لايغەزەل بۇلۇتلار سۈرلۈك ئۈزۈشۈپ،
نارازى بولغاندەك قايناق شەھەردىن.
شاۋقۇنلاپ توختىماس ماشنا ئاۋازى،
كېسىدۇ رەھىمسىز جىمجىت سەھەردىن.
قايسىدۇر تۆشۈكتە ئوقار يېقىملىق،
مۇڭلىنىپ يۈرەكتىن چىققان قىرائەت.
چىقاتتى دەلدەڭشىپ ئېسىل ئىشىكتىن،
نەلەردىن كەپ قالغان ياۋا زىرائەت.
كېچىچە ھاۋشىقان لالما ئىتلارمۇ،
مۈكۈنۈپ ئولتۇرار قۇياشتىن قېچىپ.
ناشتىغا ئالدىرغان مېھرىبان ئانا،
قارايدۇ ئەتراپقا دېرىزە ئېچىپ.
ئاخشامدىن ۋارقىرىغان پاكار يايمىچى،
ئولتۇرار مۇڭلۇنۇپ بازارنى ئويلاپ.
چوڭ مەسچىت ئالدىدا تۇرغان كىچىك قىز،
قارايدۇ ئىچىگە دەرۋازە بويلاپ.
ئۈرۈمچى شۇنچىلىك قايناق بىر شەھەر،
ئۇخلاپ يا ئۇخلىماي ئۆتىدۇ بىر كۈن.
ھېللا قىزىغان قايناق بىر بازار،
يوقىلار ئۇ بەلكىم بۈگۈن يا ئۆگۈن.
مەنبە:قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-10-07 22:07قايتا تەھرىرلى ]