karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 170 قېتىم كۆرۈلدى
izturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 11 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 11 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى  

خۇرشىدە ئابلىمىت
  
ئىلاۋە: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلار قوشۇنى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. مەن بۇ ماقالەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرىنىڭ 30 يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، يازغان ئىلىمىي ماقالىلىرى، ئەسەرلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.   
 
  بۇ دۇنيا يارىلىشىدىنلا ئەرلەر ۋە ئاياللار بىلەنلا بىر پۈتۈنلۈككە، چوڭقۇر ۋە ئاجايىپ مەناغا ئىگە بولۇپ، ئاياللارسىز بۇ دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش، بۇ دۇنيانى مەۋجۇت دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئاياللار تارىختىن بۇيان زىممىسىدىكى يۈك قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ، ئاياللىق بۇرچىنى، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان. دۆلەت، مىللەت ۋە ئائىلە ئۈچۈن قۇربان بەرگەن. شۇڭا، ئاياللار ئائىلىنىڭ ئانىسى، مىللەتنىڭ ئانىسى، جەمئىيەتنىڭ ئانىسى ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئانىسى، دەپ شۆھرەتلەنگەن.
 ئۇزاق تارىخىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختا ئۆزىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن چېلىقارلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى ئۆتكەن باتىسقان (ئوماي) ئانا، جىۋا (مىلادى 4–ئەسىردە كۈسەندە ئۆتكەن)، سىمىدا (10–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن) شاۋگۇەنيىن (11–ئەسىردە ئۆتكەن) شاۋ سى سى (12–ئەسىردە ئۆتكەن)، شى لەن لەن باخشى (14–ئەسىردە قۇچۇدا ئۆتكەن)، كۈن سىۋىنچى قىزى (13–ئەسىردە ئۆتكەن)، ئاماننىسا (15–ئەسىردە يەكەندە ئۆتكەن)، زۇلەيخا بېگىم (يەكەندە ئۆتكەن)، زۇلفىيە كاشىغەرى، بى بى مەسۇم ئەزىزەم (18–ئەسىردە يەكەندە ئۆتكەن)، مۇتىرىبە (19–ئەسىردە پەرغانىدە ئۆتكەن)، نۇزۇگۇم (19–ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن)، ئاخۇن ئاغىچا (19–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن)، ھەمرا بۈۋى (19–ئەسىردە ئاتۇشتا ئۆتكەن)، زۇمرەت (19–ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن)، قەشقەر قىزى ۋە ئايشەم بۈۋى، مېھرىبانۇ ۋاڭ (19–ئەسىردە غۇلجىدا ۋە قۇمۇلدا ئۆتكەن)، راھىلە (19-، 20–ئەسىردە ئاتۇشتا ئۆتكەن)، رىزۋانگۈل (20–ئەسىردە غۇلجىدا ئۆتكەن)... قاتارلىق ئـانـىـلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە ئەجىر ئەمگەكلىرى بىلەن قەلب تۆرىمىزدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان ئىدى.  
  
  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 دىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاياللىرى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەلىرىدە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ دۆلەتكە ۋە مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەم ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش چاقىرىقىغا بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولدى.   
60  يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ئۆز ساھەسىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئىستىداتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلار ئۆز ساھەسى بۇيىچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى نەشردىن چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىرىگە قاراپ، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان غايەت زور بىر كۈچ، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇلار پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى ئۆزىنىڭ ئىلىمىي نەتىجىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، يېڭى مەزمۇن، يېڭى سەھىپە يارىتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئەدەبىياتىغا، تۇرمۇشىغا ۋە تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم ئايال تۆھپىكارلاردىن: ئامىنە غاپپار، سائادەت ئىمىن، مەريەم سەپەربايىۋا، نۇرىيە ئېلاخۇن، ھۆرنىسا تۇردى، رىسالەت ھەسەن، تاجىگۈل ئابدۇۋايىت، مېھرىنىسا ئابلىمىت، خاسىيەت ھاجىۋا، ھەجەر قادىر، رۇقىيە ھاجى، تۇرسۇنئاي ساقىم، ھەجەر سايىتىۋا، ئايشەم ئەخمەت، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، تۇرسۇنئاي يۇنۇس، ئاتىكەم زەمىرى، رىسالەت ناسىر، ئايشەم ھوشۇر، تاجىگۈل مۇھەممەد، مەريەم مەمتىمىن، خالىدە ئىسرائىل، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، دىلبەر قېيۇم، ھەنىپە ئابدۇللا، پەرىدە ئەمىن، سارەم ئىبراھىم، مىنەۋەر ھەبىبۇللانۇر، چىمەنگۈل ئاۋۇت، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، ئايسىمە ئىدرىس، غەلىبە مۇھەممەد، قۇندۇز مۇھەممەد، گۈلباھار ناسىر، رىسالەت مەردان، رەيھان قادىر، رەيھانگۈل مامۇت، بېلىقىز سۇلايمان، ئامىنە ئابدۇرېشىت، مۇھەببەت قاسىم، ئاسىمە نىياز، راھىلە داۋۇت، مەھبۇبە رەھىم، ۋېنىرا مۇساجان، ساھىبجامال دۆلەت، پاتىگۈل ماخمۇت، چىمەن نەجمىدىن، مۇنىرە ئابلىمىت، چىمەن يۇنۇس، بۈھەجەر، ئايشەم روزى، گۈلپەرى ئابدۇللا، دىلنار توختى، رەنا قاسىم، ئادالەت قاسىم، لالە سۈزۈك ھاجى، چىمەنگۈل ھوشۇر، گۈلنار ئابابەكرى، خاسىيەت ئەلى، گۈلباھار قادىر، خۇرشىدە ياقۇپ، گۈلزار مەمتىمىن، شەمشىنۇر، پاتەم، جەمىلە ئاپپاي، زەينىسا ئابلەت، گۈلباھار غوپۇر، خۇرشىدە غوپۇر، مۇنىرە غوپۇر، خۇرشىدە تۇردى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.  
 بۇلارنىڭ بەزىلىرى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، دىكتور، تەرجىمان، تەھرىر، مۇھەررىر، رىياسەتچى. بەزىلىرى ئوبزورچى، مۇخبىر، ژۇرنالىست، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئارتىس. ئىشقىلىپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن بار. ئۇلارنىڭ مىللەتكە، دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس. بىز زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىياللىرىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، كەسپى ساھەسىدە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى شۇنىڭدەك قوشقان تۆھپىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمدى بىز ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال ئەدىبىلىرىمىزدىن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى، ژۇرنالىست، ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تارىخىي رومان يېزىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىخىي رومان يېزىش جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ئەدەبىيات تارىخىغا يېڭى ئابىدە تىكلىگىگەن ھارماس تۇلپار، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» ئايشەم ئەخمەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.   
  ئايشەم ئەخمەت خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ 10 مىڭ كۇبلېتتىن ئارتۇق خەلق قوشاق-بېيىتلىرىنى توپلاپ ئىككى توپلام نەشر قىلدۇرغان ھەم «ئۈچ توپلام» خىزمىتىگە ياردەملىشىپ ئۆزى توپلىغان قوشاق، بېيىت، ماقال، تەمسىل، قۇمۇل خەلق داستانلىرىنى ۋە چۆچەكلىرىنى «ئۈچ توپلام»غا تەقدىم قىلغان. قۇمۇلنىڭ تارىخىنى، ئەنئەنىلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە تىل شېۋىلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە «ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەد بىشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى، «مېھرىبانۇ ۋاڭ» ناملىق تارىخىي دىرامىنى، قۇمۇلنى تونۇشتۇرىدىغان بىيوگرافىك كىتاب «قۇمۇل»نى، خانىم-قىزلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە يازغان «خانىم-قىزلار دەستۇرى»، «قىزلار دەستۇرى» ناملىق كىتابلارنى، «باغداش چېچىكى»، «مەلىكىنىڭ مەڭزىدىكى داغ»، «قارا چامادان»، «بۇلۇت يېرىپ چىققان ئاي»، «چەت ئەلدە توقۇلغان ھېكايىلەر» ناملىق پوۋېست، ھېكايە توپلاملىرى، چاتما ھېكايە، «قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ تېكىستلىرى ھەققىدە»، «‹مايتىرى سىمىت› ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ئۆز ئابىدىسىنى تىكلەپ كەتكەن ئالىم»، «چۈشىنىش ھەققىدە»، «قۇمۇل خەلق مەشرەپلىرى ھەققىدە»، «تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ ئاياللار ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسر، ئاخبارات ئەدەبىياتى، ئوچېرىك ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە نەشر قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدە چىقىدىغان گېزىت ۋە ژۇرناللاردىمۇ يەتتە پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى. ئون پارچىدەك ئەسىرى قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇكاپاتلاندى. ئايشەم ئەخمەت 2004– يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. قۇمۇل ۋىلايىتىدە «تۆھپىكار مۇھەررىر»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» بولۇپ باھالاندى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» بولغىنىدەك ئايشەم ئەخمەتنىڭ بۇ تۆھپىلىرى ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىدا مەڭگۈ ئۆچمەس بىر يورۇق چولپان يۇلتۇز بولغىسى. ئايشەم ئەخمەت يۇقىرىقى ئەمگەكلىرى شەرىپىگە «جۇڭگو ھازىرقى زامان مەشھۇر مۇھەررىرلەر قامۇسى»غا، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەشھۇر كىشىلەر قامۇسى»غا، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروفېسسورلىرى قامۇسى»غا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى.  

  ئايشەم ئەخمەت يەنە «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» ناملىق 31 قىسىملىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ «قۇمۇل ئوردا مەشرىپى»، «كۆك مەشرىپى» دېگەن قىسمىنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىپ چىقتى. ئايشەم ئەخمەت ۋە باشقا تۆھپىكار كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئەجىر ئەمگىكىنىڭ شاراپىتىدىن بۇ 31 قىسىملىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 2010-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاغزاكى قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش، قېزىش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش توغرىسىدىكى تەستىقىغا ئېرىشتى. يازغۇچى ئايشەم ئەخمەتنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۆپ تەر تۆككەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئايشەم ئەخمەت ھازىر «قۇمۇل مۇقام مەشرەپلىرى» دېگەن يىرىك ئەسىرىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا.   
 
  مەرھۇم تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا بىر ئۆمۈر شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شېئىرلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ قەلب كۈيلىرىنى ئىزھار قىلغان، بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە قەلەم دۇردانىلىرىدىن قۇياش نۇرىنى تۆككەن، تۆھپىكار ئانا ئەدىبتۇر.  
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئاياللار، بالىلار توغرىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان. ئۇ دەسلىپىدە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ سەر خىل ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئۆز ھايات مۇساپىسىدە يازغۇچى، شائىرە، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مۇھەررىر بولۇپ ھاياتىنى ئاياللار، خانىم-قىزلار، بالىلارنى كۈيلەشكە بېغىشلىدى. «جىنەستە»، «گۈل نىھال»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق»، «بالىلىقىم»، «سەھرا نەزمىلىرى»، «قارا قۇشقاچ»، «توققۇز پارچە سۈرەت» قاتارلىق داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇردى. 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى، پوۋىسىت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
    تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن 2004– يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئاياللىرى رېئاكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. بۇ شەرەپ مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىنگە خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن بېرىلگەن ھەقىقىي بىر ئەجىر سوۋغىسىدۇر.  
Iمەن تۆۋەندىكى شېئىرىمنى تۇرسۇنئاي ھۈسەيىنگە بېغىشلايمەن:
 
   

 

يامغۇر بولۇپ ياغدىلا گۈللەر سۇغا قانسۇن دەپ،
 ئانىلارنىڭ مېھرىدىن گۈل مايسىلار ئۈنسۇن دەپ،   
ھەر ئىنسانغا ئانىلار قۇياشتەك نۇر چاچسۇن دەپ،
قەلبىمىزدە يادلانسۇن تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن دەپ.|  

  500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان ئانا ئاز،   
داستانى بار ئون پارچە قەلەم تۇتقان قولمۇ ئاز.
ئەجرىدىن ئالتۇندەك قۇرلارنى يازغان ئۇ ھەم ساز،   
ھەممە ئانىغا نېسىپ بولماس «تۆھپىكار» دېگەن بۇ تاج.  
'  
قايرىلدى چىنار شېخى ئانا ئەدىب غولىدىن،
كەتتى بىزدىن قانچىسى تۆھپىكارلىق ئۆيىدىن. 
«ئانىلار قەلبى» يىغلىدى «ساھىبجامال قىز» ئۈچۈن،
ئەلۋىدا ئەلنىڭ قىزى ئۇيغۇر يىغلار سىلى ئۈچۈن.

تۇرسۇنئاي ساقىم ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تۈرك تىلى دىكتورى ۋە تەرجىمانى بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا مەملىكىتىمىزنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. تارىخىي ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش، قايتا نەشر قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىش جەھەتلەردە چوڭقۇر ئىزدىنىپ چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان. خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋەكىل بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان قابىل تەرجىماندۇر.تۇرسۇنئاي ساقىم «چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق»، «جۇۋىلىق خانىم»، «ئۆكسۈش»، «ئۇيقۇسىز كېچىلەر»، «سۇسىز ياز»، «ئېچىنىش» قاتارلىق رومان ھەم پوۋېستلارنى تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلغان. ئىلمىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىن «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، «بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى»، «قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرغان. 1992-يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك فولكلور جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تۈركىيە خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان شەخس» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە نائىل بولغان. 2004-يىلى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى «جۇڭگو ئىختىساس ئىگىلىرى قامۇسى» ۋە «21-ئەسىردىكى ئىختىساسلىقلار ئامبىرى» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن. تۇرسۇنئاي ساقىم ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي، تۆت قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە 11 پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان.     
تۇرسۇنئاي ساقىمنى بىر كۇپلېت شېئىر بىلەن ياد ئەتمەكچىمەن.
«چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق» تۈركىيەدىن كۆچتى بىللە،   
يىغلاتتىڭىز قانچە كۆزنى مۇھەببەت ئوتى ئۆچتى بىللە.   
«ئانا يۇرتتىن ئاناتولىيە بويلىرىغىچە» تۆھپىڭىزدۇر ئانا ئەدىب،   
تۇرسۇنئاي ساقىم ئۈچۈن يىغلايدۇ يۈرەك بىللە.
 
تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ئۆزىنىڭ ھېكايە، پوۋېستى، ئەدەبىي ئاخبارات، ئىجتىمائىي خەۋەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان يەنە بىر تۆھپىكار ئانا ئەدىبتۇر. تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئارتىس، پىرىكازچىك، مۇخبىر، تەھرىر، شائىرە ھەم يازغۇچى بولۇپ ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا چېلىقارلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تونۇلغان ئايال يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى.

تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئاخبارات سېپىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەم 500 پارچىدىن ئارتۇق تەسۋىرى خەۋەر، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي خەۋەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە 50 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى گېزىتتىن باشقا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاڭلىتىلىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىز ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، دوختۇر، پەن –تېخنىكا خادىمى، مائارىپچىلاردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى گېزىتتە تونۇشتۇرغان، يازغۇچى تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەردىمۇ خېلى تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان گېزىت-ژورناللىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004-يىلى «كارۋان ئىزى» ناملىق رومانىنى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇل تارىخىغا چوڭقۇر ئۇل سالغان، خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئۇسسۇل پېشۋاسى قەمبەرخانىمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «قەمبەرخانىم» ناملىق بىيوگرافىك ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى، ئۇ يەنە «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق رومانىنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا تاپشۇردى. تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى رېداكسىيەسى تەرىپىدىن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىش يولىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىۋاتقان ئاتاقلىق تەرجىمان، تېلېۋىزىيە فىلىمى تەرجىمە تەھرىرلىكىدىكى ئىجتىھاتلىق باشلامچىدۇر. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھازىرغىچە «بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «لياۋشىن ئۇرۇشى»، «خۇۋەيخەي ئۇرۇشى»، «پېڭجىن ئۇرۇشى»، «كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى»، «مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىن كېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جاۋيۈلۈ» قاتارلىق 500دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان. 1800دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «غەربكە ساياھەت»، «دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ»، «يۇڭجىڭ خاندانلىقى»، «كاڭشى خاندانلىقى»، «چيەنلۇڭ خاندانلىقى»، «تەيپىڭ تيەنگو»، «چىڭگىزخان»، «تاڭ پادىشاھى شۈەنزۇڭ»، «شەھەرىستاندا زاۋال»، «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى»، «تەدبىركار جى شاۋلەن»، «شەھەرىستاندا بەربات بولغان چۈش» قاتارلىق 1000 قىسىمدىن ئارتۇق كىلاسسىك تارىخىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 3000 قىسىمدىن ئارتۇق ھازىرقى زامان تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت دەرىجىلىك «ئۇچقۇر ئەجدىھا مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى»غا، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ساماۋى كۆۋرۈك»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىمى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ماھىنۇر خانىم تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىلىرىدىن باشقا جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخىنىڭ 9-تومى يەنى «مىڭ، چىڭ سۇلالىسى قىسمى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشردىن چىقتى. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پاموكنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «بېيجىڭ» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقات جەھەتتە «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا»، «تەرجىمە سۈپىتىنى تۈزىتىشتىكى مۇھىم ئامىللار»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىشى»، «تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسى»، «زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى» قاتارلىق ماقالىلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «شىنجاڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا»، «ئۇنۋان ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «راخمان مامۇتنىڭ تەرجىمە كەسپىدىكى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە»، «ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە ئومۇمىي بايان» قاتارلىق ماقالىلىرىمۇ ئوقۇرمەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ياش ئەدىب، تەرجىمانلارنى تەربىيەلەش يۈزىسىدىن «ئەدەبىي تەرجىمىلەر تەھرىراتى» ئۇيۇشتۇرغان كۇرسلارغىمۇ تەرجىمە ئەمەلىيىتىدىن دەرس بەرگەن. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يېقىندا «مۇقام تۆھپىكارى ـــــۋەنتۇڭشۇ» ناملىق روماننى تەرجىمە قىلدى. 11 توملۇق تارىخىي رومان «بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيەسى»نىڭ 3-تومىنىڭ تەرجىمىسىنى جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ.
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم سەر خىل ئەسەرلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغان شۇنداقلا يېڭى دەۋر پىروزىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشقان ۋە ئىجادىيەتتە پەللە ياراتقان مۇنەۋۋەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئېھ، ھايات»تىن باشلانغان «ئانا»، «ئويغىنىش»، «ئەڭ گۈزەل خاتىرە»، «يىلتىز»، «تىمتاس شەھەر»، «ئوربىتا»، «مەختۇمسۇلا»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «رەڭدار قۇيۇن»، «باھاردا ياغقان قار» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرى نۆۋەتتىكى ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بۇ ھېكايىلەر پوۋېستلىرى بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ نازۇك روھىي تۈگۈنلىرىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان، چۈچۈك تىلى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىدى.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ئۇنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. «قۇملۇقنىڭ چۈشى» يازغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى سۈپىتىدە كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلاندى. خالىدە ئىسرائىلنىڭ توختاپ قالماي داۋاملىق شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا تىلەكداشمىز .  
 چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ بوسۇغىسىنى ئاتلىغۇچى ئىقتىدارلىق ھەم ئىپتىخارلىق، شېئىرىيەتتىكى تەپەككۇرى ھازىرقى زامان ياشلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچىلىك ئىگە بولغان، قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، تەسۋىرلەش روھىغا باي ياش ئەدىبلەرنىڭ بىرى. چىمەنگۈل ئاۋۇت «تەتۈر چېقىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن،«قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ھەم «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ئىلگىرىلەپ ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى بولغان سەنئەتكىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ناخشا تېكىستى MTV پىلاستىنكىسى، كىنو پىلاستىنكىسى تېكىستلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، چىمەنگۈل ئاۋۇت تېكىستىنى يازغان ئاتاقلىق ناخشىچى ئىززەت ئىلياس ئورۇندىغان «سىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدا «ئالتۇن مۇكاپات»قا ئېرىشكەن. شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسىمۇ 2010 – يىلى بازارغا سېلىنىپ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىل شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى» مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىب»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. يېڭى تىزىلغان دەستە-دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقۇچى چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ يېڭى ئىجادىيىتىگە بارىكاللا.  
ماقالەمنىڭ بۇ قىسىمدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن ئەدەبىيات گۈلزارىمىزنىڭ رەڭمۇرەڭ گۈل چېچەك جەۋھەرلىرى بىلەن گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان ئاتىكەم زەمىرىنىڭ «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر»، «مۇز تاغنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» (تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، غەلىبە مۇھەممەدنىڭ «قار ياغقان كېچە»، گۈلباھار سىدىقنىڭ «زامان ئاخىرنىڭ ئاياللىرى»، گۈلباھار ناسىرنىڭ «سۆيۈلمىگەن قارا كۆزلەر»، رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ «قىزارغان سەھرا»، «سۆيگۈ مەنزىلى»، «يېشىل ئارمان»، پاتىگۈل ئىمىننىڭ «سەنسىز»، ماھىنۇر ئابلىكىمنىڭ «ساداقەت»، «تۇمان تارىغان سەھەر»، زۇلپىيە كۆلتىكىننىڭ «كۆيۈككە داۋا يوق»، رەيھانگۈل مىجىتنىڭ «قايتا نىكاھ»، پاتەم ناسىرنىڭ «ئۆگەن بېشى»، تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ «ناماششامگۈل»، مىنەۋەر ھەبىبۇللانۇرنىڭ «ئاتېللا»، «چىمەنلەر سەلكىنى»، مۇنىرە غوپۇرنىڭ «رىياسەتچىلىك سەنئىتى»، مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز» دېگەن كىتابى، رىسالەت مەرداننىڭ «ئەدەبىيات ئوبزورلىرى»، ئايسىمە ئىدرىسنىڭ «ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئۇنىۋېرسال شېئىر، پوۋېستلىرى» قاتارلىق رومان، پوۋېست، شېئىرلار توپلىمى، ھېكايە، ئەدەبىيات ئوبزورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتقان ھەم ژۇرنالىستلىق، تەرجىمانلىق، تەھرىرلىك جەھەتتىمۇ يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن سارەم ئىبراھىم، رەيھانگۈل مامۇت، پەرىدە ئەمىن، ھەنىپە ئابدۇللا، گۈلباھار ناسىر، قەمبەرنىسا مۇھەممەد ھاجى، ھەلىمە تۇرسۇن، ئايگۈل بارات، زۇلپىيە مۇھەممەد قاتارلىق ھەم قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەم مۇكاپاتلانغان تەتقىقاتچى، شائىرە، تەھرىر مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللانۇرمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئىسمى ئاتالماي قالغان مۇشۇ كەسىپلەر بويىچە تەر تۆكۈپ ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان خانىم قىزلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى ئىز، يېڭى قەدەملەر بىلەن ئۆز كارامەتلىرىنى نامايەندە قىلماقتا.   

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر مۇنداق دەپ يازغان: «ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدىبلىرى ئاياللار بولغان ئىكەن. مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى، يۇرتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئالدى بىلەن قان، سۈت، تىل، سۆيۈش ئارقىلىق پەرزەنتىنىڭ يۇمران قەلبىگە قىلىق، مىجەز، پىسخىك ئامىلىنى سالىدىغان ئانىنىڭ ۋۇجۇدى، ئېڭى بىلەن بولىدۇ. ئاندىن مائارىپتىن باشلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەربىيە تەرەققىياتىدىن ئىزدىنىشىمىز لازىم. تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىمۇ ھەرقايسى دەۋر، زامانلاردا چىققان مەشھۇر ئەدىب، ئاپتور، جەمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ قالدۇرغان ئۆچمەس تارىخ، مەدەنىيەت ئىزلىرى، پاراسەتلىك ئىجادكار، ئېگىلمەس روھىي مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرەلەيمىز» .
قىسقىسى، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر ئايال زىيالىلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىجادكارلىقى، پاراسەتلىكى ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ ھەر خىل بېسىملىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر كۈچلۈك قوشۇنغا ئايلاندى. شۇنداق دەپ قارايمەنكى، بۇ تۆھپىكارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەۋرىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئايال تۆھپىكارلارغا ئاپىرىن!

مەنبە:مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)
مىسرانىم مۇنبىرى : " تارىم " يوللانمىسى
[ بۇ يازمىنىizturkدە2011-10-03 18:40قايتا تەھرىرلىد ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-03, 16:25
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-03 14:14 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 319 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 314 سوم
تۆھپە: 182 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 187 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئايال بولماق ھەقىقەتەن تەس. تۆھپىكار ئايال بولماق تېخىمۇ تەس. بۇلار نورمال بىر ئايال ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەردىن سىرت يەنە خەلققە مەنىۋىي زوق بېرىپ كەلدى شۇڭا ئۇلار شۇنچە قەدىرلىنىشكە ھەقلىق.
مەن تاپالمىدىممۇ ياكى يوقمۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى تۆھپىكار ئاياللىرىمىزدىن مەرھۇم ھايات نوپۇس خانىم بىلەن نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ھەدىمىز ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرى تارىخ بەتلىرىدە نۇر چېچىپ تۇرغۇسى.
西部医院
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 19:40 |
taxkin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 82 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 82 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەزىرە مۇھەممەت خانىم ئۇيغۇر  ئاياللىرى  ئىچىدىكى  چاقنىغان  بىر يۇلتۇز!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-03 22:37 |
maptun
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 69
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر قانداق مۇۋاپىققىيەت قازانغان ئايال زاتىنىڭ كەينىدە ئۈن چىقارماي ئائىلە ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان مېھنەتكەش ئەرلەر بار !  
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 16:54 |
katman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3425
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 32 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يازمىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  .  سىلەرگە ئاپرىن تۆھپىكار ئانىلار ، ھەدىلەر  .
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .
قارلىغاچ  بۇلالمىساممۇ  يىلان بولمايمەن .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 22:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر