karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 210 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 300 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 164 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سىيىت نوچىنىڭ ئەرزىگە جاۋاپ  (ئاتتىلا)

سىيىت نوچىنىڭ ئەرزىگە جاۋاپ
 
(ئوبزور)
 
( مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ )
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سىيىت نوچى تاغا،ياخشىمۇ سىز؟ مەن سىزنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 6-سانى ئارقىلىق خەلقىمىزگە يوللىغان، ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ، نامىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئەرزىڭىزنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقوپ چىقتىپ ھەمدە سىزنىڭ تەغدىرىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا پاتتىم. سىزئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەر خەلقىمىزنىڭ ئىلگىركى ۋە ھازىرقى ئومومىي روھىي قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىكچوڭ مەسىلە بولغاچقا، قولومغا دەرھال قەلەم ئالالماي ئەرزىڭىزنىڭ مۇئەللىپى تەكىتلىگەندەك، بىرقىسىم مەشھۇر ئەدىپلىرىمىزنىەڭ بىرنەرسە دىيىشىنى كۈتتۈم. بىراق، سىزنىڭ ئەرزىڭىز توغرىسىدا قەلبىمدە كۆتۈرۈلگەن غەلىيان ئاخىرى مېنى قولومغا قەلەم ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

 ھۆرمەتلىك سىيىت نوچى تاغا، سىز بىلەمسىزكىن، ھازىرقى زامانىمىزدا ئىلىم- پەننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تېخنىكىلاشقىنى(يېزا ئىگىلىكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) راست. ئەمما، شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، ئاشۇ تېخنىكىلىشىش ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرىۋاتقان روھى ئويغاق، خېمىيىۋى ئوغوت ئىشلىتىلگەن ئاشلىقنى يەپ چوڭ بولغان بىرتۈركۈم زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەقلىنىڭ ئىلگىركىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. يەنە ئېيتساق، زامانىيمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورون ئالغان كاتتىلىرىمىزدىن ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسەت سۇلايمان، ھۇشۇر ئىسلام، دىلشات ھېۋزۇللا، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلارنى كىممۇ «خىمىيىۋى ئوغوت ئىشلىتىلگەن ئاشلىققا ئېغىز تەككۈزمىگەن» دېيەلەيدۇ؟ كىممۇ ئۇلارنى      « ئەقلى بۇلغانغان، قولغا كەلتۈرگەن ياراتمىشلىرىنى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغران دەپ ئېيتالايدۇ؟  

ئەرزىڭىزدەسىزئۆزىڭىزگەباشقىلارنىڭ« ساۋاتسىزلىق قالپىقى»نى كىيدۈرۈپ قويغانلىقىدىن كۆپ ئاغرىنىپسىز ھەم  زارلىنىپسىز، شۇنداقلا، ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ،«ئۇلار خەتنى مەن بىلمەيدىغان شەكىلدە ئىپادىلىمەسمۇ؟» دەپسىز. مەن بۇ سۆزلىرىڭىزدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم. سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ يەردىكى ساۋاتسىزلىق يالغۇز ئاددىي ھالدىكى يېزىق مەسىلىسىدىن چىقىرىلغان يەكۈن ئەمەس، بەلكى، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي ساۋاتسىزلىقى. سىياسى بىلەن ھاكىميەتنى، كۈرەش مىلەن مەقسەدنى، ئىنقىلاپ بىلەن ئىنقىلاپ قىلغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيسىنى، دوست بىلەن دۈشمەننى، شەكىل بىلەن ماھىيەتنى، خەلىققە يۈز كېلەلمەسلىك تۇيغۇسى بىلەن بەگ- پادىشاھلارغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشنى پەرق ئېتەلمەسلىك جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق. رېئاللىققا ئەقىل ئارىلاشقان تارىخ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلالماسلىق جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق. ئۆش مەسلىكىگە، جەمئىيىتىگە، تۇيغۇسىغا، كەلگۈسىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، مەسىئۇل بولالماسلىق جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق. كۆز ئالدىدىكىنى كۆرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك؛ رېئاللىقنى بالىلارچە ساددىلىق بىلەن چۈشۈنۈش جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق. پەقەت بۈگۈن ئىچىدىلا ياشاش، ئۆز تارىخىنى، تارتاقان ئەلىمىنى، دۈشمىنىنىڭ كىملىكىنى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، قىلىۋاتقانلىقىنى، قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمەسلىك جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭساۋاتسىزلىقنىڭ قۇربانى بولوپ كېتىشىڭىز ئەمىليەتتە پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ ئەينى دەۋىردىكى قۇربانلىقىنىڭ جانلىق كۆرۈنىشى ئەمەسمۇ!؟

سىز ئۆزىڭىزنى يەنە «باتۇر، مەرت، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە»، «ھازىرقىلاردا ئۇ خىل روھ يوق» دەپسىز. ئۇنداقتا ئويلىدىڭىزمۇ؟! يۇقۇرىدا ساناپ ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ كېچە- كۈندۈز دېمەي يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، خەلقىمىزگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يۈكسىلىش يولى ھازىرلاپ بېرىشى؛ ئادىل ھۇشۇر، ئابدۇراخمان ئابلىكىم، ئابدۇشۈكۈر مىجىت، جۈرەت ئۇبۇلقاسىم، گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا(تەكلىماكان مەلىكىسى)لارنىڭ ئۆز مۇشەققىتى ئارقىلىق ياشلىرىمىزغا دۇنياغا يۈزلىنىش، تەۋەككۈلچىلىك، رىقابەت گېنى ئاتا قىلىشى؛ نۇرتاي ھاجىم رادىل ئابلا، ئاكا- ئۇكا ئابلىزلار جەمەتىگە ئوخشاش كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئورونلىشىش يولى ئېچىش ئارقىلىق، ئوقوسىمۇ ئىشسىز قېلىشتىن ۋايساپ ئوقومايۋاتقان ئىزچىلىرىمىزغا يېڭى ئوقوش قىزغىنلىقى ئاتا قىلىشى(بۇ خىل ئەھۋال گەرچە چەكلىك دائىرلىك بولسىمۇ)، مائارىپقا ۋاستىلىك ھالدا ھاياتى كۈچ بېرىشى باتۇرلۇق، مەرتلىك، قۇربان بېرىش ئەمەسمۇ؟!سىزچە بولغاندا باتۇرلۇق، مەرتلىك، قۇربان بېرىش يالغۇز جېنىنى سېلىپ بېرىشمۇ؟ يەنى كېلىپ ئۆزىنىڭ، ئۆزى سۆيگەن ۋە ئۆزىنى سۆيگەن خەلقىنىڭ دۈشمىنىگە ۋەدە بېرىپ، شۇ ۋەدىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن جان تەقدىم قىلىشمۇ؟ بىزدە «دۈشمىنىڭگە قول بەرمە»، «سۇ ئۇىلىسىمۇ دۈشمەن ئۇخلىماس» دېگەن ھېكىمەت بارغۇ. سىز ما دوتەي(ما شىياۋۋۇ)، ماتتىتەي(ما شىفۇ)لەرنىڭ تارىخىنى، ئۇلارنىڭ قەشقەر خەلقىنى، گېلاۋخۇيچىلارنى باستۇرۇشتا، خەلىققە ئازاپ سېلىشتا، تۇڭگانلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چەكلەشتە ياڭ زىڭشىڭغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش جەھەتتىن بىر- بىرىدىن قېلىشمايدىغان جاللاتلار ئىكەنلىكىن؛ ياڭ زىڭشىڭ، ما دوتەي بىلەن بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى بولمىش ما تىتەينىڭ سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قارىشەھەرگىچە قوغلاپ بارغانلىقىنى؛  ما دوتەينىڭ ما تىتەينى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ئەمىليەتتە خەلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» سىياسىتىنىڭ ئىجادچىسى ياڭ زىڭشىڭنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ئۇزاقراق داۋام قىلىشى ئۈچۈنلىكىنى، شۇڭا ما دوتەينىڭمۇ ئەمىليەتتە خەلىقنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان ئىككىنچى «مومچى تاز» ، يەنى، ما تىتەي ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا قول بېرىسىز، دوستلۇق كۆرسىتىسىز، ساداقەتمەنلىك بىلدۈرىسىز؟ سىز ھەتتا ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز خەلقىڭىز بىلەن دىدارلىشىشتىن، قېرى ئانىڭىزنىڭ مېھرىگە قېنىۋېلىشتىن، ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، بالىلىق قەرزىڭىزنى ئادا قىلىشتىن كەچتىڭىزغۇ؟ سىزنىڭ ئاتقىلى ئېلىپ چىققاندا، سىزنى قىلتاققا چۈشۈرگەن ئاشۇ جاللاتلارنى يۇقۇتۇش نىيىتىگە كېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ خاننىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولوپ قالماسلىقىنى تىلەپ، كۆكرىكىڭىزنى مىلتىققا توغرىلىشىڭىزچۇ تېخى. سىز شۇ ۋاقىتتا ئازراق بولسىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىپ، خەلىقنىڭ بوزەك بولمايدىغانلىقىنى، قارىشلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، زۇلۇمغا ئۇچۇرغاندا كۆرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، خەلىقنى ئويغۇتىدىغان بىر- ئىككى ئېغىز سۆز قالدۇرۇپ كەتسىڭىز، شارائىت بولسا قېچىپ كېتىپ، ئاشۇ مۇناپىقلارنى يوقۇتۇپ، خەلىقنىڭ ئەنتىنى ئېلىپ بەرسىڭىز بولاتتىغۇ؟ سىز ئۆز نەزىرىڭىزدىكى ئويغانغان، ئەقلى بۇلغانمىغان قارىشىڭىز بويىچە بولغاندا، ھۇنلارنىڭ پايدىلىق بولغاندا ھۇجۇم قىلىپ، پايدىسىز بولغاندا قېچىپ كېتىدىغان جەڭ قىلىش ئۇسۇلىنى، رەسۇلىللانىڭ پايدىسىز شارائىتتا مۇرىتلىرنى باشلاپ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجىرەت(سەپەر) قىلغانلىقىنى، مىنگو جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قېچىپ يۈرۈپ غەلىبىگە ئاساس سالغانلىقىنى، قېچىش ئارقىلىق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭمۇ بىر خىل ئىنقىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەكتىغۇ؟!

سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گېلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقىزنى ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىڭىزنىڭ بەلگىسى قىلىپ كۆرسىتىپسىز. بىرەر ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقانلىق ياكا ئىنقىلاب توغرىسىدا ۋەزخانلىق قىلغانلىق ئىنقىلابچى بولغانلىقنىڭ بەلگىسى بولسا، شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەزگىل مىنگو داھىسى بولغان يۈەن شىكەي، لۇشۇننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئا.Q، شىنجاڭ خاقانى، كوممۇنىزىم بايرىقىنى كۆتۈرۋالغۇچى جاللات شىڭ شىسەي، ئىلى سۇلتانلىقىدىكى ھارامزادە ماخمۇت پوچىلارنى قانداق ئادەملەر دەيمىز؟ ئۇلارمۇ ئىنقىلابچىمۇ؟ ئىنقىلابقا قاتنىشىش بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىگە چۈشۈنشپ ئىنقىلاب قىلىش، ئىنقىلابنىڭ بايرىقى بىلەن ئۇنىەڭ ماھىيەت- مەقسىدى بىر گەپمۇ؟ سىز گېلاۋخۇينى چۈشىنەمسىز؟ گېلاۋخۇيغا ئوخشاش بىرەر سىياسى مەقسىدى يوق، پەقەت چىرىك ئەمەلدەرلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىدىغان، ۋاقتى كەلگەندە ئاساسلىق قىسىمى خانلىق .ارمىيىنىڭ بىر قىسىمى بولوش سۈپىتى بىلەن خانلىق تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن خەلىقنى باستۇرىدىغان تەشكىلاتنى ئىنقىلابىي تەشكىلات، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىنقىلابچى دەپ ئېيتقىلى بولامدۇئ

سىز ئەرزىڭىزدە يەنە خەلىقنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تەن ئېلىپ، سىزنى ئاخلاپ چىقىشىنى، جەلبىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى، شۇ ئارقىلىق ۋىجدانغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىپسىز. ئۇنداقتا سىز خەلقىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك روھىيەت تىراگىدىيسىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە قايتىدىن ھەيكەل بولوپ ئورنىماقچىمۇ؟ بۇ سىزنىڭ پۈتكۈل بىر مىللەتنى مۇشتۇمزورلۇققا، لۈكچەكلىككە، ئۆكتەملىككە، گۇمراھلىققا، زاۋاللىققا باشلىغانلىقىڭىز ئەمەسمۇ؟! نەچچە ئەسىر داۋاملاشقانبىلىمنى خار كۆرۈپ، مۇشتۇمزورلۇقنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسىنى قايتا جانلاندۇرغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟! سىز ئويلىمامسىز، خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن ئەلاخان سۇلتان بىلەن موللا بىلال نازىمنىڭ ئورنىغا سادىر پالۋاننى، ئابدۇقادىر داموللا كاشىغەرنىڭ ئورنىغا سىزنى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورنىغا غېنى باتۇرنى، ئۆز تەۋەسىدىكى زىيالىسىنىڭ ئورنىغا كوچا لۈكچەكلىرىنى بەكرەك تونۇيدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان(ھېچ بولمىغاندا خوجىلار دەۋرىدىكى مۇشتۇمزورلۇققا تايىنىپ يۇرت سوراش دەۋرىدىن بۇيان) بىلىم- مەرىپەتكە قارىغاندا لۈكچەكلىككە، مۇشتۇمزورلۇققا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ سەۋەبلەردىن كۆرە، خەلقىمىز بۈگۈنكى پەن- تېخنىكا بىلەن مىللىي كىملىك بىر گەۋدىلەشكەن دەۋىردىمۇ كاللىسىغا قارىغاندا پۇت- قوللىرىنى ئىشلىتىشكە بەكرەك مايىلچان بولىۋاتمامدۇ.

ھۆرمەتلىك تاغا، شۇڭا سىز مەندەك بىر تەنتەك ئىنىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە خاپا بولوپ كەتمەڭ. سىزنىڭ ساۋاتسىزلىقىڭىز تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك روھىي ساۋاتسىزلىقىدۇر، ئۆز يولىمىزنى تاپالماسلىقىمىزنىڭ گۇۋاھنامىسىدۇر.

مەنبە: ئىجادىيىتىم 

 

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-18, 01:51
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-17 22:50 |
    tograk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 149
    شۆھرەت: 1314 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1314 سوم
    تۆھپە: 674 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 680 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1564(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

            ئاتتىللا ئەپەندى :
             « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » دىكى « ئەرىز » نىمۇ كۆچۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ، ئوبزورنىڭ قىممتىنى چوڭقۇر چۈشۈنۇشكە پايدىسى بولاتتى . ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، كەچۈرەرسىز  . (ئوبزورنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇركەن )
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 03:23 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 101
    شۆھرەت: 599 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 594 سوم
    تۆھپە: 342 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 347 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغراق توغرا ئېيتىدۇ. مەنمۇ ئۇ «ئەرز» گە قىزىقىپلا قالدىم. مۇمكىن بولسا ئۇنىمۇ قوشۇپلا يوللىۋېتىڭە.
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 16:52 |
    tagqi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 831
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 115 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
    تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 69 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:سىيىت نوچىنىڭ ئەرزىگە جاۋاپ  (ئاتتىلا)

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى sebirدە2011-10-18 16:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    توغراق توغرا ئېيتىدۇ. مەنمۇ ئۇ «ئەرز» گە قىزىقىپلا قالدىم. مۇمكىن بولسا ئۇنىمۇ قوشۇپلا يوللىۋېتىڭە.

    شۇنداق قىلىڭە ئەرزنى بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى
    hawar
    يۇرتۇم بەك گۈزەل،تاراتىنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 23:24 |
    sarsan88
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
    تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 696 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىيىت نوچى ئەمەلىيەتتە شۇ مەزگىلدىكى بىر قىسىم يۈرىكى بولسىمۇ ، مۇشتى زور بولسىمۇ زېھنى ياخشى ئەمەس بىر قىسىم كىشىلەرگە ئوبراز خاراكتىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاچقا سىيىت نوچى دەپ نام ئېلىپ قالغان  !
    سىيىت نوچى ،سىزنىڭ نامىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرسە سىزبۇ چاغقىچە كەلمەيسىز ،
    سىىزنى ئەمەلىيەتتە تارىخ بەتلىرىگە قالدۇرغىنى دەل شۇ ساۋاتسىزلىقىڭىزدىن ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ بارغانلىقىڭىز ،
    ئابدۇكېرىم ئابلىېزغا رەخمەت دەپ قويۇڭ ، بۇ ئاداش تارىخى ئېتوت ئورۇنلاشتەك يېڭلىق يارىتىپ سىزنى بەك ئۆزگەرتىپ چىقىرىپتىغۇ تاڭ !
       ئاتتىللانىڭ بۇ خېتىنى قوللايمەن ، شىنجاڭ مەدەنىيتىگە بېرىپ بېقىڭ !
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 01:58 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى