تېلېۋىزورنى ساتىمەن
( ساتىرا )
ئېلانلارنىڭ ئۇگىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن ،
يالغان گەپنىڭ ئۇستىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن،
زوق ئېلىشلار خام خىيال ئېلانلارنىڭ دەستىدىن ،
پۇل تېپىشنىڭ چوتچىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
زوق ئالاي دەپ بىر چاغدا خەجلىگەنتىم نەچچە يۈز ، ;!
زوق بەرمەستىن ئەكسىنچە بەردى يالغان قۇرۇق سۆز،
قۇرۇق گەپلا مەيلىتى ئەسلى ئىكەن ھاياسىز ،
ھاياسىزلىق قۇتىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
كۆرۈش قېيىن چوڭ - كىچىك ، ئاتا - بالا جەم بولۇپ ،
چېقار يالىڭاچ خىنىملار ئېكرانىغا لىق تولۇپ ،
ئوينىتىدۇ قاش - قاپاق بۇزۇق كەبى تولغۇنۇپ ،
نايناقلارنىڭ سەھنىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
ئارقىسىدىن ماختايدۇ بىر كاپسۇلنى داملىتىپ ،
قېلىۋىتەر ئىچسىڭىز ئارغىماقتەك چاپچىتىپ ، '
سىزگە قاراپ بۇقىمۇ ، قالار ھەتتا داڭ قېتىپ ،
ھايۋاناتلار باغچىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
دوختۇرخانا بەك توشاق بۇ تېلۋىزۇر ئېچىدە ،
دەم ئالماستىن سىز ئۈچۈن خىزمەت قېلار كېچىدە ،
بوئەي خۇاكاڭ لۇجۇلار ئىلان ئالدىن سېپىدە ،
كىسەللەرنىڭ شىپاسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
بوئەي چېقار موماينى ئايلاندۇرۇپ سەتەڭگە ،
قايتۇرىمىز قىزلىققا كىرسىڭىزمۇ سەكسەنگە ،
‹‹موزدوز››لىقمۇ ھۆنىرىمىز ماسلىشمىز جەمئىيەتكە ،
ئەخلاقسىزلىق جارچىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
خۇاكاڭلىقلار شۇئارى :‹‹ بار ھەممىنىڭ ئامالى !››،
ئاغۋاتقىمۇ ئامال بار بۇ ئېلىم - پەن زامانى ،
بىزگە پەقەت پۇل كېرەك ئۇنۇتقان بىز ھايانى ،
ھاياسىزلىق بەلگىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
كاڭجىيۇەن ۋە داجوڭنىڭ بار تۈمەن خىل دورىسى
ئۇلار بولغاچ بىمارنىڭ يىراق ئېمىش قايغۇسى ،
ئەلنى گوللاپ پۇل تېپىش ئەسلى ئۇلار ئارزۇسى ،
ساختىپەزلىك ئۇستىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
يانا تېخى دېمىگەن نۇرغۇن ياڭزا كىسەل بار ،
سوقۇر ئۈچەي ، ئاشقازان گىمرۇيغىمۇ ئامال بار ،
بىزلا بولساق سىز ئۈچۈن سالامەتلىك مەڭگۈ يار ،
كىسەللەرنىڭ ئەلچىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن .
ياخشى نۇمۇر ئېچىگە مىڭنى قاتتى ئىلاندىن ،
ئىلانلارنى ھەر كۆرسەم تۈتۈن چىقار مىڭەمدىن ،
دىيەنشىتەيمۇ ئىلاننى ئاشۇرۋەتتى پىلاندىن ،
لاۋزا ئىلان سەيناسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن .
@
بوئەي ، خۇاكاڭ ، لۇجۇ ، كاڭجىيۇەن ۋە داجوڭ غۇلجىدىكى دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلار
شېئىرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ![ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-18 12:09قايتا تەھرىرلىدى ]