saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1399 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 589 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1701(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى»___ مەڭگۈتاش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن كۆڭۈلدىكى سۆز بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-01-25)
(فىلياتون) 

              غەربتىن شەرققە ماڭدىمۇ ياكى شەرقتىن غەربكىمۇ، ئەيتاۋۇر، لىققىدە كۆكتات بېسىلغان ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر دوپپىلىق دېھقان كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن بىر كۆۋرۈككە دۇچ كەپتۇ. قايتىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. دېھقان «تەۋەككۇل» دەپ ھارۋىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس. ھارۋىنىڭ بىر چاقى نىشاندىن ئېزىپ پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ. تىرىكچىلىكتە بۇنداق ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ- ئەلۋەتتە. دېھقان ئېشەككە قامچا ئۇرۇپتۇ، ھارۋا قىمىرلىغانسېرى تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كېتىپتۇ. دېھقان بېشىنى قاماللىغىنىچە يول بويىغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ تېخى بۈگۈنلا ئېتىزىدىن يىغىۋالغان يېسىۋېلەكلەرنى شەھەرگە ئەپكىرىپ پۇل قىلماقچى، پۇلىغا گۆش، چاي- تۇز دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى ئالماقچى بولغان ئىكەن.
             «كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك بىر چاغدا يىراقتىن بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. كاستىيۇم- بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيگەن، قولتۇقىغا ھۆججەت سومكىسى قىستۇرغان، يېنىك دەسسەپ ماڭىدىغان بۇ كىشى يېزىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ئىكەن. ئۇ دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، دېھقانغا ياردەملەشمەكچى بولۇپتۇ- يۇ ، دەرھال توختاپ قاپتۇ.«توختا، بۇ ئىشنى ئاۋال يېزىلىق پارتكومغا دوكلات قىلىشىم، يېزىلىق پارتكوم قارار قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىشقا ياردەملىشىشىم كېرەك، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش>مۇھىم ئىدىيىسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىم كېرەك»
           ئۇ دېھقاننىڭ چاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ يېزىلىق پارتكومغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. پارتكوم سېكرىتارى بۇ كادىرنىڭ خىزمەت ئىستىلى، سىياسىي سەزگۈرلۈكىگە يۈكسەك باھالارنى بېرىپتۇ. ئاساسلىق ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ، ئېشەك ھارۋىسىنى پاتقاقتىن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىپتۇ. رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ مۇزاكىرە باشلىنىپتۇ. «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن شۇئار يېزىلغان يىغىن زالىدا ئېشەك ھارۋىسىنى پاتقاقتىن چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.چارۋىچىلىققا مەسئۇل رەھبەر ئېشەكنى ئاۋۋال قۇتقۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل رەھبەر ئاۋۋال كۆكتاتنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان تويۇنۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
               قاتناش باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار، ئالدى بىلەن ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ماتورسىز قاتناش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن ئېشەك ھارۋىلىرىغا نومۇر تاختىسى بېكىتىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ھارۋا ھەيدىگۈچىلەرنى شوپۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپتۇ. خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبەر بۇ ئىشتا چوقۇم «ئادەمنى ئاساس قىلىش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مۇقىملىققا مەسئۇل رەھبەرنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھەممەيلەننىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
يەنى، ئاۋۋال دېھقاننىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى، ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنىڭ ئىچىدە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بار يوقلۇقى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخىنىڭ بار- يۇقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى،نۆۋەتتە ، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
              پەن- تېخنىكىغا مەسئۇل رەھبەر بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ئېشەك ھارۋىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇ دېھقاننىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل رەھبەر بۇ ۋەقەنىڭ يېزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە يەنىلا يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، دېھقانلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيىلەشتە «ئىككىلا قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» نىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل رەھبەر، يېزا تەۋەسىدە چارۋىلارنىڭ يوللارغا تەرەت قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇندىن كېيىن دېھقان ئائىلىلىرىدىكى چارۋا سانىغا ئاساسەن چارۋىلارغا كۈندىلىك تەرەت نورمىسى بېكىتىپ بېرىش، كۆرسەتكۈچتىن ئېشىپ كەتسە جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
           ئىشقىلىپ ھەممەيلەن ئۆز خىزمىتى دائىرىىسىدە بۇ ئىشنى تالاش- تارتىش قىلىشىپتۇ. ئاخىرى ھەممەيلەن بىردەك «خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» پىرىنسىپى بويىچە نەقمەيداغا بېرىپ ئىش بېجىرىش قارارىنى چىقىرىشىپتۇ. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر «كالا بېشى» ماركىلىق نەچچە ئېسىل ماشىنىدا نەقمەيدانغا كەلسە، دېھقان يەنىلا جايىدا ئاھ ئۇرۇپ، دوپپىسىنى قاماللاپ ئولتۇرغان ئىكەن. سېكرىتار دېھقان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول تېپىپ ئىلگىرلەشتەك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، رەھبەرلىكنىڭ باشتىن- ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللىي بېرىپتۇ. دېھقان قورسىقى ئېچىپ، ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ، رەھبەرلىكنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگىنىدىن ئالەمچە شادلىنىپتۇ. مۇخبىرلارنىڭ تېلكامېرالىرى، ئاپپاراتلىرى ھەركەتكە چۈشۈپتۇ. تېلۋىزىيە مۇخبىرى نەقمەيداندا خەۋەر بېرىپ، پالانچى يېزا پۆكۈنچى كەنتتىكى ئېكىس ئاخۇننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىنىڭ« ئورگانىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىنى، كۆكتاتچىلىقنىڭ دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇۇرشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپتۇ.
        بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسىنىڭ كۆزى دېھقاننىڭ دوپپىسىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ دوپپىدىكى گۈل نۇسخىلىرىنىڭ ئېستېتىك قىممىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش ئادىتىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدە تەتقىقات تېمىسى باشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىپ نەقمەيداندا تەكشۈرۈشكە كىرىشىپتۇ. بۇ چاغدا بىر نەپەر ئوزۇقلۇقشۇناسمۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئۇ دېھقاننىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىگە قاتتىق قىزىقىپتۇ ۋە دېھقاننىڭ ئەتىگەندە قوناق ئۇمىچى ئىچىش ئادىتىنىڭ بارلىقى،قانائەتچانلىقى، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغانلىقى، ئاساسەن گۆشسىز تاماق يەيدىغانلىقى، ئەمگەكتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ. فوتۇ ئاپپارات چاقمىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرى، چېكىلىۋاتقان تاماكىنىڭ قاڭسىق ھىدى، ئادەملەرنىڭ قىيا- چىيالىرى، قورساقنىڭ ئاچلىقى بىچارە ئېشەكنىڭ ھېچ ھالىنى قويمىغان ئىكەن. بىر چاغدا ئېشەك قاتتىق ھاڭرىغىنىچە بىر يۇلقۇنۇپتىكەن، پاتقاقتىن ھارۋىنى تارتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. دېھقان ئېشىكىنى ھەيدىگىنىچە بۇ يەردىن بارا- بارا  يىراقلاپ ئاخىرى چېكىتكە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
          ئەتىسى گېزىتتە : «پالانچى يېزا، پۆكۈنچى كەنتتىكى ئېكىس ئاخۇن يېزىلىق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ خوجايىنلىق روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پاتقاقلىق يوللارغا پەرۋا قىلماي، ھاللىق سەۋىيە بەيگىسىدە ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە» دېگەن مەزمۇندا خەۋەر ئېلان قىلىنىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، ھېلىقى ئوزۇقلۇقشۇناس ۋە مەدەنىيەتشۇناسمۇ كېيىن ئۆز تەتقىقاتلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانمىش، ھارۋا پېتىپ قالغان كۆۋرۈك رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، مەخسۇس لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى» دەپ نام بېرىلگەنمىش.

     20009- يىلى 15- ماي
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-25 11:55 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 3202 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3223 سوم
تۆھپە: 1866 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 470(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«ھاللىق سەۋىيە كوۋرۇكى»نى كوپ قىسىم گىزىتلەردە دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرمىز،بىر قىسىم مۇخپىرلارنىڭ مۇشۇنداق دەپدەبىلىك خەۋەرلەرنى يىزىشنى جان بىقىشنىڭ ۋاستىسى قىلۋانلىقى كىشىنى تۇلمۇ ئەپسۇسلاندۇردۇ،گىېزىتلەرچۇ؟ھەي...........
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-25 14:05 |
hanjar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 264
شۆھرەت: 1459 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1520 سوم
تۆھپە: 853 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-11 10:27 |
梁服岐
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3602
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 258 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 264 سوم
تۆھپە: 133 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 



  点击2010年互联网最火热的关键词莫过于微博和团购了。带着“围脖”回家过年,已成为2010年春节前后耳熟能详的一句广告语。微博也就自然成了淘宝客的一块有效阵地。下面本人就淘宝客目前常用的几种营销手段进行下一下利弊分析。

    1.微博

    微博发展速度之快有些令人反应不过来。目前国内开通微博的站点本人知道的就在20家以上。微博以其快餐化(几个字就可以是一篇微博,相对于长篇大论的博客可谓快餐化)方便化(用手机也可以发微博,随时随地可以与网友分享自己的观点)深受网民喜爱。但我们发现几乎所有的微博站点都写着测试版。可见这一新生事物还有待于完善。那么淘宝客如何利用微博来营销呢?我认为首先还是要建立好自己的圈子,不及于推广自己的产品。比如本人是做灯饰产品的。那么我就在微博发表些灯饰、灯具等简短的文章,这样想装修的客户就会收藏你的文章,或成为你的粉丝。时间长了你的粉丝就会多起来,形成了自己的圈子。这样便可以适度发一些链接。以后视具体情况,可以多增加一些链接。光在一个微博营销是远远不够的。你可以在多个微博同时营销。那么要登录多个微博吗?不用的,我给你介绍一种微博工具,叫微博通。相信有很多人在用。登录微博通,只需几秒钟可将自己文章发布到20多个微博上,够强大吧。

    提示:用微博营销一定要建立好自己的圈子,不能乱发广告,或者重复发布。否则适得其反。

    2.百度知道与搜搜问问

    百度知道现在审核起来非常严格,想发产品链接是行不通的。不过你可以采取变通的方式。也就是说你可以把链接换成文字。举个例子:我的网站是艾宜家灯饰商城。我在回答别人问题的时候,想加上网站的链接是通不过审核的。那么我可以把链接换成艾宜家灯饰。想了解产品的人,找不到网站链接,便会自己去搜索艾宜家灯饰。不论在哪个搜索引擎,艾宜家灯饰这个关键字都是排名第一的。自然而然会找到我的网站。搜搜问问仅次于百度,但审核不像百度那么严格,可以发网站链接。但要记住一点,千万不要发太多。我发到8个链接就被搜搜问问封禁1个月。希望引以为戒。如果注册多个账号用换IP的方式是否可取呢?这个笔者正想尝试。

    总结:任何一种营销方式都是一把双刃剑。利用好了会给你的网站带来收益。利用不好反而不利。比如搜搜问问封禁我账号后,我以前的所有回答都会被删除。(我以前的很多回答都被网友认同为最满意回答的,好心疼啊),这样会不会被百度降权呢?很有可能。
    3.博客与论坛

    在国内几大有权重的博客上营销是一种不错的选择。首先博客文章保存长久,而且非常容易被搜索引擎收录。论坛可以选择和自己产品相关的论坛比较好,如果减肥产品你可以选择天涯女人社区,网易减肥沙龙等效果是非常不错的。

    值得注意的是:一定要用软文的方式,不可以直接发广告,否则你的账号很快被封。本人因在新浪博客发表大篇幅淘宝产品图片与链接导致博客被关闭,以前辛辛苦苦做的外链也付之东流。

    4.电子邮件

    电子邮件营销本人认为QQ邮件营销为好,因为可以过滤一些无效用户。如我是做灯饰产品的,我利用QQ邮箱搜索工具搜索北京等地年龄在20到50之间的女性用户。这样推销起来更直接。如果这个人正在上QQ。来了邮件会马上看到。这是其他邮箱不具备的。另外QQ邮箱新增了漂流瓶功能是针对陌生人发邮件的。已经有淘宝客在利用这一功能了。

    最后总结几点:1.不要被SEO左右,淘宝客营销方式很多。只要有产品卖出你就是赢家。2.正确利用好营销方式,不要急于求成。3.推广方式一定要讲技巧,不要让人看出自己是在发广告,因为广告太多了。


淘宝客几种常见的营销方式及其分析
淘宝客网站如何提高优化权重
淘宝客运营模式新分享 月入过万很容易
利用淘宝客获取高额回报的淘宝网店推广方法
最好用的论坛群发软件推荐

saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-12 06:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر