karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 96 قېتىم كۆرۈلدى
ansari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 347 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 389 سوم
تۆھپە: 179 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 182 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى

جۇمە نامىزى بولسا پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پەرزدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دىگەن. {ئى مۆئىمىنلەر! جۇمە كۇنى جۇمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا،اللە نى ياد ئىتىشكە(يەنى جۇمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا،جۇمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا ) ئالدىراپ بېرىڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار.ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشدۇر. ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن بىكار بولغاندىن كىيىن) زىمىنغا تارلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار.مەقسىتىڭلارغا ئىرشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىڭلار.}(سۈرە جۇمۇئە 9.10.ئايەتلەر)
بۇ ئايەت پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئورتاقتۇر. بەزى ئاتالمىش‹تەقۋا› كىشىلەر ھازىرقى ئىماملارنى ياراتماي،مەسچىتلەرنى ياراتماي جۇمە نامىزىنى ئۇقۇمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ ئاللاھنىڭ يۇقارقى ئايىتىگە قارشى چىققانلىق. قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشى چىقىدىكەن ئۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئازغان بۇلىدۇ.
بۇ ئايەتتە جۇمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئۇقۇلغان ھەرقانداق ئۇرۇنغا بېرىپ جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرۇغانلىقنى كۆرۋالغىلى بۇلىدۇ. چۇنكى بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار ئۇچۇن قۇيۇلغان شەرت ‹ئەزان ئېيتىلغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار ئالدىراپ بېرىڭلار› دىگەن جۇملە بولدى.
شۇڭا جۇمەنامىزى ئۈچۈن ئەزان ئۇقۇلىدىغان ھەرقانداق مەسچىتتە جۇمە نامىزى ئۇقۇش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيتي.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دىيىلىشىچە قانداق بىر ئادەم قەستەن ئۇچ جۇمەنى ئۇقۇمىسا ئۇنىڭ قەلبى پىچەتلىنىۋېتىلىدۇ. دىيىلگەن.يەنە بىر لەپزىدە مۇناپىق بۇلىدۇ دىيىلگەن.
جۇمە كۇنى پۇتۇن مەخلۇقاتلار يارتىلىپ بولغان كۇندۇر. جۇمە كۇندە ئاتىمىز ئادەم يارتىلدى. ئۇ كۇندە جەننەتكە كىرگۇزۇلدى. يەنە شۇ كۇندە جەننەتتىن چىقىرىلدى. قىيامەت كۇنىمۇ جۇمە كۇنلۇكتە بۇلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارنى بۇ كۇننى ئۇلۇغلاش ئۇچۇن جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرىغان.
بىزدىن ئىلگىركى ئۆتكەن ئۇممەتلەرگە جۇمە كۇنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان. لېكىن ئۇلار بۇيرۇلغاننى قىلماي گۇمراھ بولغان. يەھۇدىيلار ئادەم ئەلەيھىسالام يارتىلمىغان كۇن شەنبە كۇنىنى تاللاپ ئىبادەت قىلىشقان.خېرىستىئانلار بولسا مەخلۇقاتلار يارتىلىشنى باشلىغان كۇن يەكشەنبە كۇنلۇكتە ئىبادەت قىلىشقان.
بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇممىتى ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن ئاللاھ بۇيرۇغان كۇن جۇمە كۇنى ئىبادەت قىلىپ كىلۋاتىمىز.
جۇمە كۇنلۇك بولسا پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇچۇن كىچىك بايرامدۇر. بۇ كۇندە يۇينۇپ تارىنىپ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلغان. جۇمە كۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان كىشى كاتتا ئەجىرگە ئىرشىدۇ.
جۇمە نامىزىغا يۇينۇپ كىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ جۇمە كۇنلۇكتە غۇسلى قىلىشى ۋاجىپتۇر.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۇندە بىر قېتىم بېشىنى پۇتۇن بەدىنىنى يۇيۇپ تۇرشى ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىنىڭ ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. ( مۇسلىم رىۋايىتى)
ئىسلام دىنى پاك دىن ۋە پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ھازىرقى بىر قىسىم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بۇنى ئۇنتۇپ قالدى. جۇمە نامىزىغا كەلسىمۇ ئادەتتە ئېتىزلاردا ئىش قىلغاندا كىيىپ يۇرىيدىغان كىرلىشىپ كەتكەن تۇپا كىيىملەر بىلەن مەسچىتكە كىلىۋېرىدىغان بولدى.
ھەرقانچە نامرات بۇلۇپ كەتسىمۇ كونا كىيىملەرنى يۇيۇپ كەيسە يىپيىڭى بۇلىدۇ. ئەمما نادان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۇنداق قىلمايدۇ. پايپاقلىرىدىن سېسىق پۇراقلار چىقىپ تۇرۋاتقان، كەيگەن پايپىقىنىڭ ئەسلى رېڭىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىرلىشىپ سېسىپ كەتكەن يەنە شۇ پايپاق بىلەن مەسچىتكە كىرىۋىرىپ مەسچىتنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىغان، يېنىدىكى ناماز ئۇقۇيدىغان قېرىندىشىغا شۇ سېسىق پۇراقلار بىلەن ئازار بىرۋاتقان ،ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۇرۇپ قالايمىقان رەتسىز كىينىپ بەدىنىدىن تەر پۇراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇلار بازارلارغا،تويلارغا بارسا چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيشىپ بارىدۇ. نىمىشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان جۇمە كۇننىڭ ھۆرمىتىنى تويچىلىك،بازارچىلىك كۆرمەيدۇ؟؟؟!!!
بۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا بولغان تۇنۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقى،ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى دىسەك ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
بۇ جۇمە كۇننىڭ جۇمە نامىزىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق. بۇ مەسىلە يېزا قىشلاقلاردا سەل ئېغىرراق.
جۇمە كۇننىڭ پەزىلىتى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى. شەرىئەت بىزنى جۇمە كۇنلۇكتە نىمىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ بىلىپ باقايلى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كۇن چىققان كۇننىڭ ئەڭ ياخشىسى جۇمە كۇنىدۇر.ئۇ كۇندە ئاتىمىز ئادەم يارتىلدى.ئۇ كۇندە جەننەتكە كىرگۇزۇلدى. ۋە ئۇ كۇندە جەننەتتىن چىقىرىلدى مۇسلىم رىۋايىتى
ئەۋس سەقەپىدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كىمكى جۇمە كۇنى يۇينۇپ تاھارەت ئېلىپ،جۇمە نامىزىغا ئات ئۇلاققا مىنمەستىن پىيادە يول مېڭىپ بالدۇر كەلسە ۋە ئىمامغا يېقىن يەردە ئولتۇرۇپ پۇتۇن دىققىتى بىلەن خۇتبە (ۋەز نەسھەت) ئاڭلىسا ،ئۇ ئادەمنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۇچۇن بىر يىل روزا تۇتقان ۋە كىچىسى ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ.(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد،ئىبنى ماججە،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كىمكى جۇمە كۇنى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنسا(يەنى ئايالى بار كىشىلەر ئەر خوتۇنچىلىق قىلىپ يۇيۇنسا) ئاندىن جۇمە نامىزىغا دەسلەپكى ۋاقىتتا بارسا خۇددى بىر تۈگە قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا ئۇ بىر مۈڭگۇزلۇك قوچقار قۇربانلىق قىلغانننڭ ساۋابى بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا بىر تۇخا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا ئاللاھ يولىدا بىر تۇخۇمنى بەرگەننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ.ئىمام خۇتبە ئۇقۇغىلى چىققاندا پەرىشتىلەرمۇ دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلاشقا ھازىر بۇلىدۇ(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
خوتۇنى بار ئادەم جۇمە كۇنلۇكتە ئەر-خوتۇنچىلىق قىلسا قوشلاپ ئەجىرگە ئىرشىدۇ. ئايالىنىڭ ھەققىنى بەرگەننىڭ ئەجرى جۇمە كۇنلۇكتە يۇيۇنغاننىڭ ئەجرى.
ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ كىمكى جۇمە كۇنى يۇينۇپ ئايالىنىڭ خۇشپىراق نەرسىلىرى بولسىمۇ ئۇنى ئىشلىتىپ چىرايلىق كىينىپ مەشچىتكە كەلسە ئاندىن پۇرسەت بولسا نەفلە ناماز ئۇقۇپ ھېچكىمگە ئەزيەت يەتكۇزمىسە،ئاندىن ئىمام خۇتبىگە چىققاندا (يەنى ۋەز نەسھەت قىلىشنى باشلىغاندا) شۇك تۇرۇپ خۇتبىنى ئاڭلىسا ئاندىن جۇمە نامىزىنى ئۇقۇپ قايتسا ئۇنىڭ بۇ جۇمە بىلەن يەنە بىر جۇمە ئارلىقىدىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلنىدۇ(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
ئابدۇللا ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋەيەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن.سىلەرنىڭ بىرىڭلار كۇندۇلۇك مەشغۇلاتىدا كىيىدىغان كىيىمىدىن باشقا مەخسۇس جۇمە كۇنى كىيدىغان بىر قۇر كىيىم سېتۋالسا نىمە دىگەن ياخشى ھە ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان)
يۇقارقى ھەدىسلەر جۇمە نامىزى ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش توغرىسىدا كەلگەن.
ئاخىردا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم. مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ھەرقانداق ئادەم جۇمە كۇنلۇكتە غۇسلى قىلىپ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، باشقا ۋاقىتلاردا ئەتمىگەن ئۇزىمىز ياخشى كۇرىدىغان تاماقلارنى يەپ جۇمە كۇنلۇككە بەك جىق ئىشلارنى پىلانلاپ قويماي بۇ كۇننى بايرام سۇپىتىدە كۇتۋالسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ كامىللىقى ھىسابلىنىدۇ. يەنە بىرسى جۇمە نامىزىدا ئۇخلاپ مۇگىدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر. بولسا جۇمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئېغىر ئىشلارنى قىلماي بىر-ئىككى سائەت ئۇىلىۋېلىپ ئاندىن تاھارەت ئېىلىپ مەسچىتكە بارسىڭىز ئۇزىڭىز ناھايتى تىتىك روھلۇق بۇلۇپ كىتىسىز. مەسچىتتىمۇ مۇگدەپ قالمايسىز
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-19, 22:10
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-19 22:01 |
sahra
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن قۇرۇق گەپنى جىق قىلمىساممۇ ماقالىدە دەيدىغاننى دەپ بوپتۇ بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن
ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەر بۇ
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-20 14:03 |
zarbidar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1794
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 400 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 400 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 236 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناماز ئۆتەش قائىدىلىرى ، ۋە سۈرىلەر(تەرتىپى بويىچە)نىڭ ئۇيغۇرچە PDF ياكى باشقا نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىپ قويغان بولساڭلار.رەسىملىك بولسا تېخى ياخشى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-20 19:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار