ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !
باغداشتا دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ كىتابى توغرىسىدىكى تەسىراتلارنى كۆرۈپ يەنە ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم . ئەسلىدە ئۇيغۇرزادە ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى توغرىسدا ئالدىراپ بىر ئېغىز گەپ قىلمايمەن دىگەن ئىدىم . چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى توختىماي ئۇقۇش جەريانىدا ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم بىر تەسىراتىم شۇ بولدىكى _ ئىدىيە ۋە قابىلىيەت جەھەتتە تولۇق تەييارلىق بولماي تۇرۇپ مەيلى ئۇ نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇ ھادىسە توغرىسىدا ئالدىراپ پىكىر بايان قىلماسلىق ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىماسلىق ،دوكتۇر زۇلپىقارنىڭ يۇقىرىقى كىتابىنى ئوقۇش جەريانىدا بۇنىڭمۇ زۇلپىقار باراتنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا << ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزى بىلەن ئېلىشىشنى ئۆگىنىش >> نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم .
بىر ياخشى كىتاب بىر ھايات . ئۇستاز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ كىتابىنى تېخىچە ئوقۇۋاتىمەن . كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم .بۇرۇن شۇنچە كىتاپلارنى ئوقۇغان بولساممۇ خاتىرە قالدۇرماپتىكەنمەن ،كىتابنىڭ پاسكىنا بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئېسىل قۇرلارنىڭ ئاستىغىمۇ سىزىشتىن ئېرىنىپتىكەنمەن . ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ بەكمۇ ئەخمەقلىككەن . كىتابنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قورققىنىم قەلبىمنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىگە يول ئاچقىنىم بولۇپ قالىدىكەن . شۇنداق ياخشى كىتابنى ئوقۇپمۇ خاتىرە قالدۇرماسلىق نەقەدەر ئەخمەقلىق - ھە!؟ ئەسلىدە خاتىرە قالدۇرۇپ ئوقۇش بىر ھۇزۇركەن ئەمەسمۇ ! زۇلپىقار ئاكىنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندا ھەربەتتىن ئاستىغا سىزىپ خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالىدىغان بايانلارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكى ماڭا مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ھېس قىلدۇردى . بىرى بۇ كىتابتا جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيىسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بايان قىلىنغان يېڭىچە مىتودتىكى ئىلمىي پىكىرلەر شۇنچە كۆپ ئىدى ؛ ئوقۇغان ئادەمنى ئۈنسىزلا يانداشما پىكىرلەرگە يېتەكلەپ ماڭاتتى -دە ، مۇشۇ ھەقىقەتلەرنى شۇنچە كېچىكىپ ھېس قىلغىنىمىزدىن ئېچىمىز ئاچچىققا تولاتتى . ئۆزىمىز توغرىسىدا ئەمدى كەسكىن ئويلانمىساق ، ئۆزىمىزنى ئەمدى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتمىسەك زادى بولمايدىغىنىنى ئىختىيارسىز ئېسىمىزگە سالاتتى :
ۋۇجۇدۇڭدا بىر زەھەر بار ،-دەيىتتى دوكتۇر زۇلپىقار ،- ئۇ زەھەر ھۈجەيرە - ھۈجەيرىلىرىڭگە تاراپ كەتكەن ! ئۇنى تازىلا ! ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىل !
بۇ ھېكمەت پارچىسىنى مەن كېيىنكى ھاياتىي كۈرەشلىرىم ئۈچۈن قىبلىنامە_ماياك ئورنىدا يادلىۋالدىم .
يەنە بىرى ، بۇ كىتابقا قانچىلىك مەپتۇن بۇلۇشۇم مېنىڭ شۇنچىلىك بىلىمسىز ،شۇنچىلىك ئىختىدارسىز ئىكەنلىكىمنى ئۆزۈمگە ئىستىخىيلىك ھالەتتە بىلدۈرۈپ قويدى . ئەسلىدە بۇ كىتابنى قىسقا ۋاقىتتىلا شۇنچە چاققان ئوقۇۋېتىمەنغۇ ،دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى . بۇ مېنىڭ كىتابتىكى بايانلارنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمدىن ئەمەس ، كىتاب بالدۇرلا تۈگەپ كەتسە بىر مۇھىم نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگىنىم ، ئەڭ مۇھىمى كىتابنىڭ دۇنياسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈش ، ئامال بار ئىلغار پىكىرلەرنى تولۇق ھەزىم قىلىۋىلىش ئۈچۈن ئىدى . بۇ مېنىڭ زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بۇندىن كېينكى تەتقىقاتىنى ،روھىي دۇنياسىنى ۋە پىسخىكىلىق ئۈستۈنلۈكىنى بىرقەدەر چۈشىنىپ ، ۋاقتىدا ئىگەللەپ مېڭىشىم ئۈچۈن بەك مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى .
بۇ كىتاب بىر ئوقۇغان ئادەم چوقۇم ئۇنىڭغا ئاتاپ خاتىرە يازغۇدەك ياخش كىتاب ئىدى . كىتابنىڭ ئۆزگىچە يېزىلىش ئۇسلۇبىغا ، ماقالىلەردىكى ئىزدىنىش سالمىقىنىڭ دۇنياۋىي تەتقىقات ئەندىزىسىگە لايىق يوسۇندا رايونىمىز ئىجدىمائىي پەن ساھەسى تەتقىقاتىدا يېڭىچە، باشلامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىدىن كۆرە ، دوكتۇر زۇلپىقارنىڭ بۇ كىتابقا سىڭدۈرگەن خالىس ھەم تاماسىز ئەمگىكى مېنى تەسىرلەندۈردى . تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيارنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان << <ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە - ھونولۇلۇ خياللىرى > دىن نېمىنى كۆرىمىز دىگەن ئوبزورىدا زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتا قانداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قەلەم تەۋرەتكەنلىكى توغرىسدا ھەقىقىي ھەم تەسىرلىك بايانلار بار - زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ ھەتتا مۇشۇ بىركىتابنى يېزىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىگە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە ئائىت كىتابلاردىن بولۇپ جەمئىي 117 كىتابنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى ؛ مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھېسابلىغاندىمۇ ھەر 3.8 كۈندە بىر كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكى توغرىسىدا قايىل قىلارلىق ئەمەلىي پاكىتلار بار .( ئۇلانما ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي ، ئىشەنمىسەڭلار ئوقۇپ بېقىڭلار ،
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=68&TopicID=7898 )
ئەمەلىيەتتىمۇ ، بۇ سۆيۈملۈك دوكتۇرىمىزنىڭ بىرەر پارچە ماقالىسىنى بۇرۇن ئوقۇپ باققانلا ئادەم بۇنىڭ ھەرگىزمۇ يالغان ئەمەسلىكىنى ، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ خەلقى ئالدىدا ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچان روھقا ئىگە تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان دەپ ئويلايمىز .
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك مەن بۇ كىتابنى بەك ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇۋاتىمەن . ئۇقۇپ تۈگەتكەندە ئىمكانىيەت بولسىلا بىرەر خاتىرە يېزىپ ئېلان قىلىش ئارزۇيۇم بولسىمۇ ،بۇ ئۇستازدىن ئۈگەنگەن روھ بويىچە ئالدىراپ پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن . راست گەپنى ئېيتقاندا دوكتۇرىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۇنى ۋە ئۆزگىلەرنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر پارچە ئەسەر يېزىشنىڭ ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدىغىنىنى ئوبدان بىلگىنىم ئۈچۈن ھاياجانلىرىمنى مۇشۇ يەردە ئىنكاس شەكلىدە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم . شۇڭا دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىدىن بۇ يەردە تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن - مەن ئۇنىڭ قىزغىن ئوقۇمىنى تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىلھاملا ئالدىم - يۇ ، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ئىلھام بېرىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەلمىدىم ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن .
بەگيار ئاكىنىڭ يۇقىرىقى ئوبزورىنى بىر ئوقۇپ باققان ئادەم ، زۇلپىقار ئاكىنىڭ بۇ كىتابىدىمۇ بەزى مەسىلەرنىڭ ( ئەگەر بۇنى مەسىلە دېيىشكە بولسا ) ساقلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
بۇ مەسىلە قانداقتۇر كىتابنىڭ سۈپىتىدىكى مەسىلە بولماستىن پەقەت دوكتۇرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىدىكى ياشلارنىڭ ئاساسەن شەھەر ياشلىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتۇر خالاس . بەگيار ئاكا ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نىسبەتەب ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپچىلىكى يېزا ئۇيغۇرلىرى بولۇپ ، ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ يەنىلا يېزا-سەھرالاردا ئىكەنلىكى ، دوكتۇر زۇلپىقاربارات ئۆزباشنىڭ بولسا مۇشۇ ياشلار ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئاپتۇ . دېمىسىمۇ بۇ بىز ئۈچۈن چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىدى . دوكتۇرىمىز << شەھەر ئۇيغۇرلىرى >> دىگەن گەپنى تولا تىلغا ئالىدۇ . ئاڭلاۋەرسەك زۇلپىقار بارات ئۆزباش قارىماققا بىزگە، <<سەھرا ئۇيغۇرلىرى>>غا ئانچە قىزىقمايدىغاندەكمۇ تەسىر بىرىپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، رايون خاراكتىرلىك پەرق تۈپەيلىدىن شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇر بولساقمۇ ،ئەمما ئىلمىي ماقالىلەردە بۇنداق ئاتاش مېنىڭچە بىر خاتالىق ئىدى . تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن زۇلپىقار بارات ئۆزباش شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولسىمۇ ئەمما يېزا-سەھرالاردىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن يېزا ياشلىرىدا << بىزنى كىم تەتقىق قىلىدۇ ،ئەجىبا بىز ئۇيغۇر سۈپتىدە تەتقىق قىلىنىشقا لايىق ئەمەسمىكەنمىز ؟ >> دىگەن سوئال تۇغۇلىدۇ -دە ، زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ . لىكىن بىز بۇ يەردە دوكتۇرىمىزنى ئەيىپلەيلى دىسەك ، شەخسنىڭ چەكلىمىلىكى ۋە خاس قىزىقىشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا زۇلۇم قىلغان بولىمىز . بۇلارنى تەتقىق قىلىش يالغۇز ئۇنىڭلا ئىشى ئەمەس ، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس . بىر ئادەمگە << سەن چوقۇم ھەممە ئىشنى قىلىشىڭ كېرەك >> دىگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ . ھېلىمۇ ئىجتىمائىي ئورنىمىزنىڭ تۆۋەن بولۇشى تۈپەيلىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش تىلى بىلەن دىلى بىر زىيالىلىرىمىز ئۇيغۇر رىئاللىقىدا كۆپ قىرلىق رولنى تەڭ ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتمامدۇ ؟ ھەممىلا ساھەگە بىر ئادەم ئۈلگۈرەلەمدۇ ؟ شۇڭا زۇلپىقار بارات ئۆزباشنى نوقۇل ھالدا «شەھەر ئۇيغۇرلىرى» توغرىسدا گەپ قىلدى دىسەك ، شۇنىڭدەك ئوغلاندىن يەنە بىرسى مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقىپ «سەھرا ئۇيغۇرلىرى»نى جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە تايىنىپ تەتقىق قىلسا بولۇۋېرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ !
شۇڭا شەھەر ئۇيغۇرلىرى ، سەھرا ئۇيغۇرلىرى دىگەندە بىز ئۇقۇم ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇننى توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك . ئەلكۈيى تورىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىدىن « شەھەر ئەدەبىياتى»غا قانداق قارايدىغانلىقى سورالغاندا « ئەگەر بۇنى شەھەرلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتى دەپ قارىساق ئۇ ھالدا يايلاق ئەدەبىياتى ، سەھرا ئەدەبىياتى دىگەنلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن » دەپ كىنايە قىلدى ۋە بۇنىڭ قانداقتۇر شەھەرلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتى بولماستىن تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىن شەھەر تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن ئەدەبىيات ھادىسلىرى دەپ قارالغاندا ئاندىن زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى . شۇڭا مەن بۇيەردە بەگيار ئاكىنىڭمۇ ئۇيغۇرزادىگە پەقەت تەكلىپ يوسۇنىدا گەپ قىلغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا دائىرە بەلگىلەپ ،شۇ دائىرىدە چوقۇم پائالىيەت قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك كۈلكىلىك ئىشنى قىلمىغانلىقىنى مۇنبەرداشلارغا ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن .
ئاخىرىدا پەخىرلىك ئوغلانىمىز دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ( ئۆز باش ، نېمىدىگەن چىرايلىق تەخەللۇس -ھە ! ) بۇندىن كېيىنكى ھەربىر قەدىمىگە نۇسرەت ؛ ئائىلىسىگە بەخت -سائادەت ؛ ئەقلى -ھوشىغا تېخىمۇ زور ئىمكان - پاراسەت ، ئىمان -ھىدايەت ؛ تېنىگە سالامەتلىك - قىممەت ؛ خەلقىگە ئۆمۈرلۈك ھىممەت تىلەش بىلەن بۇ ئىنكاسىمنى ئاياقلاشتۇرماقچىمەن .