karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 249 قېتىم كۆرۈلدى
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 237
شۆھرەت: 1200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1210 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 717 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەرزەنتىڭىزگە كۆڭۇل بۆلۇشنى بىلەمسىز ؟!

    پەرزەنتىڭىزگە كۆڭۇل بۆلۇشنى بىلەمسىز ؟!

                          ئۆزى خالاپ كۆتۇرگەن يۈكنىڭ ئېغىرى بولمايدۇ .
                                                                       ___  ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى

ئۇيغۇر خەلقى مائارىپنى سۆيىدۇ ، مائارىپنى قوللايدۇ . قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا " بىلىم " بىلەن " ئوقۇش " ئۇقۇمى ناھايىتى قىممەتلىك ئۇقۇم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . " بىلىم " نى ئادەم بىلەن ھايۋاننى ئايرىشنىڭ گىر تېشى دەپ قارىغان . شۇڭىمۇ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ،ياخشى ئوقۇتۇش ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبورىيىتى ۋە مەسئولىيىتى بولۇپ كەلگەن . شۇڭا ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلىرى پەرزەنت تەربىيىسىدە " ھەر قانداق نەسەب ۋە بايلىقتىن ئىلىم ۋە ھۈنەر ئۆگىنىش قىممەتلىك مىراس ، نەسەبكە قورساق تويمايدۇ ، مال -دۈنيا بولسا خەجلىسە تۈگەيدۇ ، ئىلىم ۋە ھۈنەر مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىقتۇر " دىگەن . بۇ خۇسۇستا قەدىمكى دانىشمەنلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ئىبرەتلىك ھېكايەتلەرمۇ بار :

   __ بىر بۇرادىرىمىزنىڭ ئايالى ھامىلدار ئىدى ، __ دەپ ھېكايە قىلىدۇ دانىشمەن كىشى ، __ئاي - كۇنى توشۇپ ، كۆزى يورۇشقا ئاز قالغانتى ، ئۇ بۇرادىرىم ئۆمرىدە تېخى بالا يۈزى كۆرمىگەن ئىدى . ئۇ بىر كۈنى ماڭا : ئەگەر ماڭا خۇدايىتائالا ئوغۇل ئاتا قىلىدىغان بولسا ، ئۇچامدىكى موشۇ جەندەمدىن باشقا بارلىق مال- مۈلكۈمنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىمەن ، دېگەنتى . بىر قانچە يىلدىن كېيىن ، مەن شامغا قىلغان سەپىرىمدىن قايتىپ كېلىپ شۇ بۇرادىرىمنىڭ مەھەللىسىدىن ئۆتۇپ قالدىم ، كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھېلىقى بۇرادىرىمنىڭ ئايالى ئوغۇل تۇغقان ئىكەن ، كېيىن ئوغلى ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىپ ، بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ ، ئارقىدىن يوقاپ كېتىپتۇ . شۇ ئوغۇلنىڭ كاساپىتى بىلەن دادىسىنىڭ بوينىغا زەنجىر ، پۇتىغا كىشەن چۈشۈپ گۇندىخانىغا قامىلىپتۇ . ______ مەن دىدىمكى بۇ بالا- قازانى ئۇ ئادەم ئۆزى تاپقان .
 بۇ بايانلاردىن مەقسەت شۇكى ، ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى تونۇشى ، قانداق كۆڭۇل بۆلۇش ، قانداق تەربىيلەش ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزىشى كېرەك . تۆۋەندە پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاددى نۇقتىلار ئۈستىدە توختىتىلىمىز ، قېنى ، سىز قىلالىدىڭىزمىكىن ؟!

   (1) پەرزەنتىڭىز  مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۇلار ئۈچۈن مەخسوس ئۆگىنىش قىلىدىغان ئورۇندۇق ، شىرە ۋە باشقا ئوقۇش لازىمەتلىكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىڭ  .  بۇ خىل ئىلھام ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش تەييارلىقى ئۈچۈن روھىي جەھەتتە تەقەززالىقنى  قوزغايدۇ . بىر بۇرادىرىم ماڭا مۇنداق بىر ساۋاقنى دەپ بەرگەن : ____  ئۇ سۆھبەتدىشىمنىڭ ئوغلى ئۆگىنىش قىلىدىغان مەخسوس شىرە ۋە ئورۇندۇقى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن . بىراق تەلىپى قاندۇرۇلمىغاندىن كېيىن ، ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۈرۈپتۇ . بىر كۈنى ساۋاقدىشىغا : دادام ئۆلۇپ كەتكەندە شىرە ۋە ئورۇندۇقنى مەن ئىشىلتىمەن " دەۋاتقىدەك .
   (2) پەرزەنتلەردە دەسلەپكى قەدەمدە مەكتەپ ھەققىدە ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلىڭ  . يەنى " قارا ، بالام ، مەكتەپلەرنىڭ چىرايلىقلىقىغا ، ئەنە ، مۇئەللىملەر  ....، ئەنە ، خىلمۇ - خىل پائالىيەتلەر .....،" دىگەندەك تەرىپلەشلەر بىلەن  ئوقۇش ، بىلىم ئېلىش ئىستىگىنى كۇچەيتىش ، پەرزەنتىڭىز مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ .

   (3) پەرزەنتىڭىز مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن ، ئۇنى ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋېلىڭ . : قايتىپ كەلدىڭمۇ بالام ؟ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرىڭ قانداقراق ؟...ئۆگىنىشتە ۋە باشقا ئىشلاردا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭمۇ ؟ چۈشەنمىگىنىڭنى مۇئەللىمىڭدىن ۋە ساۋاقداشلىرىڭدىن سوراشقا جۇرئەت قىلالىدىڭمۇ ؟ ...< بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋالغان ئالىم ، سوراپ بىلىشنى ھار ئالغان ئۆزىگە زالىم >   ، مۇئەللىمىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ، ھۆرمەتلە ، ساۋاقداشلىرىڭغا كەڭ قوساق ، مەرت ، ئەپۇچان بول ...، شۇندىلا ھەممىسى سېنى ياخشى كۆرىدۇ ، سەن تېخىمۇ خۇشال بولالايسەن . " دىگەندەك سۆزلەرنى دائىم قىلىپ تۇرۇڭ .

   (4) پەرزەنتىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىڭ،  بالىلىق ئويۇنلىرىغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىڭ . بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش قىلىش  بىلەن ئويناشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرىشىگە ئىمكان بار شارائىت ھازىرلاڭ .
تەربىيەدە : بالام ، ئەستايىدىل بول ، تاپشۇرۇقنى سۈپەتلىك ئورۇندا ، كۆڭۇل قويساڭلا ، تېزلا ئىشلەپ بولالايسەن .  قېنى ، بۈگۇن ئىككىمىز كىتاپ ئوقۇش مۇسابىقىسى قىلىپ باقايلىمۇ ؟ ...، سۆز ياساش مۇسابىقسى تېخىمۇ قىزىق بولىدۇ - ھە ؟ ....دىگەندەك خىلمۇ - خىل چارىلار بىلەن پەرزەنتىڭىزنىڭ خوشاللىق بىلەن جانلىق ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ، ئويۇن خاراكتىرىدىكى ئۆگنىشنىڭ ئۈنىمىنى كۆرۇشكە تىرىشىڭ ، شەنبە - يەكشەنبە كۇنلەردە چوقۇم كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشىغا ، ئوينىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش .

   (5) ئەگەر پەرزەنتىڭىز مەكتەپتىن مۇئەللىمنىڭ خاپا بولغانلىقى ياكى تەنقىدلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز ئېيتىپ كەلسە ، ھەرگىز بالىلار  ئالدىدا مۇئەللىمنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ . : بالام ، سەۋەبنى ئالدى بىلەن ئۆزەڭدىن ئىزدىگىن ، تېخىمۇ جانلىق ، ئەستايىدىل بولساڭلا ، مۇئەللىم سېنىڭدىن سۆيىنىدۇ ....

   (6) پەرزەنتلىرىمىزنى مەكتەپلەردىكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ . : بالام ، جۈرئەتلىك ، جۇشقۇن بول ، بىلگەنلىرىڭنى خىجىل بولۇپ دىيەلمەسلىكتىن خىجىل بول، ئۆزەڭنىڭ ئالاھىدىلىكىڭنى ئىپادىلە ،  قابىليىتىڭنى نامايەن قىل ...

   (7) پەرزەنتىڭىزگە  سەمىمىي ، ئادىل مۇئامىلىدە بولۇڭ .  پەرزەنتىڭىزنىڭ يوقىرى نومۇرىنى كۆرگەندە ماختاپ ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان ، تۆۋەن نومۇر ئالغاندا بېسىم ئىشىلتىدىغان ناچار قىلمىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىڭ . بالىڭىزنىڭ " دۆت " ، " كالۋا " ...دىگەندەك زىتىغا ، غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى دەپ سالماڭ !  بالىلىرىمىزنىڭ  ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىدا بۇنداق كۈنگە قالغىنى  مەكتەپتىكى كۆڭۇلسىزلىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاتۇق ئېغىر كېلىدۇ  . بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ...

   (8) تەلىم - تەربىيە ئوخشاش بولىدۇ ، لېكىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەبىئىتى ھەر خىل بولىدۇ ، شۇڭا ئاخىرقى نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .
بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى ئوقۇيالمىغانلىقىنڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ، مەكتەپلەردىن كۆرىدۇ . مەكتەپ تاللايدۇ ، ئوقۇتقۇچى تاللايدۇ . 
 ھەقىقەتەن شۇنداق ، مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىدىكى ئوخشىماسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياراملىق ، تەلەپچان بولىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ . يارامسىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى بۇزىدۇ . گىيوتى مۇنداق دېگەن : " بىزگە تەلىم بېرىۋاتقانلار ھەقلىق ھالدا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ ، ئەمما بىزنى ئوقۇتۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ نامغا لايىق ئەمەس . "   شۇڭا مەكتەپنى تاللاش ، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەقلىق تەلىپى . بىراق ئىنتايىن ياراملىق ئوقۇتقۇچىدىنمۇ يارامسىز ئوقۇغۇچىلار چىقىدۇ .

ھېكايەت :  بىر پادىشاھ ئۆز ئوغلىنى بىر داڭلىق داموللىغا ئوقۇشقا برىپ مۇنداق دەپتۇ : " بۇ بالا سېنىڭ بولسۇن ، ئۇنىڭغا ئۆز بالاڭدەك تەربىيە بەرگىن ! " داموللا : " خوپ ، پەرمەنبەردارمەن "  . شۇنىڭ بىلەن داموللا بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ئۇ شاھزادىگە زادىلا تەربىيە يۇقتۇرالماپتۇ ، داموللىنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بولسا بىلىم ۋە ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپتۇ . پادىشاھ  داموللىنى جاۋاپكارلىققا تارتىپ كايىپ :  سەن ۋەدىگە خىلاپلىق قىلدىڭ ، سۆزۇڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدىڭ ! "  .
     داموللا دەپتۇكى  : " يەر يۈزىنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھىنىڭ رايىغا مەخپىي ئەمەسكى ، تەربىيە بىر خىل بولىدۇ ، ئەمما مىجەز - تەبىئەت ھەر خىل ."

دىمەك ،  بىز شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى  ئائىلە تەربىيسىدىن ئىبارەت  ئەڭ مۇھىم ئۇلنىڭ ياخشى ، پۇختا سېلىنىش - سېلىنماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم .


                                                       مەنبە : يار مۇھەممەت تاھىر  تۇغلۇقنىڭ " ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى " ناملىق كىتاۋىدىن .
  







 
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-16, 00:46
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-16 00:10 |
tugluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 894 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 894 سوم
تۆھپە: 484 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 490 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە رەھمەت!.سىزدىن سۆيۈندۇق....
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 01:43 |
dilnaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 844 سوم
تۆھپە: 488 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 488 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز . مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار يوللىنىپ تۇرسا ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇشكە ياردىمى بولىدۇ .مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:42 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 690
شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1535(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن  ئاۋۇ مەخسۇس شىرە ئورۇندۇق راسلاپ بىرىىش دىگەن گەپ كە خېىلى سەڭگەردىم جۇمۇ ،
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:47 |
siyit-noqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3597
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بالا تەربىلەشتىكى ياخشى بىلىملەر بىلەن تونىشىۋالدىم .ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن.
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 23:02 |
dilsuyar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ .بارلىق ئاتا - ئانىلار بارلىقنى پەرزەنىت ئۈچۇن بىغشلايدۇ .لىكىن ياخشى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى بىلمەك تەس .
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 18:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز