karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 212 قېتىم كۆرۈلدى
sayram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3491
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 252 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 262 سوم
تۆھپە: 135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 138 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بۇرۇنقى ئۈمىد مەكتىپى كىيىنكى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھازىرقى 第二中学



بۇرۇنقى ئۈمىد مەكتىپى كىيىنكى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھازىرقى 第二中学



19 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىلىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان باردى - كەلدىسىنىڭ كإپىيىشى ھەمدە سودىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، غولجا شەھىرىنىڭ نوپوسى كۆپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ، يېڭى -يېڭى مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كېڭىيىشكە باشلىدى.ئەنە شۇ ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىرى غولجا بايانداي يولىنىڭ (ھازىرقى ئازاد يولى) ساي بويىدىن موسا بايۇفلار تېرە زاۋۇتىغىچە بولغان ئارلىقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان مەھەللە ئىدى.بۇمەھەللىنىڭ ساي بويىدىن ھازىرقى غولجا قاتناش بىكىتىگىچە بولغان ئارلىقىدا ئاھالىلەر بىر قەدەر زىچراق ئولتوراقلاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىجارەتچىلەر، ھإنەرۋەنلەر، ھارۋىكەشلەر، دېھقانلار كإپ ساننى ئىگەللەيتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك موسۇلمان ئاھالىلەر بولغاچقا، مەھەللىدە ئالدى بىلەن مەسچىتكە ئېھتىياج توغۇلدى. 1895- يىلى ھۈسەيىن باي، كەنجە قوم، ياقۇپ ئاخون قاتارلىق يورت چوڭلىرىنىڭ تەشەببوسى ، كەنجە قومنىڭ باشلامچىلىقىدا ھازىرقى 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا تاختايلىق قىلىپ بىر مەسچىت سېلىندى. 1903- يىلى يۇرت جامائىتى بو مەسچىتنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئاستى تاختايلىق ، ئالدى تەرىپى ئەينەك دېرىزىلىك قىلىپ ئىككى سىنىپ سالدى ۋە شۇ يىلى 50 نەپەر ئوقوغۇچى قوبول قىلىنىپ ئوقوش باشلاندى. سىنىپلار ساۋاتسىزلار سىنىپى ۋە چالا ساۋاتلار سىنىپلىرىغا بإلۈندى. چالا ساۋاتلىقلار شو چاغدىكى موللاملارنىڭ ئإيىدە ئاز - تولا ساۋادىنى چىقارغانلار ئىدى. بو مەكتەپتە دىن دەرىسى ئاساس، پەن دەرىسلىرى قوشومچە ئإتۈلدى. پەيزاۋات ناھىيىسىدىن چىققان شاكىر ئاخون خەلپەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ قىينى ئىنىسى ئابدۇللا تالىپ ياردەمچى خەلپەت، كەنجە قوم مۈتىۋەللى ئىدى. 1910- يىلىغىچە بو يەردە نورغون كىشىلەر تەربىيىلەندى. 1910- يىلى شاكېر ئاخون ۋاپات بولوپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى بىر مەزگىل توختاپ قالدى. 1911- يىلى، كەنجى قوم روسىيىنىڭ ئوچا شەھىرىدىن سۈيدۈڭگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان رەپىق ئەپەندى بىلەن ئايالى شەپىقە (تاتار) خانىمنى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپكە بىر سىنىپ ئوغول، بىر سىنىپ قىز ئوقۇغۇچىلار قوبول قىلىنىپ ئانا تىل، ھېساب، تارىخ ۋە دىن دەرىسلىرى تەسىس قىلىندى. قىزلارغا شەپىقە خانىم دەرس ئإتتى. ئەينى يىللاردا مۇتىخان، پاشايىم، زەينەپ ئابدىۋا، سولتانخانلار ئاشو مەكتەپتە ئوقوغان. شۇندىن ئىتىبارەن، بۇ مەكتەپ پەن دەرىسلىرىنى ئاساس، دىن دەرىسلىرىنى قوشومچە ئۆتىدىغان يېڭىچە مەكتەپكە ئايلاندى. كېيىنچەئۈچ دەرۋازا مەكتەپ دېگەن نام بىلەن تونولۇشقا باشلىدى. -1917 يىلى ، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇشنى ھاكىميەت باشقورۇشنىڭ تۈپ سىياسىتى قىلغان ، سىياسىي سىھرىگەر ياڭ زىڭشىڭنى ئارقا تىرەك قىلغان غۇلجىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر شەھەردە بىخ ئۇرۇۋاتقانئۈچ دەرۋازا مەكتەپ قاتارلىق يېڭىچە مەكتەپلەرگە ھوجۇم قىلىپ، ئۇنى ئوجۇقتۇرۋىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، شۇ چاغدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابلىرىدىن سىدىق شاڭيو، مۇھەممەت ئىلى ئاقساقال.... قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ئۇ مەقسەتلەرگە يېتەلمىدى. 1919- يىلى، رەپىق ئەپەندى بىلەن شەپىقە خانىم نىلقىغا كإچۈپ كەتكەندىن كېيىن، مەمتىلى ئاخون سەئىدى مەكتەپ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ شېرىپ قارىم، غوپور ئاخون ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن ئابلا ئەپەندىلەرنى ئوقوتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى. غۇلجىدىكى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، مەرىپەتپەرۋەر زات ھۈسەيىن بەگ يونوسوف 1920- يىلى غولجىدىكى ئويغىتىۋاتقان يېڭىچە مائارىپقا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىكى مىخ مەتبەئەسىنى غولجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىچە مەكتەپلەرنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى . بۇ مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك كىتاب- دەپتەرلەرنى بىسىش بىلەن بىرگە، ئۆز مەھەللىسىدىكى ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ نىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كإڭۈل بإلدى ۋە ياردەم قىلدى . -1924 يىلى ھۈسەيىن بەگ ۋە مەمتىلى ئاخونلارنىڭ تەشەببوسى بىلەن مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقورىدىغان بىر ئاتىلار كومىتېتى تەسىس قىلىندى . مەمتىلى ئاخون ئاتىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف، مىرزاھىت باي قاتارلىق يۇرت چوڭلىرى ھەيئەت ئەزالىرى بولدى. ئۇ چاغلاردا ئاتىلار كومىتېتى ھازىرقى مەكتەپ ئىشلار ھەيئىتىدەك مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن تارتىپ، مەكتەپ خىراجىتى، ئوقۇتقۇچىلا ئىش ھەققى ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مەسئول ئىدى. ئاتىلار كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىچىدە يېڭىچە مەكتەپ ئۈچۈن ھىچنەرسىسىنى ئايىمايدىغان مەرىپەتپەرۋەرلەر، ئوقۇتقۇچى يېتىشمىسە سىنىپلارغا كىرىپ مەلۇم پەندىن دەرىس ئإتەلەيدىغان زىيالىلار، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات، سانائى - نەفىسە قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان پائالىيەتچىلەر ئىدى . ئۇلار ھەر قانداق ئىشقا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى . 1927-1926 - يىللىرى ، مەكتەپ ئورنى كۈندىن - كۈنگە ئىشىۋاتقان ئوقۇتۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ئاتىلار كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىرزاھىت باي مەكتەپكە تام قوشنا بولغان مەمۇر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بىر يېرىم مو كېلىدىغان قورۇسىنى سېتىۋىلىپ، مەكتەپ دائېرسىنى كېڭەيتىشكە ياردەم قىلدى . 1928-1929- يىللىرى مەكتەپ قىياپىتىدە زور ئۆزگۈرۈش بولغان يىللار بولدى . بۇ يىللاردا تإۋەندىكى گەۋدىلىك بەش ئىش قىلىندى . 1. 1928- يىلى ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ مەكتەپنىڭ شىمال تەرىپىگە ئاستى - ئۈستى تاختايلىق، زاللىق قىلىپ بەش سىنىپ ، بىر ئىشخانا سالدۇردى . بۇ سىنىپلار يورۇق ، ئازادە بولۇپ ، ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئۈ يغۇن كېلەتتى (بۇ سىنىپلار 1955- يىلىغىچە مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش ئورنى بولۇپ كەلدى . ) 1929 - يىلى ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ (شإبە مەكتەپلىرى بىلەن قوشقاندا) سىنىپ سانى 12 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 340 نەپەرگە يەتتى . شەھەر ۋە يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار موشۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان بولدى . 1934-1935- يىللىرى مەكتەپتىكى سىنىپ سانى يەنىلا 12 بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپىيىپ 485 نەپەرگە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ئوغول ئوقۇغۇچىلار 300 نەپەر، قىز ئوقۇغۇچىلار 185 نەپەر ئىدى .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلمۇ 1934-1935- يىللىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. مەرۇپ سەئېدىنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە ئاتاقلىق سۇ ئىنژېنىرى ئەنۋەر ئەزىزى بىلەن چارۋا ئىنژېنىرى ئابدۇراخمان ھەسەنوفلارمۇ بار . غولجا يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، ئۈمىد مەكتەپنىڭ قورۇلۇشى، تەرەققىياتى، مۇكەممەللىشىش ۋە مۇنتىزىملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ھۈسەيىن بەگ يۈنۈسوف 1935- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام قورۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قايتىش سەپىرىدە ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان . 1936- يىلى ئۈمىد مەكتەپتە ھۈسەيىن بەگ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرلەش پائالىيتى ئإتكۈزۈلدى ۋە بۇ پائالىيەتكە ئۈلگۈرتۈپ ھۈسەيىنىيە ناملىق بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى . بۇ كىتابتا ھۈسەيىن بەگنىڭ مەرىپەت يولىدا ئىزدەنگەن ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بىرىلدى . بۇ پائالىيەتتە ھەسىنىم پالتىجايىف، نەسۇرۇللا بايلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ھۈسەيىن بەگنىڭ ئۈمىد مەكتەپكە سىڭدۈرگەن غايەت زور تإھپىسنى خاتىرلەش يۈزسىدىن مەكتەپ نامى ھۈسەينىيە گە ئۆزگەرتىلدى.
1936- يىلى مەرۇپ سەئىدى شىنجاڭ گېزىتىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوسمان يۇنۇس مەكتەپ مۇدىرى، ئابدۇرېھىم ئەيسا ئىلمىي مۇدىر بولدى. 1937-1936 - يىللىرى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى خەلقتىن ئىئانە توپلاپ، ئالتە ئوقۇتۇش سىنىپى سېلىپ مەكتەپ دائېرسىنى كىڭەيىتتى . بۇ يىللاردا مەكتەپتىكى سىنىپ سانى 16 گە، ئوقۇغۇچى سانى 650 نەپەرگە يەتتى . مەكتەپ دۆلەت باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋىلىنىپ  ئىلى ۋىلايەتلىك 5- مەكتەپدەپ نام بىرىلدى . لېكىن خەلق ئىچىدە يەنېلا ئۈمىد مەكتەپ ياكى ھۈسەينىيە 5- مەكتەپدېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى . 1939-1940 - يىللىرى ئابدۇرېھىم ئەيسا بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى . 1940- 1941- يىللىرى مەكتەپكە خۇدا بەردى تالىپ مودىر، دامۇللا رازىيىف ئىلمىي مودىر بولدى . 1941- 1944- يىلىغىچە كېۋىر نىياز مودىر بولدى . بۇ يىللاردا مەكتەپنىڭ ئىككى شۆبىسى قوشۇلۇپ كۆلىمى كېڭەيدى، ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ كۆپەيدى . ئوقۇتقۇچىلاردىن زاكىر ناسىر، ماناپ قادىر، ئالىم ئەيسا، ئەزىم ئەيسا، ۋىلەم ئۆمەرجان، ئايۇپ ئەپەندى، تىيىپچان ھادى، ھەلىمە، ھاشىر ۋاھىدى، ئابدۇرازاق، ئەمەت ئەمىردىن، خەمىت كەنجى، ئابدۇكېرىم، ھۈسەيىن قاراباشوف، مالىك(قازاق)، مەھەممەتجان، جالالىدىن نىياز، سەلىمە تۇرسۇن، ئابدۇرىشىت، خەدىچە، مەرپوغە (تاتار) ، خەمىت ئابباس، مەدەنەر، ھەجەربۈۋى توختى، جاڭخوڭۋۇ (خەنزۇ) ، نوردۇن ئەپەندى، رىھىماخون خەلپەت، پەرىدە (قول ئىشى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇغەنى (مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى)، نىزام، مەرغوپ ئىسھاقوف ( تەرتىپ مودىرلىرى)، غوپوراخون (خوجىلىق مودىرى)، لار بار ئىدى . 1943-1942- يىللىرى زۇنۇن قادىر 1- شۆبە مەكتەپنىڭ مودىرى بولدى . 1944- يىلى سىنىپ سانى 17 گە يىتىپ، بىر سىنپقا 30 دىن ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر بەش يىل ۋاقىت ئۆتتى. بۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما موشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ ساھەسىدە نورغۇن ئىشلار ئىشلەندى . 1944- يىلى 11- ئايدا، غۇلجا شەھىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلاپ ئوقۇش توختىدى . 1945- يىلى 9- ئايدا غۇلجىدىكى ھەممە مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى . 1945-1950- يىلىغىچە بۇ مەكتەپتە ئابدۇسالام ئەسقىرى مەكتەپ مودىرى، مەۋلان قاراباشوف ئىلمىي مودىر بولدى. 1945- يىلى مەكتەپ نامى قايتا ئۈمىد مەكتەپكە ئإزگەرتىلدى . 1948-1949- ئوقۇش يىللىرى مەكتەپتىكى سىنىپ سانى 26 گە، ئوقۇغۇچى سانى 900 گە يەتتى. ئۈمىد مەكتەپ ئەنە شۇ سان ۋە ساپا جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن شەھەر بويىچە ئەڭ ئالدىنقى مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى . 1957- يىلى ئۈمىد مەكتەپ دىگەن نام ئىلى ۋىلايەت ئۇيغۇر 1- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گە ئۆزگەرتىلدى .
1958- 1962- يىللىرى نورەخمەت ئىبدىمىن مەكتەپ مودىرى، تورسۇن سابىت ئىلمىي مودىر بولدى . 1958- يىلى 11- ئايدا مەكتەپ نامى غولجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ گە ئۆزگەرتىلدى.
1962-1966 -ئوقۇش يىللىرىدا ئىسمايىل ھىزىۋىللايوف مەكتەپ مودىرى بولۇپ، تورسۇن سابىت ئىلمىي مودىر بولدى . 1979- يىلى خەنزۇ سىنىپلار 9- ئوتتۇرا مەكتەپكە، 9- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋىتىلدى . شۇندىن ئىتىبارەن 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىدىغان مەكتەپكە ئايلاندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-15, 00:40
yahxilik kil kolungdin kalsa
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-14 23:28 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى