karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 92 قېتىم كۆرۈلدى
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 309 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 309 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېيىپ(شىڭگىل ھېكايە)

 

(شىڭگىل ھېكايە)

ئابدۇراخمان ئېلىنىياز 
  
 
   — جېنىم بالام! كەچ بولۇپ كەتتى، ئاكاڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىدى، بەك ئەنسىرەپ قالدىم... سەن چىقىپ ئىزدەپ باقامسەن – يە؟ – چاچلىرى ۋاقىتسىز ئاقارغان، كۆزلىرىدىن غەم – ئەندىشە چىقىپ تۇرغان ئانا تىت – تىتلىقتا شۇنداق دېدى.
   — ماقۇل ئانا، سەن ئۇخلاۋەرگىن! ئاكامنى تېپىپ كېلەي! – دېدى مېيىپ ئوغۇل بىر پۇتىنى سۆرەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ.
  ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆككەن بولۇپ، بىر نەرسىنى ئىلغا قىلىشمۇ تەس ئىدى. ئۇ قولچىراغنى يورۇتۇپ، بىر پۇتىنى سۆرەپ ئەتراپقا سەپسالغاچ ئاۋايلاپ ماڭاتتى.
   ‹‹ھەي،... ئاكا! سەن ئانىمىزنى شۇنچە ئەنسىرىتىپ نەلەردە يۈرىدىغانسەن – ھە؟ دادىمىز بالدۇرلا تۈگەپ كېتىپ، ئانىمىز بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغىچە قانچىلىك جاپا چەككەندۇ، بۇنى بىلەمسەن؟! ئۇ ھېلىمۇ ئېتىزنىڭ ئىشىغا يېتىشەلمەي چارچاپ كېتىۋاتىدۇ، سەن بۇلارنى بىلسەڭ بولاتتىغۇ، ئاكا! شۇ قېتىمقى كىلىشمەسلىكتە پۇتۇم مېيىپ بولۇپ قالغاچقا، ئېتىز ئىشلىرىغا يارىماي قالدىم. سەن بولساڭمۇ ئانامغا ھە – ھۈ، دېيىشسەڭ بولاتتىغۇ! ئانىمىزنىڭ شۇنچە گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىڭ. جېنىم ئاكا! سەن شۇ ئانىمىزنى ئايىساڭ، ئۇنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ رەھمەتلىك دادىمىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىندۈرمەي ئۆتسەڭ بولمامدۇ – ھە؟! بەزىدە پۇتۇم ساق بولغان بولسا ئېتىز ئىشىنى ئۆزۈم قىلىپ، ئانامنى ئارام ئالدۇراتتىم، دەپ ئويلاپ كېتىمەن، لېكىن ئامال يوق... ئاكا، ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك ئۆيگە كىرمەي، سىرتلاردا نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانسەن؟ ئانىمىز سېنى يامان يولغا مېڭىپ قالمىسىدى، دەپ بەكمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى...››. ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن مېڭىپ، ئالدىدىكى دوقمۇشتىن قايرىلىشىغا يوغان بىر تۈپ قاراياغاچنىڭ تۈۋىدە ياتقان بىرسىنىڭ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. قولچىراغنى ئۇنىڭ يۈزىگە تۇتۇپ چۆچۈپ كەتتى. ئاكىسى غەرق مەست ھالدا ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ ياتاتتى.
   — خەپ گۇيلار، بۈگۈن پۇلۇمنى ئۇتۇۋېلىشتىڭ! مۇشۇ كەمگىچە ئاكاڭ قارىغاي بۇنچە كۆپ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، سەنلەر ئۇنچە خۇش بوپ كېتىشمە، ئەتە يەنە ئويناپ ھەسسىلەپ قايتۇرۇۋالمايدىغان بولسام...

 
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-04 23:58قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-04, 23:58
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-04 21:01 |
alnazar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 470 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 470 سوم
تۆھپە: 281 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 281 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېيىپ؟.......  بىر پۇتىنى سۆرەپ ئەتراپقا سەپسالغاچ ئاۋايلاپ ماڭاتتى.....بىرسىنىڭ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى.        
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 00:12 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 923
شۆھرەت: 5146 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5118 سوم
تۆھپە: 3023 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3005 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2733(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمەلىيەتتە ئۇ بالا مىيىپ ئەمەسكەن...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 08:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر