-ئەززاھىر -ئاشكارە بولغۇچى ئاللاھ:
76-ئەلباتىن -مەخپى بولغۇچى ئاللاھ:
77-ئەلۋالىي -ئىگە بولغۇچى ئاللاھ:
78-ئەلمۇتەئال -بۈيۈك ئاللاھ:
79-ئەلبەرر -ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ:
80-ئەتتەۋۋاب -تۆۋبىنى بەك قۇبۇل قىلغۇچى ئاللاھ:
81-ئەلمۇنتەقىم -ئىنتىقام ئالغۇچى ئاللاھ:
82-ئەلئەفۇۋۋ -كەچۈرۈم قىلغۇچى ئاللاھ:
83-ئەررەئۇف -كۆيۈمچان ئاللاھ:
84-مالىكۇلمۇلىكى-شاھلار -شاھى ئاللاھ:
85-زۇلجەلالى-ۋەلئىكرام-ئۇلۇغلۇق بۈيۈكلۈك ئىگىسى ئاللاھ:
86-ئەلمۇقىسىت -ئادىل ھەققانىيەتچى ئاللاھ:
87-ئەلجامىئۇ -جۇغلىغۇچى ئاللاھ؛
88-ئەلغەنىيي -ناھايىىتى باي ئاللاھ:
89-ئەلمۇغىنىي -باي قىلغۇچى ئاللاھ:
90-ئەلمانىئۇ-تۇسقۇچى ئاللاھ:
91-ئەززارر-دۈشمەنلىرىگە ئازاپ-ئۇقۇبەت يەتكۈزگۈچى ئاللاھ:
92-ئەننافىئ-پايدا يەتكۈزگۈچى ئاللاھ؛
93-ئەننۇۋر-نۇرلۇق ئاللاھ:
94 - ئەلھادىي -ھىدايەت قىلغۇچى ئاللاھ:
95-ئەلبەدىيئ -ئۆرنەكسىز يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ:
96-ئەباقىي -مەڭگۈ باقى ئاللاھ:
97-ئەلۋارىس -يوقالماس ۋارىس ئاللاھ:
98-ئەررەشىيد -توغرا يولغا يىتەكلىگۈچى ئاللاھ:
99-ئەسسەبۇۋر-ناھايىتى سەبىرچان ئاللاھ؛ سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە بولغاندا خىرىستىئانلارنىڭ "گاد " دېگەن گېپىمۇ ئاللاھنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ ئاللاھنى ئاللاھ دەيدىكەنكى ئەسلىدىكى " ئېيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئوغلى" دەپ شىرىك كەلتۈرگەن چېغىدىكىدەك بىزنىڭ تىلىمىزدا "گاد " دەيمىز دەپ تۇرىۋالمايدىكەن. دىنىي ئاتالغۇلاردا مىللەت ئۇقۇمىنى بەك كۆتۈرۈپ چىقمىساقمىكىن دەيمەن. چۈنكى، "قۇرئان كەرىم" ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان، ئاللاھنىڭ "قۇرئان كەرىمنى" ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىشىدىمۇ بىر ھىكمەت بار. بىز ھەم ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىپ ناماز ئوقىغاندىمۇ سۈرىلەرنى ئەرەب تىلىدا ئوقۇيمىز، ياكى "ئاللاھۇ ئەكبەر" دېگەننىڭ ئورنىغا "ئاللاھ بۈيۈكتۇر" دەپ ئىشلەتمەيمىز، مەنىسىنى بولسا دىلىمىزدا بىلىمىز. پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قېرىنداش، رەببىمىز بىر، مۇقەددەس كىتابىمىز بىر، قىبلىمىز بىر... ئىسلام مانا مۇشۇنداق بۈيۈك بىرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەم: "مىللەتچىلىك قىلغانلار بىزدىن ئەمەس" دېگەنىكەن. مەن بىر مۇسۇلمان قىرغىز، ئىسلام نۇرى ئۈستىگە تۇغۇلدۇم،مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىدە ئۆسۈپ يىتىلدىم. ماڭا نىسبەتەن ئاللاھ بىر ئۇنىڭ نامى پەقەت 99 لا. ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تونىمايمەن. مەن بۇ ئىنكاسنى خاس سىزگە قارىتىپ يازمىدىم. ئاللاھنىڭ نامىنى توغرا ئاتاش ھەققىدە ئۇدۇلۇمغا كەلگەن جايدا ئۆز پىكرىمدە تۇرۇپ، خاتاغا تۈزىتىش بېرىپ كەلگەن ئىدىم، بۈگۈن ماقالىڭىز شاراپىتىدىن بۇ گەپ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى. بىزنىڭ تىلىمىز شۇنچە يۇمشاق. "ئاللاھ " كەلىمىسىنى ھەممىمىز توغرا تەلەپپۇز قىلالايمىز شۇنداققۇ؟! شۇنداق بولغان ئىكەن توغرا ئاتايلى! قېنى بىر تەلەپپۇز قىلىپ بېقىڭچۇ! "ئاللاھ !" دەپ. ئەگەر خالىمىسىڭىز 99 ئىسىم ئىچىدىكى باشقا بىرىنى ئاتىسىڭىز ھەم بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىمكانىيەت تۇرۇپ نىمىشقا ئاللاھ بۇيرىغاننى قىلمايمىزيۇ باشقا بىر ئىسىمنى ئۇلۇغ ئاللاھىمىزنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىمىز؟! بەلكىم بۇ ئىسىم مەسىلىسىنى بەك تەكىتلىسەم بىزارلىق ھېس قىلىپ قالغانسىلەر. ئەمما، ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر مەن سىزنى بىر چىرايلىق ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىڭىز بىلەن ئاتىماستىن يوقلا بىر گەپلەر بىلەن ئاتىسام ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ يوق؟! ھېچبولمىدى دېگەندىمۇ ماڭا بۇ ئسىم قويۇشۇپ بەرگەنمۇ؟! دېگۈڭىز كېلەر ھەقاچان!؟ ئەمىسە سوراپ باقاي، ئاللاھقا بىز ئىسىم قويۇشۇپ بەرگەنمۇ؟ ھەممىمىزنىڭ جاۋابى بىردەك. ـــ ياق. ئەمىسە توغرا ئاتاشلا بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىز ئىككىنچىسى يوق. مەن دەيدىغاننى ئاساسەن دەپ بولدۇم. مېنىڭ ئۈستۈمدىكى بىلگىنىمنى يەتكۈزۈش بۇرچى ئادا بولدى، ئەمدىكى تاللاش ئۆزىڭىزدە. مېنىڭ ئەمدى بۇ ھەقتە تالاش تارتىش قىلغۇم يوق. گەپ تامام، ۋەسسالام. [ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-03 19:06قايتا تەھرىرلىدى ]