karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 103 قېتىم كۆرۈلدى
sap-dil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3826
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەن نىمە قىلىشىم كىرەك؟

                             مەن نىمە قىلىشىم كىرەك؟
يېشىم 33 ياش،يۇرتۇم يەكەن،توي قىلغان 2 بالام بار،تېنىم ساغلام،ئامانەتكە خىيانىتىم يوق،
نەچچە مىليۇنلۇق مۇلۇكنى سانىماي قويۇپ قويسىڭىزمۇ كورمىدى دەپ ئېلىۋالىدىغان ئەيىپىم يوق،(بىلگۇچى ئاللاھ)
قولۇمدىن نىمە ئىشلار كىلىدۇ؟
  كەسپىم تىككۇچى،(تىككۇچى بولغاندىمۇ ئەرەنچە كىيىملەرنىڭ ھەرقاندىغىنى  كىسىپ تىكەلەيدىغان تىككۇچى)كارخانا باشقۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بۇيىچە تەربىيەلەنگەن،كىيىم لاھىيلەش كەسپىدە ئوقۇغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنىۋانىم بار،
بۇرۇن قانداق كەسىپلەر بۇيىچە تەربىلەنگەن؟
ئوز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ،مۇستەقىل  مەخسۇس ماركابىلەن كىيىم-كىچەك كارخانا قۇرۇپ 30نەچچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نەچچە يىل ھەقىقى ئۇنۇم بىلەن يىراق-يىقىنغا تۇنۇلۇپ ئىناۋەت تاپقان،شۇنداقلا ئىختىسادى ئۇنۇم ياراتقان،
كىيىم-كىچەك سېتىش دۇكىنى ئېچىپ توپلىغان تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن،خىرىدارلارنى قانداق رازى قىلىش جەھەتتە ئاتۇقچىلقىم بار،
ھازىرقى ئىختىسات ئەھۋالىڭىز؟
ئىگىلىك تىكلەش بۇيىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشمىغان ھالەتتە قارغۇلارچە مەبلەغ سېلىش ،سودا خەۋپ خەتىرىنى مولچەرلىمەي نەچچە يۇزمىڭ يۇەن زىيان تارتىپمۇ باققان ، بۇرۇن چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ ياش 30نەچچىگە بارغاندا يىڭىدىن بىر ئىشنى باشلاش ئۇچۇن كەسپى بىلىم،ئىختىسات بولمسا ئىش باشلاشتىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلامدۇ؟
        بىلىم قابىلىيەت بۇلۇپ ئىختىسات بولمىسا قورۇق قول ئىگىلىك تىكلەشكە يەنە قانچىلىك ۋاقىت كىتەر؟
مەن قايسى خىل ئىش ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق كەلگۇدەكمەن؟
كىيىم-كىچەك سېتىش دۇكانلىرى—مال ساتقۇچى، بازار ئاچقۇچى بۇلۇپ ئىشلەش (بۇ جەھەتتە تەجىربەم ئالاھىدە)ئوزەممۇ قاملاشقان كىيىم يارىشىدۇ، ئىشلەش ۋاقتى كۇنگە 10 سائەتتىن ئاشماسلىق كىرەك،
كىيىم-كىچەك كارخانا ئورۇنلىرى—باشقۇرغۇچى بۇلۇپ بازارئېچىش ،كىيىملەرنى كىسىش،ئىشلەش ۋاقتى كۇنگە 10 سائەتتىن ئاشماسلىق كىرەك،
ئۇيغۇرچە ماركىدىكى كىيىم-كىچەك ئىشلەپ بازارغا سېلىۋاتقانلارغا ياردەمچى بۇلۇپ ئىچكىردە مەخسۇس مال بۇيرۇتۇش، مال سېلىش،(ئىچكىرنىڭ كىيىم-كىچەك زاۋۋۇتلارنىڭ ئاساسلىق مەركەزلەشكەن،باھاسى مۇۋاپق زاۋۇتلارنى بىلىمەن،كىتەرلىك رەختلەرنىڭ باھاسى،قانداق جايدىن ئالىدۇ بۇجەھەتتە تەجىربەم يۇقىرى،ئۇ جايلار تۇنۇش)
ئورۇمچى ياكى باشقا ۋىلايەت تەۋەسىدە ئەرەنچە كىيىملەرنى تىكىش-لاھىيەلەش دۇكىنى ئاچىدىغانغا ئىختىسات جەھەتتە قوللايدىغانلار بولسا ،ھۇنەرگە ئۇستا 3 ئادىمىم بىلەن نامى يىراق يىقىنغا تارالغۇدەك ھالەتتە ئىش باشلىيالايمەن،
يۇقارقى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ياردەمچىلىككە خادىم لازىم بولسا قىممەت يارىتىپ ئىشلشەشنى خالايمەن،ئەڭ ئازبولغاندا 1يىللىق توختام تۇزەلەيمەن،
تەلىۋىم:ئېچكىردە قىلىدىغان سودا بولسا ياتاق تاماق،كىرا ھەممىسىنى كوتۇرۇپ يىللىق مۇئاش 60مىڭ يۇەن،
ئورۇمچىدە قىلىدىغان ئىش بولسا ياتاق تاماقنى كوتۇرمەيسىز،يىللىق مۇئاش 60مىڭيۇەن،توختام تۇزۇلۇپ ئالدىن 5 ئايلىق مۇئاشنى ئالىمەن،قالغان قىسمىنى ۋاختى كەلگەندە ئالىمەن،
مەجبۇريەتلىرىم :خۇدا نىسىپ قىلسا توختام بۇيىچە قىممەت يارتىپ ئىگىلىكىڭىزنى روناق تاپقۇزۇپ،ئالغان مۇئاشنى ھالال ئېلىش ئۇچۇن بار كۇچۇمنى ئايىمايمەن،
گەپكە سېلىپ باقماقچى بولغانلار،شۇنداقلا بۇ تەلەپنى ئاتۇقچە ھىس قىلغانلار ئاۋارە بولماڭ،
 مۇڭداشقۇ: 2429083560
 ئىشلارنى كىچىكتىن باشلىسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ ،،،دەيدىغان ئىنكاسلارمۇ بۇلىشى مۇمكىن،
مۇئاش تەلەپ يۇقىرى بۇلۇپ قاپتۇ ،،،دەيدىغان ئىنكاسلارنىڭ بۇلىشىمۇ تەبئى،
ئەمما ھەممە ئادەم ئۇزىنىڭ دەردىنى ئۇزى بىلىدۇ،ئەمما ياخشى مەسىلىھەتلىك پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر،

 
 
 
 
 

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-19, 19:38
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-19 19:26 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 3391 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3443 سوم
تۆھپە: 1889 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 803(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغان ئادەم سىزدەك كىسىپ كىسىپ گەپ قىلالايدۇ .
سىزگە ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ .
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 21:44 |
sadir-palwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 693 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 694 سوم
تۆھپە: 413 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالدىن مائاش ئالىمەن دېسىڭىز سەل بولماي قالدى ، يەنە ئالدىغان مائاشىڭىز بەكلا يوقىرىكەن ! ئايدا 5000 يۈەننى ئۇيغۇر كارخانىلارنىڭ بىرىشى سەل تەس !
سىز يوقىرىدا 30 ئادەمنى ئىشلەتكەن تونۇلغان دەپسىز ،كېيىن كارخانىڭىز ۋەيران بولغانمۇ ،نىمىشقا قايتىدىن ئىگىلىك تىكلىمىدىڭىز !
      بولسا ئېلچى دىگەندەك ئۇيغۇر كيىم -كېچەك كارخانىلارغا بېرىپ بېقىڭ !
     يەنە نەچچە كۈن ئالدىدا بىرسى كىيىم كېچەك كارخانىسى قۇرۇش توغرىسىدا تېما يوللىغان ، شۇ كىشى بىلەن شېرىكلەشسىڭىزمۇ بولىدىكەنغۇ ،
بولسا شەرتنى بەك يوقىرى قويىۋالماڭ ،ئۇنىڭدا خىزمەت تېپىش ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ كېتىدۇ ،ئەگەر سىز دىگەندەك قابىلىيتىىڭز بولسا2-3 مىڭغا ئىشلىسىڭىزمۇ كېيىنچە مائاشىڭىز ئۆسىدۇ ئەمەسمۇ ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-20 15:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز