ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە نى ئوقۇغاندىن كېيىن
كىتابخانىنى مەقسەتسىزئايلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پەخىرلىك دوكتورىمىز، ئىلغار پىكىرلىك ياش زىيالىيىمىز زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ماۋزۇلۇق يېڭىدىن نەشىردىن چىققان كىتابى كۆزۈمگە چېلىقتى. كونا ئادىتىم بويىچە دەرھال سېتىۋالدىم. ئىلگىرى توردىن بۇ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئوقۇغانلىقىم ۋە قىسمەن بابلىرىدىكى يازغۇچىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى ماڭا ياققانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تورغا يازغان ھەربىر ئىنكاسقىچە قالدۇرماي ئوقۇپ، بۇ كىشىگە بولغان غايىبانە ھۆرمىتىم تىكلەنگەنلىكى سەۋەب كىتابنى ئالدىراپ ئوقۇشقا كىرىشتىم. لېكىن بۇ كىتابنى ھېكايە رومانلارنى ئوقۇپ ئادەتلەنگەن سۈرئىتىم بويىچە ئوقۇغاندا تولۇق چۈشىنىپ يېتىشنىڭ ياكى ماھىيىتىنى تونۇشنىڭ تەسكەچۈشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى جۈملىلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇشقا توغرا كېلىدىكەن، بولۇپمۇ ئىلمىي قىممىتى ۋەنەزەرىۋىيلىكى كۈچلۈك بولغان ئابزاسلار كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى ياكى پىكرىنى خېلى غىدىقلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈندە ئەڭ ئاخىرقى چېكىتكە كۆزۈم قادالدى. لېكىن كىتابنى ئۇنداقلا يېپىۋەتكۈم كەلمىدى.
كىتابتىكى ئويغاق ھېسلار، راست سەرگۈزەشتىلەر، تارىخىي پاكىتلار، ئامرىكىنىڭ تەسۋىرلىرى، جەمىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى بايانلار، ياشلارغا قىلىنغان نەسىھەتلەر قەلب ئېكرانىمدىن بىردىن بىردىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاچچىق رىئاللىق يۈرۈكۈمنى مۇجىسا، ئارزۇ ۋە ئۈمىدلىك بولۇشقا دەۋەتلەندۈرگەن بايانلار خىيال كەپتىرىمنى خېلى يىراقلارغا ئۇچۇراتتى. ئاپتورنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەركەتلىرىدىن تەسىرلەنسەم،ئۆزۈمدىكى بوشاڭلىق ۋە مەنمەنچىلىكتىن يۈزۈم قىزىراتتى. بىر تەرەپتىن ھاۋايلىقلارنىڭ ئۆزلىكىدىن رازى بولۇپ قوبۇل قىلغان ئاسمىلاتسىيە بىلەن سىڭلىمنىڭ يات تىلدىكى ماتىرىياللىرىنى سېلىشتۇرسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتورنىڭ غېرىبلىقى بىلەن ئۆز يالغۇزلۇقۇمنى سېلىشتۇراتتىم. ھېلى ئىجدىمائىي پەننىڭ چوڭقۇرھېكمەتلىرىگە شۇڭغۇسام، ھېلى ئۆزۈم قىزىقىدىغان تەبىئي پەننىڭ دەلىللىرى ئوتتۇرىسىدا سىلكىنەتتىم. بىردەم ئۆتمۈش بەتلىرىنى ۋاراقلىسام، يەنە بىردەم كەلگۈسىگە نەزەر سالاتتىم. ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىن كەلگەن مۇدھىش سادالار بىلەن ئاپتورنىڭ جاراڭلىق چاقىرىقى ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاش ۋە گاڭگىراش ئىلكىدىن خېلى بىرچاغلارغىچە ئۆزۈمگە كېلەلمىدىم. ئاپتورنىڭ ھەر تەرەپلىمە بايانلىرى ئارىسىدا خېلى زورۇقۇپ ئىلگىرلىدىم. ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى خېلى ئەستايىدىل كۈزەتتىم. كىتابنى ۋاراقدىغانسېرى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمەس، بەلكى روھىيىتىنى چۈشىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.
ئۆزلۈكۈم ۋە كىملىكىم دەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ ھەربىر دۈپۈلدىشى، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا كۆرۈنمەس دولقۇنلارنى تارقىتىپ، قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىمنى قوزغايتتى. توغرا، ئۇنىڭ باسقان ھەربىرقەدىمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئومۇمىي گەۋدە ئۈچۈن بېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. گەرچە بۇنداق كىشىلەر ئارىمىزدە ئازبولمىسىمۇ، لېكىن ئورنىدا سەكرەۋاتقانلارمۇ، شوئار توۋلاش بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىۋاتقانلارمۇ، ياكى ئىشنى قەيەردىن، قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقانلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى، ئەلۋەتتە. نۇرغۇن ياش زىيالىيلىرىمىزنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىغىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ دەۋر ئالدىدىكى بىركىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يېتىپلا قالماستىن بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەتكەئۆتكەنلەردۇر. زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك ئىشەندىم. ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاپرىن ئېيتتىم ۋەئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلىدىم.
يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، يامان خارەكتىرلىك ئۆسمىلەرنى داۋالاش، روھىيەتكە چۈشكەن مەنمەنچىلىك،ئۆزىگە مەستانە بولۇشتەك قۇرۇتلارنى تازىلاش، يېڭى مۇھىت ئىچىدىكى ئۆزگىچەتۇيغۇلار، غېرىبلىق ۋە سۈكۈت ئىچىدىكى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش، ئۆزى بىلەن سىردىشىش،شۇنداقلا ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش توغرىسىدىكى بايانلار ۋە ئاپتورنىڭ ئۆزى بىلەنقىلغان كۈرەشلىرىنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ئۆزۈمنى قاتتىق بىر دەڭسەش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى.
ھاۋاينىڭ ھېكايىسى،ئامرىكىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، ئامرىكا پىراففىسورلىرى، يېڭى دوستلار، مەدەنىيەت ئەندىكىشى، جەمىيەتشۇناسلىق، ئۇيغۇرلاردا ئىجدىمائىي پەندىكى ئۆز ئىزىدا سەكرەش،ئىلمىي تەتقىتقات ۋە كىتاب ئوقۇش سەنئىتى، ئامرىكانلارنىڭ قىممەت قارىشى،خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى توغرىسىدىكى بايانلار مېنى خەلقئارالىق بىرپەشتاققا ئېلىپ چىقىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئىلىم دۇنياسى ياكى تەرەققىيات سۈرئىتىنى يېقىندىن كۈزىتىشىمگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ياشلار بىلەن سۆھبەت،بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش يولىدىكى ئىزدىنىش ۋە ياشلارنىڭ روھىيىتىدىكى يامان ئىللەتلەر، توردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، جەمىيەتتىكى ئەخلاق كىرزىسى، ئۆزلۈكىمىز ۋە كىملىكىمىزگە بېرىلگەن باھا، جەمىيەتتىكى ئابستىراكىت ئاتالغۇلارغا مەست بولۇش، كونكىرت ھەرىكەتكە ئۆتەلمەسلىك،ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش خام خىيالى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمونلاردىكى بايانلار ئەتراپىمىزنى يەنە باشقىمۇ بىر خىل كۆز بىلەن كۈزىتىش كېرەكلىكىنى تونۇتۇپ، ئەزەلدىن توغرا دەپ قاراپ كەلگەن بەزى قاراشلىرىمىزدىن گۇمانلىنىپ بېقىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتەتتى.
ئەڭ مۇھىمى، بىزدەك بىرئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن، لېكىن ئىشنى قەيەردىن قانداق باشلاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقىغان، چەتئەلنىڭ خام خىياللىرى بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىپ يۈرگەن ياشلارغا بۇ كىتاب تولىمۇ جاراڭلىق بىر چاقىرىق ئىدى. چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇشنىڭ،ئوقۇش ۋە كۆنۈشنىڭ، غېرىبلىق ۋە يالغۇزلۇقنىڭ، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنىڭ ئازراق بولسىمۇ تەمىنى تېتىپ باققان بولساممۇ، لېكىن ئاددىي كۆزۈم بىلەن خېلى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېگى تەكتىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلاندىم ۋە شۇجەريانلارنى باشقىدىن ئەسلەپ چىقىپ بىر يەكۈنگە ئېرىشتىم. يەنى، ئىزدىنىش توختاۋسىز بولىشى كېرەككەن.
يوقۇرىقى نۇقتىلار كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا بىۋاستە ھېس قىلغانلىرىم. شۇنداقلا كىتابنىڭ ماڭا تەسىرقىلغان مۇھىم تۈگۈنلىرى.
ئەڭ ئاخىرىدا زۇلپىقاربارات ئۆزباش ئاكىنىڭ بىر زېھنى ھوسۇل سۈپىتىدە بىزگە تۇتقان بۇ سوۋغىسىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان ۋە باشقىلارغا ئوخشاش خەلقئارالاشقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىپ جەمىيىتىمىزنىڭ بوشلۇقىنى مۇناسىپ نەتىجىلىرى بىلەن تولدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ ئىزدىنىشلارنىڭ بىز ياشلار ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يول، يېتەكلەيدىغان بىر رول بولۇشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.جەمىيىتىمىزدىكى ئەقىدىسىزلىك، ئىمانسىزلىق، ئېتىقادسىزلىق قاتارلىق پارازىتلارنى يۈدۈپ تېڭىرقاش ۋە قايمۇقۇش ئىچىدە يۈرىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ چىققانلاردىن ئۈلگەئالىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
ۋە بۇ ئاددى خاتىرەمنى مۇنۇ دۇئايىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ساپ ئىمان، مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئىككى دۇنيالىق بەخت ئاتاقىلسۇن! ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق، ئىزدىنىشلىرىمىز نەتىجىلىك بولسۇن! ئالغان ئىلىملىرىمىزنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا مۇشەررەپ قىلسۇن. ئامىن!
مەزكور تېمام باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ !
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-29 15:28قايتا تەھرىرلىدى ]