karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 312 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 378 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 422 سوم
تۆھپە: 204 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 205 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 320(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سالىھ پەرزەنت

           سالىھ پەرزەنت

 

مەن مەئىشەت، قىمار ۋە ئىچكۈلۈك دىگەن جايلاردا كىچە- كۈندۈز توختىماستىن تېپىرلاپ يۈرىيدىغان، ئۆزۈمنىڭ نەپسىگە قۇل بولغان بىر ئىنسان ئىدىم. باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن مازاق قىلىشنى، باشقىلارنى ھاقارەتلەشنى، كۆپچىلىكنىڭ ئارقىسىدىن كۈلۈشنى ياخشى كۆرەر ئىدىم.

بىر كۈنى نۆۋەتتىكى ئۆلپەتچىلىكتىن ئۆلپەتلىرىم بىلەن كەيىپچىلىكتە كۇچىغا چىقتۇق. مەن مەست ھالەتتە، كەيپ غالىپ كەلگەن، ئوتتۇرىدا شەيتان بار. كۇچىغا چىقسام، يىراقتىن كۆزى كور، ئايىغى چولاق بىر ناگىران ئادەمنىڭ پايپاسلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. شەيتان يولدىن ئۇردىمۇ، يا كەيپ غالىپ كەلدىمۇ،  ئۆلپەتلىرىمگە قاراپ:

- ھازىر مەن بىر تاماشا كۆرسىتەيمۇ؟ تويۇپ-تويۇپ كۈلىسىلەر، دىدىم.

مەن ھېلىقى كىلىۋاتقان بىچارە ناگىران ئادەمنى ئايىغىم بىلەن ئۇرۇپ يىقىتتىم. يەرگە يىقىلغان كۆزى كور، ناگىران چۇلاق ئادەم ئورنىدىن تۇرالماستىن، دىۋاننى تۇتۇپ پايپاسلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ تېلىقىپ، تېلىقىپ كۈلدۇق.

تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆيۈمگە كەلسەم، ئايالىمنى تولغاق تۇتۇپ تۇرغان، ئاي- كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان پەيتى ئىكەن. دوختۇرخانىغا باردۇق. ئىككى سائەتتىن كىيىن ئوغۇل تۇغۇلدى. خەۋەر بولدىكى، ئوغۇل كۆردىڭىز، لىكىن كىتىشىڭىزدىن ئىلگىرى شىپاخانىغا كىرەر ئىكەنسىز، دوختۇرنىڭ سىزگە دەيدىغان گىپى بار ئىكەن، دەپ. دوختۇرنىڭ ھۇزۇرىغا كىردىم. دوختۇر ئالدىن مىنى تەبرىكلەپ:

- اللە سىزگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى، مۇبارەك بولسۇن. لىكىن بىر ناخوش خەبەر بار، تۇغۇلغان بالىڭىز تۇغما چۇلاق، ئىككى كۆزى كور ھالەتتە تۇغۇلدى، دىگەن گەپنى ئېيتىشتى. يارەببىم، كىچە بىر ئىنساننى ناھەق ھاقارەتلەپ، ئايىغىم بىلەن ئۇرۇپ يىقىتقان ئىدىم، بۇگۇن ئۆزۇمنىڭ بېشىمغا قايتۇرۇپ قويدۇڭ. بىر ئىنساننىڭ ئۈستىدىن كۈلگەن ئىدىم، بۈگۇن ئۆزۈڭ ماڭا شۇ ئىشنى پەرزەنتىمدىن قايتۇردۇڭ، دىدىم. دەردىم ئىچىمدە قالدى، بىراۋغا ئېيتالىغىنىم يوق.

بالا ساناقلىق كۈنلەردىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدى. دوختۇرخانىدىن چىقتى.ئۇ بالىغا سالىم دەپ ئىسىم قويدۇق. لىكىن بىرەر مەرتىۋە ئۇنى پەرزەنتىم  دەپ باغرىمغا باسقىنىم يوق. باشقا ئاتىلارغا ئوخشاش- پەرزەنتىنى ئەركىلىتىپ، كۇچىلاردا ئايلاندۇرغان بىر ئاتىلارغا ئوخشاش قۇلىدىن يىتىلەپ يۈرگىنىم يوق، ئاتىلىق مىھرىنى بەرگىنىم يوق. ئۆزۈمنىڭ ئەۋلادىم بولغان پەرزەنتىمدىن ئۆزۈم يىرگەندىم. چولاق، ناگىران، كۆزى كور بالىنى قۇلۇمغا ئالغىنىم يوق. بالا كۈندىن- كۈنگە چۇڭ بولدى. يەنە ئىككى ئۇغۈل كۆردۇق، ئۇمەر ۋە خالىد دەپ ئۇغۇللىرىمىزگە نام بەردۇق.

مەن ھامان زالالەتتىمەن. ھامان نا توغرا يولدىمەن. ئايالىم اللە غا ئىلتىجا قىلىدۇ، نامازلاردا يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار، شۇ زالالەتتە يۈرگەن ئېرىمگە ئىنساپ بەرگىن، ئۇنى ھىدايىتىڭگە باشلىغىن، توغرا يولغا ئۆزۈڭ يىتەكلىگىن، توغرا يولنى كۆرسەتكىن، دەپ اللە دىن سۇرايدۇ.

نىھايەت، ھىدايەتكە چىقىدىغان كۈنۈم باشلاندى. بۇ جۈمە كۈنى ئىدى. ئوغلۇم سالىم- ناگىران، ئايىغى چولاق، كۆزى كور بالام ئون ياشقا تولغان پەيت ئىدى. ئەرتىلەپ ئۇيقىدىن تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئۆلپەتچىلىككە باراي دەپ تۇرسام، ئوغلۇمنىڭ يۈرەكنى ئىزىدىغان دەرىجىدە يىغلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم.

-     سالىم، نىمىگە يىغلاۋاتىسەن؟

- ئۇكام ئۈمەرنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم، كېچىكىپ قالدى.

- ئۇكاڭ ئۈمەرنى ئاناڭ بىرەر ئىش بىلەن بىر يەرگە ئەۋەتكەن بولسا كىرەك. ئۇكاڭ ئۈمەر نىمە ئۈچۈن ساڭا كىرەك بۇلۇپ قالدى؟ دەپ سۇرىسام، يۈرەكنى ئىزىدىغان ھالەتتە تېخىمۇ قاتتىق يىغلىدى. ئارقامغا قايتىپ يەنە سۇرىدىم:

- سالىم، ئۇكاڭ ئۈمەر نىمە ئۈچۈن كىرەك ئىدى؟                                          

- ئاتا، ۋاقىت ئۈتۈپ قالدى، ئۈمەر كىچىكىپ قالدى. مەن بۈگۈن نىيەت قىلغان ئىدىم، اللە دىن سۇرىغان ئىدىم. جۇمە نامىزىغا بېرىپ بىرىنجى سەپتە ئولتۇرۇپ، بىرىنجى سەپنىڭ ساۋابىنى ئالاي دەپ اللە دىن ئۈمۈدۋار بولغان ئىدىم. ئۆزۈم ناگىرانمەن، ئايىغىم چۇلاق، كۆزۈم كور، ئىمكان بولغان بولسا ئۆزۈم يۈرۈپ بارار ئىدىم. كۆزۈم بۇ دۇنيانى كۆرمەيدۇ. ئۇكام يىتىلەپ ئاپىرىمەن دىگەن ئىدى، ۋەدە قىلغان ئىدى. لىكىن ئۈمەر كىچىكىپ قالدى.

ئاھ پەرۋەردىگار، سەن بۇ بالىنى كور قىلدىڭمۇ، يا مىنى كور قىلدىڭمۇ؟ كۆزى كور بولسا، قەلبىنى ئېچىپ قۇيۇپسەن. كىچىككىنە بىر بالا پەرزەنتىم ، ئەۋلادىم ناگىران، ئايىغى چۇلاق، كۆزى كور بولسىمۇ، بىرىنجى سەپكە بېرىپ، جۈمە نامىزىنىڭ ساۋابىدىن ئۈمىدۋار بۇلۇپ، بىرىنجى سەپتە ئىبادەت قىلىشنى نىيەت قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ، ئەمما مەن بىر ئاتا تۇرۇپ، دۇنياغا كىلىپ، يەتتە ئەزايىم سالامەت، پۇت قۇلۇم ساق، كۆزۈم دۇنيانى كۆرۇپ تۇرسىمۇ، نىمە ئۈچۈن بىرىنجى سەپ ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئاخىرقى سەپتە ئولتۇرۇش دىلىمغا كەلگىنى يوق. نىمىگە مىنى بونچىلىك گۇمراھ قىلدىڭ پەرۋەردىگار، دىدىم. بالىنى يالغۇز قالدۇرۇپ كىتىشكە ۋىجدانىم قويمىدى.

- سالىم، مەن ھازىر تاھارەت ئالىمەن، قۇلۇڭدىن يىتىلەپ ئۆزۈم جۈمە نامىزىغا ئېلىپ بارىمەن.

- ئاتا، قويۇڭ، ئۈستۇمدىن كۈلمەڭ، سىز جۈمە نامىزىغا بارمايدىغان ئىنسانسىز.  

- بالام مەن قۇلۇڭدىن يىتىلەپ ئۆزۈم ئاپىرىمەن دەپ نىيەت قىلدىم دىدىم- دە، تاھارەتنى ئېلىپ، سالىمنى قۇلىدىن يىتىلەپ مەسجىدكە باردۇق. بارساق جامائەت ئىچكىرىگە ھەم تاشقىرىغا تولۇپ كىتىپتۇ. سۇبھاناللاھ، مانا شۇ بالىغا بىرىنجى سەپتىن جاي تېپىلدى. بىرىنجى سەپكە ئوغلۇمنى ئۆتكۈزۈپ، ئارقىسىدىن ئۆزۇم تىز چۈكۈپ نامازنى ئادا قىلدۇق. قاراپ تۇرسام ناگىران، كۆزى كور، ئايىغى چۇلاق بالام دىۋارلارنى سىلاپ بولسا ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ بېشىنى سەجدىگە قۇيۇپ تۇرۇپتۇ. جۈمە نامىزى ئاياغلاشقاندىن كىيىن:

- سالىم، ئورنۇڭدىن تۇر، ئۆيگە كىتىمىز دىسەم،       

- ئاتا، قۇرئاننى ئېلىپ بىرىڭ، قۇرئاننىڭ قاف سۈرىسىنى ئېچىپ بىرىڭ، مەن سۈرىنى تىلاۋەت قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرىمەن، دىدى.

قۇرئاننى ئېلىپ قاف سۈرىسىنى ئېچىپ قۇلىغا بەردىم. كور بالا قانداق قىلىپ ئۇقۇيدىكىن دىسەم، قۇرئاننى يادقا ئېلىپ بولغان ئىكەن. قاف سۈرىسىنى باشتىن ئاخىرىغىچە ئايەتمۇ- ئايەت ئۇقۇپ ئاخىرىغا يەتكۈزگەندە، بالام قۇرئاننى ئۇقۇپ تۇرۇپتۇ-يۇ، مىنىڭ كۆزۈمدىن ياش تۈكۇلۈپ تۇرۇپتۇ. كۆزىنى كور قىلغان بولساڭمۇ قەلبىنى ئېچىپ، قەلبىگە كالامىڭنى قاچىلاپ قۇيۇپسەن. مەن سالامەتمەن، كۆزۈم ئۇچۇق بولسىمۇ قاچان قۇرئاننى ئاخىرقى مەرتە قۇلۇمغا ئالغانلىقىمنى ئۆزۈم بىلمەيمەن. شۈنچىلىك مىنى گۇمراھ قىلىپ، مۇھۇر باسقانمۇ سەن رەببىم، دەپ اللە غا يىغلاپ تۇردۇم بىر مەھەل.مەن كۆزۈمنى سىلاپ تۇرغان يۇمشاق قولنى سىزىپ قالدىم. قارىسام ئوغلۇم سالىمنىڭ كۆزۇمدىن ئاققان ياشنى قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ، ماڭا قۇشۇلۇپ يىغلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم.

ئاشۇ كۈنى ئاتا- بالا بەختىيار بۇلۇپ ئۆيىمىزگە قايتتۇق. شۇ كۈن بولسا مەن زالالەتتىن قايتىپ، ھىدايەتكە بىرىنجى قەدەم قويغان كۈنۈم، بېشىم سەجدىگە تېگىپ ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىگە بارغان كۈنۈم، مانا شۇ پەرزەنتىم ماڭا، مىنىڭ ھىدايەت تېپىشىمغا سەۋەپچى بولغان كۈن. ئەھلى- ئايالىم، خانىدان، قەۋمى- قېرىنداشلار بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇرسەن.

مەن يامان يولدىكى ئۆلپەتلەردىن ۋاز كېچىپ، يېڭى دوستلارنى تاپتىم. ئىماننىڭ ھالاۋىتىدىن قەلبىم بەھرىمان بۇلۇپ، بېشىمنى سەجدىگە قويدۇم. شۇ بالامغا مىھرىم باشقىچە بۇلۇپ كەتتى. ياشلىغىدا بىرەر مەرتىۋە بالام، دەپ باغرىمغا باسمىغان ئىدىم. ئاتىلار كەبى ئەركىلەتكىنىم يوق. شۇ بالىغا ئۇمۇمەن قارىمىغان ئىدىم. لىكىن شۇ پەرزەنتىم مىنىڭ قۇلۇمدىن يىتىلەپ ھىدايەتكە باشلىدى...

ماڭا سەپەر ۋاجىپ بۇلۇپ، ئۈچ ئايدىن ئارتۇق يىراق بىر مەملىكەتكە كەتتىم. ھەر كۈنى تېلىفۇن ئارقىلىق سۆزلىشىپ، ئوغلۇم سالىم قانداق، دەپ سۇرايمەن. لىكىن سالىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايمەن. ئەھلى- ئايالىم، بالىلىرىم سالىم مەكتەپتە، يا مەدرىستە دىگەن گەپنى دىيىشىدۇ، لىكىن سالىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. بىر قېتىم بولسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىسام ئارمىنىم يوق دەپ اللە دىن سۇرار ئىدىم.

ئۆيگە قايتىشقا بىر ھەپتە قالغاندا، يەنە تېلىفۇن ئۇردۇم. ئايالىم تېلىفۇننى ئېلىپ، سالىم ياخشىمۇ، دىگەن سۇئالىمغا ئىنشائاللا دەپ جاۋاپ بەردىيۇ، لىكىن مەيۈسلىنىپ گەپ قىلغان ئاۋازىدىن ھەيران بولدۇم. ئارىدىن بىر قانچە كۈنلەر ئۈتۈپ ئۆيۇمگە كەلدىم. كۇچىدا كىلىۋاتقىنىمدا ئىنتىزار بۇلۇپ، ھازىر ئىشىكنى قاقسام، مىنى زالالەتتىن قايتۇرۇپ ھىدايەتكە باشلىغان ئوغلۇم سالىم ئىشىكنى ئاچسا، تۇيۇپ- تۇيۇپ بىر باغرىمغا باسسام دىگەن نىيەت بىلەن ئىشىكنى چەكتىم.  ئىشىكنى ئايالىم ئاچتى. ئۈمەر، خالىد ئوغۇللىرىم كىلىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن، سالىمنى ئىزدەشكە باشلىدىدىم.

- سالىم قېنى؟ دەپ سۇرىسام، ئوغلۇم ئۈمەر  مەيۈسلىك بىلەن:

- ئاتا، ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ سىز سەپەرگە كەتكەندىن كىيىن ئاكىمىز سالىم ئامانەتنى تاپشۇردى، دارۇل باقاغا رىھلەت قىلدى، جەننەتۇل مەۋئاغا كەتتى، دىگەن گەپنى ئېيتقاندا، بېشىمدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ، ئۆزۈمنى ھەر يانغا ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدىم. پەرۋەردىگار، بىر پەرزەندى سالىھنى ماڭا ئاتا قىلىپ، مىنى زالالەتتىن قايتۇرۇپ، ھىدايەتكە باشلىغان، جەننەتكە ھۆججەت، دۇزاخقا پەردە بۇلىدىغان بىر پەرزەنتنى ماڭا ئاتا قىلغان ئىكەنسەن، مەن ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەپتىمەن. بالامنى بىر كۆرەمەن دەپ كەلسەم بۇ پەرزەنتىم دۇنيادىن كۆز يۇمۇپتۇ. يارەببىم، بۇ بالىنىڭ ئايىغىنى چۇلاق قىلىپ ياراتتىڭ، لىكىن بۇ ئەسلىدە چۇلاق ئەمەس. ھىدايەتتە يۈرگەن، اللە بۇيرىغان توغرا يولدا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئايىغى چۇلاق بولمايدۇ. ئايىغىنى پۈتۈن قىلىپ قويساڭمۇ، لىكىن توغرا يولدىن ئاداشسا، زالالەتتە يۈرسە، يامانلىقتا يۈرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئايىغى ھەقىقى چۇلاقتۇر. بۇ بالىنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدۇڭ، لىكىن ئەسلىدە بۇ كور ئەمەس، قەلىب كۆزىنى ئېچىپ قويغان ئىدىڭ پەرۋەردىگار. ئىككى كۆزى ئۇچۇق بولسىمۇ، ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۈرەلمىسە؛ كۆزى ئۇچۇق بولسىمۇ، قەلب كۆزى كور بولسا بۇ ئىنسان ھەقىقى كور بولىدۇ. ئوغلۇمغا قىسقىچە ئۆمۇر بەردىڭ، لىكىن مەزمۇنلۇق ھايات بەردىڭ. قىسقىچە ئۆمۇر كەچۈردى، لىكىن ئىنسانلارغا ئىبرەت بۇلىدىغان ئۆمۇر كەچۈردى. پەرۋەردىگار، شۇنداق بىر گۇمراھ بولغان مەندەك بىر ئاتىنى ئۆزۈڭ كەچۈرگىن. بالام سالىم، اللە سىنى رەھمىتىگە ئالسۇن، ئامىن!                 

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-05, 16:31
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-05 14:31 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    شۆھرەت: 810 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 839 سوم
    تۆھپە: 485 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 485 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قاتتىق تەسىرلەندىم . بۇنداق تەمسىللەر ئۇيغۇرلاردا دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ . بۇنى ئەخلاقنىڭ جۇملىسىدىن دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم ،بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر مەنىسى بار ئىكەن . ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كوڭلىنى ئاشۇنداق ئوچۇق قىلغايسەن، پۇتىمىزنى ئۆزۇڭنىڭ  يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن !
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:38 |
    sarsan88
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
    تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 696 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغىنىمدا كۆزلىرىمگە ياش كەلگەن ئىدى ،
    ئاللا ھەممىە كىشىگە مۇشۇنداق ھىدايەت يولىغا قايتىشقا يول بەرسۇن !
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 18:53 |
    manzil
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 415 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
    تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 244 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ بىزلەرنى  سالىھلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن...!
    hawar
    يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 23:24 |
    kirindax
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3575
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 28 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 29 سوم
    تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 18 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ بەك ياخشى ئىدى .
    خصمصية   توپ نومىرى 162475628 .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 02:09 |
    rawiya
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2959
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 138 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 139 سوم
    تۆھپە: 83 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 84 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ بىزلەرنى  سالىھلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن...!
    ئامىن........     
    西部医院
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 11:53 |
    nimishqa
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 88 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 89 سوم
    تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھۆرمەتلىك رەببانى ئىسىملىك تورداش، مەن تەۋرات ئىنجىل ئۆزگەردىمۇ ئۆزگەرمىدىمۇ بۇنى سىز بىلەن مۇنازىرە قىلماقچى ئەمەستىم، لىكىن ئىنكاسڭىزنى كۈرۈپ قۇرئاننى كۈرۈپ باقتىم، سۇرە  مائىدە 68-ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا تەۋرات ئىنجىل ئۆزگەرمىگەن، چۈنكى بۇ ئايەتتە '' تەۋراتقا ئىنجىلغا ۋە خۇدا نازىل قىلغان كىتاپقا تۇلۇق ئەمەس قىلىڭلار '' دىيىلىپتۇ. ئۆزگەرگەن بولسا ئەمەل سۆزى ئىشلىتىلمەستى ھەقىچان.
    باشقا ئايەتلەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ دىيىلگەن ئىكەن، تەۋرات ئىنجىلمۇ خۇدانىڭ سۆزىدۇ ھەقچان ياكى مۇسا بىلەن ئەيسانىڭ سۆزىمۇ...
    داۋاملىق پاراڭلىششنى خالايمەن.
    تىرىشقان بىلىم ئالار ، ئۇيالغان كىيىن قالار دەپتىكەن. بىراق بىر قىسىم تۇر ئەسەبىلىرى ھەدىسە ئادەمنى كاپىرغا چىقىرىشقا ئاران تۇرىدۇ.
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 23:42 |
    sadir-palwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 122
    شۆھرەت: 638 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 639 سوم
    تۆھپە: 380 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 381 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلەمە بىن ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىدىن سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغان ئىدى.پەيغەمبىرىمىز سائادنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە ماتەم بولغان ئۆيگە باردى.پەيغەمبىرىمىز ئالدىدا،بىز كەينىدە ئىدۇق.ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق.پەيغەمبىرىمىز ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.ئۆيدە سائاد بىن مۇئازنىڭ جىنازىسىلا بار ئىدى.باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى بىرىىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ سالىدىغاندەك ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەسسەپ ماڭاتتى.ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىمنى كۆرىپ،تۇرغان يېرىمدە توختىشىمنى ئىشارەت قىلدى.مەن توختاپ تۇردۇم.كەينىمدىكىلەرگىمۇ توختاپ تۇرۇشنى ئىشارەت قىلدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىققاندا <<ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!مەن ھېچكىمنى كۆرمىدىم.ئەمما سىز خۇددى بىرەيلەننىڭ ئۈستىدىن دەسسەپ سالماي دەپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك،ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ماڭدىڭىز>> دېدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى؛<<سائادنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىش ئۈچۈن،ئىلگىرى يەر يۈزىگە كېلىپ باقمىغان يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەپتۇ.ئۆيدە ئولتۇرغۇدەك يەر تاپالمدىم.پەرىشتىلەردىن بىرى ئازراق يەر بوشىتىپ بەردى،شۇ يەردە ئاران ئولتۇرالىدىم.>>
    سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەتكەن مەرتىۋىدىن شۇنداق مەمنۇن بولغانكى،داۋاملىق ئۇنى تىلغا ئېلىپ؛<<ئەي ئەبا ئامر(ئامرنىڭ دادىسى سائاد)،سەن نېمە دېگەن بەخىتلىك-ھە!>>دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى.
    (<<ئىبىن سائاد>>،3جىلد،428-430)
    شۇنداق بىر ھايات ياشايلىكى،بىزنىڭ جىنازىمىزنىمۇ پەرىشتىلەر كۆتۈرسۇن.
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-07 02:23 |
    manzil
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 415 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
    تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 244 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     6 - قەۋەتتىكى nimishqaنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداش ... بۇ مەسلىدە تالاش تارتىش قىلغۇدەك مەسلىمۇ ئەمەسقۇ دەيمەن!
    چۈنكى سىز <لەئىلاھە ئلەللاھ مۇھەممەدۇرراسۇلۇللاھ  >قائىمان كەلتۈرگەنمۇ ياكى باشقىغىمۇ يەنە كىلىپ بىزلەرگە ئەڭ لايىىقى  قۇرئان كەرىم ھەدىسى راسۇلۇللاھ..
    تەۋرات ئىنجىلغا كەلسەك يەھۇدى ناسارالار  ئۈزىگە مەنپەئەتلىك يەرلىرىنى قالدۇرۇپ قىيىن ھالقىلارنى ئۆزگەرىتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت...
    بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز گەنازىل بولغان كىتاپ قۇرئان كەرىم بولغاندىكىن  قۇرئان كەرىم ھەدىسى راسۇلۇللاھ.. بىزگە ئەڭ لايىق ...
    ھەم بۇكىتاپ    ھەقتۇر بۇ كىتاپتا شەك يوق
    sarkar
    يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-07 18:42 |
    manzil
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 415 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
    تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 244 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     6 - قەۋەتتىكى nimishqaنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

    قېرىندىشىم  ئشقىلىپ  مۇنازىرلىشپ تۇرايلى ھەممىمىز بىر ئېقىننىڭ سۈيىگە ئوخشاش كىيىنكى چوڭ ئېقىنن ھەم ئوخشاش .
    كۆپرەك تەلىم بېرىشلىرنى سۇرايمەن ..
    يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-07 18:51 |
    al-tǜrk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3496
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 155 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
    تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 93 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر تېمىدا يېزىلغان ئىنكاسنى بۇ يەرگە چاپلىشىڭىزدىكى مەقسىدىڭىز نېمە؟ جانابى نېمىشقا. ئەمدى سىز پارازىتنى ئالدىنقى قېتىمدىكى قېرىنداشلىرىڭىزنى تازلىغاندەك مۇنبەردىن قوغلاندى قىلمىسا بۇ باشقۇرغۇچىلاردىكى سەۋەنلىك بولۇپ قالىدۇ.  نېمىشقانىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى بىردىن بىردىن كۆرۈپ بېقىڭلار قېرىنداشلار. باغداشنىڭ ئادىل باشقۇرغۇچىلىرى قېنى؟
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-07 18:56 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » تەرمىلەر