turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1505 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 800 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئوغۇزغان توغرىسىدا تەتقىقات(ئاتىللا)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-15)
ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر
 
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا  ئونسۇ )
 
1
ئۇرخۇن دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى، ئۆتىكەن تاغلىرى بىلەن تەڭرى تاغلىرى گىرەلەشكەن پايانسىز دالا. تۆۋەندە قارا تۇپىراق، يۇقۇرىدا كۆك ئاسمان. قۇياش ئۆزىنىڭ ھارارىتى بىلەن جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ، ھاياتلىققا چاقىرماقتا. بۈك- باراقسان يېشىل ئورمان ئىنسانلارنى ئەسلىنى ئۇنۇتماسلەققا ئاگاھ قىلماقتا. بىر توپ ئىپتىدائى قەبىلە ئادەملىرى- تۆت مىڭ نەپەر ئوغوز- قارلۇق جەڭچىلىرى ئىسكەندەر باسمىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن يۇرتىنى قوغدىماقتا. ئۇدۇلدىن ئاستا- ئاستا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئەرگىنەقۇن تاغلىرى نامايەن بولماقتا. تاغ ئارىسىدىن بىرتوپ ئاتلىقلار توپان سۈيىدەك يۇپۇرلۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ كۈن پېتىش قانىتى ئاق ئاتلىقلار، كۈن چىقىش قانىتى كۆك ئاتلىقلار، سول قانىتى قارا ئاتلىقلار، ئوڭ قانىتى قىزىل ئاتلىقلار. ئالدىدا باتۇر ئوغوز  كۈن سۈرەتلىك تۇغنى كۆتۈرۈپ ئۆز قوشىنىنى باشلىماقتا. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قويوق تۈك باسقان. ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە قۇياشتىن چۈشكەن كۆك نۇرنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا جەسۇر قىياپىتى بىلەن ئوغوزغا يول باشلاپ ماڭماقتا. ئوڭ تەرىپىدە شاھ قەيسەر بىلەن چىڭگىزخان، سول تەرىپىدە ناپائىلون بىلەن گىتلېر قول باغلاپ، ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. ئوغوزخان خىتاپ قىلماقتا:«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولوشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بويسۇنىشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزەمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقۇتىدۇ.»

نەزمە

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،

ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.

تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،

كۈن تۇغ بولسۇن ھەم ئۇران.


تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،

ئوۋلۇقتا يۈرۈشسۇن مال- ۋاران.

ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن،

كۈن تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.

ئوغوزخان ئالغا باسماقتا، ئۆز قوشىنىنى باشلاپ جەڭگىۋار قىياپەتتە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلانماقتا. 


2
قولومدا بىر رومكا ھاراق. چىرايىم سارغايغان، روھىم سۇنغان، ئەقلىم بىھۇش. مەن ئۆز ھالىمنى بىلىش ئۈچۈن ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق ئۇلۇغ تۈركنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ تۇمۇرىمنى تۇتۇپ كۆرۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا، «- ئوغلۇم، سېنىڭ قېنىڭ بۇزۇلغان، چىرايىڭدىكى سېرىقلىق شۇنىڭ ئالامىتى. روھىڭ گۇمران بولغان، ئەقلىڭ تۇنجۇققان؛ روھىڭدىكى سۇنۇقلۇق بىلەن ئەقلىڭدىكى بىھۇشلۇق شۇنىڭ بەلگىسى. بۇلارنىڭ مەنبەسى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھاراق. سىلەر بىر ئەۋلاد ھاراققا بېرىلدىڭلار. ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلاندىڭلاركى، ئۇنىڭسىز كۈنىڭلار خاتىرجەم ئۆتمەيدىغان بولدى. بارلىق ئەنئەنەڭلار، مەدەنىيىتىڭلار، ئۆرۈپ- ئادىتىڭلار، ھەتتا، ئېتىقادىڭلار ھاراق بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ھاراق تەشۋىشى قەلبىڭلاردىكى ئوغوز سۈتىگە بولغان تەشنالىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى»،- دېدى.

مەن شۇ كېچىسى چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە غەرق مەست ھالدا، ئايىقى چىقماس تار كوچىدا مەقسەدسىز كېتىۋاتىمەن. پۇتلىرىم ئۆزەمگە بويسۇنمايدۇ. بىر چاغدا ئالدىمدا تۈكلىرى پاخپايغان بىر چىل بۆرە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆك تۈكلىرىدىن، كۆك يايلىلىق جەسۇر قىياپىتىدىن، كۆزلىرىدىكى جەسۇر قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ گۈنسىز كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ نالە قىلدى،«- ماڭا نەپىرەتلەنمە، ئەي ئادەم. مېنىڭ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىمغا سىلەر- ئادەملار سەۋەبچى. مېنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بىر ئىدى. مەن بوۋاڭلار ئوغوزنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قۇت بەلگىسى ئىدىم. بوۋاڭلار ئوغوز ئۆز تەبىئىتىگە، ئوغوز روھىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئالتۇن يانى سۇندۇرۇپ، بىر ساداقنىڭ ئوقلىرىنى ئايرىۋەتتى. ئىمپىريە تۈۋرۈكى سۇنۇپ كەتتى. زېمىننى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەردى، مىللىي بىرلىك پارچىلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئوغوز روھى يىمىرىلىشكە باشلىدى. مېنىڭ روھىممۇ ئاجىزلاشتى. كېيىنكى ئەۋلادلار ئورماننى، تاغلارنى، ئانا دەريا بىلەن قارا تۇپراقنى، كۆك ئاسماننى، قۇياش نۇرىنى خورلىدى؛ ياشاش مۇھىتى تارايدى. ھاراقنى ئوغوز سۈتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، قەلبىنى شاراپ سۈيى بىلەن سۇغاردى. نەتىجىدە مىللىي روھ- ئوغوز روھى يۈتۈپ كەتتى؛ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنە پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى».

3
مەن ئۆزەم ھاراق ئىچمىگەچكىمۇ، ھاراق سېتىش ئورونلىرىغا، ھاراق سورونلىرىغا ئانچە يېقىنلاشمايتتىم. بۇ يىل(2002- يىلى) 4- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر توپ تارقىتىش ئورنىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان ھاراق يەشىكلىرىنى، ئۇنىڭدىكى «ئوغوزخان» دېگەن ماركىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆردۈم، كۆزۈمگە ئىشەنمىدىم. ئەمما بۇ بىر ئەمىلىي رېئاللىق ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە ئىشلەنگەن جاينىڭ نامى- «جۇڭگو شىنجاڭ شىخەنزە شىنئەن كەسىپىي ھاراقچىلىق شىركىتى» (中国新疆石河子新安酒有限责任公司)دېگەن خەتمۇ ئېنىق يېزىقلىق تۇراتتى. مەن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئۇ بىر مىللىي روھنىڭ، مىللىي ھېسىياتنىڭ، مىللىي بىرلىك، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تارىخنىڭ، ئەقلىي كۈچ ۋە يۈكسەك ئىشەنچنىڭ؛ يىغىپ ئېيتقاندا، نەچچە مىڭ يىللىق باتۇرلۇق ۋە ھەسىرەتكە تولغان قەلىبنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئەمدى كېلىپ بۇ نامنىڭ بقىزنىڭ روھىمىزنى خورىتىۋاترقان بىرىنچى خىروئىن- ھاراقنىڭ (خىروئىن ئىستىمال قىلىدىغانلار مىڭدىن بىر كىشى بولسا، ھاراق ئىچىدىغانلار ھەر ئۈچ كىشىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىقتىسادىغا خىروئىن تەسىر قىلىدىغان ئائىلە يۈزدىن بىر بولسا، ھاراق تەسىر قىلمايدىغان ئائىلە يوق دېيەرلىك. بىزدىكى ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ 60% تى ھاراق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك.) ماركىسى بولوپ قالغىنى قىزىق. ماركا ھوقوقى بېكىتكۈچىلەر، سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىكلەر بۇ نۇقتىنى ئويلىمىدىمىكىنە؟ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرمىدىمىكىنە؟

مەن كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئىختىيارسىز ھالدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2002-يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان، 2001- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭخۇئا خەلىق جۇمھۇريىتى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 24- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولغان، رەئىس جىئاڭ زېمىن ئىمزالىقىدىكى «جۇڭخۇئا خەلىق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركا قانۇنى» نىڭ1- باب 10- ماددا 6- تارمىقىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. ئۇنىڭدا مۇنداق بەلگىلەنگەن ئىدى، «مىللىي كەمسىتىش تۈسىدىكى بەلگىلەرنى ھەرقانداق ئورون، ھەرقانداق شەخىس تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.»


 
مەنبە: ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-11-24 00:02قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-15, 00:38
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+1(iparhan) نادىر ماقالە
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-14 21:47 |
    arsilan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    شۆھرەت: 825 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
    تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 490 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىرمۇ شۇنداق ماركىلار بارمۇ ،ھېلى بىر كەمدە چىقىدىغان ئېلاندىمۇ -راۋاپ ماركىلىق ئامرىنو  دىگەندەكلەر بار ئىدى ، شۇمۇ ھاراقتۇ .......
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-15 11:22 |
    iparhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 383
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 337
    شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
    تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    «مىللىي كەمسىتىش تۈسىدىكى بەلگىلەرنى ھەرقانداق ئورون، ھەرقانداق شەخىس تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.»

    سىزنىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىڭىز بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . شۇنداقلا ئېسىل  تەپەككۇرىڭىز بىلەن تارىخىمىزدىكى باھادىرلار روھىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىرەلەشكەن ، بۇزۇلغان پاجىئەسىنى ئىپادىلەپ ، ئەقلىي  ئويغاق كىشىلىرىمىزنى قايتا ئويلاندۈرغىنىڭىزغا  مىڭلارچە تەشەككۇر ! ......

    ھاراق     _ بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ئەڭ قاتتىق ....... چەكلەنگەن ھەقىقىي  « ھارام » نىڭ بىرىدۇر .  ئەنە ئاشۇ « ھارام »  بىزنى بۇندىن بۇرۇنمۇ ئاشۇنداق  ئېغىر كۇنلەرگە قويغان بولسا ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە بەتتەر ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قويىدۇ . بۇنى كەڭ ئامما ئېغزىمىزدا بىلىپ ، سۆزلەپ تۇرۇپمۇ ئەمىلىي ھەركىتىمىزدە ئەزەلدىن رىئايە قىلىپ باقمىدۇق .

    ھەيرانمەن !!!.................، ئۆز -ئۆزىمىزنىڭ ئەقىللىق ، ھوشيارلىقلىقىمىزغا !!
    مىللىي ئەنئەنىۋىي يىمەكلىرىمىزدىكى تورت ، پۇشۇرۇقلىرىمىزدىكى « ھارام » غا ئادەتتىن تاشقىرى دىققەت قىلىپ ، ئىنچىكىلىك قىلدۇقكى ، لېكىن ئوڭ قولىمىزغا چىڭ كۆتۇرۇۋالغان «ھاراق» (نەچچە ھەسسە ھارام ) لىرىمىزنى تاشلاشنى ، تاللاشنى ، قويۇپ قويۇشنى بىلمىدۇق ....، قېنى ، تارىختىكى باھاردىرىمىز ئوغۇزخاننى تۈگەشتۇرەلىگەن بۇ نىجىس ھارام ھاراق بىزنى نەگە باشلايدىكىن ؟؟!! -- كۆرۇپ باقايلى ..............
    پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-15 14:48 |
    aiturk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2522
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 285 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
    تۆھپە: 166 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 166 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەلكىم بۇنداق خاتالىقلارمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كېتەر.....
    hawar
    كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-15 19:14 |
    tugluk
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 678
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 1452 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1456 سوم
    تۆھپە: 811 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 818 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېخى ئۇيغۇرنىڭ دىۋانە زىيالىلىرى نومۇس قىلماي ھاراق ئېلانىغا چىقىشلىرىنى كۆرمەمسىز؟
    بىزدە :<<پىتنى ئۆلتۈرمىسەڭ روھىڭ تىنەيدۇ >>دىگەن گەپ بار.
    ھەممىسىنى قىلىۋاتقان مۇشۇ پىتلار....!!!.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-15 20:39 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 118
    شۆھرەت: 800 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
    تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 444 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر   (ئاتتىلا )

    بىزدە يەنە "قىرمىش ئاتا مازىرى" (خەنزۇچە ئاتىلىشى "shengmuyuan"خەزۇچە يېزىلىشىنى بىلمىگەچكە پىنيىنچىسىنى يېزىپ قويدۇم) دەيدىغان ھاراق، "گۇلى" (ئۇيغۇر قىزى) ماركىلىق تازىلىق قەغىزى، "ئىپپارخان" ماركىلىق تاماكا چىققان. بۇنداقئىشلار خېلىلا كۆپ.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 13:30 |
    tohotur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1012
    شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
    تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادىل مىجىت ئەپەندى ھاراقنىڭ ئىلانىغا چىقىپ قويۇپ يامان كۆپ پۇشايمەن يەپ كەتتى ھە
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 15:07 |
    hux-hui
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2629
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر   (ئاتتىلا )

    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 19:28 |
    jinzhi123163
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3912
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر   (ئاتتىلا )

    قارىغاندا  مەخسۇس قانۇن بىتى چىقارسا  بۇلغۇدەك             چۈنكى قانۇندا بۇنداق مەزمۇن بارلىقىنى  بىلمەيدىكەنمەن
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-23 11:50 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 1265 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1294 سوم
    تۆھپە: 758 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 758 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راست ئەمەسمۇ ،ھالال بىلەن ھارامنى پەرقلەندۇرۇشنى  ئەزەل قىسمەتتىن مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەن بىزلەرنىڭ ھارامنى قولىمىزدا كۆتۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ ، ھالال-ھارام توغرۇلۇق سۆزلەپ ،ھالال-ھارامنى دەسمايە قىلىۋېلىپ ،ئۆزئارا بىر -بىرىمىزنىڭ ئورىمىزنى كولايدىغان قىلمىشلىرىمىز بەكمۇ كۇلكىلىك . بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئاللاھ كەچۇرەر ، ئەمما  بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئاللاھ كەچۇرەرمۇ ؟
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 23:49 |
    uyghurzuwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4402
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    شۆھرەت: 340 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 356 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 200 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر   (ئاتتىلا )

    رومكا سوقۇشتۇرۇپ تۇرۇپ: "سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن، ئۆمرۈمىزنىڭ ئۇزۇن بولىشى ئۈچۈن، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىى ئۈچۈن........" دەپ ئىچىپ كېتىشىمىزچۇ. ۋاي قۇسقۇلۇرۇم، ھۆ!!!!!!!!!!!!!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-23 02:47 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى