saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1443 قېتىم كۆرۈلدى
orkex
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 482 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 482 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 282 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئائىلە تەربىيىسىدىكى 10 تۈرلۈك مۇھىم ئامىل


ئائىلە تەربىيىسىدىكى 10 تۈرلۈك مۇھىم ئامىل :

ھەر قانداق بىر ئاتا- ئانا پەرزەنتى دۇنياغا كەلگەندە ئالامچە خۇشال بولىدۇ .چۈنكى پەرزەنىت دېگەن يۈرەكنىڭ
پارىسى ،مۇھەببەتنىڭ ھوسۇلى بولۇپ قالماستىن كەلگۈسىنىڭ ئارزۇ ئۈمۈدلىرى.لېكىن كۆپۈنچى ئەھۋاللاردا كۈنلەرنىڭ
ئۆتىشىگە ئەگىشىپ باللىرىمىزنى يىگۈزۈپ،كىيدۈرۈپ، ئىچكۈزۈپ ،پەپىلەپ ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىشنى بىلىمىزيۇ باللىرىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسىگە سەل قارايمىز.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،ئائىلە تەربىيىسى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.ئۇنداقتا كونكېرىت قايسى ئامىللارغا دىققەت قىلىش لازىم ؟تۆۋەندە مەن بۇنى
10 نۇقتىدىن تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن.

1.ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىڭ.
پەرزەنىتلەر ئەمدى ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ قەلبى ئىنتايىن نازۇك بولىدۇ.سىرتقى مۇھىت ئاسانلا ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەسىر قىلىدۇ.ئەنە شۇنداق چاغلاردا ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى ھازىرلاش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.بەزى ئاتا ئانىلىرىمىز بار ،پەرزەنىتلىرىنىڭ ئالدىدا ۋارقىراپ جارقىراپ پۈتۈن ئۆينى بېشىغا كىيىدىغان.
بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە پەرزەنىتلىرىڭىز چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى كەمسىتىدىغان باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى
خالىمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.مەكتەپ يىشىغا توشقاندا ئوقۇشىغا تەسىر يىتىدۇ.شۇڭا ھەرقانداق ئاچچىقىڭىز
بولسىمۇ پەرزەنتىڭىز ئالدىدا ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئايرىم ھەل قىلىڭ.چۈنكى ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ
بولغان بالىلار ئىناق بولمىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارغا قارىغاندا جۇشقۇن تېتىك ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ.

2.بالىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ .
ھەربىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر تالانتى بولىدۇ.بەزىلەر بايقىيالىدى ۋە ئىشقا ئاشۇرالىدى،بەزىلەر
بايقىيالىدى لېكىن سەل قارىغىنى ئۈچۈن نەتىجە قازىنالمىدى.مەنچە باللىرىڭىزنىڭ تالانتىغا كىچىك چېغىدىن
باشلاپ ئەھمىيەت بەرسىڭىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا ئۈمۈد زور دەپ ئويلايمەن.سەپ سالدىڭىزمۇ بىزدە مۇنداق بىر
ئادەت بار .بالىلىرىمىز رەسىم سىزىشقا ياكى سەنئەت توپ تۈرلىرىگە قىزىقسا "ۋاي بالام ،بۇنى ئۈگۈنۈپ سەنئەتچى
،پۇتبولچى يا رەسىمچى بولامتىڭ ،دەرىسىڭنى ئوقۇغىنە !"دەپ توختىتىپ قويۇدىغان.ھەممىمىزنىڭ ئوقۇپ ئالىم
ئېنژىنىر بولۇپ كەتكىنىمىز ناتايىنغۇ؟ئەجىبا باللىرىڭىز دۇنياغا مەشھۇر سەنئەتچى پۇتبولچى رەسسام بولسا ئۇنىڭدىن
پەخىرلەنمەمسىز؟دۇنيا ئېنژىنىر ئالىمغىلا ئەمەس بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىدىغان شۇ كەسىپلەرگىمۇ موھتاج.
شۇڭا باللىرىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى بايقاشقا سەزگۈر بولۇڭ ،ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىڭ .بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆز تالانتىنى
جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ.كىيىنكى كۈنلەردە بالىڭىز سىزدىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى توسىۋالغانلىقىڭىز
ئۈچۈن نارازى بولمىسۇن .پۇشايماندا قالمىسۇن.

3.بالىڭىزنىڭ خاتالىقىغا سەل قارىماڭ.
ھەر قانداق ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ چوڭلارمۇ شۇ بالىلارمۇ شۇ.لېكىن بالىلارنى كىچىك دەپ خاتالىقلىرىغا سەل قاراشقا بولامدۇ؟ئەلۋەتتە ياق.بالىلارنىڭ خاتالىقىمۇ خاتالىق ھېساپلىنىدۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماڭ.چۈنكى شۇ سەل قارىغىنىڭىز ئۇنىڭ ئىنكىنچى قېتىم ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.بىزدە مۇنداق بىر
ئىللەت بار .بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە "ۋايجان ،كىچىك بالىغۇ،ئىش ئۇقمايدۇ."دەيدىغان .شۇنداق ساقلاۋەرسىڭىز
بالىڭىز قاچان ئىش ئۇقىدىغان بولار؟ئىش ئۇقمىسا ئاتا ئانا بولغان ئادەم ئۈگۈتىش سەۋىرچانلىق بىلەن نېمىنىڭ
توغرا نېمىنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەكقۇ.يەنە مۇنداق ئاتا -ئانىلىرىمىز بار .ئۆز بالىسىنىڭ توغرا خاتالىقىنى
سۈرۈشتە قىلماستىنلا بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ مەسىلە ھەل قىلىشقا ئۇرۇندىغان.سىز مەڭگۈ بالىڭىزنى قانات
ئاستىڭىزغا ئالالمايسىز.مۇشۇنداق كىچىك خاتالىقلارنى يېپىشقا كۆنسىڭىز كىيىن زور خاتالىقلارنى قانات ئاستىڭىزغا
ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز.شۇڭا بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە قولىدىن تارتىپ يىنىڭىزغا ئەكىلىپ نەسىھەت
قىلىڭ ،تەربىيە ئىشلەڭ.خاتالىق ئۆتكۈزگىنىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلىڭ.شۇندىلا ئۇنىڭ قايتا خاتالىق ئۆتكۈزىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4.بالىڭىزنىڭ يىشىغا ماس كەلگەن مەنىۋى سورۇن ھازىرلاڭ.
ھازىرقى بالىلارنىڭ كىچىكى يوق دەپ قويىمىز .چۈنكى ھازىرقى بالىلارنىڭ مەنىۋى سورۇنى بەك كەڭ .تېلىۋزۇر
دەمسىز ،رادىيو دەمسىز ،ھەرتۈرلۈك ژۇرنال دەمسىز ۋەھاكازالار.ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە ئاتا -ئانىلار بىلەن بالىلار
تەڭ ئولتۇرۇپ بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان تۇرمۇش فىلىملىرىنى كۆرىدۇ.بالىڭىزغا تۇرمۇشنى ئۇنداق تېز چۈشەندۈرۈپ نېمە قىلىسىز.ۋاختى سائەتى كەلگەندە ئەقىل يېشىنى تاپقاندا ئۇلار ئۆزى چۈشىنىۋالىدۇ.ھەددىدىن
زىيادە بالدۇر ئۇقۇپ كەتسە بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى فىلىملەرنىڭ تەڭدىن تولىسىدا بالىلار كۆرۈشىگە تېگىشلىك بولمىغان كۆرۈنۈشلەر بار.باللىرىڭىز بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ كۆرۈشتىن خىجىل بولۇڭ.
بىر نەۋرە سىڭلىم بار 6 ياشلىق ،بىر كۈنى يىغلاۋېتىپ "تۇرۇپ تۇرۇڭلار تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي دەپ كىرىپ كەتتى."يىنىپ چىققاندا "نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىسىز؟"دەپ سورىسام :يىغلاپ چىقتىم دەيدۇ.شۇھان ئېسىمگە تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ئايال باش پېرسوناژلارنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش ھەركەتلىرى
ئېسىمگە كەلدى دەئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم.باللىرىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادا ھېسياتچان بولۇشى بىكار ئەمەسكەندە
دەپ ئويلىدىم.بالىلار تۇرمۇشنى بالدۇر قوبۇل قىلىۋەرگەندەئاسانلا كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.توي
قىلىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ ئاتا -ئانىسىنى قاخشىتىپ قېچىپ كېتىۋاتقان ئوغۇل قىزلىرىمىزنىڭ كۆپلىكى مۇشۇ
سەۋەبتىنمۇ بولسا كېرەك.شۇڭا باللىرىڭىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.تۇرمۇش فىلىملىرىنىڭ ئورنىغا
ساغلام بولغان كارتون فىلىملىرىنى بالىلار پىروگاممىلىرىنى كۆرسۇن.شۇنىڭدىلا باللىرىمىز سەبىي ئوماق ئەقىللىق
كىشىنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك ئۆسۈپ يىتىلىدۇ.

5.بالىڭىزغا مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگۈتىڭ.
ھازىرقى بالىلارنىڭ قورقۇنچاق يۈرىكى يوق بولۇپ قېلىشى ئاتا-ئانىسىغا زىيادە يۆنىلىۋالغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
قاچانغىچە باللىرىڭىز قورققانلىقىنى باھانە قىلىپ يېنىڭىزدا ئۇخلايدۇ؟قاچانغىچە بالىڭىز پۇلنى نەقەدەر تەستە تېپىۋاتقانلىقىڭىزنى ھەقېقى تۈردە ھېس قىلالايدۇ؟بالىلىرىڭىز ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولغاندىن تارتىپ
بالىڭىزنى ئايرىم ياتقۇزۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.شۇنىڭدىلا ئۇلار يۈرەكلىك دادىل بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.بالىڭىزغا پۇلنىڭ
نەقەدەر تەستە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.مەن مۇنداق بىر ھېكايا ئوقۇغان.بىر بالا دادىسىنىڭ بەرگەن 1كوي
پۇلىنى ياراتماي تاشلىۋەتكەن ،شۇندىلا دادا بالىغا ئەمگەك كۈچىنىڭ قىممىتىنى تونۇتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان
دە بالىسىنى كونسىېۋا قۇتىسىنى تېرىپ سېتىشقا بۇيرۇيدۇ .بالا نارازى بولسىمۇ دادىسىنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىغا قاراپ
پىژغىرىم ئىسسىقتا كونسېرۋا قۇتىسىنى تېرىپ ساتىدۇ .ئۇ تاپقان 1يۈەن پۇلىنى دادىسىغا سۇنغىچە يىغلاپ تۇرۇپ:''دادا،مەن پۇلنى قانداق تەستە تاپىدىغانلىقىنى بىلدىم .بۇنىڭدىن كىيىن پۇلنى تېجەپ خەجلەيدىغان ،پۇل
بۇزمايدىغان بولىمەن "دەپ دادىسىغا ۋەدە بېرىدۇ.بالىڭىزغا مۇستەقىل ياشاشنى ئۈگۈتىڭ.قاچانغىچە بالىڭىزنى كىچىك دەپ قويۇپ بەرمەيسىز؟ئۇ ھامان بىر كۈنى يېنىڭىزدىن ئۇچۇپ كېتىدۇ،ئەنە شۇ چاغدا قاناتلىرى يىتىلمىگەنلىكتىن باشقىلاردەك ئېگىز ئۇچالمىسا بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھە!شۇڭا بالىڭىزغا مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگۈتىڭ.
شۇندىلا ئۇ مەسىلىلەرنى ئۆزى ھۆكۈم قىلالايدىغان ،قارار چىقىرالايدىغان ،ھەل قىلالايدىغان بولىدۇ.

6.سۆز ھەركەتتە بالىڭىزغا ئۈلگە بولۇڭ.
بىر گەپ بار ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان .ئۆزۈڭ خالىمىغان ئىشنى خەققە زورلىما دەپ .شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىڭىز قىلالمىغان ئىشنى بالىلىرىڭىزغا يۈكلىمەڭ.بالام سەمىيمى بول دەپ بالىلىرىڭىزغا يالغان گەپ قىلسىڭىز ،بالىلىرىڭىز سەمىيمى بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قانداق ھېس قىلسۇن؟بىر ھەجۋى رەسىمدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش تەسۋىرلىنىدۇ.ئايال
ئاپىسىغا بالىسىنىڭ ئالدىدىلا :"سەن قېرى ،ئەجەپ ئۆلمىدىڭ ،سېنى بېقىشتىن تولىمۇ بىزار بولدۇم "دەپ ۋارقىرايدۇ.
شۇھان بالا ئانىسىغا :"ئانا،مەنمۇ سېنى كىيىن مومامنى باقمىغاندەك باقمايمەن "دەپ يانىدۇ.مانا بۇ تىپىك بولغان
ئاتا -ئانىنىڭ ئۈلگە رولىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىدىغان مىسال.بالىلار سىرتقى مۇھىتنى جەمىيەتنى چۈشىنىپ يىتەلمىگەن ۋاقىتتا ھامان ئۆزىنىڭ يىنىدا تۇرغان ئاتا-ئانىسىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ.شۇڭا بالىلىرىڭىزغا سۆز
ھەركەتتە ئۈلگە بولۇڭ.باللىرىڭىزغا توغرا تەربىيە قىلىمەن دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سۆز ھەركەتلىرى توغرا بولۇۋاتامدۇ يوق
بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.چۈنكى بالىلىرىڭىز سىزگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمىسا سىزگە ھەئە دەپ قويۇپلا يەنە ئۆزى
بىلگەننى قىلىپ يۈرۈيدۇ.مىللەتكە خەلىققە ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەيمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆز ساپارىمىزنى
ئاشۇرىشىمىز كېرەك.

7.بالىڭىزنىڭ كىشىلىك ھوقىقىغا ھۆرمەت قىلىڭ.
ھەر قانداق ئاتا-ئانا باللىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم شۇنداقلا قىزىقىدۇ.لېكىن ئۇلارنى چۈشىنىشتە
قوللانغان ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ.بالىلىرىڭىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرە خەت چەكلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇيدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش دېگەن ئەڭ ئەقەللى ساۋات. چەت ئەللەردىكى بەزى دۆلەتلەردە بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بالىلارغا ھەتتا ئادۇكات تەكلىپ قىلىشقا يول قويۇش
تۈزىمىنى يولغا قويغان.بالىڭىزنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز دەقەمدە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىڭ .مەنچە سىز سەمىيمى بولسىڭىزلا بالىڭىز سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.ئەكسىچە سىز بالىلىرىڭىزغا تۇيدۇرماي ئارقىسىدىن
ئۇششاق ھەركەتلەرنى قىلىپ يۈرسىڭىز ئۇلار بايقاپ قالسا روھىي ئازاپ ئېلىپ كېلىپ سىزگە ئىشەنمەس سىزگە يۈرەك
سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەرمەس بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا بالىلىرىڭىزنى يىقىن كۆردۈم كىچىك كۆردۈم دەپ كىشىلىك ھوقۇقىنى
ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.

8.بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇڭ.
سىز بالىڭىزنىڭ مىجەزىنى چۈشىنەمسىز؟ئۇنىڭ نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دۇنيا قارىشى ،مىللەت قارىشى ،كىشىلىك
قارىشىنى بىلەمسىز؟بەزى ئاتا -ئانىلىرىمىز بار بالىلار جىنايەت ئۆتكۈزسە :"مېنىڭ بالام ياخشى بالا ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ."دەپ قاقشايدىغان.سىز شۇ ياخشى بالىڭىزنى ھەقىيقى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟شۇڭا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇڭ.ئۇنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا
دىققەت قىلىڭ.ئوقۇغان بىرەر كىتاپ ياكى كۆرگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا ئېرىنمەي سۆھبەت ئېلىپ بېرىڭ .شۇندىلا سىز بالىڭىزنىڭ دۇنيا قارىشى مىللەت قارىشى كىشىلىك قارىشىنى تونۇپ يىتەلەيسىز.
ۋە شۇنىڭغا قارىتا تەربىيە ئېلىپ بارالايسىز.شۇڭا بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزىتىش بالىلارنى تەربىيلەشتىكى ھەل
قىلغۇچ ئامال.

9.بالىڭىز بىلەن دوستانە سۆھبەتلىشىشكە ئادەتلىنىڭ.
بىزنىڭ ئائىلىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق تۈزۈم بار،ئۇ بولسىمۇ ئائىلە يىغىنى ئېچىش.بىرەر مۇھىم ئىشنى قارار قىلىشتىن
ئاۋال ئائىلە يىغىنى ئېچىپ ھەممىمىز ئۆز پىكرىمىزنى بايان قىلىمىز .قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىپ قارار چىقىرىمىز .بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلىشى ئائىلىمىزگە يەنە بىر خوشاللىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بىز بىلەن ئاتا ئانىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى.بۇ دوستانە سۆھبەتتىن ھەممىمىز تولىمۇ رازى.چۈنكى ئاتا -ئانىمىز بىزنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغان ۋە پىكىرلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئىدى.مەن پەرزەنتى ئازراق
خاتالىق ئۆتكۈزسە ۋارقىراپ ئۇرۇشقا تەمشىلىدىغان ئائىلە تەربىيىسىنى توغرا دەپ ئويلىمايمەن.بۇنداق بولغاندا
بالىلار ئۆز خاتالىقىنى يوشۇرىدىغان ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالدىغان بولىدۇ .ئۇرىۋەرسىڭىز تىللاۋەرسىڭىز كىيىن بۇنىڭغىمۇ پوش دېمەس بولىدۇ.شۇڭا ئىشنى ئۇرۇپ تىللاشتىن ئەمەس ئەركىن بولغان سۆھبەتلىشىشتىن باشلاڭ.بالىڭىزدىن خاتالىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىلىشىشكە تىرىشىڭ.ئىشىنىمەنكى مېھرىبانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ شۇڭا بۇ ئاچقۇچنى يۈتتۈرۋەتمەڭ.

10.بالىڭىزنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ .
بالىلارنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.ئۆزى قارار قىلىشنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ
ئۆزىگە پۇرسەت بېرىشىنى خالايدۇ.بۇنداق ۋاقىتلاردا بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىنى يۈكلىمەي تاللاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىڭ .ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتا تاللىشى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ ،توغرا تاللىشى ئاستىدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.شۇڭا بالىڭىزغا ئىشىنىڭ ئۇنىڭغا تاللاش پۇرسىتى بېرىڭ.ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز تاللاپ ئۆزىڭىز قارار چىقىرىمەن دەپ ئويلىماڭ.بۇنداقتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بالىڭىز سىزنىڭ پۈتمەس تۈگىمەس تاللاشلىرىڭىزدىن بىزار بولىدۇ دە سىزگە ئاسانلا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمات قىلىڭ ،ئوخشىمىغان پىكىرلىرىڭىز
بولسا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇڭ.شۇندىلا بالىڭىز سىزنىڭ پىكىر تەلەپلىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدىغان،
ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز ئۈچۈن سىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.قارشى تەرەپتىن ئېرىشكەن ھۆرمەت تۇيغۇسى پەرزەنىت بىلەن ئاتا-ئانىغا ئوخشاشلا خوشاللىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلسە كېرەك.

يۇقارقىلار مېنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىدە مۇھىم دەپ قارىغان كۆز قاراشلىرىم .مىللىتىمىز يۇقۇرى ئاڭ سەۋىيەلىك
ئاتا-ئانىلىمىزغا ،ئەقىللىق پەرزەنىتلىرىمىزگە مۇھتاج.شۇڭا پەرزەنىت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى .ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرىشقا تىرىشايلى .چۈشەنچىلىرىمىزنى ھەركىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى.شۇندىلا كەلگۈسىگە مىللىتىمىزگە ياراملىق ئوغۇل قىزلىرىمىزنى تەييارلىيالايمىز.

(مەنبەسى تور دۇنياسى )

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-29, 13:26
ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-28 21:58 |
gunqa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5654
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 150 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ،   رەخمەت
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-31 16:49 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئائىلە تەربىيسىنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقى ئاتا ئانا بولغىچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ، ئەخلاق قارىشى ، كىشىلىك دۇنيا قارىشىغا باغلىق ، ياخشى يېزىپسىز ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-31 21:14 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 706
شۆھرەت: 3848 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3843 سوم
تۆھپە: 2265 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2274 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزىم بىلەن ھەر قانچە دوستانە سۆھبەتلىشەي دېسەممۇ ، ئۇ پەقەت ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. قانداق قىلسام بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-01 11:01 |
parligankuyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىززىق! بالا تەربىيىسى توغرىسىدا يىزىلغان بۇ ئەسەر.ئەسلى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتسا بولاتتى.ئەپسۇس مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ دىققىتىنى تارتالماپتۇغۇ.بالىلىرىمىزدىن ئاغرىنمايلى.
بالا تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچى بىچارىلەرگە پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن بولسا كىرەك.ھەييييي     
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-01 21:55 |
parligankuyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى alnurدە2012-02-01 11:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قىزىم بىلەن ھەر قانچە دوستانە سۆھبەتلىشەي دېسەممۇ ، ئۇ پەقەت ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. قانداق قىلسام بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ

سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ھىس قىلدۇرۇڭ،ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.ئۇنىڭ ھەربىر قىلغان ئىشىدىن ھوزۇرلىنىڭ خۇددى چاغلىرىدەك .ھەربىر قىلغان ئىشىغا سەپ-سىلىڭ ،قىلغان ئىشىدىن ئارتۇقچىلىقنى تىپىپ ماختاپ تۇرۇڭ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-01 22:01 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 298
شۆھرەت: 1942 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1951 سوم
تۆھپە: 1099 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1106 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 329(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزىڭىزنىڭ ئەسلى ئۆزلۈكىنى بىلدىڭىزمۇ؟
بالىڭىز بىلەن بالا بولۇپ ئوينىيالامسىز؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-01 22:47 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 298
شۆھرەت: 1942 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1951 سوم
تۆھپە: 1099 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1106 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 329(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بالىڭىزنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىنى كۈزىتىپ،ئاندىن قەلىب دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىڭ!.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-01 22:50 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » نىكاھ ۋە ئائىلە