ئۆگىنىش ئېڭى - نۇسرەتنىڭ تېڭى
( نەسىر )
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئىنسان بۇ دۇنياغا مۇشۇنداق بىر ئىنسان سۈپىتى بىلەن تۆرەلگەنىكەن، ياشىشى كېرەك، ياشىغاندىمۇ ئىنسانغا مۇناسىپ رەۋىشتە ياخشى ياشىشى كېرەك.شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ياشاش، ياشىغاندىمۇ بار ئىمكان بىلەن ياخشى ياشاش ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەتتۇر.
ھالبۇكى، ياشام مەجبۇرىيىتىنى جايىدا ئادا قىلىپ، ياخشى ياشاشنى ئويلىغان ئادەم ئالدى بىلەن جەزمەن ئۆگىنىشى كېرەككى، ئۆگىنىش تېگى –تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ ۋە زۆرۈر مەسئۇلىيەتتۇر.
شۇنداق، ئۆگىنىش –ھەر قانداق ئادەم بۇ دۇنيادىكى ياشام يولىدا دۇچ كېلىدىغان تۇنجى ئۆتكەلكى، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلىسەڭ، تاللىنىپ ياشاپ قالىسەن؛ ئۆتەلمىسەڭ، شاللىنىپ سەپتىن قالىسەن:بوۋاقنىڭ ئانىنى ئىمىشنى بىلىشى ئۆگىنىشكە باغلىق؛ سەبىي بالىنىڭ ئۆمىلەشنى، مېڭىشنى بىلىشىمۇ ئوخشاشلا ئۆگىنىشكە تالىق.ئەقىل يېشىدىكى ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ، كامالەت تېپىپ، يېتىك بىر مەدەنىي ئىنسان بولۇپ ياشىيالىشى ئاداققىي جەھەتتە يەنىلا ئۆگىنىشكە قاراشلىق.
ئۆگىنىش ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلىق ياشام بىلىكلىرىنى بىلىشنى، تۇرمۇش ھۈنەر – سەنئەتلىرىنى پەم قىلىشنى ۋە ھاياتلىق تېخنىكىسىنى ئىدراك قلىشنى، شۇ ئارقىلىق، دۇنيا ھاياتىنى ھەقلىق رەۋىشتە مەنىدار قىلىشنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلىدۇكى، ئۆگىنىش ئۇ ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىشى، ئۆزىنىڭ نەرخ –باھاسىنى بىلىشى، ئاندىن دۇنيانى، دۇنيا ياشامىنى بىلىپ يېتىشىنىڭ مۇتلەق زۆرۈر قاتتىق دېتالى؛ئۇنىڭغا، يەنى ئۆگىنىشكە مۇجەسسەمدۇر دۇنيادا ياشاشنىڭ، ھايات كۆچۈرۈشنىڭ پۈتكۈل چارىسى، تەدبىرى ۋە ھەممە ئامالى.
ھالبۇكى، ئۆگىنىشنى خاھلىمىغان، ئۆگەنمىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ قەدىر –قىممىتىنى بىلەلمەيدۇ؛ ئۆگىنىشنى پەرز بىلمىگەن ئادەم بۇ دۇنيانى، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۆگىنىشنى ئۆزىگە بۇرچ بىلمىگەن ئادەم بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تېگى–پېيى بىلەن بىلىپ كېتەلمەيدۇ.
شۇنداق، ئۆگىنىش –ھەر قانداق ئىنسان بۇ دۇنيادا جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك بىرىنچى ۋە ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيەتكى، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۆتىمەي تۇرۇپ، ئىنسان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسان بولالمايدۇ.شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايىتى « ئىقرا بىسمى رەببىكە ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ -ئۆگەن! ) » دەپ نازىل بولغانىكەن. دېمەككى، ئىنسان ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم، ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر، ئۆگىنىش بەك مۇقەددەس؛ ياشامنى ئەھمىيەتلىك، تۇرمۇشنى مەنىلىك ۋە ھاياتنى قىممەتلىك قىلىدىغان قوراللار ئىچىدە ، ئۆگىنىشنىڭ ئالدىغا ھېچ قاندىقى مەڭگۈ ئۆتەلمەس!
ئۆگىنىش –ھەر قانداق ئىنساننى بۇ دۇنيادا ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ۋە راھەت ياشاش ئىمكانىغا ئىگە قىلىدىغان بىرىنچى بۈيۈك تەدبىر. «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ».ھالبۇكى، ئۆگىنىش ئېڭى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرالىغان، ئۆزىدە ئۆگىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزالىغان ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇندۇرالىغان ئىنسان ئەمەلىيەتتە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتالىغان ئىنسان بولىدۇ.
ئىنسانلىق سۈپىتىگە مۇناسىپ ياشاشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆزى ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تونۇغان ئىنساندا، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى جۇلالاپ تۇرىدۇكى، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىغا ساھىب بولغان ئىنسان ئۆزىنى غەلبە-نۇسرەتنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغان ئىنسان ھېسابلىسا، ھەتتا ئۆزىنى غەلبە-نۇسرەتنىڭ يېرىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان ئىنسان سانىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى ئىنسانغا ھەمىشە ئۆزلۈكسىز ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، مۇئەييەن بىر ئاڭ ئىنسان مېڭىسىدە تۇرىۋېرىپ سېسىپ كەتمەي، مۇناسىپ بىر ھەرىكەتكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۇ مەلۇم نەتىجە كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاڭلىق مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنساندا، پەقەت ۋە پەقەت ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ غەلىبە-نۇسرەت قازىنالايدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ ئەمگەك- ئىجاد دۇنياسىدا ئىنساندەك ياشىيالايدۇ، ئاندىن بۇ گۈزەل ھاياتنىڭ ھوسۇللۇق قەنتىنى راسا چاقالايدۇ.
سىناپ باق، قېرىندىشىم سەنمۇ.كاللاڭدا ئۆگىنىش ئېڭىنى تۇرغۇز ۋە تىرىشىپ ئۆگەن. ئۆگىنش ئېڭى بىلەن تۇرمۇش ئېتىڭنىڭ بېشىغا سالغىن سەن يۈگەن!
2008-يىل 29-دىكابىر.