ھازىدار بوغدا بۈگۈن
مۇھەممەتجان راشىدىن
(ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپاتىدا يېزىلغان مەرسىيە)
1
ھازىدار بوغدابۈگۈن، باغرىدا ھەرجان ھازىدار.
ياش تۆكۈپ قەشقەر، ئىلى، يىغلايدۇ تۇرپان ھازىدار.
مەن قۇمۇلنى ئايلىنىپ چىقسام خىيالەن بۇ سەھەر،
قايغۇدا پۈتكۈل شەھەر، سەھرادا دېھقان ھازىدار.
باغقا كىرسەڭلار گۈدەكلەر، ئۇندا كۈلمەڭلار لېكىن،
ئەھلى گۈل ماتەمدىدۇر، تامامى رەيھان ھازىدار.
مايسا-سۇمبۇل جىم بولۇشسا، ۋەجى كەچكۈزدىن دېمەڭ،
كۈيچىسى كەتتى ئۇچۇپ، شۇڭلاشقا بوستان ھازىدار.
تولغىنىپ ئېرتىش، ئىلى، تارىم، تۈمەن دەرياسىمۇ،
ئاقتى ھەسرەت ئىلكىدە، باغرىدا قان-قان ھازىدار.
مەن ۋاراقلايمەن<<ئۆمۈر مەنزىللىرى>>نى قايتىدىن،
ئۆمرىدە يازغان كىتاب ھەم نەزمە- داستان ھازىدار.
ياخشىلار كەتسە ئەگەر، يۈز ياشنىمۇ<<ياش كەتتى!>>دەپ.
تەڭ چۆكەرگەن قايغۇغا ھەتاكى مېھمان ھازىدار.
تەڭرىتاغنىڭ كۈيچى ئوغلىبىمەھەل كۆز يۇمدە دەپ،
يولدا كارۋان، باغدا قۇش، ئۈستۈمدە ئاسمان ھازىدار.
2
كەتتى شائىر<<خوش!>>ئېيتىپ، بىزگە مۇھاببەت قالدۇرۇپ،
كەتتى يازغۇچى جىمى دوستىغا شۆھرەت قالدۇرۇپ.
بارچىدىن ئەلەم ئۈچۈن ئالىمىدىن ئايرىلغان يامان،
كەتتى ئالىم، ۋاي ئىسىت، ئەلەمگە بىر دەرد قالدۇرۇپ.
بۇ جۇدالىق ئايرىدى بىزنى قەلەم سەردارىدىن،
كەتتى،ئەمما خەلقىگە شاھانە دۆلەت قالدۇرۇپ.
راسىت ئۇنىڭ باسقان ئىزىدا نۇر بىلەن دۇرئاققىنى،
بىر خىزىر يەڭلىغ ھەر جايدا بەركەت قالدۇرۇپ.
<<ئىز>>نى يازغان قوللىرىڭغا سۆيمىگەنلەر بۇندا ئاز،
يازدى، چۈنكى ھەرقۇرىدا مىسلى قۇدىرەت قالدۇرۇپ.
كەمدە-كەمدۇر ئەھلى دانا ئۇكەبى نۇسرەتكە باي،
كېزىدۇ روھى ئۇنىڭ ھەرجايدا ھىممەت قالدۇرۇپ.
يىغلىساقمۇ قەلبىمىزدە بارشۇڭا بىر ئىپتىخار،
بۇرچىمىز شۇنداق ياشاش تارىختا بىىر بەت قالدۇرۇپ.
كۈيلىگەنلەر خەلقىنى ئالغاي ئۇنىڭدىن بىر مىزان،
ئۆتكىلى ئۆزئۆمرىدە ئۆلمەسكە خىزمەت قالدۇرۇپ.
3
بىر زامانلاردا پەلەككە ئەرزىمىز ئوخشاش ئىدى،
مەن كىچىك، سىز چوڭ ۋەلېكىن دەردىمىز ئوخشاش ئىدى.
غايىبانە سىزگە شاگىرىت بولغىنىمنىڭ ۋەجى بار،
چۈنكى ئەل يۇرت ئالدىدا بۇرچىمىز ئوخشاش ئىدى.
ھە!چاپاتتۇق گۈل بولۇپ گويا نەزىم گۈلزارىدا،
بارى بىر يىلتىزغا جەم، شاخ بەرگىمىز ئوخشاش ئىدى.
ئەلنى رەنجىتكەن قەلەمنىڭ سۇنمىقى تەھقىق دېگەچ،
يۇرگىلى خالى ياماندىن پەرزىمىز ئوخشاش ئىدى.
4
ئەلۋىدا ئۇستاز، تىنىچ بىر يەرنى تاپقاندەك يېتىڭ،
بىر قۇياش يەرئاستىغا نۇرىنى چاچقاندەك يېتىڭ.
سۆزلىسەك تىڭشايىتتىڭز، سۆزلەردە نوقسان بولسىمۇ،
مىڭ ئاناكۆزى بىلەن بىزلەرگە باققاندەك يېتىڭ.
چاڭقىغاندا ئۇسسۇلۇق بولغاچقا<<ئويغانغان زېمىن>>،
ھەركۈنى يامغۇر بولۇپ چۆللەرگە ياققاندەك يېتىڭ.
تىلىمىز بارمايدۇ سىزنى<<ئۆلدى>>دەپ ئېيىتماققىمۇ،
بۇ ھاياتنى ھەركۈنى قوشاققا قاتقاندەك يېتىڭ.
1995-يىل ئۆكتەبىر
مەنبە: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى :
تور يۈزىگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى باغداش تور بېكىتى ،ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ