karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 169 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 363 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 407 سوم
تۆھپە: 196 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 197 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 312(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دانا بىلەن نادان ھېكايىسى

        دانا بلەن نادان ھېكايىسى

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ بىر ۋەزىرى بار بۇلۇپ، ئۇ دانىشمەن ئىكەن. ئۇ ۋەزىر شۇنداق ئەقىللىق ئىكەنكى، ئۇنىڭ دىگەنلىرى بولماي قالمايدىكەن. ھېچ ئىش نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇنىڭ تەدبىرلىك ئىكەنلىكى مەشھۇر بولۇپ، دۇشمەنلەر بۇ مەملىكەتكە قەست قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن پادىشا ئۇنى ياخشى كۆرۇپ، ھەممە دانىشمەن ۋەزىرلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدىكەن ۋە ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقماي، دىگىنى بويىچە ئىش قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ پادىشاھنىڭ مەملىكىتى مۇستەھكەملىنىپ، شۆھرىتى كۈندىن- كۈنگە ئېشىپتۇ. مەملىكەت رۇناق تېپىپ، خەلقى بېيىپتۇ. بىر قانچە مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، باج- خىراجەت تۆلەپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بولسا، ۋەزىردىن كۆڭلى سۆيۈنۈپ، ئىككىسى قان- قېرىنداشتەك بولۇپ كېتىپتۇ. مەملىكەت خەلقى ھەم ۋەزىرنى مەدھىيىلەپ، ياخشى سۆزلىرىنى قىلىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ھال باشقا ۋەزىر، دانىشمەنلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ، ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپتۇ- دە، ھەسەت ئوتى پەلەككە ئۆرلەپ، دانىشمەن ۋەزىرنى يوقاتماقچى بولۇشۇپتۇ. ئولار پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ ئەرز قىلىپ:

- ئى پادىشاھى ئالەم، بۈگۈن بىز سىزنىڭ بەرگەن تۈزىڭىزنىڭ ھەققى ئۈچۈن بىر سۈيىقەستنى مەلۇم قىلماقچىمىز. سىزنىڭ ئىشەنگەن ئادىمىڭىز بولسا، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزدۇر، دانىشمەن ۋەزىرنى سىز ياخشى كۆرگەنسېرى ئۇنىڭ ئابرۇيى ئېشىپ كېتىپ، سىزنى كۆزگە ئىلماس بولدى، پوقرالار ئۇنى پادىشاھ قىلىمىز دەۋاتىدۇ، ئۇمۇ سىز بىلەن تەخت تالىشىپ، ئورنىڭىزغا پادىشاھ بولۇش غەرىزىدە يۈرمەكتە، سىز بۇنىڭغا تەدبىر قىلمىسىڭىز، ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاياغ ئاستىدا خورلۇققا قالىمىز،- دېيىشىپتۇ.

پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ تەھقىق قىلمايلا دانىشمەن ۋەزىرنى شۇئان زىندانغا بۇيرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ھەسەتخور ئەمەلدارلار دەسسەپ، پادىشاھنى ماختاۋېرىپ، ئۇنى يولدىن چىقىرىپتۇ. پادىشاھ ئەيش- ئىشرەتكە بېرىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ خەۋەرلەر ھەممە مەملىكەتلەرگە تارقىلىپ، قول ئاستىدىكى مەملىكەتلەر ئىتائەتتىن باش تارتىپ، باج- خىراجەت بەرمەپتۇ. دۆلەت ئاجىزلىشىپ، زاۋاللىققا يۈزلىنىپتۇ. دانىشمەن ۋەزىرنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن بىر قانچە رەقىبلەر بىرلىشىپ، مەملىكەتكە تاجاۋۇز قىلىپ، قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ.

پادىشاھ بۇنى كۆرۇپ قاتتىق چۆچۈپ، دۆلەت ئەركانلىرىنى يىغىپ كىڭەش قىپتۇ، ئەمما ھېچكىم مەسلىھەت بېرەلمەپتۇ. پادىشاھ غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر دانىشمەن كىشى مەلۇم قىلىپ:

- ئى پادىشاھى ئالەم، بۇنىڭدەك كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، زىنداندىكى دانىشمەن ۋەزىردىن باشقا كىشى تەدبىر قىلالمايدۇ. بىزنى ئۆلتۈرگىنىڭىزمۇ بىكار،- دەپتۇ.

پادىشاھنىڭ ھەم كۆڭلىدە بار ئىكەن، ئەمما قىلغان ھۆكمىدىن يېنىشقا ئامالسىز تۇرغان ئىكەن. دەرھال زىندانغا بېرىپ دانىشمەن ۋەزىرنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلار زىندانغا بارسا، دانىشمەن ۋەزىر زىنداندىن چىققىلى ئۇنىماي، «نادانغا ياخشىلىق قىلىمەن دېگۈچە زىنداندا ياتقىنىم تۈزۈك» دەپتۇ. پادىشاھ ھەر قانداق قىلىپمۇ ۋەزىرنى زىنداندىن چىقىرالماي، دانىشمەنلەرنى توپلاپ، ئۇلاردىن:

- قانداق قىلساق ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ؟- دەپ مەسلىھەت سۇراپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى:

- ئى پادىشاھى ئالەم، دانىشمەن ۋەزىر بولسا، تەڭداشسىز دانادۇر، ئىلىم- بىلىمدە كامالەت ئىگىسىدۇر. بىلم ئەھلى ئۈمىدۋار كېلىدۇ، يىراقنى كۆرەلەيدۇ. ئۆزىگە كەلگەن پىشكەللىكنى ئۆتكۈنچى ھادىسە دەپ بىلىدۇ. ياخشى- يامان كۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسان بېشىدا گويا پادىشاھلارنىڭ چېكىسىدىكى نوھدەك تەۋرەپ تۇرىدۇ، تاج- نوھمۇ تەۋرەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كونىسى بىلەن يېڭىسى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئەقىلنى بولسا، ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەنسەپ- ئەمەل دېگەنلەرگە ھەركىمنى تەيىنلىسە بولىۋېرىدۇ. ھوقۇق گاچىغىمۇ زۇۋان چىقىرىدۇ. دانىشمەنلەرنى بولسا، تەيىنلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تارتىۋالغىلى بولمايدۇ. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىسا نىمە پايدا» دەپ، دانالاردىن پايدىلىنىشنى بىلىش كىرەك. مېنىڭچە، دانىشمەن ۋەزىرنى زىنداندىن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر قىلىش كېرەك. دانالار بىلەن نادانلار بىر- بىرى بىلەن گويا ئوت بىلەن سۇدەك ھەرگىز چىقىشالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆمرىدە مەكتەپ كۆرمىگەن، بىلىمسىز، قارا قورساق ئادەمدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېشىغا ئەكىرىپ قويۇش لازىم. شۇ چاغدا ئىككىسى قاملىشالماي ۋەزىر ئۆزلىكىدىن زىنداندىن چىقىشنى تەلەپ تەلەپ قىلىدۇ،- دەپتۇ.

پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۇپ، پۈتۈن ئۆمرىدە شەھەر كۆرمىگەن، جاڭگالدا يۈرۈپ، كۈل كۆمەچ يەپ ئۆمرى ئۆتكەن بىر مالچىنى تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى دانىشمەن ۋەزىرنىڭ يېنىغا ئەكىرىپ قويۇپتۇ. بۇلار بىر كېچىنى زىنداندا بىرگە ئۆتكۈزۈپتۇ. تاڭ ئاتقاندا ۋەزىر بامدات نامازنى ئوقۇۋېتىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» دەپ ئوڭ، سول مۈرىسىگە قاراپ سالام بەرگىلى تۇرغاندا، ھېلىقى مالچى ۋەزىرگە قاراپ يىغلاپ كىتىپتۇ. ۋەزىر كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم مىنىڭ ئىبادىتىمنى كۆرۈپ دىلى ئېرىپ يىغلاپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىپ مىھرىبانلىق قىپتۇ. ئەمما گەپ- سۆز قىلماپتۇ.

پېشىن ۋاقتى كەپتۇ. ۋەزىر پېشىن نامازنى ئۆتەپ، يەنە ھېلىقىدەك مۈرىسىگەقاراپ سالام بەرگەندە مالچى ئۆزىنى توختىتالماي ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ۋەزىر قاتتىق تەسىرلىنىپ، نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن:

- ئى بۇرادەر، سېنىڭ دىلىڭ ناھايىتى يۇمشاق ئىكەن. مەن نامازغا تۇرغاندا يىغلاپ ئۆزۈڭنى توختىتالماي قالدىڭ، كەل، ساڭا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قوياي،- دەپتۇ.

مالچى دەپتۇكى:

- مەن سىنىڭ نامازلىرىڭغا يىغلىمىدىم. ھەر قېتىم ناماز ئوقۇغاندا ئىككى مۈرەڭگە قاراپ سالام بەرسەڭ، مۈرەڭدىن ھالقىپ دۈمبەڭگە چۈشكەن ساقاللىرىڭ، جاڭگالدا قالغان بىر ئۆچكەمنى ئەسلىتىۋەتتى. مىنىڭ بىر ئۆچكەم بار ئىدى، بىر كۆمەچ كۆمسەم تېڭىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، تېڭىنى ئۆزۈم يەپ چوڭ قىلغان ئىدىم. سىنىڭ ساقاللىرىڭنىڭ سالام بەرگەندە مۈرەڭدىن ھالقىپ دۈمبەڭگە چۈشكەن ۋاقتى ھېلىقى ئۆچكەمنىڭ ساقىلىغا بەك ئوخشاپ كېتىدىكەن. سېنىڭ ئىبادەت، ناماز دىگەنلىرىڭنى ئۆچكەمنىڭ بىر تال ساقىلىغا تېگىشمەيمەن. نامىزىڭنى ماڭا ئۆگىتىمەن دىمەي، نەگە ئاپارساڭ ئاپار.

دانا ۋەزىر بۇنى ئاڭلاپ، « نادان كىشى مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغۇچە ئالەمدە ياشىمىغان ياخشىكەن. خاپىلىق تارتساممۇ بۇ ئادەمدىن ئايرىلىدىغان ئىش بولسا، يەنىلا زىنداندىن چىقىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاي» دەپ ئويلاپ، بېرىپ، زىنداننىڭ ئىشىكىنى مۇشتلاپتۇ. زىندانبەنلەر كېلىپ ۋەزىرنى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئاپىرىپتۇ. ۋەزىر تەدبىر قىلىپ دۈشمەننى چېكىندۈرۈپ، مەملىكەتنى خاتىرجەم قىپتۇ.

 

[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-03 13:51قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-03, 13:51
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-03 13:04 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 469 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 464 سوم
    تۆھپە: 268 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 273 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 170(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي  قورساق، ئاۋۇ نادان مالچىنىڭ گېپىنى ئوقۇپ كۈلۈپ تېلىپ قالاي دېدىم جۇمۇ. بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
    西部医院
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 19:24 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز