شائىر ھەققىدە
نۇرمۇھەممەت قادىر
شائىرلار يازىدۇ ئاق ۋە قارىنى ،
بەزىدە ئاغرىتىپ دىلنى - يارىنى .
قەلەمنى ئالسا گەر تالماس قولىغا،
چېكىدۇ يۈرەكنىڭ مۇڭلۇق تارىنى .
يازغىن ئەي شائىرىم ئاق ۋە قارىنى ،
كەلسىمۇ كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى .
غەيرەت قىل بوشاشما ، قارا ئالدىڭغا،
كىتىدۇ ئۇ ئۆتكۈن، سۇغۇق شامىلى .
شائىر سەن خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدە ،
يازغىن ھەم ھېكمەتنى ئەلنىڭ قەلمىدە .
ئۆچمەيدۇ ئىزلىرىڭ خەلق قەلبىدىن ،
كەتسەڭمۇ كەلمەسكە قارا قەبرىگە .
باھاردا خۇش پۇراق ئېچىلغان گۈللەر ،
ياشنايدۇ ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىرگە.
شائىر ئۇ ، ئۇنتۇلماس كۈڭۈل تۆرىدە ،
قالىدۇ دىللاردا مەڭگۈ - مەڭگۈگە.