ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس قىلىنىپ، 48 ئايلىقتىن 60 ئايلىققىچە ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ.
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، 48 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ:
(1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا؛
(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىش سورۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(3) كەسپىي كېسەل بىلەن ئۆلگەن بولسا ؛
(4) ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسا ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز-دېرىكى چىقمىغانلار؛
(5) ئىشقا كېلىش-كېتىشتە ماتورلۇق ماتناش ۋاسىتىسى ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(6) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن، دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، 54 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ:
(1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ، زوراۋانلىق قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلگەن بولسا ؛
(2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئۆلگەن بولسا ؛
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىگە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن بولسا 60 ئايلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ.
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=402
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-19 13:58قايتا تەھرىرلىدى ]