karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 486 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 300 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 164 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شەھۋەت كوچىسى  (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا)



زەر قۇياش جەننەتكە چاچقان كەبى نۇر،

چاچىدۇ بۇ يەرگە كۈلۈپ بىر تاتلىق.

ۋە لېكىن ھەر قەدەم ھەسىرەت چېكىسەن،

قاپلايدۇ دىلىڭنى لىققىدە ئاچچىق.

 

جايلاشقان قاۋاقلار، مەيخانا بۇندا،

ياڭرايدۇ مۇزىكا-چىللار چايخانا.

ئۇچىرايدۇ ھەر يەردە ئارامگاھ دېگەن،

جايلاشقان دوقمۇشتا ياتاقلار يانا.

 


مارايدۇ دېرىزە، چىللايدۇ ئىشىك،

قارايدۇ شەھۋەتتە جادۇگەر كۆزلەر.

تورايدۇ يولوڭنى «گۈل يۈزلۈك قىزلار»،

يامرايدۇ ئېغىزىدىن ھاياسىز سۆزلەر.

 


ھايا يوق بۇ يەردە، ۋىجدان ھەم غورور،

كېلىشكەن ھەر يەردىن خېرىدار ئىزدەپ.

دەسمىسى ئىپپىتى، «قىز» دېگەن نامى،

يۈرمەيدۇ دوخمۇشتا غالتەكنى سۆرەپ.

 


كەلمەيدۇ يادىغا ئاتا-ئانىسى،

ئۆيىدە-بۆشۈكتە قالغان بالىسى.

نوموستا ئۆرتىنىپ ياش تۆكسە ئېرى،

كىرمەيدۇ قۇلاققا ئۇنىڭ نالىسى،

 


تونۇيدۇ ۋە پەقەت، پەقەتلا پۇلنى،

ئىستەيدۇ كۆرۈشنى راھەت-پاراغەت.

پۇل بەرسە خېرىدار ھەتتا ئىت-مۈشۈك،

كىرمەيدۇ خىيالغا ئۆلۈم-قىيامەت.

 


بەئەينى بۇ كوچا بىر قايناق بازار،

سېتىلار بۇ يەردە ئىلاھدىن بۆلەك.

تاپقىلى بولمايدۇ لېكىن يىپ-يىڭنە،

دەپسەندە ئار-نوموس، تىزىقلىق يۈرەك.

 


بۇ كوچا «ئاياللار تاللا بازىرى»،

تىزىقلىق ئانىلار، نارىسىدە قىزلار.

كېلىدۇ سەپ تارتىپ قىران يىگىتلەر،

خېرىدار ۋە يەنە ئاق ساقال ئەرلەر.

 


سېتىلار بۇ يەردە ئىنسانىي غورور،

سېتىلار شەرم-ھايا، سېتىلار ۋىجدان.

سېتىلار بۆشۈك ھەم ئەللەي ناخشىسى،

مىللەتنىڭ روھى ھەم قالمايدۇ ئامان.

 


بۇ يەردە قىزلارنىڭ يوقتۇر قىممىتى،

ۋە لېكىن سانايدۇ ئۆزىنى ھاتەم.

چىرىتكەن جىسمىنى ئىپلاس-رەزىللىك،

«ئانا»لىق نامىغا چېلىنار ماتەم.

 


خېرىدار كۈتۈشكەن «نازىنىن قىزلار»،

قايرىيدۇ مىلەڭزە، ئاچىدۇ ئىشىك.

ئاقساقال بوۋايلار، مويسىپىت ئەرلەر،

دېمەيدۇ ئۇلارنى نەۋرەمدەك كىچىك.

 


قىزلارنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىل،

قىزىرىش سوغاقتىن، ئەمەس نوموستىن.

بەزىسى قانغۇچە ئىچسە شارابنى،

بەزىسى بەڭ چېكىپ مەس بولار بۇستىن.

 


دەيدىكەن بەزىلەر: «چۈشەنگىن توغرا،

كەلمەسكە بۇ يەرگە ئۇلار ئامالسىز.

بەزىسى نىكاھتا بىتەلەي بولسا،

بەزىسى بىچارە، پۇلى يوق ھالسىز».

 


قاراپ باق دالىغا، ئېتىزغا، باغقا،

قۇچاقتا بالىسى، ئىشلەيدۇ قىزلار.

تورلاشقان كۆزلىرى، بېلى مۈكچەيگەن،

تاماسىز بىر ئۆينى باقار ئانىلار.

 


كىم تونوش بۇ يەردە، كىملەر ناتونوش،

كەلگەنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتەر پەرۋاسىز.

ئۇچىراشسا ناۋادا دادا ۋە بالا،

تۇرىشار پارقىرىتىپ كۆزىنى نۇرسىز.

 


ئۇياقتىن بۇ ياققا ئۆتەر مۇكىدەك،

يانچۇقچى، قىمارۋاز، ھۈنەرۋەن، دېھقان.

قىزىيدۇ بىردەمدە بېلەتسىز كىنو،

مۇشت-پەشۋا دەستىدىن ئاغزى-بۇرنى قان.

 


تۇرىدۇ بەزىسى ئۈچ-تۆت سائەتلەپ،

پارقىرتىپ كۆزىنى ئوغرى مۈشۈكتەك.

قارايدۇ بەزىسى ئۆتكەن-كەچكەنگە،

ھۈرپۈيۈپ سۆڭەكتىن قىزغانغان ئىتتەك.

 


يوق بۇندا بىرەرمۇ كىتاپ يايمىسى،

ۋە لېكىن ھەر يەردە «زىيالى» لىپ-لىق.

ئايرىلغان ئۆيىدىن بىر ھەپتىلىككە،

بەزىسى بىر پەسىل ياكى بىر يىللىق.

 


مىللەتنىڭ تەقدىرى-ئۈمىدى ئۇلار،

باقىدۇ سەبىيلەر ئۇلارغا تاتلىق.

باغلىغان خەلقىم ئىشەنچنى ئاڭا،

قاپلايدۇ روھى ھەم جىسمىنى شاتلىق.

 


ماكانى ئۇلارنىڭ «مۇئەللىملەر يۇرتى»،

ئىشىكى ئالدىغا ماركا ئېسىقلىق.

ۋە لېكىن ئۇلارنىڭ باسقان ئىزىدىن،

زۇلمەتنىڭ، دوزاقنىڭ يولى ئېچىقلىق.

 


خېرىدار ئەمەسسەن ئۆتمەيسەن خوشال،

چۇلغايدۇ دىلىڭنى ھەسىرەتلىك خىيال.

نوموستا قارايسەن تۆۋەنگە-پەسكە،

غوروروڭ جىسمىڭنى قىلغاچقا قامال.

 


چىللىسا نازىنىن قۇچاققا سېنى،

ۋىجداننى قوغداشقا يوقتۇر ھەم ئىمكان.

بۇ يەردە قانۇن يوق، باردۇر قارا قول،

ئېتىقاد-ئىمانىڭ بولىدۇ پايخان.

 


كۆرگەنلەر لەنەتلەر ياغدۇرۇپ ساڭا،

قارايدۇ يات كۆزدە مەسخىرە ئارىلاش.

گۇناھىڭ ئۇلارچە بۇ يەردىن ئۆتۈش،

مۈمكىنسىز سەن ئۈچۈن ئۆزەڭنى ئاقلاش.

 


نوموسقا چىدىماي ماڭىسەن بەزەن،

بۇ يەرگە كەلگەندە چوڭ يولنى بويلاپ.

ئۆتكەندە يېنىڭدىن ماشىنا تېز-تېز،

تىترەيسەن ھەر مىنۇت ئۆلۈمنى ئويلاپ.

 


ناۋادا بىلمەستىن كىرسەڭ سەن ئەگەر،

قايتارغا يولوڭ يوق، بولىدۇ جىدەل

ئۇلارغا ھېچ گەپ يوق، قانۇن ئالدىدا،

ساقچىغا تۆلەيسەن يەنە كۆپ بەدەل.

 


بۇ يەردە ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۆزگىچە،

يوق بۇندا شەرم-ھايا» دېگەن ئاتالغۇ.

قوزغايۇدۇ ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ئىبارە،

روھىڭدا، جىسمىڭدا شەھۋانىي تۇيغۇ.

 


ئەسلىدە بۇ يەرنىڭ چىرايلىق نامى،

ئىرپاننىڭ كوچىسى-مائارىپ كوچىسى.

ۋە لېكىن قاپلىغاچ شەھۋەت-رەزىللىك،

بوپقالدى بەئەينى شەھۋەت كوچىسى.

مەنبە: ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-03 03:06قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-03, 03:01
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئىجادىيەت
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-02 17:25 |
    be42late
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 190
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 154
    شۆھرەت: 877 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 513 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماددى بايلىق بىلەن مەنىۋى بايىق بىرلەشكەندىلا، مۇنۇ شەھۋەت كوچىسىدىن قۇتىلالايمىز.. بولۇپمۇ مەنىۋى بايلىق (ئىسلام بولغان مۇھەببەت) بېيىغانسىرى. مۇنۇ پاسقىنچىلىقلار بىزدىن شۇقەدەر يىراقلايدۇ،،،،،،،
    تېما ئىگىسى ئەجرىڭىزگە رەھمەت.. 
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ھەق گەپ قىلى ..
  • 西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 13:51 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 101
    شۆھرەت: 599 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 594 سوم
    تۆھپە: 342 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 347 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى be42lateدە2011-10-03 13:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ماددى بايلىق بىلەن مەنىۋى بايىق بىرلەشكەندىلا، مۇنۇ شەھۋەت كوچىسىدىن قۇتىلالايمىز.. بولۇپمۇ مەنىۋى بايلىق (ئىسلام بولغان مۇھەببەت) بېيىغانسىرى. مۇنۇ پاسقىنچىلىقلار بىزدىن شۇقەدەر يىراقلايدۇ،،،،،،،
    تېما ئىگىسى ئەجرىڭىزگە رەھمەت.. 

     گەپلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 20:00 |
    edirhan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 72
    شۆھرەت: 402 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 402 سوم
    تۆھپە: 232 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 235 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئا...ھا! ماناقمۇ كاتتا شېئىر بولىدىكەن... مەن ئادەتتە شېئېرىيەتكە ئانچە قىزىقمىغاچقا ، كۆرۈپمۇ كەتمەيتتىم...بۈگۈن بۇ نەزمىدىن ھەقىقەتەن بىر ئەسىرلىك ھېكايىنى كۆردۇم... تېما ئىگىسىگە رەھمەت! قەلىمىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللاھ يەنىمۇ كۆپ بەركەتلەر ئاتا قىلسۇن!!!
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 01:10 |
    iparhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 383
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 237
    شۆھرەت: 1200 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1210 سوم
    تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 717 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى ئىپادىلەپسىز ، ئىلھامىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولغاي ...
    پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 22:08 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 162
    شۆھرەت: 815 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 844 سوم
    تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 488 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كەلگۇسى ئەۋلادلارنى مۇستەھكەم ئېتىقادلىق قىلىپ ،تەربىيىلەپ چىقىش قەرزىمىز ھەم پەرزىمىز . شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۇسى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا . بىزنىڭ قانداق تەربىيىلىشىمىز ھەم يېتەكلىشىمىزدە قالدى .
    西部医院
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 20:58 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 300 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
    تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 164 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىلھام مەدەتتىن كېلىدۇ. مەدەت قانچە كۆپ بولسا ئىلھام شۇنچە زور بولغاي!
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:22 |
    tohotur
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 690
    شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
    تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1536(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتىللا ئاكا ھارماڭ جۇمۇ ھارماڭ ، ھېلكى  سىز دىگەن كوچىدا ئۇچۇرۇشۇپ قالىدىغان ئاتا بالا .
    ئەي ئاللاھىم ئۆزەڭ ساقلىغىن بۇ رەسۋاچىلىقتىن ،
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 22:04 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر