نە تېنىمدە جان بولغاي دۇنيا،
ئانا تىلدىن ئايرىلسام ئەگەر.
قالاي شۇئان تىنىقتىن مەيلى،
سالغىن ئىشكەن ئېشىمغا زەھەر.
تىلسىز قەۋىم ۋەيرانە ھامان،
تىلدۇر روھى، غۇرۇر، ۋىجدانى.
ھەم مەدەنيەت، سەنئىتى خازان،
قالماس بۇندا ياشاش ئىمكانى.
نەچچە مىڭ يىل سەلتەنەت سۈرگەن،
ئانا تىلىم ھالىڭ بەك خاراپ.
سۆزلەش نىسىپ قىلسۇن مەڭگۈگە،
سېنى قاشتاش، ئالتۇن كەبى ساپ.
تىلى ئەبجەش ئۇيغۇرنى كۆرسەم،
يۈرىكىمنى ئۆرتەيدۇ پىغان.
دېگۈم كېلەر ئەي قېرىندىشىم،
ئانا تىلسىز ئەمەسسەن ئىنسان!
2011-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى قومۇل