saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 931 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 589 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1692(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بوۋاي ۋە ئەجەل__ مەڭگۈتاش

بوۋاي ۋە ئەجەل
 
باغلىنىپ ياشايسەن ئەسلىمىلەرگە،
بوسۇغاڭدىكى ياشلىقنىڭ كۈلى.
ئىزىڭ بار يۇلغۇنلار ئاينىغان جايدا،
قورۇقلىرىڭ تارىخنىڭ گۈلى.
 
سەۋدا ئەمەسسەن، پالاقلىمايسەن،
كۆزىدە پىچاق بار قىزنىڭ كەينىدىن.
كەمپىرىڭ ئوت قالاپ سېغىز ئوچاققا،
مۇھەببەت سورايدۇ قاقشال ئوتۇندىن.
 
يۆتىلىڭ تاملارنى قىلار خاتىرجەم،
ئويغاقسەن قەۋمىڭنىڭ كۆزەتچىسىدەك.
تۇلپار ئىزلىرىنى پۇراپ باقىسەن،
تايتاڭلاپ كېلىدۇ كەينىڭدىن گۆدەك.
 
ھەر بىر تىنىقنى ئاۋايلاپ تىنىپ،
ياراتقۇچىغا ئوقۇيسەن سانا.
ئالقىنىڭ يىغىلماس كەڭرى داستىخان،
سۆزۈڭدە ھېكمەتلەر ئوينايدۇ چانا.
 
بادام دوپپاڭنى سۆيگەن شامالغا،
سىرىڭنى تۆكىسەن ھالسىزلىنىسەن.
مەست ئەۋلاد ئۆتكەندە ئالدىڭدىن ھەر رەت،
تۇيغۇڭغا ئوت قويۇپ، نۇرسىزلىنىسەن.
 
ھاڭرىماس ئېشىكىڭ ئېغىلدا چاپچىپ،
سەن كەبى مۇڭلىنىپ چاينايدۇ سامان.
ھاساڭدا زىمىننى نوقۇيسەن تىنماي،
چۆلدەرەپ تۇرىدۇ سەن كۈلگەن خامان.
 
ئەخلاقنىڭ يىرتىلغان يېپىنچىسىنى،
يامىماق بولىسەن قەدىم يىپ بىلەن.
مۇقامغا غىڭشىيسەن، سۇدەك تامچىيسەن،
ئۆرۈلگەن تاملارغا تىكلەيسەن ۋەتەن.
 
ئۆمۈرنىڭ قىرقىلغان ئاغامچىسىغا،
ئېسىلىپ ياشايسەن، كۆزۈڭدە كۆك نۇر.
مەشرەپ سالىدۇ ھويلاڭدا ئەجەل،
ئوۋ ئوۋلار چۈشۈڭدە بويتاق چىنتۆمۈر.
 
ئېڭىكىڭ چېتىلغان ئاپئاق لاتىدىن،
توختىماي ياغىدۇ غۇسسە يامغۇرى.
ھاشارغا چىللايدۇ ئەترەت باشلىقى،
بىراق، سەن خاتىرجەم شۇ كۈندىن بېرى.
 
جەننەتنىڭ ھېدىنى ھىدلاۋاتامسەن؟
قۇرت- قوڭغۇزلارغا سۆزلەۋاتامسەن؟
دۇئادا ئۆتىمەن قەبرەڭ بېشىدىن
سەن ئۆمۈر بېغىمدا قەدىم چېچەكسەن.
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-25 22:34 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 566
شۆھرەت: 3157 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3178 سوم
تۆھپە: 1839 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1846 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 465(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«ھەر بىر كىشى ئۇلۇمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر»
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-26 02:09 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 935 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېڭىكىڭ چېتىلغان ئاپئاق لاتىدىن،
توختىماي ياغىدۇ غۇسسە يامغۇرى.
ھاشارغا چىللايدۇ ئەترەت باشلىقى،
بىراق، سەن خاتىرجەم شۇ كۈندىن بېرى.


بۇ مىسرايىڭىز بەك قالتىس چىقىپپتۇ ،،،،،،،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-26 02:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر