بۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلايلى!
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسىم فامىلىسى نۇرمەمەت رۇزمەمەت،ئەر،ئۇيغۇر،1980-يىلى5–ئاينىڭ14–كۈنى قاراقاش ناھىيە قويچى يېزا توتلۇق كەنتىدە تۇغۇلغان.دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
2010-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى،خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ..قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا كۆپ قېتىم داۋالىنىپ قىسمەن ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ كېسەللىك ئاسارىتى تولۇق تۈگىمىگەن.بۇ كېسەل مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى تېخنكىلىق داۋالاشنى تەلەپ قىلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا بىر يىلدىن ئارتۇق داۋالىنىپ مال بېساتىدىن ئايرىلىپ نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان نامرات دېھقاننىڭ داۋالىنىشقا كېتەرلىك ئىقتىسادىنى قامدىشى بەك تەس بولۇپ قالغان.داۋالانماي دېسە ھايات قىممەتلىك، داۋالىناي دېسە قىيىنچىلىق ئېغىر. بۇ ھەممەيلەننىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش بوپقالدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىندىشىمىز ئۈچۈن تورداشلاردىن ياردەم سورىدۇق.ھەممەيلەننىڭ خالىس تىلىكى ۋە ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن بۇ قېرىندىشىمىز بۇ كېسەلدىن ساقىيىپ ھاياتقا قايتا ئۈمىد بىلەن قاراپ سىلى بىزلەردەك ساغلام ھالدا ياشاپ خەلقىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشسا ھەممىمىزنىڭ تۆھپىسى بولغۇسى.
تورداشلارنىڭ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىم دەپ قاراپ، قېرىندىشىمىزنىڭ ھالىغا ھال مۇڭىغا مۇڭ بولۇپ سەمىمى تىلىكى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار:
بىمارنىڭ بانكا كارتا نومۇرى:
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومۇرى: 622848370072188981
ئابونىت ئىسمى: نۇرمەمەت رۇزمەمەت (努尔麦麦提1如则麦麦提) >9
سودا-سانائەت بانكا كارتا نومۇرى: 6222023015001513063
ئابونىت ئىسمى: نۇرمەمەت رۇزمەمەت (努尔麦麦提1如则麦麦提)
بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويۇڭ!
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-10-07 22:15قايتا تەھرىرلى ]