karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 171 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 3391 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3443 سوم
تۆھپە: 1889 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپ قايسى مۇھىم؟

ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپ قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟

خىزمەتدىشىم لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلى ئالدىنقى يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا قابىلىيىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىندى. ئالدىنقى قېتىملىق خىزمەتداشلار يىغىلىشىدا، لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلىمۇ يازلىق تەتىلگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ بىرلىكتە قاتناشتى. ئۇنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قابىليەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان  باشقا بالىلارنىڭ ھەۋىسىنى ھەم  ھۆرمىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى سوراشتى. مەنمۇ ئۇنىڭ نېمە كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى مۇنداقلا سوراپ باقتىم.

ئۇ مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئارزۇ تولدۇرغان ۋاقىتتا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەسىپنى تەڭشەشكە قوشۇلىمەن دەپ تولدۇرغان ئىكەن. نەتىجىدە ئىنتايىن قىزىق بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدىن مۇھىت قۇرۇلۇشى كەسپىگە تەڭشىلىپتىكەن ،بۇ كەسىپ ئاڭلاشقا چىرايلىق، قاراپ باقسىمۇ يامان ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن كىيىن خىزمەت تېپىش تەس بولغان كەسىپ ئىكەن. لى مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ماڭا دېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشى پۈتۈنلەي ئاتا ئانىسى بىلەن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئابرويپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بوپتۇ. ئۇنىڭ نومۇرى  چىڭخۇاغا كەلگەندىن كىيىن رىقابەت كۈچى يوق بولۇپ، خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان ياخشى كەسىپلەرنى تاللىيالماپتۇ.

ئېسىمدە قېلىشىچە، 87- يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان ۋاقتىمدا، بىزنىڭ يىلىق بويىچە
بىرىنچى بولغىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۆگەنگىنى تارىخ كەسپى ئىدى. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتىپىمىزنىڭ مەغرۇرلىنىدىغان شەخسىي، 4 يىلدىن كىيىن ئۆزىمۇ ئىنتايىن خالىمىغان ھالدا ناھىيىمىزنىڭ پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئاڭلاشلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغاچقا تاپاۋىتىمۇ جىق ئەمەسكەن. ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى بولسا پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تېخى مۇنداق دەپتۇ" بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ دەرس ئۆتىشى خۇنەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭكىگىمۇ يەتمەيدىكەن." 

 ياخشى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ياخشى كەسىپنى بەلكىم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا ئاندىن بىلگىلى بولسا كېرەك، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسى بېرىدىغان ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بەلكىم ئوقۇغۇچىنىڭ  بىر ئۆمۈرلۈك بەختىنى قۇربان قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
تەرجىمان:خسلەت
خەنزۇچە تەرجىمە مەنبەسى .
قېنى كۆپچىلىكمۇ  مۇنازىرە قىلىشپ بېقىڭلار ..
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-14 13:03 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ناھايىتىمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن،،،،،،، بىز كەسىپ تاللاشتا ۋە مەكتەپ تاللاشتا دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان نۇقتىلار......  مەكتەپمۇ مۇھىم،، لكىن ياخشى كەسىپمۇ مۇھىم.... لېكىن ناچاراراق مەكتەپتە ئۇقۇپ ، ئېلان قىلغان ماقالىرى كۆپ بولسا، ياخشى مەكتەپتە ئۇقۇغاندىن ياخشاراق بولىدۇ.....

مەسىلەن: ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، ئەينى ۋاقىتتا، مەن مالايا ئۇنىۋېرسىتى بىلەن ھازىر ئۇقۇۋاتقان مەكتىپىمدىن چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالغان..... مالايا ئۇنىۋېرسىتى بولسا، تارىخى ئۇزۇن، دۇنيادا ئازراق ئورنى بار مەكتەپ،،،، لېكىن مەن قوبۇل قىلىنغان كەسىپ - ماركىچىلىق،، شۇڭا بۇ مەكتەپتە ئۇقۇماي، ھازىرقى مەكتىپىم تېخى قۇرۇلغىلى 5 يىل بولمىغان مەكتەپ ئىدى.. لېكىن بۇلار دۇنيادىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇشۇ ساھە بويىچە، ئۇتۇق قازىنىۋاتىدۇ،،،،،،،،

يېقىندا بىر پارچە ماقالەم ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتىىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قوبۇل بوپتۇ..... بۇ دىمەك، ئىلمى تەتقىقات دەرىجىسى مۇشۇ مەكتەپلەر بىلەن تەڭ دىگەن گەپ،،،،

شۇڭا چوقۇم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ چىقىش كېرەك،،
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 15:02 |
kawimmol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 145
شۆھرەت: 824 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 855 سوم
تۆھپە: 474 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 480 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسۇ قايسى كەسىپتە ئوقۇسا شۇ كەسىپنى چىن دىلىدىن تىرىشىپ ئوقۇسۇلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ ، مەكتەپ ۋە كەسىپنى دەپ نەچچە يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقانلارنى ئاڭلىغان ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاخىرى قانداق بولغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ .
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 16:16 |
nusrat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 46
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 710 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 713 سوم
تۆھپە: 426 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 426 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىشان تۇرغۇزۇش دەپ بىر گەپ بار.
بۇ يەردىكى نىشان دەل ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەينى چاغدا مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنۋېرسىسىتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى ئوتتەك ئىنتىلىشلەر بىلەن يازغانىدىم. بىراق 2نومۇر پەرقى بىلەن قېپقالغان. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، تەڭداش ئارزۇيۇمغا يازغان يەنە بىر مەكتەپنىڭ چاقىرىقى كېلىپ قالدى. دەرىجىگە تۇرغۇزسا بۇ مەكتەپ سىياسىي-قانۇن ئۇنۋېرسىسىتىنىڭ خېلى ئالدىدا تۇراتتى. بىراق كەسپى...

شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانامنىڭ ئېڭى بويىچە داڭلىق مەكتەپكە ئۆتتۈم دەپ، «ۋاي قاغىلار»نى ئېيتىپ كېتىپ قالغانىدىم. ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ كەلدىميۇ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي يۈردۈم. ھېچكىم سىزنىڭ قانداق داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزنى سوراپ تۇرمايدىكەن. ھەممە كىشى «ھۇجۇم» باشلىغان مەمۇرلۇق، ئوقۇتقۇچىلىق، كەسپىي ئورۇن ئىمتىھانلىرىنى بېرىشكە مەنمۇ ئىدىيە ھەم باشقا جەھەتلەردىن تەييارلىق قىلىپ ئولتۇردۇم. ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل ئۆگەنگىنىم قېنى!؟ ناۋادا ئەتە-ئۆگۈن مەنمۇ خەقلەردەك شىتاتلىق قىلىدىكەن دەپ خېنەنگە ماڭسام، شۇنىڭ بىلەن كەسپىمگە ماس كېلىدىغاننى تېپىپ بېرەلمەي مال دوختۇرى بول، دەپلا يولغا سالسا...مەن ئوقۇپ كېلىپ، قايسىدۇر بىر تاغلىق يېزىدا مال دوختۇرلۇق پونكىتىدا ئىشلەپ كەتسەم...شۇمۇ مېنىڭ ئارمىنىم؟! ماتىماتىكىدا تەبىئىي تالانتى بار بىر ھەدەش بىرىنچى تۈركۈمدىكى خېنەنگە ماڭىدىغانلار قاتارىدا كەتكەن، قايتىپ كېلىپ بىر يېزىدىكى ئورمانچىلىق پونكىتىدا ئىشلەمىش.

شۇڭا مەن دەيمەن، مەكتەپ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسپنى تاللاش بەك مۇھىم، شۇنداقلا شۇ كەسپنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۇ ساھەدە ئۈزۈپ كېتەلەيدىغان ئىرادە بولسۇن.

ps: بەزى ئۇنۋېرسىسىتلاردا قوبۇل قىلىنغان كەسپىنى ياقتۇرمىسا، بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ كەسپ ئالماشسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىمتىھانلارنىڭ خېلى جېنى بار. ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئېتبارلارمۇ بار. لېكىن چاتاق يېرى شۇكى، بىزنىڭ بالىلار كۆپرەك ئەڭ نوچى كەسىپلەردىن ئەخلەت كەسىپلەرگە ئالمىشىدۇ. تەس كەسىپنى ئوقالمايمىز دەپ.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 18:18 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 336 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى مۇناسىۋەت تورىلا بولىدىكەن يوقارقى ئىككىسىدىن ھىچقايسىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 18:44 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 713 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 723 سوم
تۆھپە: 427 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 428 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 497(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گەپنىڭ ئەڭ ئوچۇقى ئۈستۈنكى قەۋەتتە بېشىنى چىقىرىپ بوپتۇ .بەرھەق ،مۇناسىۋېتىڭىز كۈچلۈك بولسا ،مۇنداقلا بىر مەكتەپنىڭ ئانداقلا بىر كەسپىمۇ «دوست-دۈشمەن»نىڭ كۆزىدىن ئوت چىقارغۇدەك خىزمەتكە باشلايدۇ . بىراق ئۇ بولمىغىنىدىچۇ ؟ھازىر ئۆزى ئوقۇغان كەسپىنى قىلىۋاتقانلار قانچىلىكتۇ ؟ مەنغۇ تىبابەت ،تىل ،پىداگوگىكىدىن باشقىنى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى «پولات تاۋلاش» پېچلىرىغا چۈشۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن .
西部医院
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-14 23:41 |
kulgunqak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 133
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 645 سوم
تۆھپە: 382 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇڭا مەن دەيمەن، مەكتەپ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسپنى تاللاش بەك مۇھىم، شۇنداقلا شۇ كەسپنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۇ ساھەدە ئۈزۈپ كېتەلەيدىغان ئىرادە بولسۇن

نۇسرەتئاي مەن بۇ جۈملىڭىزگە قوشۇمچە قىلىپ قوياي  يەنە مۇھىم بىرى: موشۇ ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان ئورۇن بولسۇن.
جەمىيەتتە مۇناسىۋەت تورىڭىز بولمىسا بىكار.پالانى باشلىقنىڭ  تۇققىنى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپمۇ ياخشى خىزمەت ئورۇنلاردا ئىشلەۋەتقان،پالانى دېھقاننىڭ بالىسى ئالى مەكتەپلەرنى ئەلا تۈگۈتۈپمۇ خىزمەت تاپالمايۋاتقان ئىشلار جىق.....  
قانچە بىلىمى بولغان بىلەنمۇ باشلىقىنىڭ ئۆيىنى پات-پات يوقلاپ تۇرمىغانلار،ھېيت -بايراملارنى ئۇنتۇپ قالغانلار،ئەدەپسىزلىك قىلغان ئەر باشلىقىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ قويۇپ پۇتبولغا ئايلىنىپ قالغانلار، باشلىقىنىڭ سەتچىلىگىنى كۆرۈپ قېلىپ ھەر خىل باھانە- سەۋەپلەر بىلەن جازالانغانلار ئاز ئەمەس.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 15:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە