ئاتىلار
ھەممە شائىر ئاناملا دېدى
ئاتىلرى يوقمىكەن ئەستە
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا
خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى
بولسا مەلئۇن ھەرجايدا پەيدا
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان
قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى
ۋەتەن ئىشقى ئوتلارغا قالقان
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى
يىڭنىلەرگە رەخمەت ئوقۇلدى
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا
كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى
قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
ئاھ جان ئاتىلار جەڭلاردە شېھىت
توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە
كۆينەك بەرسە ئانام ماتادىن
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە
مەن يىقلىسام ئانام يىغلىدى
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا
جاپالاردا راسا تاۋلىدى
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا
مىڭ يىگىتنىڭ مېھنەت لەرزى بار
قولىدىكى ھەربىر قاداقتا
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
ئاھ جان ئاتىلار جەڭلاردە شېھىت
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-15 01:40قايتا تەھرىرلىدى ]