saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5633 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 188
شۆھرەت: 1358 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
تۆھپە: 753 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 754 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلاردا ئىت بېقىش  ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدە «ئىت مەدەنىيىتى»  (مەخمۇت ئېلى ئات

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-04)
ئۇيغۇرلاردا ئىت بېقىش ھادىسىسى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدە «ئىت مەدەنىيىتى»
 
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ)
 

ئىنسانلارنىڭ بۆرىنى ئۇزاق مۇددەت قولغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئۆي ئىتىغا ئايلاندۇرۇشى يىراق تارىخىي دەۋرگە مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن دېگەندىمۇ كونا تاش قوراللار بىلەن يېڭى تاش قوراللار ئارىلاش ئىشلىتىلگەن دەۋرلەرگە، يەنى ئات مەدەنىيىتى پەيدا بولغان دەۋرلەردىن (ئات مەدەنىيىتى ئىسپاتلىق تارىخىي ۋە ئارخېلوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 10 مىل يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن) ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە، كونكېرت قىلغاندا بۇنىڭدىن 10-12 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئاھالىلىرىدىن بولغان ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن بۆرىنى قولغا كۆندۈرۈپ ئۆي ئىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى بېقىپ، نەسلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز مەقسەدلىرىگە كۆرە تۈرلۈك ئىشلاردا پايدىلانغان. ئىت قولغا كۆندۈرۈلگەندىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ، ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرغان. يېقىنقى دەۋرلەردە شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جۇغراپىيلىك ماكانلاردىن بولغان ئالتاي تاغلىرى، جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى، ئالتۇن تاغ ئېتەكلىرى، يەتتە سۇ ۋادىسى ۋە موڭغۇلىيە دالىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چارۋىچىلىقىغا، جۈملىدىن ئىتنى قولغا ئۆگۈتۈش ۋە تۇرمۇش ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا يانداشتۇرۇش تارىخىغا دائىر نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئارخېئولوگىيلىك تېپىلمىلار تېپىلدى.

تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيلىك مەلۇماتلار ھەم قەدىمكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە كۆرە، ئۇيغۇرلار ئىتنى قولغا ئۆگەتكەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىتنىڭ تۈرلۈك ياشاش ھالەتلىرى ۋە خۇي-مىجەزىنى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى ئەتىراپلىق ئىگىلىگەن. ئۇنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىك ماكاننىڭ ئومومىي ئېكىلوگىيىسى بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ، يېزى ناھايتى ئىسسىق،  قىشى ناھايتى سوغۇق، ھاۋاسى قۇرغاق ھەم شاماللىق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقلىم شارائىتىدا، تېنى ئىسسىق، گۆشى قۇرغاق، چىقىرىندىلىرى ئاسانلا ھاۋانى بۇلغايدىغان ئىتنىڭ گۆشى، سۈتى،  شۆلگىيى ۋە تىنىقى قاتارلىق تېنىدىن ئاجرلىپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارامغا چىقىرىپ، يېيىشنى مەنىئىي قىلغان. ئۇيغۇرلار قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانى سۇتۇق بۇغىراخاننىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىتنىڭ گۆشى، سۈتى، شۆلگىيى ۋە تىنىقىنى ھارام ھېسابلاش تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېدىتسىنا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان سەلبىي تەسىرى ھەم ئاسانلا كەڭ دائىرلىك، تېز سۈرئەتلىك تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلمىي ھالدا ئىسپاتلاندى.

ئۇيغۇرلار ئىتنى قولغا ئۆگەتكەن كۈندىن باشلاپ ئۇنى تۆۋەندىكى مەقسەدلەر بىلەن مۇھىم ئۆي ھايۋانلىرى قاتارىدا بېقىپ، ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلدۇرغان ھەم بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرغان.

بىرىنچىدىن، ئوۋچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش مەقسىدىدە باققان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ھەم ئەڭ مۇھىم بولغان تىرىكچىلىك يولى ئوۋچىلىق بولۇپ، ئۇلار ناھايتى قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ كەتكەن يايلاقلىرى ۋە ئېگىز تاغ ھەم دەريا ياقىلىرىدىكى ئورمانلىقلىرىدا تەبىئەتنىڭ تەبىئىي نېمەتلىرى بولغان قوي، ئۆچكە، ئارقار، مارال... دېگەندەك تەييار نېمەتلىرىنى ئوۋلاش بىلەن ھاياتلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن. ئىتتىن ئىبارەت بۆرىدىن ئۆزگەرتىلگەن بۇ ھايۋاننىڭ بۆرىگە خاس سەزگۈرلىكى، چەبدەسلىكى ھەم ئالغۇرلىقى شۇنداقلا سۈنىئىي رەۋشتە يېتىشتۈرۈلگەن ئىگىسىگە سادىق بولۇش، بۇيرۇقنى بىجانىدىل ئورۇنلاشتەك خۇسۇسىيەتلىرى ئاسىيا يايلىقىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق مەقسەدلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە تازا ماس كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ نەسلى ئېسىل بولغان ئوۋ ئىتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىغا خىزمەت قىلدۇرغان. ئېسىل نەسىللىك ئوۋ ئىتلىرىنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ، چوڭ كۆلەملىك ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرىگە سالغان. بەزى ئېسىل نەسىللىك ئوۋ ئىتلىرى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان بۆرە بىلەن ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى تالىشالايدىغان ھالغا يېتىپ، يايلاق مىللەتلىرىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان. ئۇلارنىڭ ئوۋ جەريانىدا يۈگۈرۈك ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋلىشىغا ۋە بىر قىسىم يىرىتقۇچ ھايۋانلاردىن مۇداپىئە كۆرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.

ئىككىنچىدىن، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملەشتۈرۈش مەقسىدىدە باققان. ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ھۇن-تۈرك قاتارلىق يايلاق مىللەتلىرى ئۇزاق مۇددەت ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، يەپ ئېشىپ قالغان ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى قولغا ئۆگۈتۈپ، ئۆي ھايۋانلىرى قىلىپ يېتىشتۈرگەن. قولغا ئۆگۈتۈلگەن بۇ ئۆي ھايۋانلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى كۆپىيىپ، مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. نەتىجىدە تۇنجى چوپانلار قوشۇنى ۋە چارۋىچىلار ئائىلىسى بارلىققا كېلىپ، ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى باققان چارۋىلىرىنىڭ گۆشى، تېرىسى، سۈت-قېتىقى ۋە يۇڭ-تىۋىتلىرىغا تايىنىپ قامداشقا ھەمدە شۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ئارقىلىق ئاخىرى چارۋىچىلىق ئوۋچىلىقتىن ئاجرىلىپ چىقىپ، مەخسۇس چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بارلىققا كەلگەن. يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن چارۋىچىلار قوشۇنى ئىتنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۇزاق مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىما-ئىشارەتلەر ۋە سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاسان ئۆگۈنىۋېلىش ھەم سەزگۈر بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقاش نەتىجىسىدە بىر قىسىم سەزگۈر ۋە قاۋۇل ئىتلارنى تەربىيلەپ كۆندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە ماسلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ئىتلارنىڭ تۈرلىرىمۇ مەخسۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ،  مەخسۇس چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە ياردەملىشەلەيدىغان چارۋىچى ئىتلار بارلىققا كەلگەن. چارۋىچىلار ئۇلاردىن چارۋىلارنى قوغداش، بىر يەرگە يىغىش، يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش، چارۋىلار توپىنى توختىتىش ۋە قېچىپ كەتكەنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلانغان.

ئۈچۈنچىدىن، يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداش مەقسىدىدە ئىت باققان. قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆي-ماكان ۋە قوتان-قاشالىرىنىڭ بىر-بىرىدىن يىراق بولۇشى ھەمدە يايلاقلاردا ئۆتۈپ تۇرىدىغان ناتۇنۇش ئۆتكۈنچىلەرنىڭ كۆپ بولىشى شۇنداقلا قەبىلىلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ مال-چارۋىلىرىغا ئوغرىلىقچە توختىماي تېگىش قىلىپ تۇرىشى ئۇلاردا ئۆي-ماكان ۋە مال-ۋارانلىرىنى قوغداش ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا ئىتنىڭ ھەرۋاقىت سەزگۈر ھەم تېز ئىنكاس قايتۇرۇشچان، ئالغۇر بولۇشتەك ئالايھىدىلىكى ناھايتى ماس كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئوۋ ئىتلىرى ۋە چارۋىچى ئىتلارنى كېچىلىرى يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداشقا سېلىش بىلەن بىرگە يەنە كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىماي ھەرۋاقىت يۇرت-ماكانلىرىنى قوغدايدىغان ئىتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۆي-ماكان ۋە قۇتان-قاشا، مال-چارۋىلىرىنى قوغداشقا ئىشلەتكەن.

تۆتىنچىدىن، ئۆزلىرىگە كۈچ-مەدەت ۋە يول باشلىغۇچى قىلىش مەقسىدىدە باققان. ئىت ناھايتى سەزگۈر ھەم ساداقەتمەن ھايۋان بولۇپ، كىشىلەر ئىتنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس ھۇشيار، ساداقەتمەن، بەستلىك ھەم ئالغۇر ئىتلارنى تەربىيلەپ، ئۇلارنى سەپەرگە ماڭغاندا ھەمراھ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە كۈچ-جاسارەت بېغىشلىغان، يول باشلىغۇچى قىلىپ، سەپەر جەريانىدا ئېزىپ قېلىشتىن ساقلانغان، كۈشەندىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرگەن. باققان ئىتلىرىنى قەرەللىك تالاشتۇرۇش بەيگىسىگە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېڭىپ چىقىشىنى ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئىپتىخارى قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىت بېقىش ئادەتلىرى يالغۇز قەدىمكى دەۋرگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن ئۇزاق ئەسىرلەردىن تارتىپ ئىزچىل داۋاملىشىپ، زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ رايونىمىزدىكى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رايونلاردا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىت بېقىش تارىخى ۋە مەقسەد-مۇددىئالىرى يۇرىتىمىزنىڭ ئومومىي جۇغراپىيلىك ئەھۋالى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئۆزىگە خاس ھەم ساغلام بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئائىلە تەربىيسىنىڭ تايىنى يوق، ۋىجدانىي تۇيغۇسى ۋە مىللىي كىملىكى ئۆلگەن، ئەنئەنىدىن خەۋەرسىز، مەسىئۇلىيەت قارىشى سۇس، ئەخلاق ساپاسى يىمىرىلگەن، تەنقىدىي روھى يىگىلەپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدا چوڭ بولۇۋاتقان، يات مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ۋە ئەنئەنىلەرنى ئۆزىگە دەستەك قىلغان بىر تۈركۈم ئۆسمۈرلىرىمىز ئىچىدە، مىللىي ئەنئەنىمىزگە يات بولغان قىممەت سېستىمىسىدا باشقىچە بىر خىل شەكىل بىلەن باش كۆتىرىپ چىقماقتا. جۈملىدىن، بىر قىسىم ياش ئۆسمۈرلىرىمىز جۇغى ۋە خۇي-پەيلى جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ ئىت بېقىش ئادىتى ۋە مەقسەد-مۇددىئالىرى بىلەن قىلچىلىك سىغىشالمايدىغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك ئادەتلىرىگە ھېچقانداق رەۋىشتە ياندىشالمايدىغان پىستە ئىتلارغا ھېرىسمەن بولۇپ، ھالال-ھاراملىق ئەنئەنە ۋە قاراشلىرىمىزغا تۈپتىن خىلاپ بولغان ئۇسۇللاردا ئىت باقماقتا.

بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەن تۆۋەندە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئۈچ ئىشنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇلار نۆۋەتتە ئۆسمۈرلىرىمىز ئىچىدە يېڭىدىن باش كۆتىرىپ، جەمىئىيەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسى-«ئىت مەدەنىيىتى» نىڭ ئەمىلىي ئىپادىلىرى بولۇپ، بۇلار پەقەت بۇ خىل غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ قىسمەنلىرىدىن ئىبارەت، خالاس.

بىرىنچى ئىش. 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى مەن ئونسۇ ناھىيە بازىرى جۇياڭ (توققۇز قۇياش) ئولتۇراق رايونىدىكى كەچلىك بازار ئەتىراپىدا كېتىۋېتىپ تۆت ياشتىن توققۇز ياشلارغىچە بولغان 7-8 بالىنىڭ ئىككى دانە ئەرمەك كۈچۈكنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار كۈچۈكلەرنى بىردەم قوغلىسا بىردەم تۇتىۋېلىپ قۇچاقلايتتى، بىردەم بىر-بىرىدىن تالاشسا، بىردەم كۆتۈرىۋېلىپ سۆيەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قىلىقىغا ئىچىم غەش بولغان ھالدا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، يېنىغا بېرىپ تەربىيە بەرگەن بولساممۇ، بەرگەن تەربىيەم ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئىت ئوينايدىغان بۇنداق بىمەنە قىلىقلىرى ئۇدا ئىككى ئايچە داۋاملاشتى. مېنىڭ غەشلىكىمنى تېخىمۇ كەلتۈرگىنى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىت ئوينىشىغا پەرۋاسىز ھالدا قاراپ تۇرىشى ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىشى بولدى. ھەتتا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىرقانچە قېتىم بالىلىرىنىڭ ئىت ئويناۋاتقان ھالىتىنى ئىما قىلىپ كۈلۈشۈپمۇ ئۈلگۈردى. بەزىلىرى بالىلارنىڭ ئويناۋاتقان كۈچۈكلىرى قېچىپ كەتكەندە توسۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ بەردى.

ئىككىنچى ئىش، 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مەن ئۆزەم يالغۇز ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي تارىم يولى بىلەن مائارىپ يولىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا كېتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز 14 ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر قىز دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ قىز قولىدا تۈكلىرى پاخپايغان، ئۈستى-بېشىنى مەينەتچىلىك قاپلاپ كەتكەن بىر كۈچۈكنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، بىر توپ جامائەت تاماقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ھېچ بىر ھېيىقماستىن كۈچىكىنى باغرىغا چىڭ باسقان ھالدا سۆيۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ قىز بىر تارچۇققا كىرىپ كەتكىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا كېتىپ قالدىم.

ئۈچىنچى ئىش، 2011-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزەم يالغۇز ئونسۇ ناھىيىلىك خەق مەيدانىدا كېتىۋاتتاتتىم. تۇيۇقسىز چوڭى 12، كىچىكى 9 ياشلاردىكى ئىككى قىزغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلار بېشىغا ئۆرۈم چېچىنى باستۇرۇپ گۈللۈك دوپپا كىيىۋالغان بولۇپ، قولىدا جۇغى كىچىك، قۇيرىقىنىڭ تايىنى يوق، رەڭگى كۆرۈمسىز بىر كۈچۈكنى يېتىلىۋالغان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ چېچى ۋە دوپپىسى بىلەن يېتىلىۋالغان كۈچۈكىنى سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا ئاچچىق خىياللارغا بۆلۈنۈپ كېتىپ قالدىم.

بىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، خەلقىمىزنىڭ ھېچقانداق بىر دەۋر ۋە ھېچقانداق بىر ئورۇندا ئىتنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا باققانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى ئۇچىراتمايمىز. ئىتنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا بېقىش ئالدى بىلەن غەرب دۇنياسىدا پەيدا بولۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ ئارقىسىدا دېڭىز بويى رايونلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىشكە باشلىغان، بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىز ھەم ئەنئەنىمىزگە تۈپتىن يات بولغان غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسى.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھازىر دۇنيادا 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بولۇپ، ئۇلاردا ئومومىي ئىنسانلار تۈركۈمىگە ئورتاق بولغان ھاياتلىق قارىشى، ياشاش مەنتىقىسى ھەم ئەخلاقىي مىزانلىرى بولغاندىن سىرت ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قىممەت قارىشى، تۇيغۇسى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى، ئەخلاقىي مىزانلىرى ۋە ياشاش ئادىتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، تۇيغۇسى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى، ئەخلاقىي مىزانلىرى ۋە ياشاش ئادىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىر مىللەت ئۈچۈن توغرا بولغان نەرسىلەرنىڭ باشقا بىر مىللەت ئۈچۈن توغرا بولۇپ كېتىشى، بىر مىللەت ئۈچۈن خاتا بولغان نەرسىنىڭ باشقا مىللەت ئۈچۈن خاتا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، باشقىلار ئۆزلىرىگە توغرا دەپ قارىغان نەرسىنىڭ بىز ئۈچۈن توغرا بولىشى ۋە ماس كېلىشى ناتايىن. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنى قارىقۇيۇق قوبۇل قىلىش، تەنقىدىي مۇئامىلە قىلماسلىق ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك. يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى، ئىتنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا بېقىش ۋە ئەركىلىتىپ ئويناش، قۇچاقلاش، سۆيۈش، ھەتتا بىر قاچىدا تاماق يەپ، بىر ئورۇندا يېتىش بىر قىسىم مىللەتلەر ئۈچۈن توغرا بولغان بىلەن، بىز ئۈچۈن تۈپتىن خاتا بولغان، ئۇزاق ئەسىرلىك قىممەت قارىشىمىز ۋە ياشاش ئادىتىمىزگە، ئەنئەنىمىزگە، ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىمىزگە، مەدەنىيىتىمىزگە، يىمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزگە يانداشقان ھالال-ھاراملىق قارىشىمىزغا يات بولغان غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇنى ئەقلى ھۇشى جايىدا، ئەنئەنە قارىشى ساغلام، ئۆزلۈك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان، مىللىي ئەخلاق قارىشىنى مۇھىم ياشاش مىزانى قىلغان، ئۇزاق ئەسىرلىك ھالال-ھاراملىق يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئادەتلەنگەن مىللىي توپىمىز ھەر ۋاقىت رەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۆسمۈرلىرىمىز ئىچىدە يېڭىدىن باش كۆتىرىۋاتقان «ئىت مەدەنىيىتى» ھادىسىنى توسۇش مىللىتىمىزنىڭ روھى ساغلام ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.

نۆۋەتتە باش كۆتىرىۋاتقان «ئىت مەدەنىيىتى» ھادىسىسى قانداق بالىلار ئىچىدە ئاسان باش كۆتىرىپ چىقىدۇ؟

كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە باش كۆتىرىۋاتقان «ئىت مەدەنىيىتى» ھادىسىسى خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراش، پەرزەنت تەربىيسىگە ۋاقىت چىقىرالمايدىغان، مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن، ئەنئەنە ۋە مەسىئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ساغلام مۇئامىلە قىلالمايدىغان، نازارەتچىلىكى بوش، ئادەتلەندۈرۈش يوق دىيەرلىك، مىللىي كىملىككە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان، نىكاھتا مەغلۇب بولغان، كۆپ نىكاھلانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدا چوڭ بولغان، يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغان، پائالىيەت سورۇنى ئېنىق ئەمەس، مىللەتلەر ئارا ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان، كۆپ مۇھىتلىق مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە چوڭ بولغان بالىلاردا ئاسان كۆرىلىدۇ.

نۆۋەتتە ئۆسمۈرلىرىمىز ئىچىدە باش كۆتىرىپ چىققان «ئىت مەدەنىيىتى» نىڭ باش سەۋەبكارلىرى ۋە ئۇنى توسقۇچى بىرىنچى سەپ قوشۇنلىرى ئاتا-ئانىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسىنى توسۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسىئۇلىيىتى بار.

شۇڭا نۆۋەتتىكى «ئىت مەدەنىيىتى» گە قارىتا ھەر بىر ئاتا-ئانا جەزمەن يۈكسەك سەزگۈرلۈك ۋە مەسىئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئالدى بىلەن ئۆزىدە توغرا ۋە ساغلام بولغان مىللىي پىسخىكا، ئەنئەنە، مەدەنىيەت قارىشى، ئۆزلۈك قارىشى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق مىزانى شەكىللەندۈرۈشى، تەنقىدىي روھ، سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، پەرزەنتلىرىدە كۆرۈلگەن ھەر بىر ئۆزگىرىشكە ھەم ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆزىتىپ تۇرىشى، تەنقىدىي روھ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نېمىنى قىلىشى ۋە نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگۈتىشى، ئائىلە تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، بىخەستەلىك قىلماسلىقى، ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىنى ئىمكان بار كۆپەيتىشى، ئۇلارغا سۆيۈنىشىنى ۋە خاپىلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى، ئۆز ھەرىكىتىنى ھەر ۋاقىت دەڭسەپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىشى ۋە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىشى، تەبىئىي ھەم ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۆيۈنۈش ھەم سۆيۈنىش بىلەن توغرا ھەم ساغلام بولغان قاتتىق قوللۇقنى بىرلەشتۈرۈشى، يەنى كەمسىتىش خارەكتېرلىك، ئەپسانىۋىي تۈستىكى سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە قاتتىق سۆز-ئىبارىلەرنى ۋە دائىملىق بولمىغان، چۆچۈتىش رولى بولغان جازانى قوللىنىشى، قىزىقارلىق ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى بولغان، بالىلارچە تۈسى قويۇق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش ۋە تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈشى، قىسقىسى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا كۆيۈمچان غەمگۈزار بولۇش بىلەن بىرگە ئاقىل ئۇستاز ھەم ياخشى ئۆگەتكۈچى بولىشى كېرەك. بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەسىئۇلىيىتى بولۇپ، نۆۋەتتىكى «ئىت مەدەنىيىتى» نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئۈنۈمگە ۋە ئالدىنى ئېلىشچانلىققا ئىگە.

بالىلاردىكى غەيرى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بالىلىرىغا مەسىئۇل بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىك ۋە مەدەنىيەت روھىنىڭ ھەم ئۇلاردىكى مىللىي كىملىكنىڭ قاتىللىرىدۇر. بالىلاردىكى «ئىت مەدەنىيىتى» نى توسمىغان ئاتا-ئانىلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھالاكەت يولىغا باشلايدىغان ئەشەددىي مەلىئۇنلاردۇر!

مەنبە: ئىجادىيىتىم
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-04, 11:29
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئىجادىيەت
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-04 09:02 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/
    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 1024
    شۆھرەت: 5709 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5683 سوم
    تۆھپە: 3356 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3343 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 3067(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق ئىتنى سۆيۈپ يۈرگەنلەرنى كۆرسەم قۇسقۇم كېلىدۇ زادى.
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 15:58 |
    maptun
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 468 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 469 سوم
    تۆھپە: 274 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 275 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز، ئەتراپىمدىكى ئىت بېقىپ ئىت بىلەن تەڭ ئۇخلاۋاتقانلارنى كۆرسەم قانداق قىلىپ رەدىيە بېرىشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقان ئىدىم. مۇشۇ تېما ماڭا ئەمىلىلىيلىكى كۈچلۈك ئۇچۇردىن بىرنى يەتكۈزدى.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 16:12 |
    arkim
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 255
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 599
    شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
    تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەتىراپىمىزدا بۇنداق كۆزگە سىغمايدىغان ئىشلا ر كۆپىيىپ قالدى.
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يۈەنتوڭ بازىرىدا ئايلىنىپ يۈرگىنىمدە، بىر تەتەينىڭ ئەرمەك خاۋازىسى خوتەنلىك تاشچى بالىلارنىڭ يايمىسىنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتى. قاراپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، دە: - ھەي! ئىتىڭنى باشقۇرساڭ بولمامدۇ! دەپ ۋاقىرىدىم. ئۇ تەتەي پەرۋاسىز ھالدا:- ئىتىم تاشلارنى دەسسەپ چېقىپ قويمىسا يا؟ دەسسە پ ئۆتسە نىمە بولاتتى؟ دەپ يولىغا مېڭىۋەردى...مەن ئۇنىڭ كەينىدىن،- بىز ئىتنى پاسكىنا دەپ بىلىمىز، ئادەم تىللىساقمۇ  ئىتتەك نىمىكەنسەن دەپ تىللايمىز...بىلەمسەن؟! دەپ ۋاقىرىدىم. لېكىن تاشلىرى چەيلەنگەن تاشچىلارنىڭ بىز بىلەن كارىمۇ يوق ئولتۇراتتى...
    ئاپتور بايان قىلغىنىدەك ئىت بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارنى ئۆتەپ كەلگەن، لېكىن بىزدە يەنە ئىت بار يەرگە پەرىشتە كەلمەيدۇ ! دەيدىغان دانالار ھېكمەتلىرى بار.
    قىسمەن ياشلىرىمىزنىڭ ئىتنى بوۋاقتەك يالاپ سۆيۈپ كېتىشلىرىنى كۆرسەم كانىيىنى بوغۇپلا قويغۇم كېلىدۇ...
    [ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-04 18:23قايتا تەھرىرلىدى ]
    saltanat
    مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 17:56 |
    sarsan88
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 531
    شۆھرەت: 2723 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2749 سوم
    تۆھپە: 1632 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1643 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسىرىڭىز  ياخشى چىقىپتۇ ،
    لېكىن ئىت بۆرىدىن ئۆزگەرگەن دىگەن قارىشىڭىزغا مەن قوشۇلمايمەن، مېنىڭچە ئىتمۇ ئايرىم ھالدا يارىتىلغان ھايۋان ،
      
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 17:58 |
    uyghur
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 618
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 198
    شۆھرەت: 1134 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1152 سوم
    تۆھپە: 665 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 678 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىت بېقىش يامان ئىش ئەمەس، چارۋىچى مىللەتلەردە ئىت بېقىش ئومۇملاشقان، ئۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس،  باھاسى ئالتۇندىن قىممەت ئىتلار بار.
    لېكىن ھازىر قارىسا ئىتلىكىدىن ئەسەر يوق لالما كۈچۈكلەر كوچىدا كۆپىيىپ كەتتى. مۇشۇ تۆمۈريوللۇق بەزىبىر چوكانلىرىمىز  ئاق رەڭلىك لالما پىستىنى بېقىشقا يۈزلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئايلىق بېقىلىش خراجىتى بىر بوۋاقنىڭ بېقىلىش خىراجىتىدىن يۇقىرى ئىمىش....    
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 18:51 |
    sadir-palwan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1614
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 203
    شۆھرەت: 1098 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1094 سوم
    تۆھپە: 651 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 652 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىت ئۆزى ياخشى ھايۋان ، ۋاپادارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ ،
    بۇرۇنلاردا ھەربىر ئۆيدە بىردىن ئىت بولدىغان ، ئاساسلىق ئۆينى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولاتتى ،ھازىر ئىتلار ئاساسەن خانىم قىزلارنىڭ ، بوۋىيىدىن ئايرىلىپ قالغان مومايلارنىڭ ئارزۇلۇق ھەمرىيى بولۇپ قالدى .،

    لېكىن مۇشۇ باشقىلارنى ئىت دەپ تىللاشقا تازا قوشۇلمايمەن !
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 19:09 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 188
    شۆھرەت: 1358 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
    تۆھپە: 753 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 754 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇرلاردا ئىت بېقىش  ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدە «ئىت مەدەنىيىتى»  (مەخمۇت ئېلى ئات

    ئىتنىڭ بۆرىدىن ئۆزگەرگەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلەر ئابدىقەييۇم خوجىنىڭ "دىيارىمىزدىكى قىسمەن يادىكارلىقلار" ناملىق كىتابىنىڭ 97-بېتىگە، "غەرىبىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت" نالىق كىتابەنىڭ 113-بېتىگە قاراپ باقساڭلار بولىدۇ. بىزگە گەپ ئەمەس، رېئاللىق ۋە پاكىت ئۈستىگە قۇرۇلغان، لوگىكىلىق قانۇنىيەتكە بويسۇنغان، پەلسەپەۋىي ھېكىمەتكە ئىگە، ئىلمىي بولغان يەكۈن كېرەك.
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 16:30 |
    xehire
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 458
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 210 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 125 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادەملەردىكى قاپلىق قۇرۇت، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى دەل شۇ چىرايلىق ،ئوماق ئىتلاردۇر.
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 16:38 |
    arsilan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 961 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 976 سوم
    تۆھپە: 572 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 574 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 228(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    زۆرۆر بولمىسا ئىسلام دىنىدا ئىت بېقىش چەكلەنگەن ، ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ ،پەقەت مالچىلار غا ،باغ-ۋارانلارنى قورۇشقا دىگەندەك ئىشلارغىلا رۇخسەت قىلىنغان .
    ئاخىرىدا بۇ گەپكە قايىل بولمايدىغانلارغا دىيدىغىنىم  ،بۇ مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس ،پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن .ئۇيان بۇيانغا بۇرىماي خالىغىنىڭىزنى قىلىڭ .ئاغزىمىزدىن كېتىپ قالمىسۇن .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-08 21:16 |
    kawimmol
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2920
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 204
    شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1222 سوم
    تۆھپە: 683 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 692 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 239(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىت ئەسلى ئۆيگە ۋە ئۆي ئىگىسىنى قوغداشقا بېقىلاتتى . لېكىن ھارىز ئۆي ئىگىسى ئىتنى جېنىدىن ئېزىز قىلىپ قوغدايدىغان ھالغا يەتتى ، بىزنىڭ قورودىكى تەتەيلەر بالام ، قوزام دەپ چاقىرىپ كېتىدۇ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۇرۇپ ...
    ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 13:14 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى