يۈرۈگىڭنى قان قىلار يالاقچىلار،
ھەقىقەتكە زار قىلار يالاقچىلار،
نائەھلىگە خار قىلار يالاقچىلار،
كەڭرى يولنى تار قىلار يالاقچىلار.
ئۇخلىماي ھەر كېچىسى ئىشىك ماراپ،
ياخشىلاردىن ئۆتسە گەپ ئىتتەك قاۋاپ،
ئۆتەر كۈنى كۈچۈكلىنىپ تاپان يالاپ،
ياخشىلارنى خار قىلار يالاقچىلار.
ئوتنى سۇغا سۇنى ئوتقا چېقىشتۇرۇپ،
بىر ھەق ئۈچۈن مىڭ يالغاننى قېتىشتۇرۇپ،
بىر مەرت ئۈچۈن مىڭ نامەرتنى تېپىشتۇرۇپ،
قارچۇغىنى سار قىلار يالاقچىلار.
ئۆتەر كۈنى ناشتىلىققا ئادەم چېقىپ،
بىر ياخشىغا مىڭ ياماننى زورلاپ چېتىپ،
ئىپلاسلىققا پەردە قايرىپ ۋىجدان سېتىپ،
بىزنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
ئادەم تۇرۇپ ھايۋانچىلىك شەرمىسى يوق،
چاشقان كەبىي مۈكۈپ يۈرەر ھەيۋىسى يوق،
ئەر تۇرۇپ ئەركەكچە بىر زەردىسى يوق،
گاڭ تۈمۈرنى قۇم قىلار يالاقچىلار.
ئۆزى يىمەي باشلىققا دەپ تۈگۈنىدۇ،
ئاتىسىغا بەرمىگەننى يىگۈزۈدۇ،
ھىلە بىلەن پىلنى چىمدىپ ئۆلتۈرىدۇ،
نەپ ئۈچۈن جاننى ساتار يالاقچىلار.
سۇلامچىلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس،
سۇلاپ بېرىپ ھاياجاندا بوپ كېتەر مەس،
بولدى قىلغىن چارتېكىن سۆزلىمە بەس،
ئەلنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
ھېرىپ قالماس يورغىلاپ ئۇ تۇمۇز - قىشتا،
بىلمەيدىغان ھۈنىرى يوق ئىپلاسلىقتا،
تۈشۈك ئاچار كۆزى بىلەن پۇلات مىخقا،
بىزنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
ئىنساپ بەرسۇن ئات ھارۋىنى « جىپ» قىلىدۇ،
تۆھمەت بىلەن بوكسىرنى ئۇ يىپ قىلىدۇ،
ئىككى كۆزنى بىر-بىرىگە زىخ قىلىدۇ،
بىزنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
كۆندۈرىدۇ مەن-مەن دېگەن باشلىقنى ئۇ،
ئىشقا سېلىپ مەككار قەلەم قاشلىقنى ئۇ،
ئۈگۈتىدۇ موللامغىمۇ شاشلىقنى ئۇ ،
بىزنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
ھېچكىم بىلمەس ئۇ بىلگەندەك ئۇرۇنلىنى،
ئەيشى - ئىشرەت كەيپى- ساپا سورۇنلىنى،
ئىشلىتىشنى ھەر خىل ئىسىل دۇرىلىنى،
باشلىقىمۇ ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
ئاتىۋەتكەن بۇ كەسىپكە ئۆزىنى ئۇ،
ئىشقا سالار ھەتتا خۇتۇن- قىزىنى ئۇ ،
چىرىتىدۇ ئۆزىنىمۇ - ئۆزگىنىمۇ ،
بىزنى شۇنداق ۋەيران قىلار يالاقچىلار.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى.
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى :
پو ئېكىس ئېكىس دىگەن گەپ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سەت گەپ
بولغاچقا گەرچە بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەن بولسىڭىزمۇ لېكىن
مەتبۇئاتتا بىردەك قوللانماسلىقى تۈپەيلى بۇ سۆزنى يالاقچىغا
ئالماشتۇرۋەتتۇق .يەنە بىر سەۋەپ بۇ مۇنبەرگە يەنە كىچىك
بالىلارمۇ كىرىدۇ .شۇڭا ئەپسانى گەپلەر بىلەن ئادەم تىللاشقا ياكى ماقالىلار
ئىچىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ .بۇندىن كېيىن دىققەت قىلغايسىزلەر .
ئىنكاسچىلارمۇ ئامال بار ئەپسانى گەپ بىلەن ئىنكاس يازمىغايسىزلەر .
بۇ مېنىڭ قارارىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى باغداش تور بىكەت قۇرغۇچى بىلەن
مەسلىھەتلىشىپ بۇ قارارنى چىقاردۇق .
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-10-14 18:24قايتا تەھرىرلىدى ]