turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1630 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1059 سوم
تۆھپە: 541 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 541 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 نىكاھ- جەڭگاھ ئەمەس (مەڭگۈتاش)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-02)
 
  
     بىر ماتېرىيالدىن كۆرۇشۈمچە، چەت ئەلدە بىر ئايال ئېرى تەرىپىدىن تارتقان ئازاب ـ خورلۇقلارنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن كىتابنىڭ قەلەم ھەققى بېرىلگەندە ھېلىقى ئەر «مەن ئەگەر ئايالىمنى خورلىمىغان، ئازابلىمىغان بولسام، ئۇ كىتابنى يېزىپ چىقالمىغان بولاتتى»، دەپ قەلەم ھەققىنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنۇپتۇ. يۇمۇر تۇسىنى ئالغان بۇ خەۋەر كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ئوزۇممۇ بۇ ماقالىنى تۇنجى ئوقۇغىنىمدا بىر تەرەپتىن ئىچىگە لىققىدە دەرتنى سولىۋېلىپ يۇرگەندىن كۆرە ئىچىنى بوشىتىۋېلىشنى ئەلا بىلگەن بۇ ئايالغا قايىل بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپىمىزدا دەرتكە بوغۇلۇپ، پىنھان يىغلاپ يۈرگەن ئاياللار ۋە ئىللىقلىق كەمچىل بولغانلىقى تۇپەيلى ئۇلى تەۋرەپ قالغان ئائىلىلەر ھەققىدە ھەر قىسما خىياللارغا چۆكتۇم.
       دەرۋەقە، ئىلگىرى ئائىلىدە بىر ئەرنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ رايىشلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ئاياللار بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا خىزمەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن قازان بېشىغا يولىماي كەلگەن ئەرلەرنىڭمۇ پات ـ پات لەغمەن سوزۇۋاتقان ھالەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى. بوينى قاتتىق بىر قىسىم ئەر ـ ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئىمتىيازى ھەققىدە تالاش ـ تارتىشلار ئۇزۇلمىدى. ئاجرىشىش بىلەن ئىش پۇتكەن بولسىغۇ مەيلى ئىدى، يىتىملارنىڭ كۇنى تەس بولدى، قىسىلغان بويۇن قىسىلغان پېتىچە قالدى.
     ئاجايىپ شېرىن ۋەدىلەرنى بېرىشىپ، ئايرىلماسلىققا ئەھدىلەشكەن بىر جۇپلەرنىڭ چۇجە ـ خورازدەك بازلىشىپ يۇرۇشكىنىنى كۆرگىنىمىزدە دەپسەندە بولغان ئەقىدىنىڭ، ئويۇنغا ئايلانغان نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەتنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز. ھەر قېتىم ئائىلە پاجىئەلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا سالاپىتىنى ساقلىيالمىغان ئەرلەر بىلەن نازاكىتىنى يوقاتقان ئاياللارغا، شۇنداقلا تۇنجى نىكاھنى قەدىرلىمىگەنلىكى تۇپەيلى كەينى ـ كەينىدىن نىكاھ مەغلۇبىيىتىگە ئۇچراۋاتقان، ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن قەدىردانلارنىڭ بۇگۇنكى ھالىغا ئېچىنماي تۇرالمايمەن.
       ئاڭلىشىمچە، لىنكولىننىڭ ئايالى ۋات ـ ۋاتلىقىدىن ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىغا تۇرتكە بولغانىكەن. بۇ خىلدىكى خورلىنىش بەدىلىگە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭلۇقنىڭ خۇشاللىقىدىن ئازابى كۆپ بولىدۇ. ھازىر «رەقىبىڭگە رەھمەت دە» دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر كۆپىيىپ كەتتى. دۇرۇس، ئاشۇ «رەقىب» بولغاچقىلا كىشىلەر جان جەھلى بىلەن كۇرەش قىلىدۇ، ئىنتىلىدۇ. بىراق، ئائىلىدە ئۆزئارا «رەقىب» بولۇشسا تۇگىمەس ئازاب تۇغۇلىدۇ. چۇنكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن كۆرگەن ئازابنىڭ ۋەزنى، ھىجراننىڭ يارىسى ئېغىر بولىدۇ. ئايالنى خورلاش بەدىلىگە نېسىۋە تەمە قىلغان ھېلىقى ئەر قىزىقچىلاردىن بولسا كېرەك. بولمىسا ئۇ كىشى يا كۇلەلمەيدىغان، يا ئولەلمەيدىغان بۇ خىلدىكى نومۇسسىزلىقنى قىلمىغان بولاتتى.
       قايسىدۇر بىر پەيلاسۇپ «نامراتلىقتىن دانىشمەن چىقىدۇ» دەپتىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئابدۇقادىر جالالىدىن «نامراتلىق يىغىپ تۇرغان ئويدىن دانا پىكىر ئەمەس يوتەل ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى. ھېلىقى، ئايالمۇ بەلكىم «ئازابتىن نادىر ئەسەر تۇغۇلىدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغاندۇ؟ بىراق مېنىڭچە بىر ئائىلە سىزنىڭ دېموكراتىيىڭىز يەنە كېلىپ مۇتلەق ئەركىن دۇنيايىڭىز بولغان ئىكەن ،كۆڭۇل قويۇپ ياسىغان بۇ ئۇۋىڭىزدىن يىغا، ھەسرەتلىك تىنىقلار ئەمەس مۇھەببەتلىك ناخشىلارمۇ ياڭراپ تۇرغىنى ياخشى. ئەكسىچە ئائىلىڭىزدە دىكتاتۇرا پۇشتىكى قانچىلىك كۇچلۇك چېلىنغانسېرى ئەركىنلىك چۇقانلىرى شۇنچە ئەدەپ ئائىلىڭىز ھوقۇش ھۇۋلىغان ماكانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە قۇيرۇقىڭىزنى قۇم باسىدۇ.

***            ****
        نىكاھ ۋە مۇھەببەت مەڭگۈلۈك مۇنازىرە تېمىسى. ئائىلە نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەتنىڭ تاشقى پوستى. مۇھەببەت بىلەن مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ يادروسى. ئەجدادلىرىمىز نىكاھ، ئائىلە، جورا تاللاش توغرىسىدا چوڭقۇر مەنىلىك ماقال - تەمسىللەرنى قالدۇرغان. ”قىزنىڭ قېشىغا قارىما، چىنىسىنىڭ تېشىغا قارا“. ، ”قىزنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى“ ... دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا،”بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارماق تەس“ دېگەن ئاتىلار سۆزى ھەرگىز يەڭگىللىك بىلەن ئېيتىلغان بولماستىن، بۇ سۆزگە ھەم مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەت يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئاتا- بوۋىلىرىمىز دىنىي ئەقىدە ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ چەكلىمىسىدىن ئاتا- ئانىلارنىڭ كېلىشىشى بىلەنلا قارشى تەرەپنى كۆرمەي تۇرۇپلا تويلاشقان. نىكاھ ئەقىدىسىنىڭ خاسىيىتى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا داۋامىدا بىر- بىرىگە مېھرى چۈشۈپ ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ ئۆتكەن. نى- نى جەسۇر يىگىتلەر، ھايالىق، ئىپپەتلىك، قەيسەر قىزلار مۇھەببەتنى مەسئۇلىيەت بىلەن باغلىيالىغان مۇشۇنداق ئائىلىلەردە تەۋەللۇت بولغان. ئاياللارنىڭ نازۇك، خۇشپىچىم تەبىئىتى بىلەن ئەرلەردىكى مەردلىك، كەسكىن خاراكتىر ئۆز مەنىسىنى تاپقاندا، مۇھەببەتمۇ ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا ”ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىغا ئوخشايدۇ، تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرىۋالىسەن"دېگەن ھېكمەتلەر ئۇلۇغ ئەجدادلاردىن قالغان.
       "ئەگرى قوۋۇرغىنى ئەگرى پېتى ئىشلىتىشنى بىلىش" كىشىدىن غايەت زور سەۋرچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. جورىسىنىڭ مىجەزىگە يارىشا ئىش تۇتۇشنى بىلگەن ئاتا- بوۋىلىرىمىز قۇرغان ئائىلىلەردە زىددىيەت ئاز كۆرۈلگەن، ئاجرىشىش كەمدىن كەم بولغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار يەتتە- سەككىز بالىنىمۇ قىيىنچىلىق يىللاردا قاتارغا قوشۇپ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلالىغان.
         ئائىلە تۇرمۇشىدا مۇھەببەت مۇھىممۇ ياكى مەسئۇلىيەتمۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ. نىكاھ زەنجىرىنىڭ چىڭ ياكى بوش بولۇشىدا بۇ ئىككىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن قىز- يىگىتنىڭ يېڭى بىر ئائىلىنى ھالال نىكاھ ئاساسىغا قۇرۇپ، بىر چىرايلىق باشقۇرۇش داۋامىدا مۇقەددەس مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلالىشىنىڭ ئۆزىلا  مۇھەببەتنى يارقىن نامايەندىسى. لېكىن، تويدىن كېيىن مەسئۇلىيەت ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈپ، تۇرمۇشتا ئىلگىرىكى رومانتىك قىزغىنلىق سۇسلىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا مۇھەببەت ئىلگىرىكىدەك شىرىن سۆزلەر، تەنتەنىلىك ۋەدىلەر بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ئىش- ھەركەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىشى مۈمكىن. مۇھەببەت بۇنداق چاغدا يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنداق سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغاندا، بۇ ئائىلىدىن بەختنىڭ يارقىن مېلودىيىسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
        ئۆزبېك مۇتەپپەككۇرى ئابدۇللا قاھار مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقىي مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ. تاشمۇ مېۋە بېرىدۇ. بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىنىدۇ، چاقماق مەڭگۈلۈك يورۇقلۇق بېرىدۇ." بىر ئايالنىڭ بايلىقى ئېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئىبارەت. لېكىن، شۇنداق ئەرلەرمۇ باركى، ئايالىم، بالىلىرىم ئاچ- يالىڭاچ قالمىدى. دېمەك، ئاتىلىق ھەم ئەرلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىم، دەپ تېپىپ ئېپكىرگەن پۇللىرىنى دەستەك قىلىدۇ. ئايالى ئىچ سىرىنى ئېيتىدىغان چاغدا ، بالىلىرى ئاتا مېھرىگە تەلپۈنگەندە، قارتا ياكى ھاراق سورۇنلىرىنى ئەلا بىلىپ نەگىدۇر كېتىدۇ . مانا بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى. زىددىيەتتىن خالى ئائىلە بولغان ئەمەس، گەپ مەسئۇلىيەتتە. مۇھەببەتنى مەسئۇلىيەت، دەپ چۈشەنگەن ھەم مۇھەببەتكە مەسئۇلىيەتنى سىڭدۈرەلىگەن ئادەملەرلا نىكاھ تۇرمۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
****    ****
              بىر كۈنى سوقراتنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن "مۇھەببەت دېگەن نېمە؟" دەپ سوراپتۇ. سوقرات جاۋاپ بەرمەي ئۇنىڭ ئېتىزغا بېرىپ ئەڭ چىرايلىق، تولۇق دان تۇتقان بۇغداي باشىقىدىن بىرنى ئۈزۇپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ ھەم مۇنداق ئىككى شەرتنى قوشۇپ قويۇپتۇ. يەنى، بىرى پەقەتلا كەينىگە يانماسلىق، يەنە بىرى، بىرنىلا ئۇزۇش ئىكەن. شاگىرت ماقۇل بوپتۇ ۋە ئېتىزغا كىرىپ كېتىپ ، بىر ھازادىن كېيىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىپتۇ. سوقرات سەۋەبىنى سورىسا مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:"باشتا ئۇچرىغىنى يامان ئەمەس ئىكەنتۇق. تېخىمۇ ياخشىسى ئۇچراپ قالارمىكىن دەپ ئالدىمغا مېڭىۋېرىپتىمەن. ياخشىسى ئۇچرىمىدى يا كەينىمگە يانغىلى بولمىدى. ئاخىرى قۇرۇق قول قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم." "مانا بۇ مۇھەببەت." دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ سوقرات. بىر ھازادىن كېيىن شاگىرت سوقراتتىن:"ئۇنداقتا نىكاھ دېگەن نېمە؟" دەپ سوراپتۇ. سوقرات يەنە جاۋاپ بەرمەي ئۇنىڭدىن ئورمانلىققا بېرىپ تۇز، يوغان، ئەسقاتقۇدەك دەرەختىن بىر تۈپنى كېسىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ ھەم باشتىكىگە ئوخشاش شەرت قويۇپتۇ. شاگىرت ئورمانغا كىرىپ كېتىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانچە يوغانمۇ ئەمەس، ئادەتتىكىچە بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ كەپتۇ. سوقرات سەۋەبىنى سورىسا شاگىرت:"ئالدىنقى قېتىمقى تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ ، پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ ئۆزۈمگە يارىغان مۇشۇ دەرەخنى كېسىپ كەلدىم." دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ."مانا بۇ نىكاھ" دەپتۇ سوقرات.
              ئەتراپىمدا يۈرگەن بەزى ياش ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزەتكىنىمىزدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئانچە بەختلىك سانىمايدىغانلىقىنى، بالىلىرى ۋەجىدىنلا نىكاھىنى ساقلاپ ئىلمان سۇدەك ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمىز. پەزىلەتتە يىگانە بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بىر ئەر كېلىپ  ئايالىنىڭ ھازازۇللىقىدىن ۋايسىغان ئىكەن. ئۇ كىشى:"ئەتراپىڭدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كۈلكىگە چۆمۈلگەنمىكەن؟" دەپ جاۋاپ بېرىپ،ھەرقانداق ئائىلىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق زىددىيەت ۋە بەختتىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ئۇنىڭ سەمىگە سالغان ئىكەن.
      تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان بىر يىگىت بار ئىكەن.ئۇ بىر سورۇندا كۆرگەن بىر قىزغا ئاشىق بىقارار بولۇپ ،كېچە -كۈندۈز بۇ قىزنىڭ جامالىنى بىر كۆرۈۋېلىشنى،ئاۋازىنى قايتا بىر ئاڭلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ ئۆتۈپتۇ.بىراق،كېيىنچە يەنە بىر سورۇندا ئۆزى ئىزدىگەن ھېلىقى قىزنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.بىراق ،ئەمەلىيەتتە بۇ قىزنىڭ ئۆزى تەلپۈنگەن «پەرىشتە» بولماستىن ئىنتايىن چاكىنا بىر قىز ئىكەنلىكىنى بايقاپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىكى بۇ قىزغا ئويغانغان ئەسەبىي شەيدالىق ھېسسىياتى غايىپ بولۇپ ئۆمۈرلۈك جۆرىسىگە مەڭگۈ ۋاپادار ئۆتۈشكە نىيەت قىلىپتۇ.
        ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىدىن بىرىنىڭ رەپىقىسى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە، ھەتتا ئىنكاسىمۇ ئاستىراق بىر ئايال ئىكەن. لېكىن بۇ ئاقىل زۇڭتۇڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا كۆيۇنۇپ چوڭقۇر مۇھەببەت بېغىشلاپ ئىنتايىن تەسىرلىك مۇھەببەت مېلودىيىسىنى ياڭراتقان.
  دەرۋەقە، ئۆمۇرلۇك جۈپتىڭىز ھېلىقى ئورماندىكى دەرەخكە ئوخشاش ئادەتتىكىچە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سىز كۆڭۇلدىكىدەك بىرى بىلەن نىكاھلانغان تەقدىردىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن تۇيغۇ ھەم مۇھەببەتتە كونىراش بولىدۇ.
     مۇنداق بىر يۇمۇرنى قىستۇرۇپ ئۆتۇشنى لايىق تاپتىم: ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئىككى ساراڭ پاراڭلىشىپ قاپتۇ. بىرىنچى ساراڭ ئىنتايىن گۈزەل بىر ئايالنى ياخشى كۆرۇپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىشقىدا ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئىككىنچىسى بولسا، دەل شۇ ئايالنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشكەندىن كېيىن شۇنىڭ دەردىنى تارتىپ ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئومۇمەن، تۇخۇم ھەرقانچە چىرايلىق رەڭلەنگەن تەقدىردىمۇ رەڭسىز تۇخۇم بىلەن خۇسۇسىيتى پەقەت بىرلا. گەپ سىزنىڭ تۇخۇمنىڭ رەڭگىنى ئەمەس بەلكى تەنگە بېرىدىغان قۇۋۋىتىنى تونۇپ يەتكەن- يەتمىگەنلىكىڭىزدە.
***            ****
        كۆپ قىسىم كىشىلەر نەزىرىدە ساھىبجامال قىز بىلەن نەۋقىران يىگىتنىڭ نىكاھى ئەڭ بەختلىك، ئەڭ مۇكەممەل نىكاھ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بىز ئىنتايىن مۇكەممەل دەپ قارىغان ئاشۇ نىكاھ زەنجىرى بەزىدە ئۇزۇلۇپ، نەۋقىران يىگىتلەر ئىنتايىن ئادەتتىكىچە قىز ـ چوكانلار بىلەن ياكى ئاشۇ ساھىبجامال چوكانلار كۆرۇمسىز ئەرلەر بىلەن توي قىلىپ ئومۇر بويى خاتىرجەم ئوتۇشى مۇمكىن. مەن بىر يىگىتنى تونۇيتتىم. ئۇنىڭ خىزمىتى باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ئورۇندا بولغاننىڭ ئۇستىگە قەددى ـ قامىتىمۇ خېلى قىزلارنى «پاھ» دېگۇزەتتى. لېكىن دوستلىرى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگىنى ئۇ بىر چوكاننى يەنە كېلىپ بىر پەرزەنتى بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر چوكاننى ياخشى كۆرۇپ قالدى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتتى، نەسىھەت قىلدى. ئۇ بارلىق ئۇرۇنۇشلار ئالدىدا يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ ھېلىقى چوكان بىلەن تۇرمۇش قۇردى، توي ئاددىيلا ئوتكۇزۇلدى، لېكىن نىكاھ ئۇنداق ئاددىيلا بولمىدى. ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئىنتايىن ياخشى ئۆتتى ھەم بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. بىرەيلەندىن ئاڭلىشىمچە، ئۇلار ئىنتايىن بەختلىك ئىكەن.
مۇھەببەت بىر خىل ئالاھىدە بولغان ھېسسىيات. ئۇ ۋاقىت، شارائىتنىڭ چەكلىسىمىدە چوڭقۇرلىشىشمۇ ياكى غايىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىلەر ھەتتا «مۇھەببەت ئالتە ئايلا داۋاملىشىدۇ، قالغىنى مەسئۇلىيەت» دېيىشىدۇ. بۇنداق دېگۇچىلەر بەلكىم مۇھەببەتنى پەرۋىش قىلىشنى بىلمەيدىغانلاردۇر. كۆپ ساندىكى ئەر ـ ئاياللار نەزىرىدە نىكاھ پەقەت مەسئۇلىيەت. مۇھەببەت ياشلارغا خاس ئۆتكۇنچى ھېسسىيات. شۇ ۋەجى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئاياللار ئەرنىڭ ئالدىدىكى قەدىر ـ قىممىتىنى ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئائىلىدىكى كونتروللۇق ھوقۇقىنى تالاشماقچى بولىدۇ ـ دە نىكاھنى ھاڭ لېۋىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. نازاكىتى، لاتاپىتىنى يوقاتقان بۇ خىل ئايال مەيلى پەرىشتە سىياق بولسىمۇ ئۇ بەرىبىر ئەرنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىدۇ. بىر قىسىم ساھىپجامال ئاياللار ئۆزىنىڭ چىرايىنى، ياشلىقىدا قانچىلىك يىگىتنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلغانلىقىنى پەش قىلىپ، ئائىلىدە ئابرويىنى ئۆستۇرىمەن دەپ ئەكسىچە ئۇنۇمگە ئېرىشىپ قالىدۇ. مانا بۇ قىسمەن ساھىپجاماللار بىلەن نەۋقىران يىگىتلەرنىڭ نىكاھىنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
        يەنە شۇنداق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇدكى، قىسمەن يىگىتلەر ئوزىنىڭ «تاھىر » كوزى بىلەن « زوھرە » لەرنى تاللىماي، بىرەر ئېغىز مىش ـ مىش گەپ سەۋەبىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاساسسىز نەسىھەتلىرى بىلەن ئۆمۇرلۇك لايىق بولۇشقا ئەرزىيدىغان قىزلارنى قولىدىن چىقىرىپ نادامەتتە قېلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، نىكاھ بىر قېتىملىق چوڭ تەۋەككۇلچىلىك. ئۇنىڭ ئىچىدە شادلىق ناخشىلىرىمۇ، قايغۇلۇق مېلودىيىلەرمۇ بار. ئەڭ مۇھىمى نىكاھقا ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەن ئۆمۇرلۇك نىشاننى ئىككىلەنمەي تاللىيالىغان، ئەنئەنىۋى قاراشلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇھەببەت ئىلكىدە ياشاۋاتقان ھېلىقى يىگىتكە بەخت تىلەيمەن.
***    *****
       "ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە" دېگەن ماقالىدىكى پەردازنى كۆپىنچە خانىملار تاشقى گىرىم تەرىقىسىدە چۈشىنىپ قالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھازىر قازان بېشىدا تۇرىدىغان ۋاقىتقا قارىغاندا گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ ئاياللار كۆپىيىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى پەرداز ئۇپا- ئەڭلىكنى كۆرسەتمەستىن بەلكى تاشقى گۈزەللىك بىلەن بىرلەشكەن ئاياللىق خۇلق ۋە ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ.
 ھازىر كوچىلاردا بەزى قىزلارنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ پەرقلەندۈرمەك قىيىن، ئوغۇللار بىلەن چاقچاقتا تەڭ تۇرۇپ، تېتىقسىزلىشىپ كېتىۋاتقان قىزلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنداق قىزلار ۋاقتىنچە شۇنچىلىك ئوماق ۋە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ بىر ئېغىز سۆزى ياكى بىر كىچىك ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىزلىق قىممىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ.  ئوغۇللار ئالدىدا تۇمۇچۇقتەك سايرىغان قىزلار كېيىن كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلاپ نادامەتتە قالىدۇ.  ئەر قەھرى بىلەن ، قىز مۇلايىملىقى، يۈزى تۆۋەنلىكى بىلەن قەدىرلىك.  ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم قىزلار توي قىلىشنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەردىن كۆتۈرمەيدۇ. تويدىن كېيىن  بولسا  تىلىنى يامان سۆزدىن ، ئېرىنى ئەيىبلەشتىن تارتمايدۇ.
      كىشىلىك ئەخلاق جەھەتتىكى دەستۇر سۈپەتلىك ئەسەر "قابۇسنامە" دە مۇنداق بايانلار بار: "ئايالىڭ شۇنداق بولسۇنكى، يارىماس ئادەملەردىن يۈزى پاك ۋە دىلى پاك بولسۇن. ئۆي ئىشىلىرىنى بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھالال ئېرىنى سۆيگۈچى ، ھايالىق، نومۇسلۇق، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن.ئالغان ئايالىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ، مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيىسىنى ئالغان ، ئۆي تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۈگەنگەن بولسۇن. مۇنداق قىز، خوتۇن قولۇڭغا كىرەر بولسا، ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما... "
       ئىلگىرى ئائىلىنىڭ چۈشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلىدىغانلىقى، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكى ، ئەر-ئايالنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە بەزى كۆز قاراشلىرىمنى شەرھلىگەن ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم  نىكاھتىن ئىبارەت مۇقەددەس قورغان ئىچىدە تۇرۇپ سىرتقا تەلمۈرىۋاتقان ئەر- ئاياللارنى كۆپ ئۇچراتتىم.  ئەر- ئايال مۇھەببىتى پۈتۈنلەي يوقالغان تۇرۇقلۇق، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆتىۋاتقان ئەر- ئاياللارنىمۇ ئۇچراتتىم.شۇنچە شىرىن قەسەملەرنى بېرىشىپ، تويلاشقان قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدا تويدىن كېيىن نېمىشقا ھاڭ پەيدا بولدى؟ نىكاھ پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسا قۇرۇپ قېلىشقا ئاران تۇرىدىغان بىر تۈپ گۈل. بۇ گۈل ئايالنىڭ گۈزەل خۇلقى، ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن سۇغىرىلىپ تۇرىدۇ. گۈلنىڭ پەرۋىشى بىراۋغا ئىتتىرىلىپ قالسا، يەنە بىرەيلەن باشقىلارنىڭ شورىسىدىن ماراپ يۈرسە ئىشنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.
           ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئايال ئۈچۈن 365 كۈننىڭ ھەممىسى ئاياللار بايرىمى. خۇلقى گۈزەل ۋە يولدىشى ئالدىدا قىممىتىنى ساقلىغۇچى ئايال ئەر ئۈچۈن مەڭگۈ ھۆسنى سولمايدىغان ساھىبجامالدۇر.سىز شۇنداق ئايال بولۇڭكى ، يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ياخشى كۆرگۈزۈش ئورنىغا ئۈن- تىنسىز مۇھەببىتىڭىز، ئەدەب، پەزىلىتىڭىز بىلەن تەسىر كۆرسىتىڭ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،  ياخشى خۇلق، ياخش ئىستىل مەڭگۈ ئۆلمەس يول خېتى.
 
 
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-28 15:59قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-27, 22:20
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چ چ:1272497571
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-27 18:38 |
    kenji
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2127
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 400 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 238 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 238 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەر قەھرى بىلەن ، قىز مۇلايىملىقى، يۈزى تۆۋەنلىكى بىلەن قەدىرلىك_مەن مۇشۇ سۆزنى بۇ ئەسەرنىڭ جېنى دەپ تونۇدۇم.
       قۇمۇل شارائىتىدا مەنچىمۇ ئەرلەردىكى بۇزۇلۇشقا قارىغاندا ئاياللاردىكىسى تېزلىشىپ كەتتى،ئۇلار ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى دىگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇۋاپىق بولمىغان پەيتتە مۇۋاپىق بولمىغان ئىش-پائالىيەتلەردە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
       چەتئەلدىكى تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن تەتقىقات ۋە كۈزىتىش ئارقىسىدا شۇنداق يەكۈن چىقىرىشىپتۇ:بىز مۇشۇ پەدىدە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى قاتتىق تەشۋىق قىلىپ ماڭغىنىمىزدا 1000يىلدىن كېيىن ئاندىن بۇ باراۋەرلىك ئىشقا ئاشقۇدەك دىيىشىپتۇ.
    شۇنداق بولغاندا سىزلەر سەل ئالدىراپ قېلىشقان بولىسىزلەر،پەزى پەلپەتىش سۆز ھەركەتلىرىڭىزلەرنى نامايەن قىلىدىغاندا يەنە تەخمىنەن 950يىل بارتتى.
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 09:23 |
    kuychi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1566
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    شۆھرەت: 135 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 135 سوم
    تۆھپە: 79 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 79 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    زارلىنىشلارنى توغرا چۈشىنىدىغان بوپ قالدىم ھازىر.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 11:11 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 162
    شۆھرەت: 964 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 959 سوم
    تۆھپە: 556 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 566 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئايال ئۈچۈن 365 كۈننىڭ ھەممىسى ئاياللار بايرىمى. خۇلقى گۈزەل ۋە يولدىشى ئالدىدا قىممىتىنى ساقلىغۇچى ئايال ئەر ئۈچۈن مەڭگۈ ھۆسنى سولمايدىغان ساھىبجامالدۇر.سىز شۇنداق ئايال بولۇڭكى ، يولدىشىڭىزغا ئۆزىڭىزنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ياخشى كۆرگۈزۈش ئورنىغا ئۈن- تىنسىز مۇھەببىتىڭىز، ئەدەب، پەزىلىتىڭىز بىلەن تەسىر كۆرسىتىڭ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،  ياخشى خۇلق، ياخش ئىستىل مەڭگۈ ئۆلمەس يول خېتى.

    ماڭا بۇ بۆلەك بەك يارىدى. مەڭگۈتاش ئەپەندىم. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئاللاھ ئىلھاملىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!
    hawar
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 15:22 |
    umud
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 20 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 12 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،بۇرادەر،ئاللاھ قوللىرىغا دەربەرمىسۇن،ئاللاھ بارلىق ئائىلىلەرگە ئىناقلىق  ئاتا قىلسۇن.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 17:00 |
    tamche
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4002
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 49
    شۆھرەت: 270 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
    تۆھپە: 157 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 157 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەڭگۈ تاش ئەپەندىمنىڭ يازمىسى ھەقىقەتەن نادىر يازما بولۇپتۇ، مېنىڭچە بۇيازمىنى تور بېتىدىلا ئەمەس مەتبۇئاتتىمۇ ئېلان قىلدۇرسا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولامدىكىن-دەيمەن.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 17:20 |
    menggutash

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 349
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 105
    شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1059 سوم
    تۆھپە: 541 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 541 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى tamcheدە2011-10-28 17:20يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    مەڭگۈ تاش ئەپەندىمنىڭ يازمىسى ھەقىقەتەن نادىر يازما بولۇپتۇ، مېنىڭچە بۇيازمىنى تور بېتىدىلا ئەمەس مەتبۇئاتتىمۇ ئېلان قىلدۇرسا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولامدىكىن-دەيمەن.

    بۇ يازما شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
    كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت...
    sarkar
    چ چ:1272497571
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 17:26 |
    roh
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1183
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 115 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
    تۆھپە: 67 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 67 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ بۇ يازمىڭىىز ماڭا ھەقىقەتەن بەك يارىدى ! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن
    ! قوللىرىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن !  
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 19:35 |
    sarsan88
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 274
    شۆھرەت: 1385 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1395 سوم
    تۆھپە: 828 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 828 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىكاھقا تەۋەككۈل قىلىش دىگەننى تازا قوبۇل قىلالمىدىمغۇ ؟؟؟؟؟؟
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-28 20:27 |
    nala
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3397
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 100 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 60 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام ئۆزەمدە تۈزىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنىڭ، ئادەم بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى ھېىس قىلىمەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-29 14:56 |
    uyghur.yolwisi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3396
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 140
    شۆھرەت: 873 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1009 سوم
    تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 491 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنى سىلىگە ئەڭ قىزىۇقتۇرغان بىلىم ، سىلىدىكى كەمتەرلىك .
    ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ، يازمىلىرىنى تۇللق ئۇقىيالماي قالدىم ، ۋاقىت چىقىرىپ 94 پارچە يازمىلىرىنى چۇقۇم ئۇقۇپ تۈگىتىمەن .
    ئاللا تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن ، ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىلىمدارلارنى ھەسسە قىلسۇن .
    ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-29 18:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز