saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 3261 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1018
شۆھرەت: 6560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6672 سوم
تۆھپە: 3671 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3733 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1487(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاناتىل بىلەن قەلبىمىزنى قانداق ئىزھار قىلالايمىز؟

بۇ فىلىم مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىدا قويۇلغان فىلىم كۆپچىلىك قارىشىڭلارنى يېزىپ بېقىڭلار .
مۇڭغۇللارنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز بولۇپ قالامدۇ قانداق؟بىز ماددى مەنپەئەتنى
دەپ مەدەنىيىتىمىزنى قۇربان قىلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟بىز ئاتا ئانىلار بالىلىرىمىزنى تەربىلەش
ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەربىلەشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇق يوق؟

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-12 13:42 |
kawimmol
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 205
شۆھرەت: 1176 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1207 سوم
تۆھپە: 674 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 683 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فىلىمنى تېلۋىزۇردىنمۇ كۆرگەن ، بۇگۇن توردا يەنە بىر قېتىم تولۇق كۆرۇپ چىقتىم ، ئويلاپ قالدىم ، ئىچكى مۇڭغۇلدا قوش تىل ئوقۇتۇشى بىزنىڭ بۇ يەرنىڭكىدەك ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەسكەن ، ھەم يېرىم سائەتلىك ئاخپارات خەۋىرىدە بىرەر قېتىممۇ تەكىتلىنپمۇ قويمىدى ، ئۇلارنىڭ مىللىي يەسلىلىرىدە ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدىكەن ، باشقا نۇرغۇن ھەقلەرمۇ قىسقارتىپتۇ ، تاماق پۇلى قوشۇپ بېرىلىۋېتىپتۇ ، بەلكى بىزمۇ تۆۋەنلەردىمۇ شۇنداقمۇ بۇنى تازا ئۇقمايمەن ، لېكىن ، ئۇرۇمچىدە ئۇنداق ئەمەس ، بىزنىڭ ئۆي تۇمۇريول  ئىدارىسى ئەتراپىدا بولغاچقا ئۇيغۇرچە بالىلار باغچىسى يوق ، شۇڭا قوش تىللىق خەنزۇچە بالىلار باغچىسىغا بەردۇق ئايلىق ئوقۇش ھەققىي 550 يۇەن ، تاماق پۇلى ھەر كۇنى 12 يۇەن ، قاتناش ھەققى ئايدا 70 يۇەن ، ھېساپتا ئايدا 800يۇەندىن 900 يۇەنگىچە ھەق تاپشۇرىمىز .
ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ھەقىقىي مىللى پۇراق چىقىپ تۇرۇدىكەن ، بالىلارغا مىللىي موزىكا چېلىش ، مىللىيچە چېلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆگۇتىدىكەن ، مەكتەپ موزىكىسىدىن مۇڭغۇلچە موزىكىلار چىقىپ تۇرۇدىكەن ، ھەتتا مەكتەپتە مۇڭغۇللارنىڭ ئۆيىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى بار ئىكەن ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ، ئاتا ئانىلارنى مايىل قىلىش ئۇچۇن ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن ، بۇ يەردىچۇ ؟
ئاتاقلىق رىياسەتچى ،تەھلىلچى بەي يەنسۇڭنىڭ بىر خەنزۇ مەكتىپىدىكى تەكشۇرۇشى ئادەمنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ ، بىر سىنىپتا 59ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدا 24 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن ، ئۆز ئانا تىلىنى بىلىدىغاندىن بىرىمۇ يوق ، باشقا بىر مىللەتتىن بولغان بىر قىز ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن ئىكەن ،(بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق ئارلىشىپ توي قىلىغان ئىش ئاز، شۇڭا ئۇنچىلىك ئەنسىرەشنىڭمۇ ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن).
ئاتا ئانىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئەنسىرىشى توغرا مىللىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەر كەسىپ تاللاش ۋە خىزمەتكە چىقىش ۋاقتىدا نۇرغۇن تەڭپۇڭسىزلىق بولىدۇ . لېكىن مەلۇم بىر كەسىپنى چىن كۆڭلىدىن ئۆگەنگەندە ھامان نەتىجە قازانغىلى بولۇدىغۇ.
ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن ، ئالىي مەكتەپ سىناق ئىمتاھان قەغەزلىرىنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىدىكەن ، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك ئۇنى ئۇقمايمەن ؟
ئاتا ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىگە كىچىگىدىن باشلاپلا ئۆز ئانا تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەتمىسە ئاقىۋەت قانداق بولار؟ بەي سەنسۇڭ ئېيىتقاندە، بوۋىسى پۇتۇن مۇڭغۇلچە سۆلەيدىغان ، دادىسى ھەر ئىككى تىلنى سۆزلەيدىغان ، ئۆزىگە كەلگەندە ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلالايدىغان ، بالىسىغا كەلگەندە ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى بىلگەندىن باشقا ھېچ قانداق مۇڭغۇلچە سۆزلەشنى ئۇقمىسا ، ئۇنىڭ نەۋرىسىگە كەلگەندە نىمە بولار ؟؟؟؟
كېيىن بىزنىڭمۇ بېشىمىزغىمۇ ئاشۇ كۇنلەر كېلەرمۇ ، بالىلىرىمىز ، نەۋرىلىرىمىز ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنىلا بىلەلەيدىغان ، يېزىق ئەمەس ئۆز تىلىمىزنى بىلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالارمۇ ؟
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن ، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇنۋىرسال قانىلىدا پەن ۋە مائارىپ دەپ بىر سەھىپە بارغۇ دەيمەن ، ئۇلارمۇ ئاساسىي قاتلاملارغا چۇشۇپ موشۇنداق ئوچۇق بىر زىيارەت قىلىپ باقسىچۇ ؟
lutun
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 15:07 |
hanjar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 261
شۆھرەت: 1459 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1520 سوم
تۆھپە: 853 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<ئانا تىلنى سۆيۇش شەرەپ ، بىلمەسلىك جىنايەت >.جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالمايلى دوسىتلار.
  ئانا تىلنى كۈچەپ ئۆگىنىش كېرەككى ،ھەرگىز  سەل قاراشقا بولمايدۇ.
بىر مۇكەممەل تىل  بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ  مەۋجۇتلىقىنى  ئىسپاتلايدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 16:36 |
al-tǜrk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 235 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 235 سوم
تۆھپە: 140 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 140 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 164(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ھەر ھالدا ئۇلاردىن ياخشى ئوخشايمىز.  قومۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە چېلىشىش تۈرىنى قوشۇپ قويسا قانداق بولار؟
ئەگەر گىمناستىكىنى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل قىلىپ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايمىز دېسە بۇنىڭغا مەن قارشى. ئەتىگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوغۇللارغا قىزباللانىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك سەسكىنىپ كەتتىم. ساقلىساق تۈزۈك ساقلايلى. ئەبجەشلەشتۈرۈپ ئەۋلادلارغا قالدۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى؟
ماتىماتىكا ئىمتاھانىنى پەخرىيە ئۇيغۇرچىدا بەرگەن بولسا 150 نومۇر ئالالامتى؟ ماتىماتىكا خەنزۇتىلىدىكى ئالىي مەكتەپ تەييارلىق ماتىرىيالىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە سەرخىللىقىغا گەپ كەتمەيتتى.
يەسلى بالىلىرىغا خەنزۇتىلى پىنيىننى دەپتەرگە بەت بەت باشلاپ بېرىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا سالغىنىنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.
ب ر ت نىڭ ئىچىدىن بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئەسكەرتىش خەتلىرىنى كۆرەلماي ئانچە ئەجەبلىنىپ كەتمىدىم.
ۋىۋىسكىلاردا كىچىكلەۋاتقان ئۇيغۇرتىلىنىڭ قاۋان يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن.
ئىشقىلىپ بالامنى بېرىدىغان ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولسىلا بولاتتىغۇ نەچە يىلغىچە.
كوچىدا بىرەر ئۇيغۇرغا بىلمەستىن خەنزۇچە گەپ قىلىپ سالسام خىجىل بولمايدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى باشقىلار ئۇيغۇرلىقىنى بىلىشىپ تۇرۇپمۇ باشقا تىلدا سۆزلىشىۋاتاتتى.

ئانا تىل بىلەن پەقەت ئانا تىلنى سۆيىدىغان قەلبنىلا ئىزھار قىلغىلى بولىدۇ.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 18:48 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1536
شۆھرەت: 8275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8335 سوم
تۆھپە: 4876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4884 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2404(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى al-tǜrkدە2011-10-12 18:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماتىماتىكا ئىمتاھانىنى پەخرىيە ئۇيغۇرچىدا بەرگەن بولسا 150 نومۇر ئالالامتى؟ ماتىماتىكا خەنزۇتىلىدىكى ئالىي مەكتەپ تەييارلىق ماتىرىيالىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە سەرخىللىقىغا گەپ كەتمەيتتى.
.......



ھەجەپ ئىچىمنى پۇشاردىڭىزا ، بۇنۇڭغا پەخرىيە بىر نىمە دىمىسە بىز قانداق دەيتتۇق ، تازا ئوچاقتىن كۆتەك چىققاندەك گەپ بولىدىدە بۇ
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 20:12 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1100
شۆھرەت: 5882 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5929 سوم
تۆھپە: 3475 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3512 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 432(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى al-tǜrkدە2011-10-12 18:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
كوچىدا بىرەر ئۇيغۇرغا بىلمەستىن خەنزۇچە گەپ قىلىپ سالسام خىجىل بولمايدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى باشقىلار ئۇيغۇرلىقىنى بىلىشىپ تۇرۇپمۇ باشقا تىلدا سۆزلىشىۋاتاتتى.
.......

بۇغىل ھادىسىلەر بار ئەتىگەن تۈت كوچىدا 2ئايالنىڭ خەنزۇچە سۈزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۈرۇپ بەكمۇ خەزەپلەندىم ، سورىقى يوق ئىش بولغان بولسا راسا ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللىغۇم كەلدى.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 21:21 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 411
شۆھرەت: 2142 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2156 سوم
تۆھپە: 1276 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1280 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىرقى بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزارا باشقا تىلدا سۆزلەشسە باشقىلار مېنى مەدەنىيەتلىككەن دەپ بىلىدۇ دەپ شۇنداق قىلىدۇ،نېمە دېگەن ئاخماقلارچە قاراش بۇ؟ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلگۈدەك ئەقىل يوق.ئۇيغۇر تىلى بىزنى مۇشۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىمىزنىڭ تىلى،ئۇنى خارلىغانلىق ئانىمىزنى خارلىغانلىق بىلەن باراۋەر،ئانىسىنى جىسمانى جەھەتتىن خارلىغان ئايال قانۇننىڭ جازاساغا تارتىلغىنىدەك ئانىسىنى مەنىۋى جەھەتتىن خارلىغان كىشىمۇ چوقۇم جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.مەن شەرقى شىنجاڭغا بېرىپ تولىمۇ ئۈمىتسىزلەندىم،بىر مېسال:فاپياۋ كەيلەتمىسەڭ بەنلې قىلغىلى بولمايدۇ.مۇشۇ جۈملىدە ئۇيغۇرچە قانچىلىكتۇ؟ئاشۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىدا يوق بولسىدى ئامال يوق،ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان نەرسە پەقەتلا يوق ئىدى،
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-13 08:39 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 2900 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1736 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1736 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 637(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فىلىمنى  كۆرۇپ  كۆڭلۇم بەكمۇ يېرىم بولدى ،   يىلدىن -يىلغا  ئۆز مەنىسىنى يوقىتىۋاتقان  مىللىي مائارىپىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا  زادى قانداق باھا بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم ،.....................
    
      بىزنىڭ ئانا تىل - يېزىقىمىز بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنىڭ ، مەۋجۈتلىقىمىزنىڭ شاھىدى . ھەر قايسى يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك  ئورۇنلىرى نۆۋەتتىكى مىللىي تىل -يېزىقلىرىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ، بىزنىڭ ئۆرپ- ئادەت ، قائىدە -يوسۇنىمىزغا ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ، بولۇپمۇ ھەر قايسى ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىدىكى ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىكى مىللىي رەھبەرلىرىمىز ، شۇنداقلا بىزنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مەكتەپ مەسئوللىرىمىز ۋە  ھەر بىر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ يوليورۇقلىرىمىزدا ( خىز مەت ھۆججەتلىرىمىزدە ) ، خىزمەتتىكى ئەمىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزدا ۋە خىزمەت ئۇسۇلىمىزدا چوقۇم مىللىي تىل -يېزىقىمىزنى ئىشىلتىشىمىز ، ئەزىزلىشىمىز ، نامايەن قىلىشىمىز  كېرەك .

ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئاستا - ئاستا باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ، بولۇپمۇ كەڭ ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى توغرىلاش ، چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز كېرەك .  

مونۇ فىلىمدىن شۇنى  ئېنىق   كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ھۆكۇمىتىمىز ھەقىقەتەن بىزنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىمىزغا  كۆڭۇل بۆلىۋاتىدۇ ، بىراق شۇنى نۆۋەتتىكى يېڭى تەرەققىيات تەلىپى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ، ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە بىزنىڭ بىر قىسىم مىللىي رەھبىرىي كادىرلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس ، ھېچ ئىش يوقلا ئۆز كۆلەڭگىسىدىن ئۆزى ئۈركۈيدىغان ، توغرا ، ئورۇنلۇق ئىشلارنىمۇ دادىل ئورۇنلاشتۇرالمايدىغان، قابىليەتسىزلىكى بىلەن ھەممىمىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەھۋال ئېغىر ..............

مونۇ مۇنبىرىمىزدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز يېزىقىدىكى ئىملا خاتالىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ، موشۇ كىچىككىنە ئىشتىن باشلاپ تىل -يېزىقىمىزغا بولغان  ھەقىقى ھۆرمىتىنى ئىپادىلىشىنى  چىن - دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن.....

بارلىق دوستلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەكتەپ ھاياتىغا نىسبەتەن قايتىدىن چوڭقۇر ئويلىنىشىنى ، توغرا تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
saltanat
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-13 14:31 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 325
شۆھرەت: 1646 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1687 سوم
تۆھپە: 987 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 989 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 485(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەي يەنسوڭ موڭغۇل خەلقىنىڭ رىئاللىقىدىكى ئىشلارنى بىرنەچچە قېتىم ئۇيغۇر مىللىتى تىلى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ سۆزلىدى . دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى ۋەتەنداشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ .قوش تىل ئوقۇتۇشى ئارقىلىق  ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن يېنىكلىك بىلەن ۋاز كېچىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ .ئويغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە تاق تىل يونىلىشى بويىچە دەرس ئوتۇلىدىغان بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ خەنزۇ مەكتەپلەرگە قېچىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ . چۈنكى ھەممە ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ . ھەممە ئاتا  -ئانا پەرزەنتلىرىنى چوڭ بولغاندا ئاسان خىزمەت تاپسا ، ئىستىقبالى ياخشى بولسا دەپ ئويلايدۇ . شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىگە، دۇنياغا يۇزلەنسە  ،ئۆز رىسقىنى پۇتۇن يەر شارىنىڭ ھەرقانداق جايىدىن تاپالىسا ،پىكرى ئوچۇق، بىلىملىك ............. بولسا دەپ ئويلايدۇ .
قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئاز سانلىق مىللەت سىنىپلىرىدىمۇ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ ، مىللىتىمىز ئەۋلادلىرىنى مەملىكەت ئىچىدە، دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بىلىم -ساپالىق مىللەت قىلىپ يېتىشتۇرەلىسەك ئارمىنىمىز يوققۇ .
قوش تىل ئوقۇتۇشى شىنجاڭدىلا ئەمەس ، مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى پۇتۇن دۇنيادا يولغا قويۇلىۋاتقان ئوقۇتۇش شەكلىدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ئوقۇتۇش قائىدە -تەرتىپلىرىدە پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مىللىتىمىزنىڭ تىل -يېزىغىنى، مىللى خاسلىقىمىزنى ، مىللى ئورپ-ئادەتلىرىمىزنى ساق -سالامەت ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشايلى .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-13 15:41 |
jasurohul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4801
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسلامۇ_ئەلەيكۇم بۇنى ئاڭلاپ باقساڭلا
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-06 03:23 |
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1018
شۆھرەت: 6560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6672 سوم
تۆھپە: 3671 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3733 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1487(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فىلىمنى بالىلىرىمىزغا كۆرسىتەيلى ..
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-30 00:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە