تەڭداشسىز ھەقىقەت
جاھالەتكە تايانغان ئىنساندىنمۇ ، ئاجىز نەرسە بولماس !
( ئۇيغۇر يولۋىسى ئەقىلىيەلىرىدىن)
يۈگىرىتسەم دائىم قەغەزدە قەلەم،
مەدھىيلىشىم چىن ھەقىقەت.
قەلبىمگە تولسا ئاچچىق ئەلەم،
سەۋەپكاردۇر بۇنغا جاھالەت.
بىرگەز ئۆرلىسە نىجىز جاھالەت،
مىڭ گەز ئۆرلەر ئۇندا جاھالەت.
دېگەن ئۇشبۇ گۈزەل سۆزلەر ،
ئابىدەمدۇر قەلبىمدە ھېكمەت.
رەزىللىككە تولسا گەر ئالەم،
پۇتۇڭدا بولسا ھەق سەيناسى.
نېجىز جاھالەت تۇتار ماتەم،
يېرىپ ئۈتەر ھەقنىڭ سىماسى.
يەڭگەن ئەمەس ئەسلا ناھەق،
تەڭداشسىز دۇر ھامان ھەق.
غەلبە قىلىمەن دىسە جاھالەت،
خام-خىيالى بولغۇسى پەقەت.
دەڭداشسىز دۇر ھەقىقەت،
تەڭ كىلەلمەس جاھالەت.
ئاسمان بۇلۇپ باسسىمۇ،
تالقان قىلار ئادالەت.
نېمە ئۈچۈن قورىقمايدۇ يۈرەك
ئازاپلىق كۈنلەردىكى بەختىم ،رازىمەنلىك بىلەن سەۋىر قىلىشتۇر !
(ئۇيغۇر يولۋىسى ئەقىلىيەلىرىدىن)
تەپسەم مىڭ پارە بولسا يەتتە ئاسمان،
ئالقىنىمدا مىجىلسا ئاي ۋە جاھان.
پۈۋلىسەم ئۆچسە كۆكتىكى قۇياش،
بولساممۇ گەر شۇنچىلىك يامان .
كۈچ ئەمەس بۇ رەببىم ئالدىدا،
ئاجىزلىق ھىساپلىنار يەنىلا ھامان.
پۈتۈن ئالەمنى سىكۇنت، دەقىقىدە،
قىلىۋىتەر رەببىم چاينىغان سامان.
نېمە قىلسۇن بىزدە بۇنچە كارامەت،
ئاجىز تەنلىرىمىز بىز ئۈچۈن ھىممەت.
تات قۇلۇڭنى دەپ تۇرسا رەببىم،
نەدىن كەلدىكى قىلىشقا جۈرئەت.
پېتىپ كەتسەممۇ شۇنچە گۇناھقا،
توزىتىۋەتمەي مېنى شۇ ئانلا.
ئۆچلىك قىلماي يەنىلا رەببىم،
پۇرسەت بىرەر ئادەم بۇلۇشقا.
سېنى تاللايمەن ۋىجدان !
ئادەمدە مەزمۇت تۇرىدىغان ۋىجدان بولمىسا ، قەلىبنى مۇتلەق پەسكەشلىك ئىگىلىگەن بۇلىدۇ !
(ئۇيغۇر يولۋىسى ئەقىلىيەلىرىدىن)
ياسىنىپ جابدۇنۇپ كەلدى مال-دۇنيا،
ئالتۇن كۈمۈش قوللىرىنى ئۇزارتىپ ماڭا.
دەيتتى ئۇ ئاجايىپ شىرىن سۆز بىلەن،
دوس بولساق ھەشەمەت يار بۇلۇر ساڭا.
ئۇنىڭ ئىگىز بويلىرى كۆككە تاقاشقان،
تۇراتتى نۇر چاقنىتىپ كۆزلەر قاماشقان.
پادىشا دەك ياشايسەن كۆڭۈل بەر دەپ،
پەخرلەنگەن ھالدا مېنى قىزىتقان .
شۇ ئەسنادا ۋىجدانىم نىدا قىپ دەيتتى،
بىرىلمىگىن ئۇلارغا ئاچچىقلاپ كەتتى.
ئايرىلىسەن نۇرغۇن ئىسىل خىسلەتتىن،
پېقىرمۇ شۇلار بىلەن بىللە ھەم كەتتى.
يەنە باشلىدى دۇنيا شىرىن سۈزىنى،
قوغلاشقىن مېنى چۇقۇم ئىرىشىسەن.
تاشلاپ سەن بۇنداق غۇربەتچىلىكنى،
چوڭ يەپ-ئىچىپ راۋرۇس ياشايسەن.
باشلىدى ۋىجدان ھېكمەت سۈزىنى،
بىرىلسەڭ پۇلغا ئۇنتۇيسەن مىنى.
جىق تاپساڭمۇ تويمايسەن ھەرگىز،
ئۆلگەندە تۇپراق تويغۇزار سېنى.
خاتىمە
دۇچ كىلۇرئىنسان شۇنداق تاللاشقا،
چۇقۇم ئىككىدىن بىرگە تۇرۇشقا.
ئېزىپ كىتەر مۇشۇنداق چاغدا،
مەزمۇت تۇرغان ۋجدان بولمىسا.
مەنبە : ئۇيغۇر . يولۋىسى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-06 14:19قايتا تەھرىرلىدى ]