karamat sarkar xj 50
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 589 قېتىم كۆرۈلدى
allibas
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3717
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 116 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 126 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 نەزىر-چىراققا قانداق قارايسىز؟

ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىر-چىراقنى ھەشەمەت ئۆتكۈزۈشى،شۇنداقلا قەبرىنى كۆركەم قاتۇرۇشى، قاتارلىق بىر قىسىم غەيرى بولمىغۇر ئادەتلەرگە قاراپ ھەيرانلىقتا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،
بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغىنىم ئۈرۈمچىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنى شۇنداق بىدئەت ئىشلارنى قىلىدۇ  دىگىنىم ئەمەس، كۆز ئالدىمدىكى ئەمىلى بىر مىسالنى سۆزلەپ ئۆتسەم:رامىزاننىڭ تۇنجى كۇنى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇندىكى ھەشەمەت ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۆلۈمنىڭ 3نەزىر پائالىيىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،نەزىرگە قاتناشقانلار ھەممىسى دىگۈدەك چوڭ كادىر ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاركەن، نامرات ئاجىزەدىن بىرەسىمۇ يوق، نەزىرگە تەييارلانغان داستىخان بەكمۇ ھەشەمەتكەن،ئىپتارلىق قىلىنىپ بولسىمۇ نامازشامغا تۇرىدىغان بىرە ئادەممۇ يوق ،كىم بىلىدۇ يەنە 7 نەزىر، 20 نەزىر،40 نەزىرلەرمۇ بارمۇ بىلمىدىم،بىر دوستۇمدىن سورىسام ئادەتتە مۇشۇنداق نەزىرلەرنى بەزىدە رىستۇرانلاردا ئۆتكۈزەرمىش،جەنۇپلۇقلارنى خۇراپى دەيدىغان بىزنىڭ مەركىزى شەھەردە ياشاۋاتقان ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك ،مەدىنى ھىساپلايدىغان  بىر قىسىم مەلۇماتلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەزىر -چىراقلارنى بۇنچە چوڭ ئۈتكۈزۈشنىڭ ھۇكۈمىنى چۈشىنەلمەي قالدىم،خوتەننى مىسال قىلسام خوتەندە ھازىر نەزىر بىرىلمەيدۇ،بىرىلسىمۇ بايلار ياكى شۇنچىلىك تاماققا كۈچى يىتىدىغانلار نەزىر تامىقىنى يىمەيدۇ،ھەقىقى ئاجىز قىيىنچىلىقى بار بولغان كىشىلەرگە نەزىرگە ئاتالغان پۇللارنى يەتكۈزىدۇ،قانداقتۇر بىر ۋاخ نامازدا يوق ،شۇنداقلا رۇزا تۇتمىغان ئادەملەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا مەجبۇرى يىگۇزمەيدۇ،ھايات ۋاختىدا قىلمىغان ئەمەل -ئىبادەتنىڭ ئورنىغا ئۆلۈپ بولغاندا مەيلى قانچىلىك چوڭ نەزىر ئۆتكۈزۈڭ بۇ ھەممسى بىكار ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟   
ئۈرۈمچىدىكى بەس-بەستە قاتۇرلغان كۆركەم قەبىرىلەرنى كۆرگەندە يەنە ھەيران قالىمەن،دىنىمىزدا قەبرە قاتۇرۇش شۇنچە چەكلەنگەن تۇرسا بىزنىڭ مەركىزى شەھەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم مەدىنىيەتلىك كىشىلىرمىزدە ئىختىسات شۇنچە بەك كۆپمىدۇ؟ مەنمەنچىلىك شۇنچە ئېغىرمىدۇ؟ھېچ بولمىغاندا پۇلنى خەجلەيدىغان جاي تاپالمىسا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان نارىسىدىلەرگە ،ھەقىقى قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلسا بولمامدىغاندۇ؟
تورداشلانىڭ يۇرتۋازلىقنى چېتىۋالماي ئىلمى ئۇسۇلدا مۇنازىرە قىلىشنى،شۇنداقلا بۇنداق ئادەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى توغرا كۆرسەتمىسىنى تۈلۇقلاپ قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن،

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-14, 10:11
ئوزگىچە لاھىيە يۇقۇرى سۇپەت ، ئەللىباس ئىشتانلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-14 02:04 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 237
شۆھرەت: 1200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1210 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 717 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1) بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىر - چىراقلىرىمىز  ئەسلىدە يىتىم - يىسىرلارغا ، تۇرمۇشتا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ، باشقىلارغا مۇھتاج كىشىلەرگە ئاتىلىشى ، جەمىيەتتىكى خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى ئىشلارغا ئىشىلتىلىشى كېرەك .

2) ئاجىز- ئورۇق ، يىتىم ..... لارنىڭ چوقۇم نەزىر - چىراق قىلىشى  زۆرۆر ئەمەس . قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ باغرى ھەر ۋاقىت ئوچۇق .

3) قەبرىنى ھەيۋەتلىك قىلىپ قاتۇرۇش بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن .

ئاشۇ  ئارتۇقچە ھەشەمەتچىلىك قىلىش ، بۇزۇپ - چېچىش ، قەبرىنى چىرايلىق قىلىپ قاتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ « رەھمەتلىك »  كىشىلىرىمىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاپ - ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ .
西部医院
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 11:06 |
tewilgha
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 241 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 241 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 183(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىسمەن جايلاردىكى نەزىر _ چىراقنى ئاشۇنداق ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزىۋاتقانلار ئىسلام شەرىئىتى ، ئەقىدە ، ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان غەيرى مۇسۇلمانلار ،،، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە نەزىر - چىراق _ بىر قېتىملىق ئاغىنە- بۇرادەرلىرىنى ، باي تونۇشلىرىنى مېھمان قىلىۋېلىش ، ئۇلار ئاللانىڭ رازىلىقى دىگەنلەرنى بىلمەيدۇ ، شۇ نەزىرنى يىگۈچىلەرمۇ شۇ  ، بىلىدىغانلىرى ئۇنداق نەزىر - چىراقلارغا بارمايدۇ ،
قەبرە قاتۇرۇش ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل شۇنداق ئەۋىج ئالغان ئىدى ، ھازىرمۇ شۇنداقمۇ بىلمەيمەن ، 3 - 4 يىلنىڭ ئالدىدا قەبرە قاتۇرۇش ئۈچۈن 250 مىڭ يۈەن خەجلىگەنلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ،
قومۇلدا مەن بىلىدىغان بىر خوشاللىنارلىق ئىش ، يېقىندىن باشلاپ قومۇلنىڭ باغداش ، ساقا رايۇنلىرىدىكى بەزى كەنتلەردە قەبرە قاتۇمايدىغان بوپتۇ ( قومۇلنىڭ باشقا رايۇنلىرىدىمۇ بارمۇ يوق بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق )، بەلگە ئۈچۈن قەبرە بېشىغا بىر دانە تاش قويۇپ قويىدىغان بوپتۇ ،  ئاڭلىشىمچە بۇنى باغداش مەسجىدنىڭ ئىمامى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىنى قاتۇرماسلىقتىن باشلاپ بېرىپتۇ ، شۇندىن باشلاپ  كېينكىلەرمۇ قاتۇرمايۋېتپتۇ ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 11:45 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 3391 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3443 سوم
تۆھپە: 1889 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىماملار مۇشۇنداق باشلاپ بەرسە ھەممە تۈزىلىدۇ .
60-70-80-يىللارنىڭ ياشلىرى ئىچىدىكى  زىيالىلىرىدا بىتئەتنى تىرىلدۈرگۈچىلەر بەك كۆپ .بولۇپمۇ مەركىزى شەھەردە .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 12:04 |
manzil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 244 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇر ئان كەرىمدە نەزىرە يىتىم،مىسىكىن ،فەقىر ،لەرنىڭ ھەققى دىدى .
ھازىر جەمئيتىمىزدە نەزىرىنى جايىغا بەرمەستىن بىر گۇناھكار ئاسىي بەندىگەئايلانسا،
يەنەبىر تەرەپتىن ئەشۇنداق بىىلىپ -بىلمەي بىلىمسىز لىكتىن ياكى بىلپ تۇرۇپ يىتىمنىڭ ھەققىنى ماشىنا بىلەن بېرىپ يەپ يەنە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە ئاسىلىق قىلىنىۋاتىدۇ .
ئەڭ ئېغىر  بولغىنىى ئېلىپ ئېيتساق بىر قىسم قارنى تويسىمۇ كۆزى تويماس ئماملىرىمىز
بىد ئەتنى باش بۇلۇپ چەكلەش بىرياقتا تۇرسۇن ئۈزى ئۈگىتىۋاتىدۇ.  
ئاللاھ ھەممىگەئادىلدۇر .  قىيامەتتە قانداق جاۋاپ بېرەركىن قېنى !
ئاللاھ ھەممىمىزنى  ئەقىدىمىزدە  چىڭ تۇرۇپ مېڭشقا نىسىپ ئەتسۇن .......!
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 12:54 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
شۆھرەت: 730 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 733 سوم
تۆھپە: 433 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 433 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ  قارادۆۋىدىمۇ ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر قەبرىنى 3قۇر كېسەك بىلەن پۈتتۈرىدۇ ،ئۇندىن ئىگىز قىلىش چەكلەنگەنكەن .
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 12:55 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 3391 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3443 سوم
تۆھپە: 1889 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆلۈك ئۇزۇتۇش ئادەتتلىرىمىز قىززىق ھەجىۋىلىشىپ كېتىپتۇ .\
ئاڭلىسام ھازىر ئۆلۈك ئۇزاتقاندا جولو تارتىپ ئالدىڭمۇ بەردىڭمۇ دەيدىغان بىتئەت
تەرەققىي قىلىپ قانچىكى ئىسل ماشىنا بىلەن تاتسا شۇنچىكى جىق پۇل بىرىدىغان
بوپتۇ .......ھاھاھ ..
قېرى ئىماملار ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى جۇمۇ .
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 13:07 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 844 سوم
تۆھپە: 435 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 969(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دېققەتتىن چەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆلۈمدىن كېيىن مىراس شەرىئەت بويىچە تەقسىم قىلىنماستىنلا نەزىرلەر باشلىنىپ كېتىدۇ. يىتىملەرنىڭ ھەققىگە سەل قارىلىدۇ.
مەنمۇ ئالەمدىن ئۆتكىلى توققۇز يىل بولغان دادامنىڭ يىل نەزىرىنى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئانامغا {پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق كاتتا زات، شۇ كىشىگە يىل نەزىرىنى بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ} دېسەم قايىل بولغاندەك باش لىڭشىتقان ئىدى.
hawar
چ چ:1272497571
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 13:09 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 3391 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3443 سوم
تۆھپە: 1889 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۈ تاشنىڭ ماۋۇ ئامالىمۇ بوپ قويىدىكەن .
لېكىن بىر جان تۇمشۇقىغا بېرىپ قالغان يۈرىكىگە كۆۋرۇك سالغان بىر  ئوقۇتقۇچى  
بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ئۆتكەندە. ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ: ھازىر   بەزى ياشلار
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماڭغان ئىزىدىن يىراقلاپ كەتتى ،بىز كونىلار نىمە قىلسا شۇنداق
قىلىشىمىز كىرەك ،ئاشۇ گۇيلارنى قىرۋېتىش كىرەك دەيدۇ .بىتئەتتىن توسىغانلارنى
قىرۋېتىش كىرەكمىش .
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 13:15 |
naprat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3667
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە ئۈستىگە بىرەر نەرسىنىڭ خەت قىلىپ يېزىلىشىدىن توسقان. ھاكىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.( قەبرىگە ھېچنەرسە يېزىلمايدۇ، ھەتتا ئىسىم ‿فامىلىسىمۇ، ياخشى ‿يامانلىقىمۇ، تارىخىمۇ يېزىلمايدۇ. بۇ دىنسىزنىڭ ئىشى.)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشدىن، قەبرىنى سېمونت، بىتوندا قاتۇرۇپ، پۇختا سېلىشدىن، قەبرە ئۈستىگە ياكى قەبرىستانلىققا بىنا، قۇرۇلۇش قىلىشدىن توسقان. (مەسجىد ياكى ئۆي سېلىنمايدۇ). ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.
دېمەك ،قاتۇرمىساق،خەت بىرنەرسە يازمىساق ياخشى بولاتتى.   نەزىر نى رايونىمىز تەۋەسىدە ئىسلاھ قىلش كېرەكمىكىن دەيمەن. ئاش تاتىپ ئەرلەر سەھەردە ،ئايالار چۇشتە يىغۋالغاندىن  كامىل تەپسىر قەلغۇچىلردىن چاقىرىپ شۇ كەلگەن جامائەتكە ۋەزقىلىپ بەرسە،يا بىرى بىر پارەدىن تامام قىلسا بىردەمدە بىرقۇرئان تامام بولدۇ. بۇنىڭدىن .ئاللا ھ كۆپ ئەجىرلەر بەرسە........  ؟؟؟
  
  
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 15:33 |
nur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 1128 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1134 سوم
تۆھپە: 661 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 662 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن  بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!
ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:
1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار» سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار» لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.
2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.
دەر ۋەقە كۈنىمىزدە بۇ ئىشلار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلەردۇر. باشقا بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇنداق «ئوقۇشلار» ئويدۇرمىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر!
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «ئوقۇشلار» دىن يىراق تۇرۇشلىرى، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشلىرى كېرەك!
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+5(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 16:13 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «123»Pages: 1/3     Go
    Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە