karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 124 قېتىم كۆرۈلدى
tarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 203 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 204 سوم
تۆھپە: 107 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 108 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتچىنىڭ قايسى تۇغقانلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ قايسى تۇغقانلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ ؟

مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان تۇغقانلىرى بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولسا؛
(2) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ جورىسى بولۇپ، ئېرى 60 ياشقا، خوتۇنى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(3) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئاتىسى 60 ياشقا، ئانىسى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(4) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن يېشى 18 گە توشمىغانلىرى؛
(5) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بوۋا - مومىلىرىدىن بوۋىسىنىڭ يېشى 60 ياشقا، مومىسىنىڭ يېشى 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(6) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، نەۋرىلىرىدىن يېشى 18 گە توشمىغانلىرى؛
(7) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىدىن 18 ياشقا توشمىغانلىرى.
نەپىقە پۇلى ئېلىۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ
بىرى بولغانلارنىڭ نەپىقە پۇلى تەمىناتى توختىتىلىدۇ:
(1) يېشى 18 گە توشقان ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالمىغان بولسا؛
(2) ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ھەربىيگە قاتناشقان بولسا؛
(3) ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ جورىسى بولۇپ، قايتا نىكاھلىق بولغان بولسا؛
(4) باشقىلار ياكى بىرەر تەشكىل تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان بولسا؛
(5) ئۆلۈپ كەتكەن بولسا.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-19 02:04قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-18, 16:58
ئەلبەھرە تورى  www.elbehre.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-18 14:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ياردەم ياردەم