turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 368 قېتىم كۆرۈلدى
orkex
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 255 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 255 سوم
تۆھپە: 145 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 145 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سەرخىل يۇمۇرلار (1 )

سەرخىل يۇمۇرلار (1 )

 

1. تۇتۇلۇش سەۋەبى

ساقچى _ ھەي سەن نىمە سەۋەپتىن تۇتۇلۇپ كېلىندىڭ ؟

 _ قاتتىق بىرنى چۈشكۈر گەنلىكىم ئۈچۈن .

ساقچى _ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟

 _يېرىم كىچىدە ئاسار – ئەتىقىلەر سارىيىغا چۈشكەن ، تۇيۇقسىز بىرنى چۈشكۈرۈپ سالدىم، شۇنىڭ بىلەن پوس ئويغىنىپ كىتىپ تۇتۇۋالدى .

 

2. ئەھۋالىڭ ياخشىكەن

_ مەن ئىشتىن چۈشكەندە داۋاملىق كوچىدا تاماق يىيىشكە مەجبۇر بولىمەن .

_ نىمە ئۈچۈن؟

_ چۇنكى ئايالىم ماڭا تاماق ئىتىپ بەرمەيدۇ .

_ ئۇنداقتا سېنىڭ ئەھۋالىڭ مىنىڭكىدىن ياخشىكەن .

_ قانداقسىگە دەيسەن ؟

_ چۇنكى مەن ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئايالىمغا تاماق ئىتىپ بىرىشكە مەجبۇر بولىمەن.

 

3.تويلۇق كىرىم

 _ ھامما ، نىمىشقا قىزلىرىڭغا شۇنچە كۆپ لايىق چىقسا << يېشى توشمىدى>> دەپ ، ياتلىق قىلىشقا قۇشۇلمايسەن ؟

_ ھازىر قىزلارنىڭ تويلۇقى ئۆسۈۋاتىدۇ ، شۇڭا قىزلىرىمنى يەنە بىر قانچە يىل ساقلىسام ، تېخىمۇ كۆپرەك تويلۇققا ئىگە بولامەنمىكىن دەپ .

 

4.ئايالنىڭ ئۆتۈنىشى

ئىنتايىن باي بىر بوۋاي ئايالىغا دەپتۇ :

_ مەن ئۇچقۇچۇمنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتمىسەم بولمىدى ، چۇنكى ئۇنىڭ تېخنىكىسى تۆۋەنكەن .

بوۋاينىڭ ياش ھەم چىرايلىق ئايالى ، ئويلانمايلا دەپتۇ :

_ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئۇنى بىر مەزگىل قوغلىۋەتمەي تۇرسىڭىز .

 

5. كېچىكىش

كوماندىر  :

_ سەن نىمىشقا ھەركۈنى مەشىققە كىچىكىپ چىقىسەن ؟

يېڭى ئەسكەر  :

_دوكلات كوماندىر ، مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .

كوماندىر   _ نىمە ! ئەگەر ھەممە ئەسكەر سەندەك ئۇخلاپ قالسا دۇنيادا نىمە ئىشلار يئۈز بەرگەن بۇلار ئىدى ؟

يېڭى ئەسكەر  _ مېنىڭچە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالسا ، دۇنيادا مەڭگۈ ئۇرۇش يۈز بەرمەيىتتى .

 

                  مەنبە _ ئۆزۈم يىققان

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-29, 22:08
ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-29 20:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » يۇمۇر چاقچاقلار