turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12345»Pages: 1/11     Go
بۇ تېما 8548 قېتىم كۆرۈلدى
hanoy99999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارىغا يانداشما

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، قېرىنداشلار.

 مەن ئەزىزانە قەشقەرنىڭ تەۋەرۈك يۇرتلىرىدىن بولغان كاتتا يۇرت بەشكېرەمدە دۇنياغا كۆز ئاچقانمەن. ھازىرغىچە مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ كېلۋاتىمەن، ھەم ئەشۇ ناھەقچىلىككە ئۈچرىغان قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىمەن. مەن ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قېرىندىشىمىز ۋە ئۇنىڭ يولدىشى، ھەتتا ھېلىقى «مەكتەپ » مۇدىرىنىمۇ تونۇيمەن.ھەتتا مۇشۇ قېتىملىق ئىشنىمۇ تولۇق ھەم توغرا بىلگۈچى ھەقدامەن.مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردا بولىۋاتقان مۇنازىرلەرنى، ھەم تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى تولۇق ئوقۇپ كىلۋاتىمەن.مەن ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرغان ئىدىم.ئەمما مەنمۇ ئادەمدە! مەندىمۇ بىر خىل زالىملارغا لەنەت ئوقۇيدىغان، مەزلۇملارنى بۆزەك ئېتىدىغان خۇمسىلارغا قارشى تۇردىغان ئىسيانكار قەلىب بولغاچقا، مەنمۇ مۇنازىرىگە ھەقىقى ئەھۋالنى يولىدىم. بۇنى مەن ئەمەس بەشكىرەم مائارىپىدا ئىشلەۋاتقان ھەرقانداق بىر مائارىپچى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇنداق بولسا ھەقىقى ئەھۋالنى بايان قىلىپ ئۆتەي.

      1.بۇ خانىمنىڭ «23يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە  ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان » دىگىنى راست.ھەم 2009،2010،2011-يىللىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس يازغانلىقى،ھەم ئۇنۋان تەخسىماتىدا بىرىلگەن سانلار دائىرسىگە كىرەلمىگىنىمۇ راست.ھەم ماڭا ئۇنۋان بىرىلمىدى دەپ ئۇدا ئۈچ يىل يۇقرى دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرىغا ئەرىر قىلغىنىمۇ راست، ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك،.‹‹

2011-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركزى مەكتەپ، يىزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق مەكتىۋى بولغان ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىگە يۆتكىگەنلىك ئۇختۇرشىنى كىرگۈزۈپتۇ .
مىنىڭ ئۆيۈم قەشقەر شەھرىدە، ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى بىلەن بولغان ئارلىغى 30 ئەتراپىدا كىلدۇ .مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام ،يىشىممۇ 50  كە يىقىنلىشىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ دىگەندەك ياخشى بولمىسا .بۇ ئورۇننىڭ  دايىملىق قاتنشمۇ بولمىسا ،مەن قانداقمۇ بۇ مەكتەپكە بىرىپ- كىلىپ ئىشلىيەلەمە؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر- ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپام ۋە قىينى ئاپام ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۈگەپ كەتتى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يولدىشى بىلەن بىراقلا قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ يەسلى يىشىغىمۇ توشمىغان ئىككى قىزى يىتىم قالغان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ مەن خەۋەر ئىلىۋاتاتتىم . ئەمدى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالامەن.
‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى ئەتراپىدا ئۆيى بار 33 يىل خىزمەت قىلغان بىر خانىمنى ئۆيدىن 15 ئەتىراپىدا يىراق بولغان‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكەپتۇ ،ئۇ خانىمغىمۇ قولايلىق بولدىغان ماڭىمۇ قولايلىق بولىدىغان قىلىپ مىنىلا‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكىسە بولمامدۇ؟.ئاڭلىسام ئۇ خانىممۇ ئىنۋان ئىشى توغرۇلۇق مۇدىر بىلەن ئازراق تەگىشىپ قاپتىكەنمىش.بۇ قىلمىشتىن، مىنى ئەرىز قىلدى دەپ ،ئۇ خانىمنى تەگەشتى دەپ، ئىككىمىزدىن ئالغان ئۆچ ئىكەنلىگىنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.››دىگنى راست.يەنى مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئىككى خانىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىككىلىسىنى ئۆيىدىن يىراق يەرگە يۆتكەپ ئەرز قىلغىنىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى بەشكىرەمدىكى ھەممە ئادەم بىلدۇ.ھېلىقى مۇدىرى ئۆچ ئالمىسا نىمىشقا بۇ ئىككى ئەرىز قىلغان خانىمنىلا يۆتكەيدۇ؟ئۇلاردىن باشقا يۆتكەيدىغان ئادەم يوقمۇ؟ يەنە كىلىپ ئۇلارنى ئۆيىدىن يىراق يەرگە يۆتكەيدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىشىڭ ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرمامدۇ.دىمەك بۇ قېتىمقى جىدەلنىڭ كىلىپ چىقىشىدا،جەميەتكە يامان تەسىر پەيدا قىلىشىدا ھەر دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خاتا ئەيىپلىنىپ كىتىشىدە،قەشقەر مائارىپىنى خاتا ھالدا چۈشەنچە بىرلىپ كىتىشىدىكى باش جىنايەتچى دەل ھېلىقى  باش مۇدىر.ئەگەر ئۇ يۆتكىمىسە،بۇ خانىم ئۇنى تىللارمىدى ھەم ئۇرارمىدى؟يەنە كىلىپ بىر خوتۇنكىشىنىڭ مۇشىنى يەپ، ئۇنى تۇررمىگە سولىتېۋىتىشكە قانداقمۇ ئۇنىڭ ئەرلىك  غۇرۇرى چىدىغاندۇ؟ ‹‹بىر ئوقۇتۇچىنىڭ ئاھۇ زارى»غا ئىنكاس››تا «9-ئاينىڭ 15-كۇنى يىڭىدىن تەخسىم قىلىنغان سىرىتقى ناھىيە ۋە شەھەر،ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ،ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان ئالاھىدە ئىش ئۇرنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەخسىم قىلىش ئۇچۇن ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىت مەسلىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ بىر قىسىم يەرلىك ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسى مەكتەپلەرگە تەڭشەلگەن .(بۇ خانىممۇ يەرلىك ئوقۇتقۇچى .كىچىككىنە مەنپەئەت مەسلىسى ئۇچۇن ئۆز يۇرتىدىن تىنىپ ،مەن سىرىتتىن كىلىمەن دەپ يازغان ،ئىشەنمىسىڭىز كىلىپ ئائىلە ئادرىسىنى تەكشۇرۇپ بىقىڭ .»دىيىلگەن ،بۇ خانىم بۇ يۇرىتقا يەرلىك ئەمەس،يەنى ئۆزى يەكەنلىك ،ئېرىنىڭ ئۆيى قوغان يېزا ساپرېق كەنتىندىن،لىكىن ئۇلار نىڭ ساپرېق كەنتىدىكى ئۆيىدە ئاتا ئانىسى (يەنى ئېرىنىڭ ئاتا- ئانىسى )تۇرۋاتقاچقا ،ئۇلار تۇرىدىغان ئۆي يوق،ئامالسىز قەشقەر شەھرىدە تۇرۋاتىدۇ.بۇنى ھەممە بەشكىرەملىك بىلىدۇ،قېنى ئۇلار دەپ باقسۇن ،بۇزوراگۇل ھەر كۈنى شەھەردىن چىقىپ ئىشلەۋاتسا ،ئۇنى قانداقمۇ يەرلىك بولسۇن .ئەگەر ئۇ يەرلىك بولسا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن مىنى يۆتكىۋەتتىڭ دەپ ئۇرىشارمىدى.
2.پۈتۈن بەشكىرەمدىكى ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىدا ئۈنۋاننى مەكتەپ مۇدىرى ساتىدۇ.يەنى ئالىي ئۇنۋاننى بەش مىڭ،ئالتە مىڭ يۇئەندىن،بىرىنجى دەرجىلىك ئۇنۋاننى ئۈچ مىڭ يۈئەندىن دىگەن گەپ خۇددى بىر گىردە بازاردا  بىر يۇئەن،يېرىم لەغمەن بەش يۈئئەندىن دىگەن گەپتەك ئاشكارا بولغاچقا، ئېرى مۇدىرنىڭ ئۆيىگە پۇل ئەككىرگەندە.نىمىشقا مەكتەپ مۇدىرى دەرھال ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلمايدۇ؟(ئەگەر پۇل ئەككىرگەنلىكى راست بولسا).يەنە بەشكىرەمدىكى ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىدا ئون ئۇنۋان بەرسە ئالتىنى ھېلىقى مۇدىر ساتسا تۆتنى نۈرەك(باشلانغۇچ مەكتەپ شۈجىسى) ساتىدۇ دىگەن گەپ ئاشكارا تارقىلىغلىق. ئەگەر مەكتەپ  مۇدىرى ھەر يىلى ساتمىسا بۇ گەپ نەدىن چىقىدۇ.
3. ‹‹بۇ خانىم كىسەللىك سەۋەبىنى باھانە قىلىپ ،ئۆرە تۇرۇپ دەرىس ئۆتەلمەيمەن دەپ خىجىل بولماي ،مەيدان ئوتتۇرىسىغا كارىۋات قويۇپ 37نارسىدە سەبىيلەرنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ،ئۆزۇڭلار كىتاپ ئوقۇڭلار دەپ ،كارىۋاتتا يىتىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 40مىنۇتلۇق ۋاقتىنى زايە كەتكۇزگەن .مەكتەپ رەھبەرلىرى تەربىيە قىلسىمۇ ،ياكى دوختۇرخانىغا بىرىپ داۋالانمغان ياكى بۇ قىلمىشىنى ئۆزگەرتمىگەن››دىيىلگەن ،قېنى ئويلاپ بېقىڭلار ،بىر ئايال كىشى يەنە كىلىپ بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئاغرىپ قېلىپ كارۋاتتا دەرىس ئۆتسە ،ھېلىقى دەرىس ئۆتمەيدىغان مۇدىرلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،سىللە ئارام ئالسىلا دىمىسە،مۇشۇمۇ مائارىپمۇ ،مۇشۇمۇ ئوقۇتقۇچىغا كۆڭئۈل بۆلگەنلىكمۇ؟  ئاغرىپ قالغان ئوقۇتقۇچىنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ دەرىس ئۆتكۈزگەن ئىش مۇشۇ ۋاقىتقىچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن.ئەسلىدە بۇ خانىم رۇخسەت سورىسا رۇخسەت بەرمىگەن ،ئۆلسەڭمۇ دەرسىڭنى ئۆتۈپ بولۈپ ئۆلىسەن دەپ ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغان گەپ....

4.ھەر يىلى بەشكىرەمدە يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلانغاندا، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەكتىپىدە جان- پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىكاردىن -بىكار ئۆيىدىن يىراق يەرگە يۆتكەپ قويىدۇ، بۇنىڭدىكى مەخسەت«ھېلىقى ئوقۇتقۇچلار ئەسلىدىكى مەكتىپىمگە يۆتكىلىمەن» دەپ ماڭا پۇل خەجلىسۇن دىگەندىن
 باشقا نىمە مەخسەت بار ھېلىقى مۇدىردا.

5.بەشكىرەمدىكى ھەممە ئوقۇتقۇچى بىلىدىغان بىر ئىش ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى سېتىش .بۇنىڭدا چوڭراق مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقى بىر تۈمەن كىچىك مەكتەپنىڭ مۇدىرى بەش مىڭ يۈئەندىن يۇقرى باھادا سېتىۋاتىدۇ.شۇڭا نۇرغۇن ناكەسلەر ئەمەل تۇتۇپ بىچارە ئوقۇتقۇچلارنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتىدىغۇ.

6.بۇ مەكتەپ مۇدىرى يەنە رىمۇنىت قىلغان بىنالارنى يېڭىدىن سالدۇق دەپ نۇرغۇن پۇلنى چۆنتىكىگە سېلىۋاپپاردۇ.

7.ھەر يىلى بەشكىرەمدىكى نەچچە ئوقۇتقۇچىنى ئەسلىدىكى مەكتىپىدىن باشقا مەكتىپىگە يۆتكىدۇق دەپ،ئىلان قىلۋېتىدۇ.ئەملىيەتتە ئۇ ئوقۇتقۇچى باشقا مەكتەپكە بارماي ،ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى ياكى باشقا ئىشىنى قىلۋاتىدۇ.ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاش كارتىسى «مەكتەپ مۇدىرى»نىڭ يانچۇقىدا.

8.بۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئوننەچچە كىشى نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەر كۈنى چۈشتە يەسلىنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق يەۋاتىدۇ. قېنى بۇنى يالغان دىيەلەمدىكىن.بۇلارنىڭ مائاشى بارغۇ،ئۇلار نىمە دەپ يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ھەققىگە قول ئوزتىدۇ.يەسلىدىكى تاماقنى پارتىيىمىز گۈدەك ئۆسمۈرلەر ساغلام چوڭ بولسۇن دەپ بىرۋاتامدۇ ياكى چوشقا ئەمەلدارلارمۇ يىسۇن دەپ بىر ۋاتامدۇ.ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن سەبىي بالىلارنىڭ قاچىسىغا قول ئۇزۇتۇپ،ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشقا نومۇس قىلسا بولمامدۇ بۇ چوشقىلار؟

9.يەسلىدىكى تاماق ئىتىدىغان ئاشخانىدا بۇ مەكتەپ مۇدىرنىڭ تۇققانلىرى ئىشلەيدۇ.بۇنىڭدىكى مەخسىدىمۇ
 ھارام پۇل ئۈندېرۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

10.ھەر يىلى نەچچە مىليۇن پۇل خەجلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە ئېلنىدىغان
  كىرەكلىك نەرسىلەر بەلگىلەنگەن دۇككان،بەلگىلەنگەن باھا بويىچە مۇشۇ مۇدىر ئالىدۇ،ئاندىن ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكەپ مۇدىرلىرىغا يالغاندىن ئالدىم دەپ قول قويدۇردۇ.

11.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆت يىللىق مائاش ۋە ئۈچ يىللىق ئۈنۈم ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قالغان نەچچە يۈز مىڭ يۇەن پۇل قەيەرگەكەتتى(بىر قىسىملارنىڭ كارتىسىغا ئۆزىنىڭ پۇلى نىمە ئۈچۈن كەم ئۇرىلىدۇ؟ بىر قىسىملارنىڭ كارتىسىغا نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل ئۇرىلىدۇ؟) نىمىشقا بۇلارنى تېخى تولۇق ئاشكارلىمايدۇ.

12.ھەر يىلى
  10نەچچە سىنىپ يۇقىرىغا يالغاندىن ئارتۇق يوللىنىدۇ(مەسىلەن: پۈتكۈل بەشكىرەم يىزىسىدا 60 سىنىپ بولسا بۇلار يالغاندىن 75 دەپ يوللايدۇ)، بۇ ئارتۇق يوللانغان سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى ۋە تەتىل مەزگىلىدىكى سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى قەيەرگە كەتتى؟مۇشۇنداق قىلىپ تۆۋەننى بېسىپ ،يۇقىردىن ئۇلۇغ پارتىيىمىزنى ئالدىسا بولامدۇ؟

13.ئۇقۇتقۇچىلاردىن دىجۇرنىلىكتە تۇرمىدىڭ، دەپ جەرىمانە ئىلىنغان نەچچە يۈزمىڭ يۇەن پۇللار نەگە كەتتى؟

14.مەكتەپ ئۆتكۈزگەن يىنىك ئاتلىتكا پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى چۈشكەن پۇل، ماددى بۇيۇملار زادى نەگە كەتتى؟

15.يېقىندىلا بەشكىرەم يېزا يىچا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئە. مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۇرشۇپ قالىدۇ.مەكتەپ مۇدىرى دەرھال مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىغا ئەھۋال ئېيتىدۇ.مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى ئە ..نى ئىشتىن توختاتتىم،خىزمەتدىن ھەيدەيمەن دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئ يىگىرمە نەچچە يىللىق خىزمەت ھاياتىم مۇنداق بىكار بولۇپ كىتەمدۇ،دەپ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىككىنجى قەۋتىگە چىقىپ سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولدۇ.بۇنى كۆرگەن ئۇنىڭ خىىزمەتداشلىرى دەرھال تۇۋېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.كىيىن ئە....نى بۇ مەكتەپتىن باشقا مەكتەپ قارقۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىۋېتىدۇ.مانا بۇ بۇ مۇدىرنىڭ زۇلىمىدىن ئاشقانلىقى بولماي نىمە؟چېكىدىن ئاشقان بىيۇكىراتلىق بولماي نىمە؟بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن قېنى؟نوچى بولسا،ئانىسى بەش مۇچەنلىك شۈمەك سالغان بولسا يالغان دەپ باقسۇن قېنى؟
16.بۇ مەكتەپ مۇدىرى يېڭىدىن بەشكىرەمگە مۇدىر بولۇپ چىققاندا ،مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئاندۇقاھار نۇرغۇن دەپتەرلەرنى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچلارغا تارقىتىپ بىرىڭلار دەپ بىرىدۇ.لىكىن ئۇلار 9-ئايدا ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش مۇرىسىمىدا بۇ دەپتەرلەرنى ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۈچتە ياخشى، ئەلاچى ....قاتارلىق ئوقۇغۇچلارنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىپ ،يالغاندىن تالۇن كىسىپ يىۋېتىدۇ.

قېنى مەكتەپ مۇدىرى ئەپەندى يۇقارقىلارنى خاتا ،يالغان دىيەلەمدىكەن؟قېنى نوچى بولسا جاۋاپ بىرىپ چۈشەنچە بىرىپ باقسۇن.

يۇقارقىلار بۇ مەكتەپ مۇدىرنىڭ قىلغان پەسەندە ئىشلىرىدىن دېڭىزدىن تامچە .نىمىشقا تەكشۈرگۈچكلەر بۇنى تەكشۈرمەيدۇ؟ئەگەر مۇشۇ تەكشۈەرگۈچلەر تەكشۈرۈپ قالسىلا ،بۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ غالچىسى نۈ.... ئۇدۇل بارار جايى بۇ خانىم كىرگەن جاي تۇرمە بولدۇ.شۇڭا ھەر دەرجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بۇلارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ،ۋاختىدا خەلىقنىڭ ھالىغا يىتىپ ،پارازىتلارنى ۋاختىدا تازلىشىنى ئۈمىت قىلىمز.پارتىيمىز ۋە ھۆكىىمىتمىزھەق، ئادالەتلىك خەلىقنىڭ ھالىغا يىتىدىغان خەلىقنىڭ پارتىيەسى.بۇ ئىشنى پارتىيە ھۆكمەتنىڭ ناھايىتى توغرا قىلىپ كىتەلىشىگە چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىمىز.

 

 

 
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-09 14:10قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-09, 13:47
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-08 22:55 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي توۋا، دۇنيادا مۇنداقمۇ ئىشلار بار ئىكەندە. بۇ قېتىم ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىدىغان چاغ كەپتۇ.
lutun
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 14:10 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 566
شۆھرەت: 2915 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2916 سوم
تۆھپە: 1735 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1735 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1342(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          بۇ  نىمە  ئىشلار  ئەمدى  ،    بۇ  راست  بولسا   ئانىسىنى  ئۇرغان  ئايالنى  سوت  مەيدانىغا  سۆرەپ  چىقالىغان  بۇ  تور  دۇنياسى   بۇ  مۇدىرنى  سۆرەپ  چىقالماسمۇ  ؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 14:39 |
ozhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3622
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي-ۋۇي بەك ئاشۇرۋەتتىڭىزىمۇ قانداق؟بۇ مۇدىردا بىرەر شەخىسى ئۆچ -ئاداۋىتىڭىز بار ئوخشايدۇ ھە ؟شۇنچىلا ئىشلارنى بىلدىغان ئادەم قۇرۇق سۆزلەپ تورداشلارنى ئاۋارە قىىلغۇچە دەلل-ئىسپاتلىرىڭىزىنى ئېلىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىغىلا بارسىڭىز بولمامدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارىغا ئىنكاسلار بېسىقىپ قالدى دەپ ،بۇ يانداشمىنى چىقىرىپ ،تورداشلارنى يەنە قىزىتاي دىدىڭىزمۇ -يە ؟ئۆچ-ئاداۋىتىڭڭىز بولسا ئۆز يولدا ئالمامسىز تورداشلارغا ھىكايە سۆزلەپ بەرگۈچە.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:16 |
gojamtur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 411 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 413 سوم
تۆھپە: 247 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 249 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

3-قەۋەتتىكى يولداش سىز ئاشۇ مۇدىرنىڭ تۇققىنىمۇ ياكى20نىڭ بىرسىمۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:36 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ozhanدە2011-10-09 15:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي-ۋۇي بەك ئاشۇرۋەتتىڭىزىمۇ قانداق؟بۇ مۇدىردا بىرەر شەخىسى ئۆچ -ئاداۋىتىڭىز بار ئوخشايدۇ ھە ؟شۇنچىلا ئىشلارنى بىلدىغان ئادەم قۇرۇق سۆزلەپ تورداشلارنى ئاۋارە قىىلغۇچە دەلل-ئىسپاتلىرىڭىزىنى ئېلىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىغىلا بارسىڭىز بولمامدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارىغا ئىنكاسلار بېسىقىپ قالدى دەپ ،بۇ يانداشمىنى چىقىرىپ ،تورداشلارنى يەنە قىزىتاي دىدىڭىزمۇ -يە ؟ئۆچ-ئاداۋىتىڭڭىز بولسا ئۆز يولدا ئالمامسىز تورداشلارغا ھىكايە سۆزلەپ بەرگۈچە.

سىزمۇ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ تېما ئۈچۈن، توغرىسىنى ئېيتقاندا يانداشمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن كىرىپسىزدە؟
<<ئۆچ-ئاداۋىتىڭڭىز بولسا ئۆز يولدا ئالمامسىز تورداشلارغا ھىكايە سۆزلەپ بەرگۈچە.>> دەپسىز، ئۇنداقتا  ئاشۇ پەسكەش مۇدىرنى ئاقلىغىلى كىرگىنىڭىزگە قارىغاندا ، سىزمۇ شۇنىڭ يالاقچىلىرىدىن بىرى ئوخشىمامسىز؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۆچ- ئاداۋىتى يوق بەك، بەك يېققىن خانىملىرىدىنمۇ يا؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:42 |
جاھىل
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمدى بۇ يانداشما ھەققىدە يەنە ئىنكاس يېزىشىپ، جامائەت پىكىرى توپلاۋەرمەي، مۇشۇ يانداشمىدىكى مەزمۇنلار راست بولسىلا، تېما ئىگىسى ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى يېزىپ، يۇقارقى مەزمۇننى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىغا يوللاپ بېرىڭ. بۇ ئىشخانىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:0991-7606198، ئىشخانىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇر. يۇقارقى تېمىدىكى مەزمۇنلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدۇ.
مۇشۇ ئوقۇتقۇچى توغرىسىدىكى تېمىغا ياندىشىپ ئىككى تېما ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنكاس ۋە پىكىرلەر بەك كۆپىيىپ كەتتى، ئەمدى تورغا يېزىۋەرمەي، دەلىل-ئىسپاتلىرىڭلارنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن يۇقىرىغا يوللاڭلار، ئاپتۇنۇم رايۇندىكى رەھبەرلەر سىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىڭلارنى ساقلايدۇ.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:43 |
gojamtur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 411 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 413 سوم
تۆھپە: 247 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 249 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېما ئىگىسى پاكىت سوزلاۋاتىدۇ،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنى چوقۇم تەكشۇرىدۇ، ئۆچ ئاداۋىتىڭ بارمۇ دىگەن نىمە گەپ ئەمدى.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:44 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن جاھىل نىڭ تەكلىپىنى قوللايمەن. بولسا كەينىگە سۆرەۋەرمەي شۇنداق قىلىڭ!
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:49 |
ozhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3622
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«ئىللەت تۈزەلمىگىچە ،مىللەت تۈزەلمەس »،قاچانغىچە مەن ياخشى ،سەن ئەسكى ،مەن ئورۇق ئاۋۇ سىمىز دەپ ئۆتەرمىز ،«يىكەنگە ئوت كىتىپتۇ دىسە ،يەكەنگە ئوت كىتىپتۇ »دەپ تارقىتىدىغان خۇيىمىز خېلى بار جومۇبىزنىڭ ؟باغۋەن خانىم ئاپتونۇم رايونغا بىېرىپ كەپتىغۇ ؟دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى ئادىل ،ئاپتونۇم رايوندىكى بىرەر ئەمەلدارنىڭ بۇ ئىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىىلشىغا ھەمىمىز ئىشىنىمىزيۇ ،ھە دىسە ئانداق بوپتىكەن ،مانداق بوپتىكەن دەپ قۇرۇق سۆزلەپ ۋاقت ئىسراپ قىلىشقا بەك ئۇستا ،بولدى قىلىڭە ،گەپ -سۆزلىرىڭىز بولسا ،بىر ئوقۇتۇچىنىڭ ئاھۇ-زارىغا ئىنكاس يازسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:51 |
qoggumbat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3358
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 373 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 386 سوم
تۆھپە: 218 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاڭلاشلار غا قارغاندا ________________________________________________________________
______________________________________________________________________

ئىنكاس يازغاندا ئەپسانە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ .دىققەت قىلىڭ .ماۋۇ كىچىك بالىلارمۇ كىرىدىغان
مۇنبەر .........................باشقۇرغۇچىدىن
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-10-09 19:55قايتا تەھرىرلىدى ]
قۇمۇل ئوغلانى::::::::
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-09 15:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/11     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار