مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا
تاھىر تالىپ
سىز مىنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
مەن سىزگە مۇھتاجمەن، سىز ماڭا بەزى.
سىزدە سۇ يىتەرلىك، مەندە ئوت، يالقۇن،
سىز ماڭا تەقەززا، مەن ئاڭا بەزى.
سىز مىنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
بىر يەردە يۈرسەكمۇ شۇنداق ھەمىشە.
ئاي، كۈندەك مۆكۈشۈپ يۈرسەكمۇ پىنھان،
ياشاشنىڭ ئىستىكى ئورتاق ھەمىشە.
سىز مىنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
شۇڭا مەن سۇۋايمەن سىزگە ئۆزۈمنى.
كىم بىلەر ئەتىلا كىم بار، كىمىم يوق،
كۆرەلمەي قالامسىز تېخى يۈزۈمنى.
سىز مىنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
ھازىدار بولىمىز بالدۇر بىرىمىز.
سىزگىمۇ باشقىلار چىقار ئاق باغلاپ،
ئەشۇنداق ئۆچرەتسىز كىتىپ تۇرىمىز.
سىز مىنىڭ مېھمىنىم، مەن سىزگە مېھمان،
مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا.
مېھمان بىز مېھماندەك ئۆتەيلى دوستلار،
ئىسسىق نۇر بىرىشىپ چىگىك دىللارغا.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-04 12:56قايتا تەھرىرلىدى ]