turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2305 قېتىم كۆرۈلدى
boran114
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1497
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 347 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 175 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 178 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى-ياقۇپجان مۇدىر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sebir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-17)

   ئىككى بالىسىنى ئامىرىكىدا ئوقۇتىۋاتقان ئۇيغۇر دادا،
(يەكەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى 2-كىسەللكلەر بۆلۈمىنىڭ 
مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ ياقۇپجاننى  زىيارەت)   




-ياقۇپ مۇدىرىنىڭ ئىككى بالىسى ئامىرىكىدا ئوقۇۋىتىپتۇ،
بۇ مەن ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ يان تەرەپتىكى ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقان ئىككى كىشدىن ئاڭللىغان گەپ ئىدى،
شۇنىڭبىلەن قىززىقىىپ ئۇلاردىن ياقۇپ مۇدىرنىڭ كىملكىنى سورىدۇم،ئۇلار ئىيتىپ بەردى،مەن تاماقنى تىزلا يەپ بوپ ياقۇپ مۇدىرنى ئىزلەپ ماڭدىم،ئەپسۇس!!ئۈچ كۈنگىچە كۆرۈشەلمىدىم،ئاخىرى ئۇنىڭ يىقىننى(يەنى مىنىڭ باشلىقىم)بىلەن بىللە كىرىپ كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،كىلىش مەخسىدىمنى دىدىم،باشتا ئۇ قوشۇلمىدى،كىيىن مەن قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ ماقۇل بولدى،مەن بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تورغا يوللۇدۇم،


        ئالدىمدىكى ئورۇق 55ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىشى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ ھىلى سىستىرالارغا ،ھىلى دەرت ئىيتىپ كىرگەن بىمارلارنىڭ ئائلە-تاۋابىئاتلىرىغا لايىقىدا سىلىق جاۋاپ بىرىپ يولغا سىلىۋاتاتتى،مەن ئۇنىڭ قولى ئىشتىن بوشاپ بولغىچە ئىشخانا تاملىرىغا ئىسىلغان تەشەككۈر نامىلەرنى ئوقۇغاچ ساناپ چىقتىم،2011-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان لەۋھەلەر 13پارچىغا يىتىپتۇ،رەھمەت خەتلىرىغۇ كۆپكەن،ئالغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى لىققىدە 3 يەشىك كەپتۇ،مەن بۇلارنى كۆرىۋىتىپ بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى،ياقۇپ مۇدىرمۇ ئىشتىن چۈشتى،مەنمۇ گەپنى ئۇدۇللا سوراۋەردىم،

--مۇدىر مەن باشقىلاردىن ئاڭلىشمچە سىزنىڭ ئىككى بالىڭىز ھازىر ئامىرىكىدا ئوقۇۋىتىپتۇ-بۇ راستمۇ؟
--راسىت ،2-نچى قىزىم مىھراي بىلەن ئوغلۇم يارمۇھەممەت ئامىرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ،
***************************************************************************************** 

 ياقۇپ مۇدىرنىڭ ئائلىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئوقۇش ھاياتى توغىرىسدا تۆۋەندىكلەرگە ئىگە بولدۇم،ياقۇپ مۇدىر نىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ چوڭ ئىككىسى قىز،كىچىكى ئوغۇل،چوڭ قىزى تۇرسۇنئاي 1984-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى تۇغۇلغان،2003-يىلى يەكەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرىسستىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان،2008-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە(تولۇق كۇرۇس)پۈتتۈرۈپ يەكەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بەش ئەزا بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ،


2-چى قىزى مىھراي 1987-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان،2001-يىلى ئىچكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ بىيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىنىپ 2005-يىلى ۋۇخەن خۇاجۇڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسستىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسىراش كەسپىگە قوبۇل قىلندى،2009-يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە (تولۇق كۇرۇس)بىلەن پۈتتۈردى،ئەمما بۇ قىزنىڭ تخمۇ ئىلگىرىلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بولغاچقا ئائىلىسىدىكلەر بىلەن مەسلىھەت قىلمايلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كومىسسيەلەرنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ سورىغان سۇئالىغا ھۇدۇقماي جاۋاپ بىرىپ لاياقەتلىك بولدى،بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ جاسارتى ۋە ئەقلىگە ھەيران قالغانلار 20 كۈندىن كىيىن ئۇنىڭغا خوشخەۋەر يەتكۈزدى،ئۇ ئاخىرى مۇرادىغا يەتكەندى،ئۇ چاقىرىڭ قەغىزىنى كۆرۈپ خۇشاللقىدىن قىتىپلا قالدى،ئىسىگە كىلىپ ئۆزىنىڭ ئامىرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتلىق 
northwesern  polytechnic  university     نىڭ ئۆسۈملۈك ئاسىراش كەسپىگە قوبۇل قىلنغاندى،بۇ خۇشاللقنى ئائىلىسىدىكلەرگە دىگەندەدادىسى ياقۇپ مۇدىر ۋە ئاپسى تۇرانىسا قاتارلقلار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئەتە مەسلىھەتلىشەيلى دەپ كىرىپ كىتىشىتى،شۇ چاغدا چوڭ قىزى تۇرسۇنئاي ئارىغا چۈشۈپ ئۆيدىكلەرنى قايىل قىلدى،دىمىسىۇ چوڭلارنىڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىشى يىگانە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئامىرىكىدىن ئىبارەت دۇنيانىڭ كۆزى بولغان بۇ دۆلەتتە 4يىلنى ئۆتكۈزۈشى ھەم قىز بالا بولغاچقا يەنە قانداقتۇ خىياللار بولۇپمۇ يىلىغا 8600 دوللارلىق ئۆز خىراجتى بىلەن ئوقۇتۇش ئاسان ئەمەستە،ياقۇپ مۇدىر ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئوقۇتۇشقا بەل باغلىدى،دىمىسىمۇ بىز ئۇيغۇرنىڭ پۇل تاپقىنى قانچىىلىك،پۇلنى بالىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشقا خەجلىيەلەيدىغىنى قانچىلىك،ئۇ تونۇشلىرىدىن-بانكىدىن قەرز ئىلىپ بالىنىڭ چىقىمنى غەملىدى،2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى مىھراي ئامىرىكىغا قاراپ ئۇچتى،


ھەيران قالارلقى شۇكى  بالىنىڭ كىچىكى يالغۇز ئوغۇل يارمۇھەممەت 2003-يىلى ئىچكى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىۋىگە(يەنى ئاچىسى مىھراي ئوقۇغان مەكتەپكە)قوبۇل قىلندى،بۇ چوڭلارنىڭ بەختى ئىدى،2007-يىلى غەربى-شىمال سانائەت ئۈنۋىرسستىنىڭ يۇمشاق دىتال كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى،2011-يىلى ئۇمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى،مانا تەلەي،مانا ئامەت،،ياق مانا ئۇيغۇرۇمنىڭ تىرىشچانلقى،ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەزەلدىن ئەقللقلقى،باتۇرلۇقى،،،،،يارمۇھەممەتمۇ بۇ ئىمتىھانلاردىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ لوس-ئانجلىسنىڭ (لىگۇڭ ئۇنۋىرىسستىنىڭ)يۇمشاق دىتال كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلقىدا ئوقۇش چاقىرىقنامىسىنى تاپشۇرىۋالدى،بۇ خوشخەۋەرنى ئائىلىدىكلەرگە يەتكۈزگەندە ياقۇپ مۇدىر ئىغىر بىرنى تىنىپ قويۇپ تالاغا چىقىپ كەتتى،بالىنىڭ ئوقۇيمەن دىگىنىغۇ ياخشى ئىش،ئەمما ئامىرىكىدىكى قىزى مىھراينىڭ ئوقۇش-پۇلىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بولالمايۋاتقاندا ماۋۇنىڭ قىلغان ئىشىنى قارا،دىمىسىمۇ يارمۇھەممەت يىلىغا 7000دوللارلىق ئۆزخىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا مۇئاش تۆۋەن،ئىستىمال يۇقىرىلاۋاتقان چاغدا،شۇ چاغدا ئامىرىكىدىكى قىزى مىھراي تىلفۇن قىلدى،
--دادا،ئاپا،سىلەر ئىنمنىڭ ئوقۇش خىراجتدىن غەم قىلماڭلار،بۇنى مەن چىقىرىمەن،
 مىھراي پو ئاتمىغان ئىدى،چۈنكى ئۇ ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن مەكتەپنىڭ ياردىمىدە  تاللا بازىرىدا مال سىتىش،توردىن شىركەتلەرگە مال كىرگۈزۈش،تەرجىمانلق قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ  تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇش ھەققىنى تاپقاندىن باشقا يەنە ماشىنا ئاپتۇ،ئىنىسى ھەم ئۆزى ئۈچۈن يىللىق ئىجارىسى (35000)يۈەنلىك ئۆي ئاپتۇ،مانا يار مۇھەممەتمۇ 2011-يىلى 9-ئاينىڭ11-كۈنى لوس-ئانجىلىس شەھرىگە يىتىپ باردى،ئاچىسى مىھراي ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى،
*************************************************************************************************
خوش ،مانا بۇ پىشقەدەم دادا ئىككى بالىسنى ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقاردى،ئۇيغۇرۇمنىڭ بىر ئىشنى روياپقا چىقارمىقى بۇ جاھاندا ئوڭاي ئەمەس،بىر نىمىسى پۇتلاشمىسا -بىرنىمىسى پۇتلىشىدۇ،بولۇپمۇ يەكەندەك ئىختىزاى تەرەققى قىلمىغان ،تولۇقسىز مائارپ ئومۇلىشىپ بولالمىغان بۇ يۇرتتىنى مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ چىققانلقىغا نىمىشقا پەخىرلەنمەيمىز،ئۇنى ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرى دىيشكە ھەقلىمىز،پۇل تىپىش ئاسانمۇ؟ياكى خەجلەشمۇ دىگەن تىمىدا ئىلىپ بىرىلغان بىر مۇھاكىمە يىغنىدا پۇل تىپىشتىن خەجلىمەكنىڭ تەسلىكى دەلل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان،ھەممىمىز ياشايمىز،ئەمما ياشاش ئۇسۇلىمىز،مىڭىش -تۇرۇشىمىز ئوخشىمايدۇ،قىسقىغىنە ھاياتتا تارتقان كۈلپەتلىرىمىز،كۆرگەن راھەتلىرىمىز بىزنى تاۋلايدۇ،بۇ كىچىككىنە سان جەھەتتىن تۆۋەن تۇرىدىغان مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن شۇنچىلىك كىشلەرنىڭ چىققىنىدىن ئالەمچە خۇشال بىز،سىز-بىز نۇرغۇنلىغان چولپانلارنى تونۇيمىز،بىراق بۇ كىشنى تونۇمايمىز،تونۇتۇش كىرەك،ئىبىرەت ئىلى،كىينكىلەرگە ئۆلگە تىكلىشىمىز،باللىرىمىزغا بۇ ئائلىنىڭ ھىكايىسىنى ئوقۇپ بىرىشىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزى-ھەم قەرزى،
***********************************************************************************************************************
ياقۇپجان سايىم 1953-يىلى 5-ئايدا يەكەن ناھىيسىنىڭ دۆڭباغ يىزىسدا زىيالى ئائىلدە تۇغۇلغان،باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى يەكەن ناھىيىسدە ئوقۇپ 1972-يىلى قەشقەر تىببى مەكتەپنىڭ داۋالاش كەسپىدەئوقۇپ 1975-يىلى خاڭدى بازارلىق شىپاخانىغا خىزمەتكە چۈشكەن،1980-يىلى 10-ئايدا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كىسەللكلەر بۆلىمىگە يۆتكەلگەن،1991-يىلى ۋراچلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن،بۇ جەرياندا 1984-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسنىڭ ئىچكى كىسەللكلەر كەسپى بويچە بىر يىل بىلم ئاشۇرغان،1990-يىلى مەملىكەتلىك جىددى كىسەللەرنى قۇتقۇزۇش كۇرسىدا جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىن شەھرىدە يىرىم يىل تەربىيەلەنگەن،1991-يىلدىن 1997-يىلغچىە جىددى كىسەللەرنى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر بوپ ئىشلىگەن،1991-يىلى 7-ئايدا پارتىيگە كىرگەن،1997-يىلدىن 2000-يىلغىچە ئىچكى كىسەللەر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان،2000-يىلى سەھيە نازارىتى ،كادىرلار نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر ۋارچ ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن،2000-يىلى 11-ئايدىن 2004-يىلى 5-ئايغىچە ناھىيىلىك جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمنىڭ مۇدىرى بولۇپ يۆتكەلگەن،2004-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە يەكەن ناھىيىلك ئىچكى 2-كىسەللكلەر بۆلىمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ 30 نەچچە يىللىق ھاياتىدا بارلقىنى ساددا دىھقان بىمارلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى،نەپسانىيەتچىلىك قىزل بولاق ئالمىدى،پوچىلڭق قىلمىدى،باشقىلارغا مۇلايىم سەممى مۇئاملە قىلدى،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ گىزىتى (2005-يىل 3-ئاينىۇ 28-كۈنى)
قان تەركىبىدىكى ياغ يۇقۇرلاپ كىتىش كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش،
شىنجاڭ گىزىتى(2005-يىل5-ئاينىڭ 30-كۈنى)
ياشانغانلار ئاغىرىمايدىغان كىسەللكلەرگە سەل قارىماسلىقى كىرەك،
 يەنە تاجىىسمان ئارتىرىيە قىتىشش خارەكتىرلىك يۈرەك كىسەللكى،تۈيۈقسىز يۈرەك توختاشنىڭ سەۋەبى قاتارلىق  بىر نەچچە پارچە ساغلاملق توغىرىسىدىكى ماقاللىرى ئىلان قىلنىدى،بۇنى بۇ يەردە تەپسىلى سۆزلەپ ئولتارمىدىم،ئۇندىن باشقا مەملىكەتلىك سەھيە مىنىستىرلكى نەشىر قىلغان نۇپۇزلۇق ژورناللاردا 10 نەچچە پارچە (خەنزۇچە)ئىلمى ماقاللىرى ئىلان قىلنىدى،ئۇنىڭ تىرىشچان ئايالى تۇرانىسا ھەدىمۇ ياقۇپجاننى ھەر تەرەپتىن قوللىدى،تۇرانىسا ھەدە پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن يەكەن ھەزىرتىپىر 4ئاچالدىن دۇكان ئىلىپ شەخسى دوختۇرخان ئىچىۋاتىدۇنۇرغۇنلىغان نامىرات كىسەللەرگە ھەقسىز دورا بەردى،داۋالىدى،مانا بۇ بىر ئىناق ھەم بەخىتلىك مىھىرىبان ئوقۇمۇشلۇق ئائلە كىشلىرىنىڭ بەختىنى ،سالامەتلكىنى تىلەيمىز،

*******************************************************************************************************

ئىككى بالىنىڭ ئىچكىرى تولۇقتىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشى،يەنە كىلىپ ئامىرىكىدەك بىر دۆلەتتىكى بىر شەھەردە ئوقۇشى،ئاچا-ئۇكا ئىكىسىنىڭ ئارلقى 70كىلومىتىر يول بولۇپ بۇنداق زامانىۋى شەھەردە ئۇلار پەقەت يىرىم سائەتتىلا كۆرۈشەلەيدۇ،ھازىر ئىككىسى بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولۇپ مىھراي ئامىرىكىدىن 130 دوللارغا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرىپتۇ،ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغاچ ئىشلەۋىتىپتۇ،مانا بۇ ئىككى قىرىنداش ئانا تىلىنى،دۆلەت تىلىنى،دۇنيا تىلى بولغان ئنگىلىز تىلىنى يەنە ئەرەپ تىلىنى تولۇق ئۆگۈنۈپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا تەمشىلىۋىتىپتۇ،بىز ئۇلارغا تىلەك تىلەيلى،جاينامازدا ئولتۇرۇپ دۇئاقىلايلى،بولۇپمۇ ئىككى پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرى بولغان ياقۇپجان مۇدىرغا ئامەت تىلەيلى،ياشاڭ ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرى --ياقۇپجان مۇدىر،
*******************************************************************************************
--ياقۇپ مۇدىرنىڭ ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ باققىننى،باللىرىغا ۋاقىرىغىىنىنى،باشقىلارغا يولسىزلق قىلغىننى ،قول ئاستىدىكى دوختۇر-سىستىرالارغا بىلەرمەنلىك قىلغىننى،يەنە ئەخلاققا يات ئىشلارنى قىلغىننى ئاڭلىمىدۇق،كەسىپتە پىششىق،مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىدا ياخشى،مەسئۇلىيەتچان،تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا،باللارغا بولغان مىھرىبان دادا ھەم ئۇستاز،--دىدى بىر كەسىپدىشى،

---كىمنى ماختاپ يىزىۋاتىسىز؟-
تۈيۈقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن يىنمدىكى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرغان تورداش ئىكەنلكىنى بىلدىم،
مەن يازغانلىرىمنى كەينىگە ياندۇرۇپ كۆرسەتتىم،
--بۇراسىتمۇ؟
--راسىت ،
---يارايسەن !!!ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرى ياقۇپ مۇدىر ،،،،،دىدى ئۇ تورداش ئۈنلۈك ئاۋازدا،
يەنە يازساق تۈگىمەيدۇ،يەنىمۇ شۇنداق ياقۇپ مۇدىرلاردىن كۆپلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن،


مەنبە:ياقۇپ مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدكى سۆھبەت،بوران114  يەكەن،
كيىنكى تىما--يازغۇچى ياسىنجان سادىق(چوغلانى)بىلەن سۆھبەت،

[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-17 14:15قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-16, 02:15
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-16 00:58 |
    tograk
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 239
    شۆھرەت: 2028 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2025 سوم
    تۆھپە: 1050 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1062 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

           ئاشۇنداق مۇنەۋۋر پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەنلىگىڭىز بىلەن پەخىرلىنىمىىز . بۇ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئۇلۇق ئاللاھدىن زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .  
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 03:04 |
    arzuyum
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 262
    شۆھرەت: 1500 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1500 سوم
    تۆھپە: 865 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 865 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە، موشۇنداق پەخىرلىك ئۇيغۇرۇم  بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بەرگىنىڭىزگە. ياقۇپجان مۇدىرنىڭ ئائىلىسىگە بەخت، خىزمىتىگە ئۇتۇغ تىلەيمەن.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 11:52 |
    sadir-palwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 163
    شۆھرەت: 848 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 849 سوم
    تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 507 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بوران114 ئەمدى تەتقىقات ۋە سۆھبەت يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتكەندەك قلىدۇ !
    كېيىنكى سۆھبەتلىرىڭىزنى ساقلايمىز بوران114،
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 11:54 |
    arsilan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    شۆھرەت: 825 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
    تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 490 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇدىرنىڭ تەربىيەسى ئەخلاقى ئۇيغۇر ئاتالىرىغا ، بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ،ئىتتىپاقلىقى  چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان  ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈلگە بولالىغىدەك .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 11:58 |
    tohotur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 996
    شۆھرەت: 5360 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5372 سوم
    تۆھپە: 3164 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3168 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1973(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇدىر مۇدىرغا ئوخشىمايدۇ دەڭلار ، مۇدىر بولسا مۇشۇنداق بولسا ،  ئوخشاش قەشقەرنىڭ سۇيىنى ئىچپ تۇرۇپ ما پەرىقنى كۆرۇڭ ، بىر سى پەرزەنتلىرىنى ئەڭ يوقۇرى بىلىم چۇققىسىغا ئېلىپ  چىقىشقا مۇرىسىنى تەييار قىلغان ، يەنە بىرسى گۇدەكلەرنىڭ تامىقىغا قول ئۇزۇتۇپ ،بەشكەرەمنىڭ باللىرىنىڭ ئىستىقبالىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ بارغان ،
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 12:37 |
    be42late
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 190
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 186
    شۆھرەت: 1067 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1057 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 623 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 633(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھاياجانلايماي ۋە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم،،، مۇبارەك بولسۇن ئەزىمەتلەر...... باسقان يولۇڭلار تېخىمۇ ئاق ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن....
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 12:41 |
    be42late
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 190
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 186
    شۆھرەت: 1067 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1057 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 623 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 633(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇڭلاشقا توخوتۇر قېرىندىشىم، بىرەر يۈزەكى ئەھۋالنى ئوموملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ...... ئالدىراپ باھا بەرگىلىمۇ بولمايدۇ،،،،،،،

    گۆزەللىك، ئادىللىق، مەردانىلىق ۋە جاساراەت بار يەردە، رەزىللىك، پەسكەسلىك، تەخسىكەشلىكمۇ مەۋجۈت،،،،،،،،،،،،، مۇنۇ مۇدىرنىڭ مىسالى ھەممە يەردە مەۋجۈت...... ئەلۋەتتە ھېلىقى ئاتالمىش مۇدىرنىڭ مىسالىمۇ ھەممە يەردە مەۋجۈت.......

    ئىنشائاللاھ، مۇشۇ مۇدىر مىسالىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا نۇر چېچىشىغا تىلەكداشمىز...
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 12:54 |
    al-tǜrk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3496
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
    تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 99 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بوراننىڭ ئەسىرىنى باشتىن ئاخىر مەمنۇنىيەت بىلەن ئوقۇپ چىققىنىم بولدى.
    ياقۇپ مۇدىرنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    بوراننىڭ قەلىمىگە بەرىكەت.
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 13:00 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 250
    شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1289 سوم
    تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 755 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياقۇپ مۇدىرنى ئۈلگە قىلىپ پەرزەنت تەربىيىلەپ ، بالىلىرىمىزنى رىسقىنى ئاشۇنداق جايلاردىن ئىزدەپ بېقىشقا دەۋەت قىلايلى.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 15:04 |
    etikad
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 485 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 485 سوم
    تۆھپە: 291 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 291 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېما ئىگىسىنىڭ بوران ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا،چالا ئىملايى ئېسىمگە كېلىپ ئوقۇغۇم كەلمەي قالغان، لېكىن باشقۇرغۇچى خەۋەرنىڭ خېلى ئەستايىدىل تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ، تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، بارىكاللا ياقۇپجان، ئائىلىڭىزگە بەخت، بالىلىرىڭىزغا ئىنساپ، ئامەت تىلەيمەن.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 17:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «123»Pages: 1/3     Go
    Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر