karamat sarkar xj 50
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 1240 قېتىم كۆرۈلدى
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قۇمۇلدا بىر ئادەمنى كۆردۈم

قۇمۇلدا بىر ئادەمنى كۆردۈم

ئابدۇلھەمىد ياسىن


      مېنىڭ قۇمۇل ھەققىدىكى چۈشەنچەم يازغۇچى ئايشەم ئەخمەتنىڭ <<ئۆچمەس ئىزلار>> ناملىق رومانىنى ئوقۇغاندىن باشلانغان. بۇ رومان مەن ئوقۇغان تۇنجى رومان، شۇنداقلا سەبىيلىكىمدە ئەدەبىيات ئىشقىنى سالغان رومان ئىدى. مەن بۇ روماننىڭ ھەربىر باب بېشىدىكى ئېفىگرافلارنى يادلايتتىم. <<يىلان يالتىراق، سىرتى مۇلايىم، زەھىرىنى سالماق، قەستىدە دائىم>> دېگەن ماقال دەل بۇنىڭ تىمسالى. مەن گۈدەك خىياللىرىمدا رومان باش قەھرىمانى باتۇر ماڭغان ھەربىر تاغ جىرالاردا مېڭىپ باقاتتىم، يېزا سەھرالىرىنى كېزەتتىم، شامەخسۇتنىڭ ئوردىلىرىنى كۆرەتتىم، ئۆزگىچە روھ ۋە ئۆزگىچە كەچمىشلەرگە ئىگە قۇمۇل توغرىسىدا ئويغا پاتاتتىم. شۇ روماننى كىنو قىلىپ ئىشلىسە دەپ شۇقەدەر ئارمان قىلاتتىم. ئارمانلىرىمنى قاناتلاندۇرۇپ تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ <<ئىز>> رومانى نەشىردىن چىقتى، يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدىم. قۇمۇل قەلبىمگە مۆھۈردەك ئويۇلدى. ياق، قۇمۇللۇقلار قەلبىمگە شۇقەدەر مىھرىبان، شۇقەدەر ئىسسىق ئۇرۇلدى. قۇمۇلنى كۆرۈش، قومۇللۇقلارنى كۆرۈپ بېقىش مەندىكى ئەڭ زور ئىستەككە ئايلاندى. تىلىگەنگە يىتىپتۇ، دېگەندەك 2006- يىلى تىل- ئەدەبىيات دەرسىنى يېڭى دەرسلىك بويىچە ئۆرنەكلىك ئۆتۈش مۇسابىقىسى قۇمۇلدا ئۆتكۈزىلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، شۇ قەدەر تىپىرلاپ كەتتىمكى، پۇرسەت كەلدى! كەلمىسە ئاللىكىملەرگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ كەلتۈردۇم. ئاخىرى قۇمۇلنى كۆردۈم! ئۇزۇن يىل كۆرۈشكە تەشنا ئاشىق مەشۇقىنى كۆرگەندەك. شۇقەدەر پاكىزە شەھەر، شۇقەدەر گۈزەل مۇھىت كۆزلىرىمنى قاماشتۇرماي قالمىدى، ھاياجانغا سالماي قالمىدى.

ئون كۈنلۈك شۇ پائالىيىتىمىزدە مەن بۇ يەردىكى كۈنلەرنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم. بالىلىقىمدىكى پاكىزە روھنى تاپماقچى بولدۇم. ئۆزەم يالغۇز ئارقا كوچىلارغا كىرىپ كەتتىم. مويسىپىت ساقاللىقلارنى ئۇچراتسام كونا تۇنۇش تاغامنى كۆرگەندەك قىزغىن سالام قىلدىم. ۋاڭ قەبرىسى، ئوردىسى، شەھەردىكى ھەربىر ئىزنالاردىن نېمىنىدۇر ئىزدەيتتىم. توغرا، روھنى، قومۇل روھىنى ئىزدەپتىمەن. تىنماي ئىزدىدىم. رىستۇراندىن ، مەسچىتتىن، مەكتەپتىن، تەھرىر بۆلۈمدىن. ئاخىرى راستىنى دېگەندە لاسسىدە بولدۇم. مەكتەپتىن رىستۇران تولا، مەسچىت ھەشەملىك، ئادەمسىز. نېمىسىنى دېسەم بولار؟ ئىشنى قىلىپ شۇ قېتىم بارغىنىمدا <<قۇمۇل>> ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمدىكى ئۇچقۇنجاننىڭ <<بىزنىڭ قۇمۇللۇقلار ئەزەلدىن يانچى بولساق بولغانكى، قۇل بولمىغان، شۇڭا بىزدە قۇللۇق، خوشامەتچىلىك يوق. ۋالىي بولسا ئۆزىگە ، دىھقان بولسا ئۆزىگە، ھاپاشلاپ، شاپاشلاپ كەتمەيمىز. ئەمما سىلەر جەنوبلۇقلار ئوخشىمايسىلەر، پارا، خوشامەت دېگەننى گۈل كەلتۈرىۋېتىسىلەر>> دېدى. ئۇنىڭ دېگىنى ئەمەلىيەت. بىز ئەزەلدىن ھېلى ئۇنىڭ، ھېلى بۇنىڭ قولىدىكى توپتەك، بۇيۇمدەك ئالمىشىپ قۇل قىلغان، دەھشەتلىك قىرغان، زۇلۇم- زۇلمەتنى يەتكىچە تارتقان، شۇڭلاشقىمۇ، بىزدە خوشامەت ھاقارەت ئەمەس سەنئەت سانىلىدۇ. شۇ يېرىم سائەتلىك سۆھبەتتە ئۇچقۇنجانغا نېمىلەرنى دېگۈم كەلدى. مەن قۇمۇلنى بىلىشكە، قۇمۇللۇقلارنى بىلىشكە مۇھتاج ئىدىم. مېنى يېزىلارغا ئېپ چىقساڭ، مويسىپىتلار بىلەن كۆرۈشتۈرسەڭ دېگۈم بار ئىدى. ئەمما ئۇ ئالدىرايتتى. قۇمۇللۇقلارنىڭ ھەممىسى ئالدىرايتتى. نېمىگىدۇر، نېمىشقىدۇر ئۆزلىرىنى قۇل قىلغان نەرسە ئۈچۈن قۇربانلىق بەرمەكچىدەك قىلاتتى. مەن شۇلارنى يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرەلمىگەن، ئاڭلىيالمىغان، قەلبىم قۇپ- قۇرۇق ھالدا قۇمۇلدىن قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمايتتى. ئەمما ئامال بولمىدى. قۇمۇللۇقلار ئۆزگىچە، قۇمۇللۇقلارنىڭ روھى ئەركەك روھ، قۇمۇللۇقلاردىن جاھانغا تونۇلغانلار بەكمۇ كۆپ... بۇلار پەقەت ئاڭلىغان گەپ بولۇپ قالدى. تارىخ، مەن ئوقۇغان رومانلار ئۆزىنىڭ بىر بەدىئى ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى. چۆچۈپ قومۇلغا قارىغىنىمدا ناتونۇش چىرايلار، كېلە ئاغىنە ، سىردىشىمىز، دەيدىغان ئادەم بار دېگەن ئۈمىد، گۈدەكلىككە، نادانلىققا ياتىدىغان، نورمال بولمىغان بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. مەن قۇمۇلنىڭ پوستىنىمۇ تولۇقراق كۆرەلمەي قايتىپ كەتتىم. ئاچچىق قىلىپ <<قۇمۇل كوچىسىدا تەمتىرەش>> دېگەندەك شېئىرلارنى يېزىپ، قۇمۇل ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنى خۇلاسىلىدىم.

ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئويلىرىم تولىمۇ گۈدەك بولسىمۇ، مەن يىنىكلىك بىلەن رەنجىمەيدىغان ئىشلاردىن رەنجىپ قالغاندەك بولغان بولساممۇ، ئىتراپ قىلغۇم كەلمەيتتى. قۇمۇل بۇنداق بولمايتتى، دەيتتىم ئۆزۈمگە، يەنە تۇرۇپ سىنى كىم تونۇيتتى؟ دەيتتىم- يۇ، مېنى ئۇيغۇر تونۇيتتى، دەپ يەنە قايىل بولمايتتىم. ئۆزەمنىڭكى خاتا تۇرسىمۇ ، قۇمۇلدىن نېمىلەرنىدۇر كۈتەتتىم، قانداقتۇر مەدەنىيەت ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغۇم، قۇمۇللۇقلارنىڭ روھىنى قېزىپ باققۇم كېلەتتى. ئامال بولمىدى، قايتىپ كەتتىم. بىرسى قۇمۇل ھەققىدە سورىسا مائارىپىنىڭ نەقەدەر گۈللەنگەنلىكىنى دېيىشتىن باشقا ھېچ نېمە دەپ بېرەلمەيتتىم. چۈنكى مەن ئۇچراشقان قۇمۇللۇقلار <<ئاللىكىم>>لەرگە ئوخشايتتى. راستىنى دېمىسەم بولمىدى، ئەسسالام دېسەم بۇ سۆزنى چۈشەنمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغانلارنى (ئەمەلىيەتتە قېرىنداش مىللەت) كۆپ كۆرگەنىدىم.

ئارىدا شاڭخەيدە ئوقۇشتا بولۇپ قۇمۇللۇقلاردىن ئىككەيلەن بىلەن بىللە ئوقۇدۇم. بىرەيلەننى ھەتتا كۆرۈپلا تونۇدۇم، ئۇ بىز دەرس ئاڭلاشقا كەلگەندە تىزىملىغان زەيناپ مۇئەللىم (ھازىر قۇمۇل شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى) ئىدى. بىزنى خۇشچىراي ، ئۇيغۇرچىراي كۈتىۋالغان خانىم ئىدى. مەن ئۇنى تونۇغانلىقىمنى بىز قومۇلغا بارغانلىقىمنى ، ئېيتسام ئۇ ھەيران قالدى، خوشال بولدى. تاشقى پىلانتقا ئوخشايدىغان شەھرى شاڭخەيدە بورۇن كۆرۈشكەنلەر ئۇچرىتىش ئاسان ئىش ئەمەستە. زەيناپ مۇئەللىم شۇۋاقىتتا بەك ئالدىراش بولۇپ، بىزنى كۈتەلمىگىنىنى، ئۆزى ئەستىن چىقىرىپ قويغان بولسىمۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇندىن كېيىن يېقىن ساۋاقداش، مەسلەكداشلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئوقۇش جەريانىدا ھەر ئىككى قۇمۇللۇق ساۋاقدىشىمغا قەلبىمدە ئۆزگىچە ھۆرمەت قوزغالدى. چۈنكى ھازىر ئويلىسام قۇمۇللۇقلارنىڭ روھى ئۇلارنىڭ پاكىزە، مېھماندوست، قومۇلنى جېنىم دەپ بىلىدىغان، قۇمۇلنى سۈيۈپ، قۇمۇلدىن سۈيۈنۈپلا تۇرىدىغان قەلبىدە ئۆزگىچە پارلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ماڭا قۇمۇلنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە تويۇنغان سىر- ئەسرارلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. سۆزلەپ بولالماي ئاخىرى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

يەنە پۇرسەت چىقتى. 2008- يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى، بەگمەت يۈسۈپلەر مائارىپ ساھەسىدىكىلەرگە نوتۇق سۆزلىمەكچى بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنى ئېلىۋالدى. بۇ قېتىم مەن قۇمۇلغا ھەقىقەتەن ئۈسۈپ كىرمەكچى، قېدىرىمەن دېگەننى زادى قېدىرماقچى بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەندە تەييارلىق بولىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا كۈندە نەچچە سائەت قۇمۇللۇقلارنىڭ ئۆز تورى <<باغداش تورى>>غا چىقىپ، قۇمۇل ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى كۆپەيتتىم، بۇ تورغا <<قۇمۇل مېنى قوينۇڭغا ئال، باغداش مېنى باغرىڭغا باس>> دېگەن تېمىلارنىمۇ يوللىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلارنىڭ سالاسى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن يەنە قۇمۇلغا بارماق بولدۇم. بۇ قېتىم بېرىشتا قۇمۇلدا مېنىڭ ھېچقانداق ۋەزىپەم يوق. يالقۇن روزىنى ھۆرمەتلەشتىن باشقا كونا تونۇشلاردىن ئەمەس، پەقەت ئىرپان شىركىتىدىكى ئابدۇللا ئۆمەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بولغانلىقىم سەۋەبلىك شۇلارغا ھەمراھ بولۇپ (قىستۇرۇلۇپ) كەلگەن ئىدىم. ئەمما قومۇلغا كېلىپ باشقىچە ئەزىز مىھمانغا ئايلىنىپ قالدىم. دوستۇم ئابدۇللا، يالقۇن روزى، بەگمەتلەر بىلەنمۇ كەلگەن كۈنى كۆرۈشكەنچە تۆت كۈنگىچە كۆرىشەلمىدۇق. قىسقىسى ساۋاقداشلىرىم مېنى ئۇلارغا ئاشۇرمىدى. يەنە شۇ بۇرۇن كۆرگەن تۆت كوچا شۇ، يەنە شۇ ۋاڭ ئوردىسى، قەبرىسى، شەھەر، شەھەرلىكلەر، ئادەملەر... ئەمما بۇقېتىم ئوخشىماي قالدى. بۇرۇن ھەمىشە كىرىدىغان تۆت كوچىدىكى ئارمان تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى بىلەن قېرىنداش چىقىپ قالدۇق. ھەتتا ھەر بىر ئۇيغۇر بىلەن ...

ھەئە، مەن بۇرۇن ئارمان قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم، يېزا سەھرالارنى كەزدىم. مەن روماندا زوق بىلەن ئوقۇغان توققۇز ئەجدىھا تال، قەدىمقى مەدرىسە، خانىقالارنى ئارىلىدىم، (ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەمرالىقىدا) ئەما داستانچى ئىبراھىم گاڭنىڭ <<تۆمۈر خەلپە>> سىدىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى. ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئات قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. قىسقىسى ساۋاقداشلىرىم كۆرۈشكە تېگىشلىك، ئېغىزىمدىن چىققانلىكى كۆرۈش، ئاڭلاش ئارزۇلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن ھەتتا ئۇلارنىڭ مېھماندوستلىقىدىن مەن خىجىل بولۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە قاندۇردى.

بۇلارنى دېسەم ، ئەسلى كەلگەندىمۇ بىر- ئىككى تونۇشى چىقىپ قېلىپ، ئانچە- مۇنچە ئايلاندۇرۇپ، راسا مېھمان قىلىپ قويۇپ بەرسە، رازى بولدۇم! دەپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. دەپ قالماڭ. مەن ئەڭ رازى بولغىنىم بۇ يەردە بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالدىم. بىر ئادەمگە بەكراق قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ روھىدىن قۇمۇلنىڭ روھى پارلاپ تۇرىدىكەن دېدىم. ئۇ بولسىمۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان ئىدى.

باشلىقنى يازماق بوپتۇ. جەنۇپلۇقلارنىڭ باشلىققا شاپاشلايدىغان، باشلىقنى ھاپاشلايدىغان كېسىلى بۇ ئاداشتىمۇ قوزغالغان ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭلار، ھەرقانچە كېسەل بولسىمۇ، ئېغىزىمدا شاپاشلاپ قالسام قالغاندىمەن، ئەمما يازما يېزىپ ئىسسىق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىدىغان قىلىقنى قىلغان ئەمەسمەن. ھېلىمۇ باشلىقلار مېنى <<ھەمىشە بىزنى تالايدىغان بۆرە>> دەپ بىلىدۇ. (1) شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىدىكى <<بۆرە كەلدى>> ناملىق ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن.

يۈسۈپجان بىلەن ئۇچراشقاندىن باشلاپ، خەيرلەشكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا باشلىق سالاپىتىڭگە دەپ خۇشامەت ھىجىيىشلىرىنى بولسىمۇ قىلىپ باقمىدىم، ئۇمۇ ئادەتتىكى سولتەك ئەپەندىكەنسەنغۇ، دەپ مېنى تۆۋەن كۆرۈپ باقمىدى. ھەتتا سەنمۇ مائارىپچىكەنسەن، باھالاپ باق ، بىزنىڭ مائارىپىمىز مۇنداقراق بولىۋاتىدۇ، دەپ سەمىمىي ھالەتتە پىكىرلەشتۇق، مەكتەپلەرنى كۆردۇق.
ئەسلى گەپ مۇنداق، مەن يالقۇن روزىلاردىن بىر كۈن بۇرۇن، توغرىسى يېرىم كۈن بۇرۇن قۇمۇلغا يىتىپ كەلدىم. تاڭ سەھەردە قۇمۇلغا چۈشۈپ كەلدىم. ئالدىمغا ساۋاقداشلىرىم چىققان ئىكەن. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئەھۋاللاشمايلا يۈسۈپجاننىڭ ماشىنا بىلەن ساۋاقدىشىمنىڭكىگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئىدارە باشلىقى دەۋاتاتتى، ئىدارە باشلىقى يەنە كېلىپ كۈرمىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ باشلىقى سېمىز ، غورا قاپاق بولاتتى. ياشلا بىر كىشىكەنغۇ، ئۇنىڭدىن بىزلەرنىڭ ئىدارە باشلىقلىرىدا بولىدىغان كىبىر، غادىيىشلار كۆرۈنمەيتتى، ئوچۇق چىراي كۆرۈشۈپ، بىردەمدىلا كونا تونۇشلاردەك چىقىشىپ كەتتۇق. ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. بىزنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئالدىدا قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىمنى. شۇڭا يۈسۈپجاننىڭ قىزغىنلىقىغىمۇ خۇدۇكسىرەپ قالدىم. ئەركىن بولالمىدىم، مېھمان ئىكەنلىكىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق ئىززەت ئابرويغا ئىگە، سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تەككەنچىلىك <<جاڭ>> ئەمەسمەن، ئاتاقلىق يازغۇچى ياكى قەلىمى ۋە نەزەرى ئۆتكۈر مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئەمەسمەن. شۇنداق بولغاچقا قۇمۇل مائارىپىنىڭ چوڭى ، باشچىسى ئالدىدا قانداقمۇ تەمتىرىمەي، قانداقمۇ خۇدۇكسىرىمەي. ئۇنىڭ كېلىش مەخسىدى ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان ساۋاقدىشىمنى ئېلىپ بىرقانچە مەكتەپنى تەكشۈرۈپ كېلىش ئىكەن. مېنىڭ ھازىر ئۇرۇمچىدە ئوقۇۋاتقان بولساممۇ، يىراق ۋىلايەتتىن كەلگىنىمنى ئاڭلاپ بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. نېمە دىيەلەيمەن، ئەسلى بىر ئارزۇيۇممۇ شۇ تۇرسا، شۇنداق بىر ئادەم تەكلىپ قىلىۋاتسا، يېزا مەكتەپلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى مېنى ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقاردى. بىز بىر قانچە مەكتەپكە باردۇق. ھەممىسىنى تەپسىلى دېيىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ئۆزەمگە ئەڭ تەسىر قىلغان بىر نەچچە ئىش، بىزنىڭ مەكتەپلەرگە جۈجاڭ چىقىپتۇ، ئەمەس، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كۈزەتچىسى چىقىپتۇ، دېسىمۇ مۇدىرلىرىمىز پايى- پىتەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما يۈسۈپجان مەكتەپلەرگە بارغاندا ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ دەرۋازىۋەنگە دېگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. مۇدىرلار بولسا ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، ھەتتا يۈسۈپجان ۋە بىزلەرنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ، كۆرسىتىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى كۆرسىتىشكە خادىم بەلگىلەپ قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. ياپىر، بىزنىڭ جۇيجاڭ مەكتەپلىرىمىزگە چىققاندىكى ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ تۆت پۇتلۇق دېسەم ئازراق ئاشۇرىۋەتكەن بولىمەن. ئەمما قالدىسى بولىدۇ. ئىگىسى ئالدىدا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تۇرغان ئىتنى كۆرگەنمۇ سىز؟ مۇدىرلىرىمىزنىڭ قەدەملىرى شۇ قەدەر بەردەم بولۇپ كېتىدۇكى، مەغرۇر قەدەملىرى يوقاپ، يورغا قەدەملىرى ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. بۇ پەرق مۇشۇ يەردىكى مۇدىرلارنىڭ ، مۇشۇ يەرلىكلەرنىڭ روھى بولماي نېمە؟ ئۇلاردا ئۇنداق شاپاشلاش روھى يوق دېگەندىمۇ يۈسۈپجان شۇنى تەلەپ قىلىپ قالسا مۇدىرلار قانداق قىلار بولغىيدى؟ ئەمما يۈسۈپجاندىن ئۇنى تەمە قىلىدىغان چىراي كۆرۈنمەيتتى. مۇدىرلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىغا ئالدىراش، ئۆز خىزمەتلىرىگە چۆكۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئىشلىگىنىدىن مەمنۇن ئىدى ، ئۇلاردىن قۇرۇق خوشامەت تەمە قىلمايتتى. ئەمەلىي ئىشنى تەكشۈرۈپ، سىنىپلارنى ئارىلايتتى، ئاساسلىقى قوش تىل ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدىكى ئانا تىل دەرىسىنىڭ سۈپىتىگە، ئانا تىل دەرىسىدىكى يەتكەن ئۈنۈمگە ئەڭ دىققەت ئىتىبارىنى قاراتقان ئىدى. يەنە ھەيران قالارلىقى بىز كەلگەندىن كېيىن داستىخان سېلىنمىدى. كۆرۈپ- كۆرۈپلا ماشىنىدىن ئىس پورقىرىتىپ كېتىۋەردۇق. مانا سېلىشتۇرما، بىزلەردە باھالاش، يېرىم سائەت كۆرىدۇ، يېرىم سائەت خولاسىلايدۇ. يېرىم كۈن يەيدۇ. ئىچىدۇ. ئوينايدۇ...

مەكتەپلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئىختىيارسىز سوراپ قالدىم. <<سىلەردە قوش تىل ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشمىدىمۇ قانداق؟>>  << قىلالمىغان ئىشنى قىلىمەن دىمىدۇق. بۇرۇن قىلمىغان ئىشنى كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئەمدى قىلىمەن دىسەك، زىيان تارتىدىغىنى شۇ ئەۋلادلار بولار؟ بىز ھازىر تۆۋەن يىللىقلاردىن باشلاپ ھۇلنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىۋاتىمىز.  تەييارلىق ۋە بىرىنچى يىللىق سىنىپلارغا  ئەڭ قابىل ، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ، خەنزۇتىلى ۋە ئانا تىل تەربىيسىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. >> دېدى.  توغرا. ئەسلىدە يۇقىرى يىللىقلارغا خەنزۇتىلى دەرسى قوش تىل سۈپىتىدە ئۆتۈلمىگەن تۇرسا ئەمدى قوش تىل سۆزلەيمەن دېسەڭ ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ، ئۆزلەشتۈرىشىدىن مەسىلە چىقمامدۇ؟ بىزلەردىچۇ، قوش تىل دېسە قايسىنىڭغا قوش تىل دېسە شۇنىڭغا، ھەتتا قوش تىل دېگەن بىلەن بىر ئېغىز ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەڭ قوش تىل ئەمەس. قۇمۇلدىچۇ؟ دەرسلەرنىڭ يېرىمى ئانا تىلدا. ئەسلى مانا مۇشۇ قوش تىل ئەمەسمىدى؟ دۆلەت بەلگىلىگەن قوش تىلدا ئۆتۈش دەل مۇشۇنى كۆرسەتمەسمىدى؟ چىڭغىز ئايتماتوف- <<قوش تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت>> دېگەن. ھازىر ئانا تىلنى بىلمىگەنلەر ئۆزلىرىدىن پەخىر ھېس قىلىپ يۈرسە! بۆكىنى ئال دېسە، بوينىغا قېلىچ تەڭلەپ تۇرسا! كېيىن ھالىمىز نېمە بولۇر؟ ماڭقۇرتلۇق ئەنئەنىسىدە بۇ؟
يۈسۈپجاننىڭ ئويلايدىغىنى مائارىپ، مىللىي مائارىپ ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ مەن كۆرگەن ھەربىر قەدەم ئىزىدىن، تەمەسىز، رىياسىز مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جانلىق ئىشلىشىدىن كەلگەن يەكۈن. ئۇ يەنە ئاشخانىلارنى تەكشۈردى. تازىلىقىنى، سۈپەتنى، پاكىزلىقنى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەكشۈرىشىنىڭ، ئاشۇ ئىشنى قىلىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى پۇختا بىلىدىكەن. شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشقىمۇ يېتىشىدىكەن. كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۆرپ- ئادىتىمىزدە، دىنىمىزدا گال پاكىز بولسا بولاتتى دېگەن، شۇنداق بولسا بولاتتى، شۇنداق قىلساق بولاتتى،  دېگەن گەپنى ھەممىمىز دىيەلەيمىز، ئەمما ئۇنىڭ مۇنداقمۇ مۇۋاپىق ھەل قىلىش يولىنى ھەممىمىز بىلمەيمىز. ئۇ مۇشۇ ھەقتە قانۇن ئۆگىنىپتۇ. قانۇنىي ئاساسىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن تەخىرسىز ھالدا مۇسۇلمان ئاشخانىسىنى مۇسۇلمانغا خاس ئۆزگەرتىپتۇ. ئىشنى قىلىشنىڭ ھەرخىل يولى بولىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك يول، پۇختا قەدەم بىلەن بېسىلغان بىخەتەر يول. يۈسۈپجان بۇ ھەقتە خېلى تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە ئىكەن. ئىشنى گالدىن باشلاپ بۇزۇپ قويمايلى، دەپتۇ، گالدىن بۇزۇلغاندىن كېيىنلا تۈزىمەكنىڭ تەسلىكىنى چۈشىنپ يېتىپتۇ. نەقەدەر ئالدىن كۆرەرلىك، نەقەدەر زور مەسئۇلىيەت ھە، <<ئۇنى قىلىسەن، بۇنى قىلمايسەن>>دىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى، نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ ئىشلەۋاتقان رەھبىرى كادىرلىرىمىزدىن قانچىلىكتۇ ، بۇ ئۇنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئوتتا كۆيۈپ، سۇدا ئېقىپ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن خالاس. بۇ تالانتلىق رەھبەر، بۇ تىنىم تاپماس ئەزىمەت يەنە كۈرمىڭ ئىشلارنى قىپتۇ، قىلىشقا جاسارىتى بار ئىكەن.

يۈسۈپجان بىلەن ئۇزاق ئەسرا بولالمىدۇق، ئۇنىڭ ھايات تارىخى ماڭا سىر پېتى قالدى. ئۇنىڭ بىلەن خېلى پاراڭلاشماقچى، ھاياتى پائالىيتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالماقچى ئىدىم، مېنى قىزغىن كۈتىۋالغىنى، كېتىدىغىنىمدا بىرخالتا قارا دۈۋە چىلىنى ھەدىيە قىلغىنى ئۈچۈن ئەمەس، رەھبەرلەر ئارىسىدىمۇ مائارىپ ئۈچۈن مۇنداقمۇ مىننەتسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ماڭا تونۇتقانلىقى ئۈچۈن تۈزۈك بىر ئەسەر پۈتمەكچى ئىدىم. ئەمما ۋاقىت، شارائىت يار بەرمىدى. بىراق شۇنىسى يېتەرلىك بولدىكى ئۇنىڭ روھى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. يالقۇن روزى نوتۇق سۆزلىگەن شۇ زالدىكى مائارىپچىلارنىڭ يالقۇن روزىنىڭ ھېكمەتلەرگە تويۇنغان، ئۆزلىرىنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدىغان نۇتقىنى ئاڭلاپ مائارىپچىلارنىڭ قەلبىنىڭ قانچىلىك لەرزىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قۇمۇل مائارىپىنىڭ بۇ قەدەر ياخشى بولىشىنىڭ سىر- ئەسرارلىرىنى بىلگەندەك بولدۇم، (يالقۇن روزىنىڭ شۇ نۇتقى بىزلەردە سۆزلەنسە قانداق ھالەت بولار دېگەننى ئويلىغاندىن كېيىن بۇلارغا تېخىمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدىم). ھەئە، قۇمۇل مائارىپچىلىرىنىڭ، يۈسۈپجاننىڭ روھى ماڭا ھەقىقىي قۇمۇل روھىنى ئەسلەتتى. پالۋان سۈپەت ئەجدادلارنى ئەسلەتتى. ياشاپ كەت قۇمۇل!، ياشاپ كەت قۇمۇل مائارىپى!!، ياشاپ، ياشناپ كەت قۇمۇل مائارىپىنىڭ پەۋانىلىرى- ئەزىمەت، باھادىرلىرى!!!

2009- يىل 15-مارت ئۈرۈمچى

      بۇ  ئەسەر  ئىلگىرى  باغداش  تورىدا  ئېلان  قىلىنغان  ئىدى  .   ئاپتورنىڭ  رۇخسىتىنى  ئالماي  تۇرۇپ  تورغا  يوللۇدۇم   بەلكىم  ئاپتور  خاپىلاپمۇ  كەتمەس  .
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-05, 11:55
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-05 00:40 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 629 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 619 سوم
تۆھپە: 357 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 362 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس، مەنمۇ قومۇللۇقلارنىڭ ئاشۇ خۇشامەتتىن خالىي مەردۇ-مەردانە مىجەزىنى ياخشى كۆرىمەن.
西部医院
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 11:54 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 237
شۆھرەت: 1200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1210 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 717 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  ئەسەردىن بەكمۇ سۆيۇندۇم ، بىزنىڭ قومۇلىمىزنىڭ ، قومۇل مائارىپىمىزنىڭ (گەرچە نۇرغۇن ئىللەتلەر ، سەۋەنلىكلەر ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ ) ئاشۇ دوستلىرىمىزدا ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۇندۇم ...

مەنمۇ ھەر ۋاقىت يۇرتۇم بوستانلىقلىرىدىن ئاشۇ «ئۆچمەس ئىزلار» ، « ئىز » رومانلىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك  ساپ ئادىمىي ئەخلاق بىلەن تويۇنغان ، غۇرۇر ، ۋىجدان  نۇرلىرى يالتىراۋاتقان ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۇل چىرايلىرى نامايەن بولىدىغان ، ھازىرقى  مۇھىت قۇرغاقچىلىقىدىن  قانداقتۇر چىقىش يولى ئىزدەپ ،ئۈمىدسىزلەرچە  ، بىچارىلەرچە  ئەتراپقا تەلمۈرىۋاتقان ساپ قومۇللۇقلىرىمىزنىڭ كۈنسايىن سۇسلىشىۋاتقان « ئىز » لىرىنى ئىزدەيمەن ...، قېنى ،  ئۇ قومۇل روھى ؟  قېنى بىزنى سۆيۇندۇرىۋاتقان  خوجىنىياز  ، تۆمۇر خەلىپە روھى ؟؟........،

ھەر ھالدا بۇ ئەزىزانە مېھمىنىمىز قومۇلدىكى «ئىككىنچى سەپەر»ىدە بولسىمۇ ، ئىزلىگەنلىرىنى تېپىپتۇ ، كۆڭلىم خېلى ئىزىغا چۈشتى ، خاتىرجەم بولدۇم  ...

يۇرتىمىز مائارىپىنىڭ ئانچە - مۇنچە ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۇنۇشكە ھەقلىقمىز  ، لېكىن بىز مائارىپچىلار  چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ « مائارىپچى » رولىمىزنى ھەقىقى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك . گەرچە توسالغۇلار بەك ، بەك ... ئېغىر بولسىمۇ ، لېكىن چوقۇم تىرىشىشمىز كېرەك ...

دوستلىرىمىزنىڭ   كېيىنكى قېتىملىق « قومۇلغا سەپەر » لىرىنىڭ تېخىمۇ ھاسىلاتلىق بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ...
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 13:28 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 1320 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1320 سوم
تۆھپە: 764 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 764 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 274(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە، قومۇلغا ،قومۇل مائارىپىغا شۇنداق يوقۇرى باھا بەرگىنىڭىزگە.  بىز مائارىپچىلار تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىمىز، مىللى مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز كېركلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 13:58 |
ablikim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3437
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 388 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 416 سوم
تۆھپە: 230 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 231 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى arzuyumدە2011-10-05 13:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
رەھمەت سىزگە، قومۇلغا ،قومۇل مائارىپىغا شۇنداق يوقۇرى باھا بەرگىنىڭىزگە.  بىز مائارىپچىلار تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىمىز، مىللى مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز كېركلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.

بۇرۇنراق ھىس قىلشىڭىز كىرەك ئىدى بۇنى ، دۆت خانىم ............
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 14:05 |
alpida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3313
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 18 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 19 سوم
تۆھپە: 11 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرۇنراق ھىس قىلشىڭىز كىرەك ئىدى بۇنى ، دۆت خانىم  ............

      ئابلىكىم ئەپەندى،تىلىڭىز ئەجەپ سېسىق ئىكەنغۇ،چايقىۋېتىپراق كىرسىڭىز بوپتىكەن بۇ مۇنبەرگە.شۇنداق سەمىمى ئىنكاسقا بەرگەن ئىنكاسىغا قاراڭلار بۇ ئاغزى نەسنىڭ.........
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:09 |
dilnaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 844 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابلىكىم ئەپەندى ،ئەدەپلىكرەك بولۇڭە ، تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان بولسا، دوت بولامدۇ. بەلكىم ھازىرلاردىن تىرىشچانلىغىم يېتەرلىك بولدى ، بۇندىن ئارتۇقنى قىلالمايمەن دەپ ئويلاپ ،شۇنداق دەپ يېزىپ قالغاندۇ . غەيرەتكە كەلگەن بولسا ،تېخىمۇ رىغبەتلەندۇرەيلى، سوغاق سۇ سەپمەيلى .
قۇمۇل مائارىپىدا ھەقىقەتەن يۇسۇپجان جۇجاڭدەك كىشىلەر بار، ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى ناھايىتى توغرا ھېس قىلىپسىز . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى بېغىشلاپ ئىشلەيدۇ .قوش تىل ئوقۇتۇشىدا بەك ئالدىراپ كەتمىدۇق ، ئاساس سېلىشنى ،ئۆزنى چاغلاشنى ئەۋزەل بىلدۇق .لېكىن قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلار ئېغىر . بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە باشقا تىللارنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەسىلىسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكى ئېغىر . ئاتا-ئانىلار دائىم ۋايسايدۇ ،ھەتتە بالىلىرىمىزغا دەرس ئۆگىتىشكە كۇچىمىز يەتمەيدۇ دەپ . شۇڭا دائىم ھەرخىل كۇرسلارغا بالىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىدۇ . كەچلىك تەكرار سىنىپلىرى ئېچىلدى، مۇشۇ ئاتا-ئانىسى يېتەكچىلىك قىلالمايدىغان بالىلار ئۈچۈن . ھەرقانچە ئىشلىسەكمۇ يېتەرلىك ئەمەستەك ھېس قىلىمەن تۇرۇپلا . قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ .بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چەكسىز تىرىشچانلىغى ، ئېگىلمەس ئىرادىسى،ھارماس روھى  كېرەك بولىدۇ ،ئىلھام، مۇئەييەنلەشتۇرۇشلەرمۇ ئەلۋەتتە زۆرۇر. يۇقۇرقى يازمىنىڭ ئىگىسىگە تەشەككۇر، قۇمۇل مائارىپىنى شۇنچىلىك مۇئەييەنلەشتۇرگىنىڭ ئۈچۈن ،ئىلھام بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن !
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:11 |
alpida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3313
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 18 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 19 سوم
تۆھپە: 11 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      مۇشۇ ئابلىكىمدەك قىچىشمىغان يەرنى تاتلايدىغانلارنى مۇنبەردىن ھايداشنىڭ ئۆزى ئاقىلانىلىق،مۇشۇنداقلار مۇنبەرلەرنى سېسىسىتىپ،يوق ماجرالارنى چىقىرىپ تاماشا كۆرىدىغانلار......
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:15 |
uyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 159
شۆھرەت: 948 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 964 سوم
تۆھپە: 555 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 566 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەنۇبلۇقلارنىڭ باشلىققا شاپاشلايدىغان مىجەزى دەپ بەكلا بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟ بىزنىڭ قۇمۇلدا باشلىققا پوداقچىلىق قىلىدىغانلار جەنۇبتىنمۇ بەك ئاشۇرېۋېتىدىغۇ زادى.
مەيلى جەنۇب مەيلى شىمال بولسۇن بۇ ئادەت ھەممە يەردە بار.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:31 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 1190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1200 سوم
تۆھپە: 711 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 711 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋۋا ئاشۇنداق ئادەملەرمۇ بارمىكەن بۇ جاھاندا ، توۋۋا توۋۋا !
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:33 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 1190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1200 سوم
تۆھپە: 711 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 711 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەراسەت ، ئ.اۋۇ بەشكىرەمنىڭ مۇدىرى ماۋۇ تېمىنى كۆرسە بوپتىكەن ھە !
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار