karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 142 قېتىم كۆرۈلدى
ansari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 347 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 389 سوم
تۆھپە: 179 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 182 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى2

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
 
 
 
قايسى جايلاردىكى كىشىلەر قۇربانلىق قىلىدۇ؟    
 
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربى يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلمان قۇربانلىق قىلىدۇ، مەيلى شەھەرلىك ياكى يېزىلىق ياكى سەھرا-باياۋانلىق بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھاجى ياكى باشقىلار بولسۇن، مۇساپىر ياكى مۇقىم تۇرىدىغان بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش    .
 
بەزى ئالىملار مۇساپىر، ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان بولسىمۇ دەلىللەردىن ئۇلارنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى چىقىدۇ. مەسىلەن    :
 
قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ھەجگە ماڭغاندا مەككىگە كىرىشتىن ئىلگىرى سەرىف دېگەن يەرگە كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قېلىپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سىزگە نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ، نېمە؟» دېۋىدى، ئۇ: ھەئە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بۇ دېگەن ئاللاھ ئادەمنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن بىر ئىش، سىز بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىۋېرىڭ» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېدى: بىز مىنادىكى چاغدا ئالدىمغا كالا گۆشى كەلتۈرىلىۋىدى، مەن: بۇ نېمە گۆش؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالا قۇربانلىق قىلدى، دېيىشتى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5548-ھەدىس).
 
دېمەك بۇ ھەدىستە ھاجىلارغىمۇ قۇربانلىق قىلغان. ئەگەر ھاجىلار قۇربانلىق قىلغان ئەھۋالدا قۇربانلىقنى ئەرەبىستاندا بوغۇزلىماي يۇرتتىكى تۇغقانلىرىغا بۇيرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بۇنىڭدىن يۇرتتىكى تۇغقانلىرى پايدىلىنالايدۇ، ھەم بەزىدە مىنادا گۆش بۇزۇلۇپ تاشلىنىپ كېتىدۇ    .
 
يەنە بىر ھەدىستە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى قىلىپ بولۇپ: ئى سەۋبان! ماۋۇنىڭ گۆشىنى تەييارلىغىن، دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ گۆشىدىن رەسۇلۇللاھقا تاكى مەدىنىگە بارغىچە يېگۈزۈپ تۇردۇم.(سەھىھۇ مۇسلىم 1975-ھەدىس).
 
يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس مۇساپىر ھالەتتە، مىنادىكى ھاجى بولغان ھالەتتە قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ    .
 
 
 
ئىقتىسادى ئەھۋالى قانچىلىك بولسا قۇربانلىق قىلىدۇ؟    
 
ئالىملار قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا توختالغان، بەزى ئالىملار بۇ ئىقتىسادنى زاكات بېرىش ئۆلچىمى بىلەن مۆلچەرلىگەن، يەنە بەزىلەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئاشسا، دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ھېيت كۈنلىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشسا، دېگەن. بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى بولغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:
 
قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىغا قۇربى يېتىدىغان، قۇربانلىق مال ياكى ئۇنى سېتىۋالىدىغان پۇل ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولۇقمىسۇن» دېگەن.(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھى ئىبنى ماجەدە: ھەسەن دەپ باھالىغان) مانا بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى بولىشى كۆرسىتىلگەن    .
 
يەنە بەزى ئالىملار كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا ھازىر نەخ پۇل بولمىسىمۇ قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، دەپ قارىغان    .
 
 
 
بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلامدۇ؟    
 
كۈچلۈك قاراشتا بىر ئائىلە كىشىلىرى قانچە كىشى بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر قۇربانلىق بىر ئائىلىگە يېتەرلىك بولىدۇ، بۇنىڭدا بىر تۆگە ياكى بىر كالا ياكى بىر قوي ئوخشاش    .
 
ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ”زادۇل مەئاد“تا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ جۈملىسىدىنكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قارىتا ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىقا ئادا بولىدۇ، ئەتائ ئىبنى يەسار دېگىنىدەك: مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربانلىقلار قانداق ئىدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: بىر ئەر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ يېيىشەتتى، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىشەتتى، كېيىن كىشىلەر كۆز-كۆز قىلىپ سەن كۆرەۋاتقاندەك ھەر بىر كىشىگە بىردىن قىلىدىغان بولغان، دېدى.(مالىك، ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، تىرمىزى سەھىھ دېگەن).
 
يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن، دەپ قۇربانلىق قىلغان    .
 
يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى.(ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئىسنادى سەھىھ).
 
ئىمام شەۋكانىي دەيدۇ: ”ھەق شۇكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قارىتا ئۇلار يۈز كىشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئادا بولىدۇ، سۈننەت شۇنداق ھۆكۈم قىلغان    “.
 
ئەگەر ئائىلىدە ئەر كىشى بولمىغان تەقدىردە ئائىلىگە باش بولغان ئايال ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ، ئەگەر يولدىشى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا يولدىشىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىدۇ    .
 
ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەتىۋا توپلىمىدا مۇنداق دەيدۇ: ”يىتىم بالىغا قارىتا يىتىم بالىنىڭ مال-مۈلكىدىن قۇربانلىق سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، يولدىشى ئىجازەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالى ئېرىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ، قەرزدار كىشى قەرزنى ھازىرلا تۆلىشى كېرەك بولمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلىدۇ. كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ“. يەنە مۇنداق دېگەن: ”كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا ياخشى، لېكىن ئۇنداق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس    “.
 
ئەگەر بىر چوڭ ئائىلىدە بىر قانچە ئەر كىشى بولسا، مەسىلەن ئاتا بىر قانچە ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان بولسا، ئاتىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم، ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولسا، ھەر بىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىقتىسادى ئايرىم بولماي ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان، ئوغۇللىرىنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى يوق بولسا، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. باشقا باشقا يەردە تۇرىدىغان بولسىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنىلا بىر قۇربانلىق ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ    .
 
ۋەللاھۇ ئەئلەم    .
 
 
 
قۇربانلىق مالدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك؟ 
 
1. كۈپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى كېرەك. ئۆچكە قوي دائىرىسىگە، گومۇش كالا دائىرىسىگە كىرىدۇ.
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
 
(مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن) (ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.)
 
(بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار،)(ھەج سۈرىسى 34-ئايەت.) يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چارۋا ماللاردىن باشقىنى قۇربانلىق قىلىپ باقمىغان بولغاچقا قۇربانلىق قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى شەرت.
 
2. قۇربانلىق مال بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولىشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن: قوي ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولىشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى كېرەك، دەپ بىكىتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىللارنى بەلگىلەشتە ئازراق ئىختىلاپ قىلىشى مۇمكىن.
 
شەئبىي رىۋايەت قىلىدۇكى، بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز، ئاندىن قايتىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىمىز، كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ، كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە بۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇرراق تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ ھېچقاچان قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ». بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بۇردە: يارەسۇلەللاھ! مەن نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ بولۇپتىمەن، مېنىڭ يەنە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، بىر يىلنى تولدۇرمىغان بىر ئوغلىقىم بار، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمايدۇ» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5560-ھەدىس).
 
بەئجە ئەلجۇھەنىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئوقبە ئىبنى ئامىر ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە قۇربانلىق ماللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، مەن: يارەسۇلەللاھ! ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5547-ھەدىس)
 
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قۇربانلىققا بەلگىلەنگەن ياش ئۆلچىمىگە توشمىغان ماللار سەمرىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن بېقىلىپ بەكلا سەمرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
 
3. قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال گۆشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىب-نۇقسانلاردىن خالىي بولىشى كېرەك. شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي مەجمۇئ دېگەن كىتابىدا بايان قىلغاندەك: بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارىغۇ، ياكى بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، توكۇر، كېسەل، بەكلا ئورۇق مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بۇ ئەيىبلەرنىڭ ھەممىسى پادا بىلەن بىللە مېڭىپ ئوتلاپ غىزالىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان بولغاچقا تولۇق غىزالىنىپ سەمرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە مال ئورۇق، گۆشى كەم بولۇپ قالىدۇ.
 
ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:
 
كۆزدىكى ئەيىب:
 
كۆزى غۇۋالىشىپ قالغان مال قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئۇنداقتا ئەما بولۇپ قالغان مال ئەلۋەتتە يارىمايدۇ.
 
لېكىن كۆزى جايىدا كۆرىدىغان، كۆزىگە ئاق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
 
كۆزى كۈندۈزى كۆرىدىغان، كېچىسى كۆرمەيدىغان بولسا، ياكى كۆزىدىن ياش ئېقىپ تۇرىدىغان بولسا، ياكى ئالغاي بولسا، بەزى ئالىملار قۇربانلىققا يارايدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ ئەھۋال گۆشكە تەسىر قىلمايدۇ.
 
قۇلاقتىكى ئەيىب:
 
ئىككى قۇلاق ياكى بىرى تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
 
ئىككى قۇلاق ياكى بىرى كىچىك بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
 
ئىككى قۇلاق ياكى بىرى يىرتىلىپ، تىلىنىپ، تىتىلىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەي ساڭگىلاپ قالغان ياكى قۇلاقنىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا، ياكى تۆشۈك بولسا، قۇربانلىققا مەكروھلۇق بىلەن يارايدۇ. چۈنكى بۇ ئەيىبلەر گۆشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
 
مۈڭگۈزىدىكى ئەيىبلەر:
 
مۈڭگۈز  تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، ياكى سۇنۇپ كەتكەن بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. چۈنكى مۈڭگۈزنىڭ يوقلىقى ياكى سۇنغانلىقى گۆشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ياكى يېيلمەيدۇ. بەزى ئالىملار يېرىمىدىن ئارتۇق سۇنغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
 
ئېغىز-بۇرۇندىكى ئەيىب-نۇقسانلار:
 
چىشلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سۇنغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە بەزى ئالىملار ھەلەپ يەلەيدىغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ھەلەپ يېيەلمەيدىغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
 
تىلى پۈتۈن ياكى يېرىمىدىن كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن مال بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ، چۈنكى چارۋا ماللار ھەلەپنى يېگەندە تىلى بىلەن تارتىپ، تىلى بىلەن ئۆرۈپ يەيدۇ، نەتىجىدە غىزالىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
 
بۇرنى كېسىۋېتىلگەن مال بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
 
قۇيرۇق بىلەن يېلىنىدىكى ئەيىب-نۇقسانلار:
 
قۇيرۇق ياكى يىلىنى كېسىۋېتىلگەن مال ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇشتا قۇيرۇقسىز ياكى يېلىنسىز تۇغۇلغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ.
 
ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال:
ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال قۇربانلىققا يارايدۇ، بۇنىڭدا ئىككى تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ياكى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولسۇن ياكى ئېزىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قوي بىلەن قۇربانلىق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە بۇنداق قىلىش بىلەن مال سەمرىپ گۆش تاتلىق بولىدۇ، شۇڭا مالغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.
 
يەنە پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىر مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىلىپ ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. تۆگە قىرىق كۈن، كالا يىگىرمە، قوي ئون كۈن سولاپ بېقىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توسقان.(تىرمىزى بىلەن ئەھمەد).
 
 
قۇربانلىققا تەيىنلەپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبناك بولۇپ قېلىشى:
 
بەزى ئالىملار ساق ۋە ساغلام بىر مالنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سېتىۋالغاندىن كېيىن بوغۇزلاپ بولغىچە ئەيىبلىك بولۇپ قالسا قۇربانلىققا يارايدۇ، چۈنكى ئۇ سېتىۋالغان چاغدا، نىيەت قىلغان چاغدا سالامەت بولىشىغا دىققەت قىلغان، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەيىبلىك بولۇپ قېلىشى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، شۇڭا مەيلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
 
ئەگەر بوغۇزلىماقچى بولغاندا شۇك تۇرمىغانلىقتىن پىچاق تېگىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
 
 
4. يەنە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاشۇ مالنىڭ ئىگىسى بولىشى ياكى ئىگىسى رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك.
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-17, 19:50
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+1(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-17 18:31 |
    nimishqa
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 93 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 94 سوم
    تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 57 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1-''قۇللارنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنى ئادەم ئەمەس تاۋار قاتارىدا سانىغان دىيىشكە بولامدۇ؟
    2-''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى، چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىلەرنىڭ ئىرى بولسىمۇ تارتىپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟
    3-''... باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ، ياكى چۆرىلىرىڭلارغا قانائەت قىلساڭلار بولىدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىگە نىكاھ كەتمەمدۇ؟ پۇلى بولىسلا قانچىلىك سېتىۋېلىپ پايدىلانسا بولامدۇ؟...
    4-'' ئى مۇھەممەد ئاياللىرىڭ، ئاتا ئانىسى، قېرىنداشلىرى، قۇل-چۆرىلىرى بىلەن كۈرۈشسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە پەيغەمبەرمۇ قۇل تۇتقانمۇ؟
    ئەستايىدىل جاۋاپ لازىم ئىدى.
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-17 23:22 |
    nala
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3397
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 50 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 30 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا تۇرۋاتقان بىر ئايال  بىر قوينى سېتىۋىلىپ قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 21:50 |
    ansari
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 148
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 347 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 389 سوم
    تۆھپە: 179 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 182 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بولىدۇ،ئۆيىدىكىلەرگە پۇل ئەۋەتىپ قۇربانلىق قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 21:59 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار